wisal stuido
پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى قولغا ئېلىنىپ ھۈكۈمەت كەچۈرۈم سورىدى


پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى قولغا ئېلىنىپ ھۈكۈمەت كەچۈرۈم سورىدى
 

جۇڭگۇنىڭ قانۇنىدا ئالتە ئايدىن ئاشقان بالىنى ئېلىۋېتىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ!!!...
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنكاڭ شەھىرى جېنپىڭ ناھىيىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى ھامىلدار ئايال فېڭ جىيەنمېينىڭ قورسىقىدىكى يەتتە ئايلىق بولغان بىر بالىنى ئېلىۋەتكەچكە، ئەنكاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فېڭ جىيەنمېي ئەر - ئايالدىن رەسمى يۇسۇندا ئەپۇ سورىغان ھەم مۇناسىۋەتلىك خادىمدىن ئۇچنى قولغا ئالغان.

فېڭ جىيەنمېينىڭ ئېرى دېڭ جىيۈەن پەيشەنبە كۈنى CNN غا " مېنىڭ بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى ھەم ئادالەتنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇلار ئايالمنىڭ قورسىقىدىكى يەتتە ئايلىق بالامنى مەجبۇرى ئالدۇرىۋەتتى. ئەنە شۇلار خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كومىنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرى بولۇشقا ئەرزىمدۇ؟" دېگەن.
دېڭ جىيەن ۋېيبو ( weibo ) دىن بىر ئاكونت ئېچىپ، ئۆز ئارخىپىغا ئايالىنىڭ ئوپىراتسىيىدىن كېيىنكى رەسىمى بىلەن بوۋاقنىڭ غۇۋا كۆرۈنىدىغان رەسىمىنى يوللىغان. بۇ پەيشەنبە كەچتە مىليونلىغان كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، ئەنكاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جېنپىڭ ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمدىن ئۈچنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە پەيشەنبە كۈنى كەچتە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى فېڭ جىيەنمېي ئەر - ئايالغا رەسمىي يۇسۇندا ئۆزرىخالىق ئېيتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ناھىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنىتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، netease.com خەۋەر تورىدىكى بىر ئوقۇرمەن " بۇ دەل جۇڭگۇلۇقلار دەپ كېلىۋاتقان ياپون ئالۋاستىلىرى ۋە گېرمان ناتسېسلىرىنىڭ قىلغانلىرى، خالاس! ئەمما بۇ ئىشلار رىئاللىقتا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمدى ئېنىقكى، بۇ بىردىنبىر مەسىلە ئەمەس . . . .ئۇلار ( مۇناسىۋەتلىك خادىملار ) ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك." دەپ يازغان.
2011 يىلى يانۋاردا خۇجىنتاۋ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگۇدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ مەجبۇرى ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ھەمدە جۇڭگۇدا مەجبۇرى ئوپىراتسىيە قىلىدىغان بۇنداق سىياسەتنىڭ قەتئىي يوقلىقىدا چىڭ تۇرغان.
جۇڭگۇ نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇ دۇنيا بويىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 1 مىليارت 340 مىليون نوپۇسى بار. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 400 مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. بۇ ئادەتتە ھەر يىلى 13 مىليون، ھەر كۈنى 35000 بالىنىڭ تۇغۇلىشىنى توسۇپ قالغانلىق بولىدۇ. 1983- يىلى مۇشۇ بىر يىلدىلا ئوپىراتسىيە قىلىنغانلارنىڭ سانىنى 14 مىليون 370 مىڭ قېتىمغا يەتكۈزگەن.
ئۆتكەن يىلى يازدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى " 2020- يىلىغا بارغاندا، مىليونلىغان توي قىلىش يېشىدىكى جۇڭگۇلۇقلار جىنس تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەپلىك ئۈمۈدسىزلەنگەن بويتاقلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن." دەپ دوكلات بەرگەن. 2010 - يىلدىكى توغۇت نىسبىتىگە ئاساسلانغاندا، ھەر
118 ئوغۇل بالىغا، 100 قىز بالا توغرا كەلگەن.
 

                                                           مەنبە: ئۈرۈمچى قىزى بىلوگىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 726 \ يوللانغان چېسلا: 2013-11-02
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: