wisal stuido
يۈرەك ئىزلەش ئېلانى - (خەندان مىسرالىرىدىن)






يۈرەك ئىزلەش ئېلانى

ئاپتورى: مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان)
(مالايسىيا ئۇنۋېرسىتېتى تىبابەت پاكولتېتى ماگىستىرى)
 

بىر يۈرەك تۇرىدۇ
خىلۋەت بىر كوچىدا
تىترەپ، تىپىرلاپ...
 

بىر يۈرەك سوقىدۇ
ناتونۇش يول بويىدا
ھاسىراپ، ھۆمۈدەپ...
 

ۋارقىرايمەن:
كىمنىڭ يۈرىكى؟
ئېلىۋال ئىنسان،
باغرىڭغا يېقىۋال ئىنسان...
 

ئاھ!
ئالمايدۇ ھېچكىم.
ئېيتتى بىر كىشى:
«تاشلىۋەتكەن ئۇنى
يۈرەكتىن بېزار بىرى.»
 

قانسىرىدى،
قان ئەكىلەي يۈرىكىمدىن.
ساڭا ماغدۇر بېرەي
بېلىكىمدىن...
 

توۋلىدىم قايتا:
بۇ يۈرەك كىمنىڭ؟
ئەكس سادا قايتىپ كەلدى:
ئۇ سېنىڭ،
ئەي، يۈرەكسىز ئادەم!
تونۇۋال،
تىلىۋال،
تېڭىۋال كۆكرىكىڭگە...
ياتسىراپ قالدى
سېلىۋال قەپىزىڭگە...
 

ئەتراپقا قارىدىم،
بىر توپ ئادەملەر كېلىۋاتاتتى:
مېنىڭ!
ئۇ يۈرەك مېنىڭ!
بېلىكىمدە
ئۇزىتىلغان قان تامچىسى،
تالاشقان ئىنسانلارنىڭ
يىغلاڭغۇ قامچىسى...
 

يۈرەك
تالاشتا قالدى.
تۇيۇقسىز،
يۈرىكىم يىراقتا قالدى..
 

توپ-توپ يۈرەكلەر ئارىسىدىن
يۈرەك ئىزلەۋاتىمەن.
تەرەپ-تەرەپكە
ئېلان بېرىۋاتىمەن:
ئەي ئىنسانلار،
يۈرىكىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!
ئۆزۈڭلارنىڭ
يۈتكەن يۈرىكىنى تېپىۋىلىڭلار...
 

بىر يۈرەك جان تالىشىدۇ
يوچۇن بىر جايدا،
ئۆكسۈپ، ئېسەدەپ ...

 

2006- يىلى 27- سېنتەبىر (بېيجىڭ)


كۆرۈلۈشى: 640 \ يوللانغان چېسلا: 2013-11-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: