wisal stuido
جۇڭگولۇق ئاتا - بالا خەنلەنىڭ سۆھبىتى - (قارا يۇمۇر )


جۇڭگولۇق ئاتا - بالا خەنلەنىڭ سۆھبىتى 
(قارا يۇمۇر )
 

ئوغلى: دادا ! مەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ جەنۇبى دىڭىزنى قوغدايمەن! ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قوغدايمەن!
دادىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوغلىنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك ئۇرۇپ: ئائىلەڭنىمۇ قوغدىيالمىغان ھالىڭغا تىخى ۋەتەننى قوغدىماقچىما سەن؟ دۆلەتنىڭ قايسى نەرسىسى سىنىڭ قوغدىشىڭغا ئىھتىياجلىقكەن؟
ئوغلى:دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنىنى قوغدايمەن....
دادىسى: ساڭا نەدىن كەلگەن زىىمىنكەن ئۇ؟؟ نەچچە ئون كىۋادىرات مىتىر كىلىدىغان ئۆينىمۇ ئالالمايسەن، ئالساڭمۇ ئارانلا 70 يىل ۋاقىتلىق ئىشلىتىش ھوقوقى، يەنە تىخى زىمىننى قوغدايمىش، ئۆزەڭنىڭ زىمىنى بولغان چاغدا قوغدىغىن ھە!
ئوغلى: دادا، ئامرىكا بىزنى يۈتىۋالماقچى....
ئوغلى: سەن كۈندە چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىسەنغۇ؟ سىنىڭ ساۋاقداشلىرىڭنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ چەتكە چىىقىپ كەتتىغۇ؟ يۈتىۋالسا چەتكە چىقىشقا خەجلەيدىغان نۇرغۇن پۇل تىجىلىپ قالىدۇ.
ئوغلى: ئامېرىكا بىزنى يۈتىۋالسا ئۇ چاغدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ دىگىنى ھىساپ بولىدۇ، جوڭگۇلۇقلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قالىمىز.
دادىسى: ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بىر ئادەم بىر بىلەت تاشلىيالايدۇ، بىزنى يۈتىۋالسا ئۇچاغدا مىليارد300 مىليون جۇڭگولۇقنىڭ ئالدىدا 200 مىليون ئاق تەنلىك نىمىگە ھىساپ؟ ئۇ چاغدا ئامرىكىنىڭ زۇڭتۇڭىمۇ جوڭگۇلۇق بولىدۇ دىگەن گەپ.
ئوغلى: ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق بىزنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىمىزنى ئاغدۇرىۋىتىدۇ، مەن خەلق ھۆكۈمىتىنى قوغدايمەن!
دادىسى: «؟..»(يەنە بىر شاپىلاق)، سەن زادى كىمنى قوغدىماقچى؟ دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنى؟ مالىيە مىنىستىرلىكىنى؟ تەرەققىيات ئسلاھات كومتىتىنى؟ سەھىيە مىنىستىرلىكىنى؟ دورا نازارەت ئىدارىسىنى؟ ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنى؟ پىلانلاش ئىدارىسىنى؟ پىلانلىق تۇغۇتنى؟ شەھەر قۇرۇلۇشنى؟ ياكى پۇتبولچىلار جەمىيىتىنى؟ ئەگەر سەن مۇشۇ بىر توپ نانقىپى ھارامزەدىلەرنى قوغدىماقچى بولساڭ پاچىقىڭنى چىقىۋەتمىگنىمنى كۆر.....
ئوغلى : (تەنە قىلىپ)بوپتۇ ئەمىسە، ئەگەر ئامرىكا باستۇرۇپ كەلسە مەن ئۇلارغا يول باشلاپ بىرەي~!
دادىسى: «؟..»(يەنە بىر شاپىلاق)،سەن نانقىپىنى بىكار بىقىپتىمەن زادى، سەندە كاللا دىگەن نەرسە بارمۇ يوقمۇ؟ ئامېرىكا باستۇرۇپ كەلسە يول باشلاش ساڭا ئاشامدۇ؟ رەھبىرى كادىرلار قاتار بولۇپ سەپ تۈزۈشۇپ يول باشلاپ ماڭىدۇ.
 

                                                     مەنبە: ئۈرۈمچى قىزى بىلوگىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 3052 \ يوللانغان چېسلا: 2013-07-30
ئىنكاسلار
يازغۇچى: قارېم \ يوللانغان چېسلا: 2013-07-30
بەك ماسلىشىپتۇ .
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: