wisal stuido
ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد


ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد 

بۇتخانىنىڭ قالايمىقان ھەققى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد[1]
 

بانكا كارتىسىدا يۇقۇرى ھەق تۆلەپ كۈجە كۆيدۈرۈش

بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىش ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئىدىيە قارىشى بىلەن نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە زىيان سېلىپلا قالماستىن، بۇتخانىلار كۆپ ياقلىق باشقۇرۇلغانلىقتىن، ھەر دەرىجىلىك مەنپەئەتلەنگۈچى تەرەپلەر دىنىي سەھنە ئارقىلىق ئىقتىساد ئويۇنى ئويناپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى ئىزىقتۇرىدۇ.
بۇ بىر يېڭى سودا بولۇپ، تېخنىكا، زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بۇتخانا دەسمايىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئېتىقادىغا تايىنىپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.
بۇتخانىنى ھۆددىگە ئېلىش بەزى ساياھەت رايونلىرىدا رېئال ئەھۋالغا ئايلانماقتا. مەبلەغ چىقارغۇچىلار بۇتخانىنى باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيىلىك تارماقلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كىيىن، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بۇتخانىنى باشقۇرۇش، تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ فونكسىيىلىك تارماقلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتىگە بەلگىلىك ھۆددىگە ئېلىش پۇلى تاپشۇرىدۇ. يەنە كېلىپ كۈجە قاتارلىق كىرىملەر ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ. بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى كۆپ، ھەتتا بەزى كىشىلەر راھىب، راھىبە نامى بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ، ئايدا مائاش ئالىدۇ، كىرىمى ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىدىنمۇ يۇقىرى.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كۇنمىڭغا كاماندىروپكىغا بارغان ئوۋپېڭ ئايالى ۋە ئىككى دوستى بىلەن تاش ئورمىنى بىر كۈنلۈك ساياھىتىگە، ھەر بىر كىشىگە 160يۈەنلىك ھەق بىلەن ساياھەت ئۆمىكىگە تىزىملاتتى. ساياھەت ئۆمىكى ئۇلارنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە بىرقانچە مال سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى ئايلاندۇرغاندىن كىيىن، كۇنمىڭ شەھىرى يىلياڭ ناھىيەسىدىكى شىچۈەن بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى. بۇ يەر كۇنمىڭ شەھىرىگە 60 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تاش ئورمىنى مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا ئۆتىدىغان مۇھىم جاي ئېدى. بۇ بۇتخانا مىڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭتەي يىللىرى سېلىنغان، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ، كېڭەيتىپ سېلىنغان ئىدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇزۇۋېتىلگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرى قايتا قۇرۇلغانىدى. 1995-يىلى 12-ئايدا يىلياڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ بۇتخانىنى دىنىي پائالىيەت سورۇنى قىلىشنى تەستىقلىدى ھەمدە سېرىتقا ئېچىۋەتتى. 1999-يىلى كۇنمىڭ دۇنيا كۆرگەزمىسى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى بۇ بۇتخانىنى ساياھەت نۇقتىلىق كۈتىۋېلىش ئورنى قىلىپ بېكىتتى.
2008-يىلى 12-ئايدا بۇ بۇتخانا AAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
ئۇلار ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ساياھەت يېتەكچىسى بۇتخانا خىزمەتچى خادىملىرىغا ئالماشتى ھەمدە ھەر بىر كىشىنىڭ كۆكرىكىگە ئىشىكتىن ھەقسىز كىرىش بېلىتى ۋە غىزالىنىش بەلگىسى چاپلاپ قويۇلدى. ئوۋپېڭ ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن بۇتخانىغا كىردى. ھەر بىر ساياھەتچى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ قۇتىدىن بامبۇك تاياقچىنى ئالدى. باشقا يەرگە ئوخشىمايدىغىنى بۇ يەردىكى تاياقچىلەرگە نومۇر سېلىپ قويۇلغانىدى. ئوۋپېڭنىڭ قاباھەتلىك چۈشى شۇنىڭدىن باشلاندى.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى «جۇڭگو خەۋەرلىرى ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇخبىرىمۇ بۇ جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ 14 تاياقچىنى تارتىپ، يان تەرىپىدە تىزىملاتقاندىن كىيىن، خىزمەتچى خادىملار 14 دېگەن سان يېزىلغان باغاقچىنى بەردى. ئارقىدىن ساياھەت يېتەكچىسى ئۆمىكىدىكى ساياھەتچىلەرنى تاياقچىنى چۈشەندۈرۈش ئۆيىگە ئېلىپ باردى. ساياھەتچىلەر باغاقچە بىلەن ئون يۈەنلىك ھەقنى خىزمەتچى خادىمغا بەرگەندىن كىيىن، تاياقچە نومۇرى بىلەن ماس بولغان چۈشەندۈرۈش تالونىنى ئالدى. لېكىن مۇخبىرنىڭ باغاقچىسىدىكى 14 دېگەن نومۇر 40 دېگەن نومۇرغا ئۆزگىرىپ قالدى.
ئۇلار ئۆچىرەت تۇرۇپ راھىب كالامنىڭ جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ تۇردى. مۇخبىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلى تۇرغانلىقى، كاسايا كىيگەن بىر مۆتىۋەر يۈكۈنۈپ ئۇتتۇرغانلىقى، ئەتراپىدا سەككىز راھىب كالام ئولتۇرغانلىقى، ھەر بىر راھىب كالامنىڭ يېنىدا بىر ئۈستەل بولۇپ، يەردە كۈجە ئادەم بويى ئېگىزلىكتە تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى.
ئۆچىرەت مۇخبىرغا كەلگەندە ئۆي ئىچىگە كىردى. راھىب كالام ئۇنىڭ باغاقچىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى : مەنپىيلىك ۋە مۇسبەتلىك تەڭپۇڭلۇقىڭىز يوقۇلۇپتۇ، ئاپەتكە يولۇقىدىكەنسىز، بىراق بۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش تاياقچىسى، بۇ پۇرسەتنى ياخشى تۇتالمىسىڭىز ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئارقىدىن ئۇ بىر مېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتىكى كۈجىنى كۆرسىتىپ، -كۈجىنى كۆيدۈرسىڭىز خېيىم خەتەر، تىنچ ئامانلىققا ئۆزگىرىدۇ. بۇ كۈجىنىڭ بىر تىلى 600يۈەن. ئىسمىڭىزنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن سىز ئۈچۈن يۈز كۈن نوم ئوقۇيمەن، دېدى. مۇخبىر بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، -مەندە بۇنچە كۆپ نەق پۇل يوق، دېدى.
راھىب كالام تۆۋەن ئاۋازدا: -ئىناۋەتلىك كارتىڭىز بارمۇ، دېدى.
مۇخبىر: -ئېلىپ كەلمىگەن، دېدى.
راھىب كالام ئۇنىڭغا يەنە بىر تىلى 200 يۈەنلىك تاياقچىنى كۆرسەتتى. مۇخبىر، -پۇلۇم يوق، دېدى. راھىب كالام توساتتىن كۆزىنى چەكچەيتىپ، بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلىگە قاراپ كۈجە كۆيدۈرەمسەن، كۆيدۈرمەمسەن؟ بۇدساتۋانىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەۋاتىسەن. چىقىپ كەت! مۇخبىر چىقىرىۋېتىلدى-يۇ، لېكىن ئوۋپېڭنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى. راھىب كالام ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10مىڭ 800يۈەنلىك كۈجە كۆيدۈرۈڭ، بولمىسا ئائىلىڭىزدىكى بىرسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
ئوۋپېڭ مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالمىدىم، تىنچلىق تىلەش ئۈچۈن بارغان تۇرساق، كىممۇ بۇتخانىدا بۇ خىل سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خالايدۇ. ئوۋپېڭ راھىب كالامغا مۇنداق دېدى: بۇ ساۋاب پۇلى ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالام ئۈچۈن خەيرلىك تىلىگىنىم بولۇپ قالسۇن.
ئۇ بانكا كارتىسىنى ئەمدىلا سۈرۈشىگە ئۇچىسىغا كاسايا كىيگەن مۆتىۋەر كېلىپ، -يەنە ئوغلىڭىز ئۈچۈن 12 مىڭ 600 يۈەنلىك كۈجە كۆيدۈرۈڭ، بولمىسا ئوغلىڭىز بالاقازاغا يولۇقىدۇ، دېدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالى ۋە دوستلىرىنىڭ يوقلىقىنى ئۇشتۇمتۇت بايقاپ قالدى. ئوۋپېڭ ئىشتىن كىيىن بۇلارنى ئەسلەپ، -ئۇلار غەرەزلىك بىزنى ئايرىۋەتكەن ئىكەن، دېدى.
ئوۋپېڭ مۇنداق دېدى: بانكا كارتىسىدا پۇلۇم ناھايىتى ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن مۆتىۋەر باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېدى:-مەن سىزنى بار دېسەم بار بولىسىز، مۇبادا قول ئىشارىتى قىلساملا، ئۆمرىڭىز ئاخىرلىشىدۇ. ئوۋپېڭ بۇ چاغدا ساياھەت يېتەكچىسىدىن ياردەم سورىدى. ساياھەت يېتەكچىسى، -بۇ ئىشتا راھىب كالام بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ، دېدى. ئوۋپېڭ ئاخىرى بانكا كارتىسىنى چىقاردى.
ئوۋ پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدە قىلغان ئەڭ ئەخمىقانە ئىشىم. ئۇلار مېنىڭ خەيرلىك تىلەش پىسخىكامدىن پايدىلىنىپ، ئۇشتۇمتۇت قاتتىق قول بولۇپ، مېنى قورقۇتتى. بۇ خۇددى قارا جەمئىيەتكە ئوخشاش پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق قىلمىش. ئوۋپېڭ ئىسىگە كەلگەندىن كېيىن، كۇنمىڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى بىلەن ئالاقىلاشتى. ئاخىرىدا كۇنمىڭ شەھەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا پۇللىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
AAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايون بولغان بۇ بۇتخانىنىڭ يىللىق ھۆددە پۇلىنىڭ 7مىليون 200مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ تەئەجۈپلەندۈرۈدىغىنى بۇتخانىدىكى ئاشۇ پالچىلارنىڭ ھەممىسى ساختا كىشىلەر ئېدى. ئوۋپېڭ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن چۆچۈدى. گەرچە ئۇ بۇتخانىدىكى راھىب كالاملار بىلەن ئېلىشقان، ھەتتا راھىب كالاملار ئۇنىڭ 23 مىڭ 400يۈەن پۇلىنى ساۋابلىق پۇل، دەپ مەجبۇرلاپ ئېلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇتخانىدىكى راھىبلارنىڭ ساختىلىقىنى ئويلاپ باقىمغان ئېدى. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ساياھەتچىلەر بۇتخانىغا كىرىپلا، بوغۇزلاشنى كۈتۈپ تۇرغان پاقلانغا ئايلىنىپ، ئاز بولغاندا نەچچە يۈز يۈەن، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇلدىن ئايرىلىپ قالدى. ساياھەتچىلەر راھىب كالاملارنىڭ قورقۇتۇش سۆزلىرى، بۇتخانىنىڭ ھەيۋەتلىكى، ئەقلى ئىدراكى پىسخىكىسىدىن غالىب كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاشۇ ساۋابلىق پۇللىرى بىلەن بۇتخانا ھۆددىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرماقتا.
بۇتخانىنى ھۆددىگە ئېلىش 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدىن باشلاندى. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىكى بۇتخانىلارنىڭ بازىرى چىقتى. شەخسىلەر بۇتخانىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل تارماقلارغا بەلگىلىك ھەق تاپشۇرغاندىن كىيىن، پاي قوشۇش ياكى ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، راھىبلارنى تەكلىپ قىلىپ، ساۋابلىق پۇل ۋە كۈجە كۆيدۈرۈش پۇلىدىن پايدا ئالماقتا. بىراق بۇ دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەنئى قىلىۋاتقان ھەرىكەت مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە داۋاملىق زورايماقتا. ھۆددىگەرلىك ھەققى يىلمۇ يىل يۇقۇرىلىماقتا. تىجارەتچىلەر جەمئىيەتتىكى بىكار ياتقان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش ئارقىلىق پايدا ئالماقتا.

بۇتخانىنىڭ قالايمىقان ھەققى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد[2]

ئالاھىدە يۇقىرى باھادىكى ھۆددە ھەققى

كۇنمىڭدىكى يەنچۈەن بۇتخانىسى تاش ئورمىنى بىر كۈنلۈك ساياھەت ئۆمىكىنىڭ چوقۇم ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى. ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا نەچچە ئون ساياھەت ئاپتوبۇسى توختىتىپ قويۇلغان ئېدى. بۇتخانا ئىچىمۇ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. بىر خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: ساياھەت پەسلىدە ھەر كۈنى تەخمىنەن ئۈچ، تۆت مىڭ كىشى بۇ يەرگە كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بۇتخانىنى ساياھەتچىلەر بىلگەن بىلەن كۇنمىڭلىقلار ئوبدان بىلمەيدۇ. ساياھەتچىلەر بولمىغان بولسا، يەنچۈەن بۇتخانىسىنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى.
1993-يىلى يىلياڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يەنچۈەن بۇتخانىسىنى شۇ يەردىكى فېڭلەي يېزىسى جىنشىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى ئىئانە توپلاش، مەبلەغ يېغىش، قەرز پۇل قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن 12 مىليون يۈەن جۇغلاپ، يەتتە يىل سەرپ قىلىپ، 200 مو يەرنى ئىگىلەيدىغان يەنچۈەن بۇتخانىسىنى 10 نەچچە قەسىر ۋە يۈرۈشلەشكەن كۆڭۈل ئېچىش مۇئەسسەسەلىرىگە ئىگە ئۇنۋېرىسال دىنىي ساياھەت بۇتخانىسى قىلىپ كېڭەيتىپ سالدى. 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە جىنشىڭ كوچا باشقارمىسى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت مۇئەسسەسەلىرىنى ئۆزگەرتتى ۋە كېڭەيتتى.
2001-يىلى7-ئايدا بۇتخانا باشقۇرۇش كومىتېتى كۇنمىڭ جەنۇب خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنى بۇتخانىنى ئاساس قىلىپ ساياھەتچىلىكنى ئېچىشنى كېڭشىشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالىدى. ئەينى يىلى 200 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. يەنە كېلىپ ناھىيە ئىچىدە ساياھەتچىلەرنى ياتاق، تاماق، نەرسە سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت تىجارىتى ئومۇمىي كىرىمىنى بەش مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. 2002-يىلى بۇتخانا يەنە دېھقانلار ئائىلىسى ئارامگاھى قۇرۇپ، يېڭى ساياھەت نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ يەنچۈەن بۇتخانىسىنى سودىلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى. «يۈننەننىڭ دىنىي ئىشلار ئەھۋالىنىڭ 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 1993-يىلىدىن بۇيان، يەنچۈەن بۇتخانىسى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى دىنىي بۇتخانا بولۇشتىن يىراقلاشتى. بۇ بۇتخانا سودا تىجارىتىنى نىشان، ھۆكۈمەت بىلەن دېن ئايرىلمىغان ئۇنۋېرىسال يەرلىك مەدەنىيەت كەسپىي ئەمەلىي گەۋدىسىگە ئايلاندى. دەھرىيلەشتۈرۈش بىلەن سودىلاشتۇرۇش ئۆز يوللىرىدا كېتىۋەردى.
يەنچۈەن بۇتخانىسىنىڭ سودىلاشتۇرۇش قەدىمى توختىمىدى. ئەھۋالنى بىلىدىغان بىر كىشى مۇنداق دېدى : 2004-يىلى جىنشىڭ كوچا باشقارمىسى بۇ بۇتخانىنى 2009-يىلغىچە يىللىقى 2 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا بىرسىگە ھۆددىگە بەردى.
يېقىن ئەتراپتىكى بۇتخانىنى ھۆددىگە ئالغان بىر خوجايىن مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا بىر تال كۈجىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 130يۈەنگە، ئادەتتىكى كۈجىلەرنى 10 يۈەندىن 60 يۈەنگىچە ساتقىلى بولاتتى. بۇتخانا كۈجە كۆيدۈرۈش ۋە ساۋابلىق پۇلدىن باشقا يەنە قاشتاش قاتارلىق ھۈنەر سەنئەت بويۇملىرىنى سېتىپ، كىرىمنىڭ %30نى ساياھەت كوپىراتىپىغا قايتۇرۇپ بېرەتتۇق. بۇ خوجايىن يەنچۈەن بۇتخانىسىغا ئوخشاش سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئېمىيشەن تېغىدىن بىر نەچچە ساختا راھىب كالاملارنى ساياھەتچىلەرنىڭ پال تاختىسىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ھەر بىر راھىب كالام پايدىدىن %10 ئالىدۇ، بىر ئايلىق كىرىمى نەچچە مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ خوجايىن يەنە مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلدى: بۇتخانا كىرىمىدە ئاساسلىقى بۇ راھىب كالاملارغا تايىنىلىدۇ.
يۈننەن ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. 2009-يىلى كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 22 مىليارت 634 مىليون يۈەنگە، ساياھەتچىلەر سانى 31 مىليون 150مىڭغا يەتتى. يەنچۈەن بۇتخانىسىنىڭ ھۆددە پۇلىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى: -جىنشىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىگە تاپشۇرۇلىدىغان ھۆددە پۇلى تۆت مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، دېدى. يەنە بىر نوپۇزلۇق ئەرباب مۇنداق دېدى: 2010-يىلى7-ئايىنىڭ ئاخىرى تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خۇنەنلىك بىر خوجايىن يىللىقى7 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك باھا بىلەن يەنچۈەن بۇتخانىسىنىڭ يېڭى ھۆددىگەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان غالجىرلاشقان ئويۇن بۇ بۇتخانىدا ئوينىلىشقا باشلىدى.
يېڭى خوجايىن ئەسلىدىكى پايدا قېلىپىنى ساقلاپ قېلىپ، ئون نەچچە راھىب كالامنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى پۇل تېپىشتىكى ئاساسلىق قوشۇنغا ئايلاندۇردى.
بۇ راھىب كالاملارنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر بولۇپ، كۇنمىڭ شەھىرىدىن ئۆي ئالغان، يۈز نەچچە مىڭ يۈەنلىك پىكاپىمۇ بار. ئۇلار ھاراق ئىچىدۇ، ھېچنىمىدىن پەرز تۇتمايدۇ، ئۇلار ھەم ناتىق كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى، خاراكتېرى، گەپ–سۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ باھا بېرىدۇ. ئەگەر پۇلدارلار ئالدىغان كەلسە ئوي خىيالغا پاتىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئالدىغا كەلسە: «سىزنىڭ بۇت بىلەن ئالاقىڭىز يوق ئىكەن» دەپلا ئىشنى ئاياغلاشتۇرىدۇ. راھىب كالاملارنىڭ مائاشى يۇقىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پايدىنىڭ %8 نى ئالىدۇ.
بىر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ يېتەكچىسى راھىب كالاملارنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: راھىب كالاملار چۈشەندۈرۈش باغاقچىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ساياھەتچىلەردىن بىر تىلى 600 يۈەنلىك كۈجىدىن ئۈچنى كۆيدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر ئۇنىمىسا، سەت گەپ-سۆزلەر بىلەن قارغايدۇ. بىر ساياھەت يېتەكچىسى ساياھەتچىلەر پۇلۇم يوق دېسە، راھىب كالامنىڭ ئۇ ساياھەتچىنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ كۆرگەنلىكىنى كۆرگەن.
ئۇندىن باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆكرىكىگە چاپلاپ قويۇلغان ئۆمەك نومۇرىمۇ پۇل ئۈندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ساياھەتچىلەر ئىستىمال قىلسا، راھىب كالام ئىستىمال پۇل سوممىسى بىلەن كۆكرىكىگە چاپلاپ قويۇلغان ئۆمەك نومۇرىنى بىر باغاقچىگە يېزىپ قويۇپ، ئۇنى يېنىدىكى خىزمەتچى خادىمغا بېرىدۇ، ھەر بىر ساياھەت ئۆمىكى ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، ساياھەت يېتەكچىسى مالىيە بۆلۈمىگە بېرىپ پايدا پىرسەنتىنى ئالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە 2010-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، يۈننەن ئۆلكىلىك، كۇنمىڭ شەھەرلىك ساياھەت تارماقلىرى يەنچۈەن بۇتخانىسىغا ئالاقىدار ئەرز تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى. 2010-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، كۇنمىڭ شەھەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ھەر قايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن يەنچۈەن بۇتخانىسى مەنزىرە رايونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە يەنچۈەن بۇتخانىسىنى توختىتىپ رەتكە سېلىشقا دەۋەت قىلدى. بۇ يىل 5-ئايدا يەنچۈەن بۇتخانىسى تىجارىتىنى قايتىدىن باشلىدى. ھۆددىگەرلەر مەنپەئەت تەقسىماتىنى قايتىدىن تەڭشىدى. ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ پايدا پىرسەنتى%30دىن %50 گە ئۆستۈرۈلدى. بۇنداق يۇقىرى پايدا تۈرتكىسىدە يەنچۈەن بۇتخانىسى قايتىدىن ئاۋاتلاشتى.
كۇنمىڭ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: يەنچۈەن بۇتخانىسى قايتىدىن تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئەرز تېلېفونىدىن كۈندە بىرسى دېگۈدەك كەلدى. ساياھەت تارماقلىرى ھەر بىر ئەرز تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ھامان يەنچۈەن بۇتخانىسىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بىر كەسپىي زات: -مەن ئۆز قولۇم بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاز دېگەنگە يۈز نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردىم، دېدى.
ھۆددىگە ئالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇتخانىنى ھۆددىگە ئېلىش تىجارەت. بۇ بىر خىل غالجىر ئۇسۇل بىلەن دىنىي تونغا ئورنىۋېلىپ، پايدا ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇتخانىنىڭ قالايمىقان ھەققى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد[3]

بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىش-«ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەممىدىن ئۈستۈن» دېگەن قاراشنىڭ نورمال دىنىي تۇرمۇشقا دەخلى قىلغانلىقى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بۇتخانىلارنى كۆپ تارماق باشقۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك مەنپەئەتلەنگۈچى تەرەپلەرنىڭ «دىنى سورۇنلارنى باشقۇرۇش» نامى بىلەن مەنپەئەت ئۈستىدە قوغلىشىپ، ئاخىرىدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى سودا قاينىمىدا قايمۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ئىبارەت.
بۇتخانىنى ھۆددىگە بېرىش بىر خىل يېڭىچە تىجارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخنىكا، زاۋۇت كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا بۇتخانىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئېتىقادىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەت ئۈندۈرىدۇ. بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش-بىر قىسىم ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىدىكى رېئال ئەھۋالغا ئايلاندى. مەبلەغ چىقارغۇچىلار بىلەن بۇتخانىنى باشقۇرغۇچىلار، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە بۇتخانىنى باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، بۇتخانىنى باشقۇرغۇچىلارغا بەلگىلىك ھۆددە ھەققى تاپشۇرىدۇ، يەنە كۈجە قاتارلىقلارنىڭ كىرىمى ئارقىلىق پايدا ئۈندۈرىدۇ.
بۇ خىل تىجارەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر راھىب، راھىبە ياكى دەرۋىشلەرنىڭ نامى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئايلىق مائاش ئالىدۇ، ئىشقا چىققاندا راھىب، ئىشتىن چۈشكەندە ئادەتتىكى كىشىلەر قاتارىدا ياشاۋىرىدۇ، كىرىمى ھەتتا ئاق ياقىلىقلاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
كۇنمىڭدىكى يەنچۈەن بۇتخانىسى-داڭلىق ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنىڭ بىرى. خەۋەرگە قارىغاندا، 2000-يىلى جىنشىڭ كەنتى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنلا مەنزىرىگاھنىڭ كىرىمى بەش مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئەمما باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. ئەينى چاغدا كەنت ئاھالە كومىتېتى ناھىيەلىك ئامانەت-قەرز بىرلەشمە كوپىراتىپىدىن ئىككى مىليون يۈەن قەرز ئالغان، كەنت كادىرلىرى ئۆيلىرىنى رەنىگە قويۇپ، كېڭەيتىپ سېلىش مەبلىغىنى ھەل قىلغان. ئەينى يىلى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يۈز مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تۆت مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان. 2008-يىلىغا كەلگەندە، جىنشىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يەنچۈەن بۇتخانىسىغا سالغان مەبلىغى 30 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغىلا تايانغاچقا، مەنزىرىگاھ بەك راۋاج تاپالمىغان. 2001-يىلىدىن تارتىپ، جىنشىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن ساياھەت شىركىتى كېلىشىم ئىمزالاپ، ساياھەت شىركىتىگە باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ، ھۆددىگە بەرگەن. دەسلەپتە، بۇ خىل ئەندىزە كەنت ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلانغان، ئاشكارا ماتېرىيالدىن ئايان بولۇشىچە، 2008-يىلى 2-ئايغىچە، جىنشىڭ كەنتىدىكى يەنچۈەن بۇتخانىسى بىلەن تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى ھەر يىلى كەنتكە بەش مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئېلىپ كەلگەن.
ئارقىدىنلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى كۆپەيگەن. كەنت ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە راسخوتلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان، يەنە ھەقسىز ناشتىلىق بەرگەن، ھەقسىز مەكتەپ فورمىسى تارقاتقان؛ ھەر يىلى 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرگە جەمئىي 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۇرمۇش تولۇقلىمىسى تارقاتقان؛ ھەر بىر كەنت ئاھالىسىگە بايرام كەلگەندە بايراملىق پۇل بەرگەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە ھەممە ئائىلىگە ئىشلەپچىقىرىش تولۇقلىمىسى تارقاتقان. بارلىق كەنت ئاھالىسى بۇتخانىنى ھۆددىگە بېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. لېكىن بۇنداق كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەنىلا ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلەلمىگەن.
جىنشىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى يۈەن فۇۋۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خۇنەنلىك خوجايىننىڭ يەتتە مىليون 200 مىڭ يۈەن بىلەن يەنچۈەن بۇتخانىسىنى ھۆددىگە ئېلىش ئىشىنى ئىنكار قىلمىدى. يۈەن فۇۋۇ راستىنى ئېيتىپ، ھۆددىگەر ئەسلىدىكى ھۆددە پۇلىنى تاپشۇرالمىغانلىقتىن، ھۆددە ھەققىنى ئۈچ، تۆت مىليون يۈەنگە چۈشۈردۇق، بىز ئۇنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈش، ئىسرىق سېلىش، چەك تارتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئېنىق چەكلىدۇق. توختامدا ئەگەر ئەرز بەك كۆپ بولسا، بىز ئۇنىڭغا جەرىمانە قويىمىز، ھەتتا توختامنى بىكار قىلىمىز دەپ ئېنىق يېزىلغان دېدى. يۈەن فۇۋۇ ھازىر ھۆددىگەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى بەك قوغلىشىپ، بۇتخانىنى قوغداشقا بەك ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ھۆددىگەرلەرنىڭ ئۇسۇلى يەنچۈەن بۇتخانىسىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزسە، توختام دەرھال بىكار قىلىنىدۇ، داۋاملىق توختام تۈزۈش-تۈزمەسلىكنى ئويلىشىپ باقىمىز دېدى.
ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى تىللا تۆكۈلىدىغان ئالتۇن دەرەخ بولغان بۇ تىجارەت ھازىر ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ساياھەت تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بېشى قاتتى. بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەرلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇلارنى توپتوغرا 15 كۈن تاقاپ تەرتىپكە سېلىش تەلەپ قىلىندى، ئەمما ئون كۈن ئۆتمەيلا، بۇ بۇتخانىلار غىپپىدە ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى. بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش-سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىگە قارىتا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دىن ئىشلىرى ئىدارىسى 1994-يىلى 19-ئۆكتەبىر «بۇددا، تەرىقەت دىنىي ئىبادەتخانىلىرىنى قالايمىقان سېلىشىنى توسۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، راھىبلار، دەرۋىشلەرنىڭ قالايمىقان سېلىنغان بۇتخانىلاردا ئىئانە توپلاش، سەدىقە تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ؛ بۇلارغا ئۇل سېلىش، لېنتا كېسىشكە بولمايدۇ؛ بۇتخانىلاردا ھەر قانداق ئۇسۇلدىكى پاي تۈزۈمى، جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش، ئىجارىگە، ھۆددىگە بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
2000-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى لېچىڭ شەھىرى شىفەن بازىرى يەنداڭ كەنتىنىڭ بەش كادىرى بۇتخانىنى شەخسىيلەرگە ھۆددىگە بەرگەنلىكتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن ئىدى. ئۇزۇن مۇددەت بۇتخانىلارنى ھۆددىگە بېرىشكە دىققەت قىلىپ كەلگەن يۈننەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شاۋ ياۋخۇينىڭ قارىشىچە، بۇتخانىلارنى ھۆددىگە بېرىش-بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ تىپى ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىلى بولۇپ، نورمال دىنىي تۇرمۇشنىڭ دىندىن خالىيلىشىش، پايدا ئېلىشقا يۈزلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا سەلبىي، پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن داڭلىق مەنزىرىگاھلىرىدا، قەدىمىي بۇتخانىلارنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى دىن تارماقلىرى بولماستىن، بەلكى ساياھەت ئىدارىلىرى بولۇپ، دىن باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇتخانا ئىچىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى پەقەت نامدىلا نازارەت قىلىپ باشقۇرالايدۇ. يۈننەن ئۆلكىلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما كەينىڭ مۇنداق دېدى: تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن بۇتخانىلارنىڭ تەۋەلىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، باغۋەنچىلىك، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، بەزىدە ھەتتا ئۈچ، تۆت ئورۇن ئورتاق باشقۇرىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، مەنزىرىگاھ قىلىنغان بۇتخانىلار بىلەن ساياھەتچىلەر ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلغان ھامان، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورنىنى ئايرىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.
كۇنمىڭ يەنچۈەن بۇتخانىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا تەۋە، ئەمما ساياھەت تارماقلىرىنىڭمۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە، لېكىن باش ھوقۇق يەنىلا جىنشىڭ كەنتىدە. ئەمەلىي قانۇن ئىجراسىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى فۇنكسىيەلىك تارمىقى دائىرە جەھەتتە توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. يىلياڭ ناھىيەلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شىڭيۈەن مۇنداق دېدى: دىن ئىشلىرى تارماقلىرى بۇتخانىلارنىڭ دىن سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنىلا تەكشۈرۈشكە مەسئۇل، يەنچۈەن بۇتخانىسىدىكى 55 ياشتىن ئاشقان بىر راھىبلا رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرغان قانۇنلۇق راھىب، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھۆددىگەر تەكلىپ قىلغان، بىزنىڭ ھوقۇقىمىز چەكلىك، بىز پەقەت دىنىي زات ۋە خىزمەتچىلەرنى تىزىملاشقىلا مەسئۇل بولىمىز.
لېكىن يۈننەن ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى قانۇن ئىجراسى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ دېڭنىڭ قارىشىچە، مەنزىرىگاھ بۇتخانىلىرى دىن تارماقلىرىغا ئالاقىدار بولغاچقا، دىنىي زاتلار ۋە خىزمەتچىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ساياھەت تارماقلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئامالى يوق ئىكەن. ھالبۇكى، ساياھەتچىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەرز تېلېفونى ئادەتتە ساياھەت ئىدارىسىگە كېلىدۇ، ساياھەت ئىدارىسى بولسا باشقا تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ ماجىرانى بىرلىكتە ھەل قىلىشقىلا مەسئۇل بولالايدۇ. ياڭ دېڭ مۇنداق دېدى: يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەنزىرىگاھلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنچۈەن بۇتخانىسى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزلەر بىر قەدەر كۆپ، بولۇپمۇ كۈجە كۆيدۈرۈش ۋە چەك تارتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەققى بەكلا يۇقىرى.
ئەمەلىيەتتە، 2009-يىلى 6-ئايدا، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بەش مىنىستىرلىق، كومىتېت بىلەن بىرلىكتە «پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي ساياھەت سورۇنلىرىنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈش پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، دىنىي ساياھەت سورۇنلىرىدا ساياھەتچىلەرنى باھاسى قىممەت كۈجىلەرنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇرلاش ياكى دەۋەت قىلىش قاتتىق چەكلەنگەن، 2010-يىلى 3-ئايدا، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئاساس قىلغان ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىدىن كۈجە كۆيدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە بىرلىكتە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈجە كۆيدۈرۈپ، تىلەك تىلەشكە زورلاش، پۇل، مال مۈلۈكىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لېكىن ياڭ دېڭنىڭ قارىشىچە، ساياھەت تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، نۇرغۇن تارماق بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ئىكەن، لېكىن مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، تەرتىپكە سېلىنغان مەنزىرىگاھلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدىكەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بۇ مەسىلىلەرمۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىكەن. كۇنمىڭ شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى نازارەت تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى فۇ يىمىن ئىلگىرى دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يەنچۈەن بۇتخانىسىنى باشقۇرىدىغان جىنشىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنى ئىزدىگەن. گەرچە بۇ كەنت تۈزەشنى قوللاش ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇلتۇر 10-ئايدا، يىلياڭ ناھىيەلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى ئىدارىسى يەنچۈەن بۇتخانىسىدا تەرتىپكە سېلىش سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئېچىپ، يەنچۈەن بۇتخانىسىنى ھۆددىگە ئالغان خۇنەنلىك خوجايىندىن دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ خوجايىندىن ھازىرغىچە ئۇچۇر بولمىغان.
 

بۇتخانىنىڭ قالايمىقان ھەققى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھۆددىگە ئېلىۋىلىنغان ئېتىقاد[4]

بۇتخانىنى ھۆددىگە بېرىش بىر خىل يېڭىچە تىجارەت بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخنىكا، زاۋۇت كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا بۇتخانىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئېتىقادىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەت ئۈندۈرىدۇ. بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش-بىر قىسىم ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىدىكى رېئال ئەھۋالغا ئايلاندى. مەبلەغ چىقارغۇچىلار بىلەن بۇتخانىنى باشقۇرغۇچىلار، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە بۇتخانىنى باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، بۇتخانىنى باشقۇرغۇچىلارغا بەلگىلىك ھۆددە ھەققى تاپشۇرىدۇ، يەنە كۈجە قاتارلىقلارنىڭ كىرىمى ئارقىلىق پايدا ئۈندۈرىدۇ.
بۇ خىل تىجارەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر راھىب، راھىبە ياكى دەرۋىشلەرنىڭ نامى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئايلىق مائاش ئالىدۇ، ئىشقا چىققاندا راھىب، ئىشتىن چۈشكەندە ئادەتتىكى كىشىلەر قاتارىدا ياشاۋىرىدۇ، كىرىمى ھەتتا ئاق ياقىلىقلاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
بۇتخانىلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب-بېلەت كىرىمىنى تەقسىم قىلىشتىكى پايدىنى كۆزلەش. ھەر بىر تارماق بۇتخانىنى باشقۇرۇشتىن ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى ئېلىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا كۆپ ھاللاردا ئۇلار بىر-بىرىگە يول قويمايدۇ. يۈننەن ئۆلكىلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما كەينىڭنىڭ قارىشىچە، بۇتخانىلارنى دىن ساھەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك ئىكەن، ئەمما باغۋەنچىلىك ۋە ساياھەت تارماقلىرىمۇ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بېلەت كىرىمىنى يىغىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتىكى ئەھۋال شۇكى، يۈننەندىكى ھەر قايسى ساياھەت ئىدارىلىرى، باغۋەنچىلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان بۇتخانىلىرى بار ئىكەن، ئەمما بۇتخانا باشقۇرىدىغان تارماق بولغان دىن ئىشلىرى ئىدارىسى باشقۇرىدىغان بۇتخانىلار يوق ئىكەن. بىراق ما كەينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەت تارماقلىرى بىر قىسىم پايدىنى دىن ساھەسىگە بېرىۋاتىدۇ، باشقۇرۇشتىكى بىر قىسىم ئىختىلاپلار ھەل قىلىنىشقا باشلىدى دەپ ئېتىراپ قىلدى.
يۈننەن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شاۋ ياۋخۇينىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ساياھەت پائالىيەتلىرى بېلەت باھاسىنى ئۆرلىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈجە كۆيدۈرۈش، بۇتقا باش ئۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن دىنىي زاتلار بىلەن بۇتخانا باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا سەدىقە كىرىمى، دىنىي پائالىيەت كىرىمى ۋە باشقا دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، بۇتخانىلارنى ھۆددىگە ئېلىش مەسىلىسىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. ما كەينىڭ «دىن ساھەسىدە ئىقتىساد ئويۇنى ئويناش» ئۇسۇلىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دىن ئىشلىرى تارماقلىرى ئەسلىدىنلا روشەن ساياھەت خاراكتېرى بار بۇتخانىلارنى ئېتىراپ قىلمايتتى ھەم تىزىمغىمۇ ئالمايتتى. بىراق، بۇ دىنىي سورۇنلار دىن ساھەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسىمۇ، لېكىن كۈجە كۆيدۈرۈش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، دىن ئىشلىرى تارماقلىرىنى ناھايىتى ئەپسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
يەنە بىر سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە شۇكى، قانۇنغا خىلاپ تەننەرخ بەك تۆۋەن بولۇپ، بۇتخانىنى ھۆددىگە ئالغۇچىغا بەكلا ئېتىبارسىز قارالدى. يىلياڭ ناھىيەلىك ساياھەت ۋە مەدەنىيەت، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شاۋيۈن مۇنداق دېدى: بىز كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن ھۆددىگەرگە كۆپ قېتىم تەلەپ قويغان بولساقمۇ، لېكىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمشىلار تۈگىمىدى، بەلگىلىمىگە ئاساسەن پەقەت نەچچە مىڭ يۈەنلا جەرىمانە قويۇپ، كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولساقمۇ، قارشى تەرەپ قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى.
يۈننەن ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2005-يىلى «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان دىن ئەھۋالى دوكلاتى» چىقارغان، بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: نۆۋەتتە دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا دىندىن خالىيلىشىش، سودىلىشىش يۈزلىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى، ھەتتا دىنىي ئېتىقاد ۋە دىن ئىشلىرىغا روشەن زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ دوكلاتتا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: گەرچە ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار قول تىقىشنى توختاتقان ھەم تولۇق سىياسىي ئاساسى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچبولمىغاندا نۇرغۇن جەھەتلەردىن نازارەت قىلسا ياكى ئارىلاشسا بولىدۇ، مەسىلەن: مال باھا تارماقلىرى كۈجە باھاسىغا ئارىلاشسا، باج تارماقلىرى قائىدە بويىچە باج ئالسا بولىدۇ، ساياھەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلىشى كېرەك، ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئاشكارا، ئادىل ئەمەسمۇ-يوق، بۇنى ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى نازارەت قىلسا بولىدۇ، ۋەھاكازالار.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يې تاۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىدى: بۈگۈنكى جەمئىيەتنىڭ تىپى ئۆزگىرىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، دىنىي مۇراسىم بىلەن ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئورگانىك ماسلىقىنىڭ زامانىۋى باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش-تەيشەن ۋە باشقا مەنزىرىگاھلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن تېما، بۇ تېمىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، تارماقلىرى باش بولۇپ، مەدەنىي يادىكارلىق، دىن ئىشلىرى، ساياھەت باشقۇرۇش تارماقلىرى، پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ئورتاق ھەمكارلىشىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ما كەينىڭ مۇنداق دېدى: مەن ھۆددىگە بېرىش ئەندىزىسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلمايمەن، بۇتخانىلار ئىجتىمائىيلىشىش يولىدا مېڭىشقا موھتاج. مەنزىرىگاھلاردىكى بۇتخانىلار ئاسان مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، لېكىن نۇرغۇن بۇتخانىلارنىڭ ئۆزىنى بېقىشىمۇ ناھايىتى تەس. بۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى كۈچلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇ يولدا زادى قانداق مېڭىشتا يەنىلا ئىزدىنىش كېرەك. بەزىلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەنزىرىگاھلارنىڭ ساياھەت ھەققى ناھايىتى يۇقىرى دەپ تەنقىد قىلدى، ما كەينىڭ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈردى: چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بارلىق بۇتخانىلار ھەق ئالىدۇ، ئەمما تەيۋەندە بىرمۇ بۇتخانا ھەق ئالمايدۇ. پۇتوشەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ كەيلوڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۇتوشەننىڭ 40 يۈەنلىك بېلەت ساتقىنى يوق، 1980-يىللىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەر بىر بۇتخانا پەقەت بەش يۈەنلىك كۈجە ھەققى ئېلىپ، بۇتخانىلارنى رېمونت قىلىشقا ئىشلەتتى. لېكىن بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئادەمنى قايىل قىلالماسلىقى مۇمكىن. دىن بىلەن باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ مۇرىتلارنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇددا دىنىمۇ سەدىقە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا، قەدىمدىن تارتىپلا، بۇتخانىلارنى سېلىش ۋە رېمونت قىلىشتا، ئەزەلدىن بېلەت كىرىمىگە تايانماستىن، دىنغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىختىيارى ئىئانىسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئىئانە كەم بولۇپ باقمىغان.
پۇتوشەننىڭ ئىناۋىتىدىن قارىغاندا، ئەگەر رېمونت قىلماقچى بولسا مەبلەغدىن غەم قىلمايدۇ. شۇڭا، پۇتوشەندىكى ھەر قايسى بۇتخانىلار ئالغان بەش يۈەنلىك كۈجە ھەققى بېلەت باھاسى نەچچە ئون يۈەنلىك بولغان بۇتخانىلارغا قارىغاندا بەك ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. سودىلىشىش، كەسىپلىشىش-بارلىق داڭلىق مەنزىرىگاھ، قەدىمىي تۇرالغۇ، بۇتخانىلارنىڭ تەقدىرىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. 1990-يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىسبىتىنى چۆرىدەپ كەسكىن نەتىجە رىقابىتىنى قانات يايدۇردى، ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش بولسا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى دەپ قارالدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز جايلىرىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى بەس-بەستە قېزىش ۋە باشقۇرۇشقا باشلىدى. بارلىق مەدەنىي يادىكارلىق ئىمارەتلىرى، دىنىي سورۇنلار، داڭدارلارنىڭ قەدىمىي تۇرالغۇلىرى ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىقتىساد مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. دەل مۇشۇنداق نوقۇل ئىقتىسادىي مەقسەت سەۋەبىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بۇتخانا، قەدىم جايلارنى رېمونت قىلىش، قايتا سېلىشقا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كەتتى. مەسىلەن: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر 22-ئۆكتەبىر ئىدراكشۇناسلىق تەلىماتىنىڭ ئۇستازى جۇشى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 880 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يۇشى ناھىيەسى، جيەنياڭ ناھىيەسى ۋە ۋۇيىشەن شەھىرى، جياڭشىنىڭ زىيۈەن شەھىرى «جۇشىنىڭ قەدىمىي جايى» دېگەن نام بىلەن تۆت مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، نۇرغۇن قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن.
ھالبۇكى، بۇ ھەرگىزمۇ ئەۋلىيالارنىڭ تەلىيى بولماستىن، بەلكى بارلىق تۈرلەردە، كۇڭزى، جۇشى قاتارلىق ئەۋلىيالار يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نەتىجىسىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق مەدەنىيەت نىقابىنى كىيىۋالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش «مەدەنىيەت سەھنىسىگە چىقىۋېلىپ ساياھەت ئويۇنى ئويناش» ياكى «سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش ئويۇنى ئويناش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس. ئەۋلىيالار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋاسىتىسىغىلا ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى باش قەھرىمان ھەرگىزمۇ ئەۋلىيالار ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ كەسىپلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈرلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرى، تەبىئىي مىراسلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، نامى بۇزۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى شۇكى، بۇتخانا تۈرىدىكى دىنىي سورۇنلار سودا مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل دىن، مەدەنىيەتنىڭ چىرىشى-يوشۇرۇن ھەم چوڭقۇر بولماقتا. بۇ خىل دىن، مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى مەنزىرىگاھ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزگەندە، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىقتىساد ئاساسىدىكى تىزگىنلەش ۋە تىزگىنلىنىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇ خىل سورۇنلارنىڭ خاراكتېرىدىمۇ تەدرىجىي ھالدا كۆرگىلى بولمايدىغان مەلۇم خىل ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
ئەمەلدارلارنىڭ نەتىجە باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى تۈپتىن تەڭشەلمىسە، مەدەنىيەت، تەبىئىي مىراسلارغا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ، بۇ خىل مىراسلار ئارقىلىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئاشۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېلەت كىرىمىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، كىرىم قىلىشنى ئويلىغان مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى، ھەرگىز ئازايمايدۇ.
 

                                          مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىدىن ئېلىندى.

 

كۆرۈلۈشى: 1006 \ يوللانغان چېسلا: 2012-02-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: