wisal stuido
جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئادەم گۆشى يىگەنلەر


جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئادەم گۆشى يىگەنلەر
 

جۇڭگۇ تارىخىدا، ئادەم گۈشى يىيىش، ئادەم قېنىنى ئىچىشكە خۇمار بۇلۇپ قالغانلار ئاز ئەمەس.
مى چىن دەۋرىدە خۇگۇاڭدۇ مەھكمىسى ئەسكەر چىقىرىپ، داتىڭشىيا ئىسيانىنى باستۇرماقچى بۇلىدۇ، ئۇرۇشتا ئۇلار ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى ئەسكەرلەرگە پۇشۇرۇپ بەرگەن. چىڭ شۈنجىنىڭ 9- يىلى (مىلادى 1652-يىلى) نەنمىن سانغۇنى لى دىڭ گو ئەسكەر باشلاپ شىنخۇيگە ھۇجۇم قوزغايدۇ، كىيىن شەھەرگە 8ئاي قامىلىپ قالىدۇ، شەھەرئىچىدە ئاشلىق تۈگەپ، ئاچارچىلىققا يۈز تۇتقاندا، ئەسكەرلەرگە شەھەر ئاھالىسىنى تۇتۇپ يىيىش بۇيرۇقىنى بىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇشەھەردىن 10مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى يەپ بۇلىدۇ.

تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىن ئادەم گۆشى يىيىش قىلمىشى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ۋۇزېتىيەن مەزگىلىدە، خاڭجۇ لىنئەن ناھىيە ئامبىلى شۆجىڭ ئادەم گۈشىگە خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ، ئۇ ئادەم گۈشىنى داش قازانغا سېلىپ، شورپىسىغا سىماپ قۇشۇپ پىشۈرۇپ يىيىشنى ياخشى كۈرىدىكەن.

شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋاڭ جى شۈن ئىسملىك بىركىشى بۇلۇپ، كەي باۋنىڭ 3-يىلى ( مىلادى 970-يىل) ئەل ئىچىدىن ياش ئەر-ئاياللارنى خىزمەتكارلىققا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، گۈشىنى پىشۇرۇپ يىگەن. كىيىن باشقىلارنىڭ ئاشكارىلىشى بىلەن 977-يىلى ئۈلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە لوياڭدا قەتلى قىلىنغان.

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، ۋۇ دۆلىتى سانغۇنى گاۋسۇنىڭ ئادەم گۈشىنى يەپ قېنىنى ئىچىش خۇمارى بار بۇلۇپ، ھەركۈنى ئاخشىمى ئەتىراپتىن ئادەم تۇتۇپ كىلىپ، گۈشىنى يەپ قېنىنى ئىچىدىكەن.

قارا قىتانلار شەرقى- غەربى قىتان ئىمپىرىيىسىگە بۈلۈنۈپ كەتكەندىن كىيىن، شەرقى قىتان شاھى لى زەن خۇانىڭ ئادەمنىڭ يېڭى قېنىنى ئىچىش خۇمارى بارئىكەن، ئۇ ھەمىشە ئەتىراپىدىكى خىزمەتكەرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ، بەدىنىدىن تۈشۈك ئېچىپ، ئاغزىنى تۈشۈككە توغرىلاپ قان شۇراش ئادىتى بارئىكەن.

شىمالى سۇڭ سۇلاسى دەۋرىدىكى جەڭلەردە ئەسىرلەرنىڭ قۇلىقىنى يۇلۇپ ئېلىپ خام يەيدىغان ئىشمۇ بولغان. مىڭ سۇلاسى دەۋرىدە ياۋزۇ ئىسيانكارلىرىنى باستۇرغاندا، لەشكەر باشلىقلىرى ئەسىرلەرنىڭ بېشىنى چېقىپ، مىڭىسىنى ئىسسىقىدا يەيدىغان ئىشمۇ بولغان.

سۈي تاڭ دې مەزگىلىدە، ماشۇموۋ ئىسىملىك ئەمەلدار كىچىك بالىلارنىڭ گۈشىنى يىيىشنى ياخشى كۈرىدىكەن، ئەتىراپتىكى كىچىك بالىلارنى تۇتۇپ كىلىپ گۈشىنى پىشۇرۇپ يەۋەرگەچكە بالىلار ئازلاپ كەتكەن، بالىسى يىيىلىپ كەتكەن پۇقرالار ئاخىرى ئىسيان كۈتۈرۈپ، ئامبال مەھكمىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن.
ئۇندىن سىرت، ئادەم گۈشى ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بۇلىدۇ دەپ قايرايدىغان خۇراپى ئىشلارمۇ بولغان ۋە شۇ رىتسىپ بىرىلگەنلەر ئادەم گۈشى يىگەن.
 

                                                              مەنبە: سەئىدىيە مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 


كۆرۈلۈشى: 1451 \ يوللانغان چېسلا: 2013-07-14
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئازات \ يوللانغان چېسلا: 2013-07-15
جوڭگو نىڭ بۇ قىلمىشى ھازىر مۇداۋاملىشىپ كەلمەكتە ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىز -ئاياللار نىڭ قورسىقىدىكى بىگۇناھ نارسىدە بوۋاقلارنى مەجبۇرى چۈشۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ گۈشىنى يەيدۇ ... ھۇ قانخورلار ئاللا ئۇلارنىڭ رەزىل پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسۇن ..ئامىين.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: