wisal stuido
جۇڭگو «ئاقسۆڭەك»لىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى


جۇڭگو «ئاقسۆڭەك»لىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى

ئاپتورى: جېڭ يوڭنىيەن (سىنگاپور)
تەرجىمانلار: سەۋرىيار (پىچاندىن) ، نەپرەت 2009
 

ھەر قانداق جەمئىيەتتە «ئاقسۆڭەك» لەر توپى بار. بەزىدە، بۇ توپمۇ سەرخىلار توپى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئاقسۆڭەكلەر ۋە سەرخىللار توپى يەنە ئايرىلىدۇ، سەرخىللار كۆپىنچە ھاللاردا ھەر قايسى ساھەلەردىكى تالانتلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئاقسۆڭەكلەر كۆپىنچە ھاللاردا پۇلى ۋە ھوقۇقى بارلارنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، بىر جەمئىيەتنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بۇ توپنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، بىرلا ۋاقىتتا ھەم پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋەتكەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئومۇميۈزلۈك نامرات پرولېتارىيات سىنىپىدىن ناھايىتى تېزلا «ئاقسۆڭەكلەر» جەمئىيىتىگە ئۆزگەردى، يەنى جەمئىيەت ئاز قىسىم بايلار ۋە كۆپ قىسىم نامراتلارغا ئايرىلدى. باشقا جەمئىيەتلەردە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئامىل بولۇپلا قالماي. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئامىلى، يەنى «ئاقسۆڭەكلەر» نى ئۆلچەيدىغان ئۇنۋېرسال ئامىل. ئەمما جۇڭگودا، ئىجتىمائىي دەرىجىسى بايلىقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «ئاقسۆڭەكلەر» دېيىلگىنى پۇل ۋە ھوقۇقى بارلاردۇر. سېلىشتۇرما نۇقتىدىن جۇڭگو ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىغاندا، قىلچىمۇ ئەھمىيەتسىز ئىشمۇ ئەمەس. بىر ئاددىي ھەقىقەت شۇكى، بۈگۈنكى جۇڭگودا ھوقۇقدارلار قاتلىمى ۋە پۇقرالار قاتلىمى ئارىسىدا زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىك تولدى.
كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە، بولۇپمۇ دېموكراتىك بولمىغان جەمئىيەتتە، پۇل ۋە ھوقۇقى بارلار ھەمىشە ئاقسۆڭەك ھەم ھۆكۈمران قاتلام ھېسابلىنىدۇ. ئاۋام دېموكراتىيىسى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى، كۆپ قىسىم جەمئىيەتلەردە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان. ئاۋام دېموكراتىيىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى قانۇنلۇقلىقىنى ۋەيران قىلدى. بىراق، ئاۋام دېموكراتىيىسى ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنى چەتكە قاقمىدى، پەقەتلا ئاقسۆڭەكلەر تەبىئىي ھالدا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمايدىغان ۋە مونوپول قىلالمايدىغان بولدى، چوقۇم باشقا جەمئىيەت توپى بىلەن ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمان بولىدىغان بولدى ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىشىمۇ چوقۇم سىياسىي تەرتىپتىن ئۆتىشى كېرەك (مەسىلەن سايلام ياكى جەمئىيەت تونۇغان بۇرچ).


ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى قانداق قىلىپ ئۇزۇنغا سوزىلىدۇ؟

بۇ دېموكراتىيىدىن بۇرۇنقى دەۋردە كىشىلەر تەتقىق قىلغان مەسىلە. ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى بىر تىپىك مىسالى، ئۇلار بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئاماللارنى لايىھىلىگەن. مەسىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئادەتتە كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ياخشى ھۆكۈمدار قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەش ۋە مەشىقلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى مىسال بولالايدۇ. ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپىدە، ئاقسۆڭەكلەر بالىلىرى ھەمىشە جاپالىق نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، قورغاندىن چىقىپ جەمئىيەتنى چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاقسۆڭەكلەر بۇرۇنلا ھەمىشە سىياسىي ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ پېشۋالىرى بولۇپ كەلگەن، كىشىلەر كۆرگەن كۆپ قىسىم ئىنتايىن ئىلغار ئىدىيىلەر ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمىدا بارلىققا كەلگەن. بىراق، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشالايدىغان ئاقسۆڭەك نېمىلا بولمىسۇن ئاز ساندا، ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەبىئىي قانۇنلۇقلىقى يەنىلا بۇ قاتلامنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئەڭ ئاخىرىدا دېموكراتىيەگە ئورۇن بەردى. دېموكراتىيە ئاقسۆڭەكلەر سىياسىيسىدا بۇرۇلۇش ياسىدى، ئاقسۆڭەكلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى بىر قىسىم ئۈستۈنلىكىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرت، باشقا ھېچقانداق ئۈستۈنلىكى يوق، ئۇلار چوقۇم نامرات ئاممىغا ئوخشاش ئوخشاش سىياسىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك.
ئاسىيادا، ياپونىيە تىپىك ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى، ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرىگە ئوخشاش دېگۈدەك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. ياپونىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا بولغان تەلىپى ۋە مەشىقلەندۈرۈشى ياۋروپادىن كۆپ قاتتىق. ياپونىيە ئاقسۆڭەكلىرى تۇرىدىغان قورغاندا ئالاھىدەلايىھىلەنگەن «ئويلىنىش ئۆيى» بارلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بالىلىرى مۇبادا خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ قارالسا، «ئويلىنىش ئۆيى» كىرگۈزىلىدۇ، ئاز بولغاندا نەچچە كۈن، كۆپ بولغاندا نەچچە ھەپتە تۇرىدۇ، ئاساسلىقى ئاقسۆڭەك روھىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ. ياپونىيە بارلىققا كەلتۈرگەن داڭلىق «ساموراي روھى» مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرى يۇقىرى ئار-نومۇس تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇبادا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلسا ئۆزلىكىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق تۈزۈم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلسىمۇ، ياپونىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئوخشاشلا خارابلىشىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بىراق، ياپونىيەنىڭ سىياسىي تۇرمىشىدا، سىياسىي جەمەتلەر يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا، سىياسىي جەمەتلەر تۈزىمىدە ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر روھىنى تېپىش تەس ئەمەس.

ئەنئەنىۋى ئاقسۆڭەك ۋارىسلىق قىلسا بولمايدۇ
جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى قانداق؟ ئەنئەنىدە، جۇڭگونىڭ بىر قىسىم پادىشاھلىقلىرى نەچچە يۈز يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايتتى، بۇ ئىنتايىن قالتىس مۇۋەپپەقىيەت. بىر خانلىقنىڭ نەچچە يۈز يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرمىقى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. پادىشاھلىق قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ؟ تارىخشۇناس چىيەنمۇ (钱穆) ئەپەندى ناھايىتى مۇھىم ئىككى تۈزۈم شەرتىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بىرىنچى، جۇڭگونىڭ ئاقسۆڭەكلىرى ۋارىسلىق قىلسا بولمايدۇ، يەنى گەرچە ھەر بىر پادىشاھلىقتا ئاقسۆڭەك بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۆڭەك ۋارىسلىق قىلسا بولمايدۇ:«چىن، خەن دەۋرىدىن كېيىن، فېئوداللىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. پەقەت خان جەمەتىلا ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ، پادىشاھ تەختىنى ئوغلىغا بەرگەندىن سىرت، ھۆكۈمەتتە ئوخشاش ۋارىسلىق قىلسا بولىدىغان ئىككىنچى ئەمەل، ئىككىنچى ئائىلە يوق. ۋەزىر ئورنىنى ئوغلىغا قالدۇرۇپ قويسا بولمايدۇ، ناھىيە ھاكىمى ئەمىلىنى ئوغلىغا بەرسە بولمايدۇ.
ئەمما، خان جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق تۈزۈمى ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. پادىشاھلىق دەۋرىدە، جۇڭگومۇ ۋارىسلارنى تەربىيلەيدىغان نۇرغۇن تۈزۈملەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. مەسىلەن، پادىشاھ كۆپلىگەن ئوغۇللىرىنى رىقابەتلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەر خىل مەشىقلەرگە سالىدۇ، كۆپىنچىسى جاپا تارتىدىغان ئىشلار. خان جەمەتىنىڭ ئۇستازىنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ، ئۇ تەن جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىللەردە كەلگۈسى پادىشاھنى تەربىيلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تۈزۈملەر ئىنتايىن مۇھىم ،ئاساسلىقى پادىشاھنىڭ ئىقتىدارى، ھوقۇقى ۋە مەسئولىيىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئويلاشقان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھوقۇق چوقۇم ئىقتىدار بىلەن ماس كېلىشى كېرەك، ھوقۇق چوقۇم مەسئۇلىيەتكە ماس كېلىشى كېرەك، لېكىن مەسئۇلىيەت بىلەن ئىقتىدارمۇ ئۆز ئارا ماس كېلىشى كېرەك. ئەگەر ھەر قانداق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سىممېتىرىكسىزلىك كۆرۈلسە چوڭ چاتاق چىقىدۇ. ئادەتتە پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئەمما ھەر بىر پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چوڭ دېگەنلىك ئەمەس، بۇ ئاساسلىقى شۇ پادىشاھنىڭ ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ پادىشاھنىڭ مەسئولىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، لېكىن بارلىق پادىشاھنىڭ ھەممىسلا بۇ خىل مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ، ئوخشاشلا بۇمۇ ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىقتىدارى ئاجىز پادىشاھ ، مەسىلەن لىيۇ ئادوۋنىڭ تەلىيى ياخشى بولۇپ، ساداقەتمەن جۇ گېلىياڭ بار، شۇڭا چاتاق چىقمىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، پادىشاھمۇ ئوخشاشلا «قورچاق» قا ئايلىنىپ قېلىشى، ھەتتا مەھبۇسقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى تۈزۈم شەرتى خان جەمەتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىۋېتىلىشى. چىيەن مۇ بىزگە:«تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش بويىچە قارىغاندا، جوڭگولۇقلار ئەزەلدىنلا خان جەمەتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پەرقى بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، ھەم ھەقىقەتەن مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئىلگىرلىگەن. خان جەمەتى دۆلەتنىڭ بىردىن بىر داھىيسى، ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەت خان جەمەتىنىڭ قولىدا ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەتتە بولىدۇ. ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ۋەزىر. پادىشاھ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇپ ،دۆلەت بىرلىكىنىڭ سىموۋۇلى؛ ۋەزىر بولسا ھۆكۈمەتنىڭ داھىيسى بولۇپ، سىياسى جەھەتتىكى بارلىق ئەمەلىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ھوقۇقى بىلەن ۋەزىرلەرنىڭ ھوقۇقى ئايرىۋېتىلگەن، مانا بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى چوڭ تېما» دېگەن.
بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، بىر سۇلالىنىڭ نەچچە يۈز يىل داۋاملىشىشىدا، ۋەزىر ھوقۇقى ھەمدە ئۇ يۆلەپ تۇرغان بيۇروكرات قۇرۇلما ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. بۈگۈنكى سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، دەل مەمۇرلار قوشۇنى ياكى بيۇروكرات سىستېما ئىنتايىن مۇھىم. ئەنئەنىۋى جۇڭگودا، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى مونوپول قىلىنغان، لېكىن ۋەزىر ھوقۇقى يەنى بيۇروكرات ھوقۇق ئېچىۋېتىلگەن، ھوقۇق يەنى كەڭ خەلق ئاممىسى، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىجتىمائىي سەرخىللارغا ئېچىۋېتىلگەن. خەن سۇلالىسى تەۋسىيە قىلىش تۈزىمىنى يولغا قويغان، لېكىن كېيىن بىكار قىلىندى. ئاساسلىق سەۋەبى تەۋسىيە قىلغۇچىلار دائىم شەخسىي غەزەردە بولۇپ. ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى، ئۇرۇق- تۇغقان ،دوست -بۇرادەرلىرىنى كۆرسەتكەن. كېيىن بىر قەدەر ئادىل بولغان ئىمتىھان تۈزۈمىگە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگونىڭ ئەمەلدارلىق ئورنى ۋارىسلىق قىلىنمايدۇ، ۋارىسلىق قىلىنماسلىقنىڭ ئۆزى پۇرسەت يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنىتلىرىمۇ جەمىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش ئىمتىھاندىن ئۆتىشى كېرەك. بۇ بىر يېڭى باشلىنىش. بيۇروكرات سىستېمىنىڭ ئېچىۋېتىلىشچانلىقى ئۈنۈملۈك ھالدا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق ھوقۇق سىستېمىسىغا كىرىش پۇرسىتى بار. مانا بۇ بارلىق تۈزۈملەر ھازىر كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىكەرنى ئىشقا قويىدىغان سەرخىللار تۈزۈمىدۇر.

بۈگۈنكى «ئاقسۆڭەك»لەر تەبىقىسىنىڭ كەلگۈسى خەتەرگە تولدى
بۈگۈنكى جۇڭگودىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قايتىپ كەلسەك، مەيلى خەلقئارالىق تەجرىبە ياكى جۇڭگو تارىخى ئەنئەنىسىدىن قارىغاندا بولسۇن، بۇ قاتلام بىنورمال بىر دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن مۇجمەل، ھەتتا خەتەرگە تولغان. نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز ؟
ئالدى بىلەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، جۇڭگونىڭ «ئاقسۆڭەكلىرى» پەقەت ئىقتىساد ۋە ھوقۇق مەنىسىدە، مۇھىمى «ئاقسۆڭەك» دېگەن سۆزدە، لېكىن «ئاقسۆڭەك» پەقەتلا ئىقتىساد، پۇل مەنىسىدە. بايلىق توپلاش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. ھېچبولمىغاندا تا ھازىرغىچە، كىشىلەر جۇڭگو ئاقسۆڭەكلىرىدىن «ئاقسۆڭەك روھى» غا دائىر ھېچقانداق نەرسىنى بايقىمىدى. مەسىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھېسداشلىق ھېسىياتى، جاپاغا چىداش، ۋە ئالغا ئىنتىلىش ئىدىيىسى دېگەندەك. ئەكسىچە، مەيلى ھوقۇق ياكى بايلىققا ئېرىشىشتە بولسۇن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قىلچە ئەخلاقى يوق، ھوقۇق ۋە بايلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بوپ قالدى. كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە ئاق سۆڭەكلەر گەرچە ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدا بولسىمۇ، ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھېچقانداق قانۇنلۇقلىقى يوق..
ئىككىنچى، جۇڭگو ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قابىلىيىتى يوق، ئىگە بولغان ھوقۇق، ئىقتىدار ۋە مەسئولىيەت ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىدە سىممىتېرىكسىزلىك مەۋجۇت. جۇڭگونىڭ «ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى» بۇ مەسىلىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاتالمىش «ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى» ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ. شارائىت ئەۋزەللىكى ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق بىر ئالاھىدىلىكى، ئاتا–ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنى بۇ مەكتەپلەرگە بېرىشىدىكى مەقسىتى ئاساسلىقى بالىلىرىنىڭ جاپا تارتماسلىقى ئۈچۈندۇر. يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىنىڭ مەقسىتى ئۆزىنى جەمىيەتتىكى ئادەتتىكى مەكتەپلەردىن پەرىقلەندۈرۈشتۇر. شۇڭا، رېئال جەمئىيەت بىلەن ئايرىۋېتىشمۇ ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. بۇنداق ئەھۋالدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ تولىمۇ ئاددى، ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقىقىي جەمئىيەتنىڭ قانداقلىقىنى قەتئىي چۈشەنمەيدۇ. بۇمۇ ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىدىن چىققان ئۇقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئالى مەسىلە. مەيلى يەرلىك ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسۇن ياكى چەتئەللەردە ئوقۇسۇن، ئۇلار ھامان رېئال جەمئىيەتكە قانداق سىڭىپ كىرىش قېيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ .
ئۈچىنچى، جۇڭگودا خېلى ئومۇميۈزلۈك بولغان «ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خىزمەتكە قويۇش» كۆرۈلدى. «ئىككىنچى ئەۋلاد ئەمەلدارلار »دەل بۇ ھادىسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. مەيلى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ياكى دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار بولسۇن، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ھوقۇق تورىنىڭ تەسىرىگە بارغانسېرى ئۇچراۋاتىدۇ. ھوقۇق تورى ئىچىدىكى كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ھوقۇق تورىدىن نىسبەتەن يىراق كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى نامرات پۇقرالار مەيلى قانچىلىك مۇنەۋۋەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھوقۇق سىستېمىسىغا كىرىش پۇرسىتى بارغانسېرى قالمايۋاتىدۇ. يەنى جۇڭگودىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق قاتلام (ياكى ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى) بارغانسېرى بېكىنمىلىشىۋاتىدۇ، قورغانلىشىۋاتىدۇ، ئۆزلىرى ھوقۇق قورغىنىغا كىرگەندىن كېيىن قورغان دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ كىرىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ .
تۆتىنچى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگومۇ ئاۋام دېموكراتىيىلىشىش دەۋرىگە دۇچ كەلدى. ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە قانۇنلۇققا ئىگە ئەمەس. ئەنئەنىدە، جۇڭگولۇقلارمۇ سىياسىي باراۋەرلىك قارىشىغا ئىگە، چېن شىڭ، ۋۇ گۇاڭلارنىڭ «خان پادىشاھلار ئەجىبا تۇغۇلغاندىلا ھوقوقدار بولغانمۇ؟» دېگەن روھدۇر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ روھ داۋاملىشىپلا قالماي، ئۇچۇر تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىلەن كۈچەيدى. بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان «ئەمەلدارلاردىن نەپرەتلىنىش» ھادىسىسىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا، ئاقسۆڭەكلەر سېپىل ياسىيالىغان تەقدىردىمۇ، ئەمما سېپىلنى قانچە قېلىن سالسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەگەر پۇقرالار سېپىلنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلسا، سېپىلنى قورشاش ھامان بولىدىغان ئىش.
جۇڭگونىڭ ئاقسۆڭەكلەر مەسىلىسى قاياققا كېتىپ بارىدۇ؟ باشقا بارلىق جەمئىيەتلەرگە ئوخشاش، ئالاھىدە ئىمتىياز سىياسىيسىنى ئىسلاھ قىلىش بىردىنبىر چىقىش يولى. ئالاھىدە ئىمتىياز سىياسىيسىنى ئىسلاھ قىلىش دەل سىياسىينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، ئاۋاملاشتۇرۇشتۇر. دېموكراتىيەلەشكەندىن كېيىن يەنىلا ئاقسۆڭەكلەر بولىدۇ، ئەمما ئۇ چاغدا ئاقسۆڭەكلەر ئاۋاملاشتۇرۇش ئاساسىدىكى يېڭى تىپتىكى ئاقسۆڭەكلەردۇر، يەنى ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت بولۇپ، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاقسۆڭەك بولىدىغان جەمئىيەت. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆزىگە ھەم جەمئىيەتكە پايدىلىق. ئەگەر بۇ خىل ئۆزگىرىش بولمىسا، ئاقسۆڭەكلەر ۋە پۇقرالار ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىركىشىش ھالىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىلا تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بوپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گەرچە بۈگۈنكى ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە كىشىلەرنى ئەزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەتە بۇ توپ دەۋر سۈرەلمەسلىكى، ھەتتا خەلقنىڭ مەھبۇسلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: ئوكيان تورى؛ ئاپتورى جېڭ يوڭنىيەن سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتى شەرىقى ئاسىيا بۆلىمىنىڭ باشلىقى.
 

                                                                  .مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى


كۆرۈلۈشى: 710 \ يوللانغان چېسلا: 2013-11-26
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: