wisal stuido
ماۋ زېدۇڭ بىلەن خروششېۋنىڭ بىر قېتىملىق تالاش - تارتىشى

ماۋ زېدۇڭ بىلەن خروششېۋنىڭ بىر قېتىملىق تالاش - تارتىشى
 

سابىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى فېدرىن بۇرۇن جۇڭگودا خىزمەت قىلغان . 1958 - يىلى ئۇ خروششېۋ باشچىلىقىدىكى پارتىيە - ھۆكۆمەت ۋەكىللەر ئومىكى بىلەن بىرگە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ، ماۋ زېدۇڭ بىلەن خروششېۋ سۆھبەت قىلغاندا تەرجىمانلىق قىلغان . "شياڭگاڭ "مىڭباۋ ئايلىق ژۇرنىلى" نىڭ مۇسكۋادا تۇرۇشلۇق ئالىي دەرىجىلىك مۇخبىرى زو جېنگۇەن فېدرىننى زىيارەت قىلغاندىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئاساسەن رەتلەنگەن .
1958 - يىلى يازنىڭ تىنجىق كۈنلىرى مەن خروششېۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئومىكى بىلەن بىرگە جۇڭگونى زىيارەت قىلدىم . ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەندە بىز جۇڭنەنخەيگە بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭنى زىيارەت قىلدۇق . بۇ قېتىمقى زىيارەت كىشىنى ئانچە خوشال قىلمىدى . بىز ماۋ زېدۇڭنىڭ مېھمانخانىسىدىكى كرېسلودا ئولتۇردۇق . كەيپىيات سالقىن بولدى . بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەشكەندىن كېيىنلا خروششېۋ رەسمى تېمىغا كۆچتى . ئۇ سوۋېت - جۇڭگو ئورتاق دۈچ كېلىۋاتقان سىياسى ۋەزىپە ئۈستىدى توختالدى . خەلقارا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ سۆزلىدى ھەمدە ئاتوم دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تارىخى شارائىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئالغان مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
ماۋ زېدۇڭ ئاتوم ئۇرۇشى خەۋىپى مەسىلىسىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى :
_ بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاتوم بومبىسى ئىنتايىن مۇھىم ، بىراق ھازىر بىزدە ئاتوم بومبىسى يوق .
_ سىلەر ئاتوم بومبىسىنى نىمە قىلىسىلەر ؟ - دېدى خروششېۋ ، _ ئاتوم بومبىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بار ، ئۇ جۇڭگونى قوغدىيالايدۇ . بىز ئىمزالىغان سوۋېت _ جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسىدا شۇنداق بەلگىلىمە بارغۇ ؟
_ رەھمەت ! _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ جۇڭگو مۇستەقىل چوڭ دۆلەت ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاتوم قۇرالى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك . ئەگەر دۆلىتىڭلار ئاتوم بومبىسى بېرىشنى خالىمىسا ئاتوم بومبىسى ياساشقا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرەلەرمۇ ؟
_ ئاتوم بومبىسى بەك قىممەت توختايدۇ ، _ دېدى خروششېۋ ، _ ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاتوم بومبىسى ياسىساڭلار جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان توكنىڭ زور قىسمى كېتىپ قالىدۇ .
_ ئۇنداق بولسا مەيلى ، بىز ئۆز ئىقتىدارىمىز ئارقىلىق ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ قەغەز يولۋاسقا تاقابىل يۇرالايمىز ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ .
_ بىراق ، _ دېدى خروششېۋ ، _ ئۇ " قەغەز يولۋاس" نىڭ ئاتوم بومبىسىدىن ئىبارەت "چىشى" بارلىقىنى ئۈنتۈپ قالماسلىق كېرەك .
شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ، تېما داۋاملىق تەنپەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا يۆتكىلىپ تۇردى .
_ سىز تاماكىمۇ چەكمەيدىكەنسىز ، كۆك چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز ، - دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ مەن ئۇنىڭ ئەكسىچە ، چايخۇمار بولۇپلا قالماي ، شاما چايناشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، _ ماۋ زېدۇڭ ئىستاكاندىكى شامىنى ئېلىپ مەززە قىلىپ چايناپ يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، _ ياۋروپالىقلارغا جۇڭگونىڭ ھەممە نىمىسى يېڭىلىق تۇيۇلىدىكەن . مەسىلەن ، بىزنىڭ گورۈچ تامىقى يېيىشىمىز . بىراق ياۋروپالىقلار بولكا يەيدۇ ، بىزمۇ ئۇن تامىقى يەيمىز . ئۆتكەن يىلى مەملىكىتىمىزدە ئاشلىقتىن ناھايىتى ياخشى ھوسۇل ئالدۇق . ھازىر نۇرغۇن ئېشىنچە بۇغدىيىمىز بار ، بۇنى قانداق قىلىشىمىزنى ئۇقمايۋاتىمىز ، سىزنىڭ بىرەر تەكلىپىڭىز بارمۇ يە ؟
_ راستىنى ئېيتقاندا ، بىزنىڭ ئاشلىقىمىز ئەزەلدىن يېتىشمەيدۇ ، شۇڭا سىزگە بىرەر تەكلىپ بېرەلمەيمەن ، _ دېدى خروششېۋ .
ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاشلىقنىڭ جىددىلىكىنى ئەلۋەتتە بىلەتتى . ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مەقسەتلىك ئىدى . ئەمما ، ئۇ ئارزۇ قىلغان جاۋابقا ئېرىشەلمىدى . قارشى تەرەپنىڭ جاۋابى دېپلوماتىيىدە داۋاملىق ئۇچىراپ تۇرىدىغان مۇجىمەل جاۋاب ئىدى . شۇ قېتىملىق تەنپەننىڭ ئاساسلىق بىر تېمىسى ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى بولدى .
_ سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا چىقارغان ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى بىزنىڭچە ئانچە توغرا بولمىدى ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ .
_ پارتىيىمىز ۋە خەلقىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قارار شەكسىز توغرا ، _ دېدى خروششېۋ .
_ ئەلۋەتتە ، سىلەر ئۈزەڭلارنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى ، ئۆز دۆلىتىڭلار ۋە پارتىيەڭلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئۈزەڭلار بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ بىراق ، ستالىن خەلقئارادىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلەر ( جۇڭگو ئىنقىلابىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ داھىسى . بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ . بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ ياخشىسى بىر تەرەپلىمە ھالدا ھەل قىلماي ، خەلقارادىكى تەسىرىنى ئويلاش كېرەك ، دېگەن قاراشتا .
_ ستالىن بىلەن ستالىنىزىم ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ھادىسە ، _ دېدى خروششېۋ ، _ ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسى ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆرۈلگەن ئىكەن ، بۇنىڭ مەسئولىيىتىنى بىز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك .
_ ستالىنىزىم خېلى بۇرۇنلا خەلقارا مەسىلە بولۇپ قالدى ، _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ئۇنى پەقەت بىرلا دۆلەتنىڭ ئىشى دېسەك توغرا بولارمۇ ؟
_ پەقەت بىزلا دېدى خروششېۋ ، _ يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىلا ستالىنغا خوراپىيلارچە چوقۇنۇش مەسىلىسىگە باھا بېرەلەيمىز .
_ ستالىننى ئەيىپلەش توغرىسىدىكى قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى بەك سۇبيېكتىپلىق بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ؟ _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ئۇنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتى جەريانىدىكى تۆھپىسىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك ئىدى ، ئۇنىڭغا سەل قارىساق ۋە ئۇنى ئىنكار قىلساق بولامدۇ ؟
_ سىز ستالىننىڭ غايەت زۇور تۆھپىسىنى تېلغا ئالدىڭىز ، _ دېدى خروششېۋ ، _ بىراق پارتىيىنىڭ ۋە خەلقنىڭ قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك . ئۇنىڭ مىليۇنلىغان بىگۇنا كىشىلەرنى قىرغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى ۋە ئەپۇ قىلغىلى بولارمۇ ؟
_ مىنىڭ دېگەنلىرىم بۇ مەسىلە ئەمەس _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ ستالىن بۇ مەسىلىدە توغرا قىلدى دېگەن ئادەم يوق ، بۇلار سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار . بۇ يەردىكى مەسىلە _ ستالىن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھۈرمەتلىنىۋاتىدۇ . ئۇ ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۈلگىسى . بىز ئۇنىڭ تەلىماتىغا ۋە تەجرىبىسىگە ئىشىنىمىز ، ئەمما بۇلار پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلماقچى بولۇۋاتىدۇ . بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك . مۇنداق قىلساق بىر قانچە ئون يىل جاپا - مۇشەققەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئابرويى ۋە ئېتقادىنى يوقۇتۇپ قويىمىز . . .
_ ئېتقاد ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق ، خاتا ، _ دېدى خروششېۋ ، _ بىز ھەممىنى راستچىللىق بىلەن دېيىشىمىز ، يالغان نەرسىلەرنى پاش قىلىشىمىز ، بۇ بىزگە قانچىلىك ئازاب ئېلىپ كەلسىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز لازىم .
_ بىز ئازابنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمىز _ دېدى ماۋ زېدۇڭ ، _ بىزنىڭ پۈتكۈل كۆرىشىمىزنىڭ ئۆزى ئازاب ، پەقەت ئاچچىق دورىلا كېسەلنى داۋالىيالايدۇ . سىلەرنىڭ تەنقىد قىلغىنىڭلار ستالىننىڭ خاتالىقى ئەمەس ، بەلكى ستالىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرمايلا ، مەيلى توغرا بولسۇن ، مەيلى خاتا بولسۇن ھەممىسىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش . سىلەر ئۇنىڭ تۆھپىسىگە ئوبيېكتىپ باھا بەرمىدىڭلار . سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 12_ قۇرۇلتىيى ۋەزىيەتنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى . مۇنداق كېتىۋەرسە ، پارتىيىلىرىمىز مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال رېۋاجلىنىشى مۇمكىن ئەمەس .
ماۋ زېدۇڭنىڭ مۇنداق تېز بۇرۇلىشى خروششېۋنىڭ بېشىغا بىر چىلەك سوغاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك تەسىر قىلدى ، ئۇ سەل جىمىپ كېتىپ :
_ بۇنداق دىيىش تولىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بولۇپ كەتتىمۇ - قانداق ؟ دېدى .
- ئەدەبىي تەرجىمىلەر » دىن ئېلىندى-

                                                                  مەنبە: دوستلۇق بىلوگىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1101 \ يوللانغان چېسلا: 2012-04-05
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: