wisal stuido
جاۋبېنشەننىڭ خۇررۇڭ يولىدىكى مەغلۇبىيىتى

مەزكور تەرجىمە ئەسەر ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانىدىكى دىكى پاراڭلاردىن ئېلىنغان بولۇپ باش تېمىسى " مەدەنىيتىمىزنىڭ نەرىدىن چاتاق چىقتى "بولۇپ ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ، ماقالىدە جۇڭگودا ئەڭ داڭ چىقارغان كۈلدۈرگە ئارتىسى جاۋ بېنشەننىڭ ئېتوتلىرىدىكى باشقىلارنى كەمسىتىش قىلمىشى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.
بۇ ئوبزور بەلكىم بىزنىڭمۇ ئۇيغۇر كۈلدۈرگە ئارتىسىلىرىمىز ۋە ئېتوتلىرىمىزگە قايتىدىن ئويلىنىپ باھا بېرىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس !
 

جاۋبېنشەننىڭ خۇررۇڭ يولىدىكى مەغلۇبىيىتى

مەدەنىيەتنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىش مەسىلىسىدە جۇڭگونىڭلا بولىدىكەن چوقۇم دۇنيانىڭ بولىدۇ دېگەن ئىدىيەگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن پاكىت جۇڭگونىڭلا بولسا دۇنيانىڭ بولىۋەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى، يەنە شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى ئامىرىكىغا ھەتتا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە كىرگۈزۈش دەيدىغان شوئار ئۇزاقتىن بۇيان پەسكويغا چۈشمەي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت جۇڭگو مەدەنىيتىدىن زادى نېمىلەرنى باشقىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغاا سۇنۇش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش لازىملىقىنى ئادەم چۆچىگىدەك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.
بۇ توقۇپ چىققان ھېكايە ئەمەس، توردىكى خەۋەرلەر ئۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
جۇڭگودىكى داڭلىق ئېتوت ئۇستازى جاۋ بېنشەن جۇڭگو سەھنىلىرىدە مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە. مەن ۋە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر، بىر تالاي جۇڭگولۇق ئاغىنىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىش بىلەنلا بولدى قىلمايمىز، بەلكى ئۇنىڭغا مەپتۇن بولىمىز، ھەر يىلى چاغاندا ئۇنىڭ نومۇرلىرىغا تەلمۈرۈپ جېنىمىزنى قىينايمىز. بىزنى ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ساداقەتمەن مەستانىلىرى دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.
2008-يىلى جاۋ بېنشەن ئۆمەك باشلاپ ئامىرىكىغا زىيارەتكە كەلدى. يولبويى سۈر كۆرسەتتى، كۆرەڭلەپ ئالچاڭلاپ كەتتى. ئامىرىكىنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى مەدەنىيىتىنى جۇڭگونىڭ سەھرا مەدەنىيىتى ئارقىلىق بويسۇندۇرۇشقا قەسەم ئىچتى. ئۆزى كەلمەي تۇرۇپ، ھەيۋىسى كېلىپ بولدى، نام -شەرىپى ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچتى، ئاڭلىغانلا يەر ئوپۇر - توپۇر بولدى، بېلەت باھاسى ھەدەپ ئۆرلىدى، جۇڭگولىقلارنىڭ نەپسى تاقىلداپ، تاقىتى تاق بولدى .
جاۋ بېنشەن ئامىرىكىغا كېلىپ، خۇددى گۈەنيۈ خۇا رۇڭ يولىدا مەغلۇپ بولغاندەك مەغلۇپ بولغىلى تاس-تاس قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆپتىن -كۆپ قېرىنداشلار بىلمىگەن بولىشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچىدىكى يەتكۈزۈش ۋاستىلىرىنىڭمۇ تولۇق يەتكۈزگەنلىرى ناھايىتى ئاز بولدى. ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، جاۋ بېنشەن ئامىرىكىدا سەييارە ئويۇن قويۇش جەريانىدا، ئۇ ھەققىدە يېزىلغان سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ھەتتا قانۇنغا چېتىلىدىغان ماجرا كېلىپ چىقتى، گەرچە ئۇ: «ئامېرىكىدىكى ئويۇن مىسىلسىز مۇۋاپپىقيەتكە ئېرىشتى، كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قارشى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدى» دىگەن گەپتە چىق تۇرغان بولسىمۇ ،ئەمەلىي پاكىت ئۇنداق بولماي قالدى .
جاۋ بېنشەننىڭ نومۇرلىرى مەجرۇھلارنى، ئەقلى كەمتۈكلەرنى، كېكەچلەرنى، سېمىزلەرنى كومىدىلىك مازاق قىلىش ۋە دوراش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى كۈلكە بىلەن تەمىنلەشتە پۈتۈن جۇڭگوغا مەشھۇر، شۇڭا ئۇنىڭ نومۇرلىرىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ جۇڭگودا كارايىتى چاغلىق، ھېچكىم ئەيىپلەپ يۈرمەيدۇ، ھېچكىممۇ بىئارەم بولمايدۇ، قانچە مازاق قىلسا شۇنچە قارشى ئېلىنىدۇ، قانچىكى ئوخشىتىپ دورىسا شۇنچىكى قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ.
بىراق،ئامىرىكىدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقوقنى تەكىتلەيدىغان، باراۋەرلىككە ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق بىر شەكىلدىكى ئىرقىي ۋە فىزولوگىيىلىك كەمسىتىشنى توسىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان دۆلەت ھەرقانداق بىرىگە قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىش ۋە مەسخىرىگە بولۇپمۇ مەجرۇھلار ۋە ئەقلى كەمتۈك ئادەملەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىككە ھەمدە شۇ خىلدىكى سۆز -ھەركەتلەرگە ئامىرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەبىئىي رەۋىشتە جان-ئەھلى بىلەن قارشى چىقىدۇ، مۇنداق قىلمىشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ.
جاۋ بېنشەن دىگەن ئەيىپلەش ئويلىمىغان يەردىن سوتنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋەتتى، دەۋرەپ كېلىۋاتقان تەنقىد ۋە گۇمان تۈپەيلى ئادەملەر شۇ ھامانلا جاۋ بېنشەننىڭ كۆزىگە قولىنى تىققۇدەك بولدى.
ئامىرىكىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى بى رۇشىې ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە :«جاۋ بېنشەننىڭ نومۇرلىرىنىڭ مەزمونى چاكىنا، گەپ سۆزلىرى سەت، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەزىم دەريانىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدە يەنىلا بازار تاپتى ، بېلەت باھاسى ئاسترونومىيەلىك سان بىلەن ھېسابلىسا بولغۇدەك قىممەت ياراتتى. جاۋ بېنشەننىڭ ئۆزى چاغاندىكى كېچىلىكنىڭ غوللۇق ئارتىسى سۈپىتىدە ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە، جاۋ بېنشەن بۈگۈنكى جۇڭگودا يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي بۇرۇلۇشنىڭ مەھسۇلى.، بۈگۈنكى جۇڭگودا جامائەتنىڭ سەنئەت قىزغىنلىقى ، مەنىۋى مەنزىلى ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا، ئۆز مەنىسىدىكى مۇنتىزىم مەدەنىيەت چەتكە قېقىلدى. جاۋ بېنشەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تارىخنىڭ ھارۋىسىنى كەينىگە ماڭدۇرماقچى بولدى، كونا جۇڭگونىڭ كوچىلىرىدىكى يايمىلاردىلا بولىدىغان ھەييارلىقنى قايتىدىن ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنى گۆھەر تەرىقىسىدە كۆز -كۆز قىلدى. ئۆزىنىڭ خۇپسەنلىكى نامايەن قىلدى، مۇشۇنداق بىر ھەزىلكەش تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇلۇق بالىسىغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا توۋۋا دېمەي بولمايدۇ.» دەپ يازدى .
نىيوروكتىكى كەسپىي ئادۇۋكات چېن مېي گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي :«جاۋ بېنشەن ئويۇن قويغاندىن كېيىن بىر مۇنچە ئادەمدىن تېلىفۇن كەلدى. ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۇنىڭ ئويۇنىنىڭ مەزمونىغا نارازىلىق بىلدۈردى . مەندىمۇ شۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولدى. ئىككىنچى كۈنىدىكى ئويناپ چىققان نومۇرلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا جاۋ بېنشەننىڭ بازارغا سالغان نېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. جاۋ بېنشەننىڭ ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار سەھنىگە چىقىپلا بىرىنچىدىن مەجرۇھلارنى مەسخرە قىلدى، ئىككىنچىدىن سېمىزلەرنى مەسخىرە قىلدى، ئۈچىنچىدىن روھىي كېسەللەرنى مەسخىرە قىلدى.ئۇنىڭ ئارتىسلىرى ئاقساق-چولاق قاتارلىق مېيىپ ئادەملەرنى دوراپ ئۆزلىرىنىڭ خوشاللىقىنى باشقىلارنىڭ ئازابلىنىش ئۈستىگە ئۆرە تۇرغۇزدى . مېنىڭچە، جاۋ بېنشەننىڭ ئۆمىكىدىكىلەر نومۇرلىرىنىڭ مەزمونىنى ئۆزگەرتمىسە، قايتا چەتئەلگە چىقماسلىقى كېرەك، چۈنكى مۇنداق ئويۇن ئەگەر ئاساسى ئېقىمنى تەكىتلەيدىغان جەمئىيەتكە كۆرسىتىلسە ئويۇن قويۇش زالىنىڭ دارۋازىسى نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان مەجرۇھلار ۋە سېمىزلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. باشلاپ كەلگەن جۇڭگو رادىيو -سەنئەت ئۆمىكىگە قاراپ باقايلى، ئوخشاشلا ئادەمنى كۈلدۈرىدىغان ئېيتىشىش بولسىمۇ، مەزمۇنى ساغلام، ئاكتۇئال بولدى، سېلىشتۇرمىساققۇ مەيلى، سېلىشتۇرساقلا ئادەم قورقىدىغان ئىش چىقىدۇ». دېدى .
نەق مەيداندىكى ئادەملەرنىڭ تىنىمسىز بويۇنداشلىرى، گۈلقەقەلىرىنىڭ ئېچىلىپ، شامىسىنىڭ چاي بولۇپ كېتىشلىرى ھەرقايسى قاتلامدىكى تاماشىنبىلارغا ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم دوست تارتىدىغان مەستانىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ،خالاس! ئامىرىكىدىكى بىر تاماشىبىن ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھاجاتخانىدىكى بىر دۆۋە قەغەزنى چىرايلىق بولاق قىلىپ يۆگەپ، ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغان. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن، ئۇ ئۇنداق گول ئادەملەردىن بولمىسا كېرەك، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال بۇ ئىشنى پىسەنتىگە ئالمىغان، ئۇ جاۋ بېنشەنىڭ مېيىپ مەجرۇھلارغا قىلغان ھاقارىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنماقچى بولغان.
ئۈنچىقمىغان ئادەمنىڭ كۈچى ۋارقىراپ -جارقىرىغانلاردىن قۇدىرەتلىك بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدە يۈز مىليونلىغان تاماشىبىن چېكىسىگە گۈل قىلىپ قسماقچى بولغان بېنشەن تاغىمىز ئامىرىكىغا كەلگەندە قاراپ تۇرۇپلا ۋاتىرلوغا دۇچ كېلىپ قالدى، ھەتتا كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك مېيىپ-مەجرۇھلارغا ھاقارەت قىلدى، دېگەن جىنايەتنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇۋال بولدىمۇ؟ راست گەپنى قىلساق، ئۇۋال بولمىدى، ئېتوت دىگەن سەنئەت، مەدەنىيەت، لېكىن ئۇ تاماشىبىنلارغا يۈزلەنگەن چېغىدا ئۆزىنىڭ تاۋارلىق ئالامىتىنى بىلىندۈرۈپ قويدى. جۇڭگولۇقلار ئۇنىڭ تاۋارلىق ئالامىتىنى ئالغان بىلەن، ئامېرىكىلقلار ئالمىدى . ئامىرىكىلىقلار ئۇنى مەدەنىيەت خاسلىقى، مەنىۋى خاسلىق يېقىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭدىن بىزگە كەلگەن بىشارەت شۇكى، مەدەنىيەتنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن، باشقىلارنىڭ تېمىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سېنىڭ مەدەنىيىتىڭنى ئېلىش -ئالماسلىقىغا قاراپ بېقىشىڭ كېرەك. ئەگەر مەھسۇلاتقا ئايلانغان مەدەنىيەتتىكى روھنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرەپ كەتكەن بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۆينىڭ بىرەر بۇلىڭىدا قويۇپ قويغان ياخشى .

كىرىستىيان .جىن (ئامىرىكا) ئاپتورلىقىدىكى بۇ يازما ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 10-سانىدىن ئىمىن ئەھمىدىي ( شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ پىنسىيونىرى ) تەرجىمە قىلغان .

 

                                               مەنبە: مەدىنىيەت بىلوگىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1061 \ يوللانغان چېسلا: 2012-04-03
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: