wisal stuido
خەن خەن زادى قانداق يازغۇچى؟ _ جۇڭگولۇقنى قامچىلىغان جۇڭگولۇق

 خەن خەن زادى قانداق يازغۇچى؟
 

 خەنزۇچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان، جۇڭگو تور ئەدەبىياتىدىن خەۋەردار تورداشلار خەن خەن، گو جىڭمىڭ دېگەن ياش، ئاۋانگارت يازغۇچىلارنى ئوبدان بىلسە كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە خەن خەن 1999-يىلى بىرىنچى قېتىملىق «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىقى مۇسابىقىسى» دە چېمپيۇن بولغان؛ گو جىڭمىڭ 2001-، 2002-يىلى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپيۇن بولغان. كېيىن گو جىڭمىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە خاس تېمىلاردا ئىزدىنىپ «خىيالىي شەھەر» دېگەن رومانى بىلەن تونۇلغان، خەن خەن رېئاللىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ «ئۈچ ئىشىك» دېگەن رومانى، جەمئىيەتتىكى ئىشلار توغرۇلۇق يازغان ئۆتكۈر ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان، خەن خەننىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈچلۈكرەك. چۈنكى ئۇ كېيىنكى يىللاردا شىنلاڭ تورىدا ئاچقان بلوگىغا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزگىچە تەپەككۇرى، ئۆزىگە خاس قەلەم قۇۋۋىتى بىلەن تور ئابونتلىرىنى جەلپ قىلىپ، شىنلاڭ تورىدا (ماقالە تۈرى بويىچە) ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ بلوگگېرغا ئايلانغان. ھازىر ئۇنىڭ بلوگىنىڭ زىيارەت سانى 530 مىليونغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ.
 

ئۇ تور قامۇسىدا مۇنداق تونۇشتۇرۇلۇپتۇ: خەن خەن، 1982-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان، شاڭخەيلىك، 80-يىللاردىكى كېيىنكى ئاۋانگارت يازغۇچىلاردىن بىرى، ماشىنا ھەيدەش ماھىرى، مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ باققان. «ئۈچ ئىشىك»، «1988: مەن بۇ دۇنيا بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام دەيمەن» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ بلوگى جۇڭگودا كۈچلۈك دىققەتكە سازاۋەر، ئوقۇرمەنلىرى كۆپ. ئۇ ماشىنا ھەيدەش مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم چېمپيون بولغان. «18 ياش چەكلىمىسى» دېگەن مۇزىكا ئەسىرى بار. ئۇ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا «دېپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ” دۇنيادىكى 100 مۇتەپەككۇر» تىزىملىكىدە 86-بولۇپ باھالانغان.
 

ئەمدى، رەسمىي گەپكە كەلسەك، خەن خەن يېڭى يىل ھارپىسىدا «ئىنقىلاپ ھەققىدە»، «دېموكراتىيە ھەققىدە»، «ئەركىنلىك كېرەك» دېگەن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىۋەتتى، توردىكى ئىنكاسلارمۇ ئاجايىپ قىززىپ كەتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ «جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، دېموكراتىيەگە ماس كەلمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن گۇمانلاندى، بەزىلەر توغرا دېيىشتى، ۋاھاكازا، ئىشقىلىپ تولا گەپلەر بولدى. بۇ غولغۇلىنىڭ ئايىغى بېسىقماي تۇرىۋىدى، ئۆتكەن ھەپتە شىنلاڭ تورىدا مەي تيەن ئىسىملىك بىر بلوگگېر چىقىپ، «خەن خەن پەقەت ئۇستا تەنھەرىكەتچى، ئۇستا شوپۇر، ئۇنىڭ ماقالە يېزىپ داڭ قازىنىشى تامامەن يالغان، ”خەن خەن“ دېگەن ئىسىم ئۇنىڭ دادىسى خەن رېنجۈننىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى، دادىسى 78-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئادەم بولغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئوغلىنى ئۆزىنىڭ ئىز باسارى قىلىپ تەربىيىلىگەن، ئوغلىغا ئۆز تەخەللۇسىنى ئىسىم قىلىپ قويغان، ئاندىن ئوغلىنى يېزىقچىلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ، مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن پايدىلىنىپ بىرىنچى قىلغان؛ كېيىن ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنى تىللايدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ داڭ چىقارغان. كېيىن بەزى كۆتۈرمىكەشلەر خەن خەننىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەت ياراتقان. بۇ دەۋرىمىزدە ھەر قانداق ساختىلىقنىڭ كەينىدە گۇپپاڭچىلار قوشۇنى بار » دەپ ماقالە يېزىپ، دەھشەت غولغولا قوزغىۋەتتى. خەن خەن ئۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇپ « ماقالىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەن يازغان، ئەگەر كىمكى ماڭا ۋاكالىتەن بىر نەرسە يېزىپ بەرگۈچى شەخس ياكى كوللېكتىپنى تاپالىسا ئۇنىڭغا 20 مىليون مۇكاپات بېرىمەن» دەپ ئېلان قىلدى. خەن خەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق ئارتىس فەن بىڭ بىڭ مىكرو بىلوگىدا « مەن يەنە 20 مىليون قوشىمەن» دەپ ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك غەلۋە-غوغا پەيدا بولدى، قىززىق نۇقتا ئوت بولۇپ كۆيدى. توردىكى ئىنكاس ۋە ئەل رايىنى سىناشتىن قارىغاندا 80 پىرسەنت ئادەم خەن خەننى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. 10 پىرسەنت ئادەم مەي تيەننىڭ گۇمانلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار، دەپتۇ. يەنە 10 پىرسەنت ئادەم ”ئۇققىلى بولمايدۇ“ دەپتۇ. ئىش تازا چىڭىغا چىققاندا، مەي تيەن ئاخىر خەن خەندىن ئەپۇ سوراپ، ئۆزىنىڭ بەزى گۇمانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، پاكىتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەن ئالدى، خەن خەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىككە قىزغىنلىق بىلەن چاغانلىق سالام يوللاپ تۇرىۋىدى، فاڭ جوزى دەپ يەنە بىرسى چىقىپ، ”ئالدىراپ كېرىلىپ كەتمە، گۇمانلىق يەرلىرىڭ خېلى بار“ دەپ يەنە بىر نەرسىلەرنى يازدى، بۈگۈن قارىسام خەن خەن ”ئويدۇرما فاڭ جوزى“ دەپ ماقالە يېزىپ، ئۇنىڭغىمۇ يېتەرلىك رەددىيە بېرىپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويۇپتۇ.

قىزىققۇچىلار خەن خەننىڭ شىنلاڭ بلوگىغا كىرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:

http://blog.sina.com.cn/twocold
 

خەن خەننىڭ «خەن فېڭ ياخشى كادىر»، «دېموكراتىيە ھەققىدە» دېگەندەك، جەمئىيەتتە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان، مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كۆرگەن ماقالىلىرى كۆپ، ”خەن خەن يازغۇچى ئەمەس“ دېگەن مەي تيەن تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ تۈزۈك تۈگەتمىگەن بىر شۇمنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن شان-شۆھرەتلىرىدىن گۇمانلىنىپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. خەن خەننىڭ ماقالىلىرىنىڭ زادى قانداق سېھرى كۈچى بار؟ تەپەككۇرىدە نېمە ئۆزگىچىلىكى بار؟ پىكىرلىرى قانچىلىك ئۆتكۈر؟ بۇلارنى ئۇنىڭ نادىر ماقالىلىرىنى ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇمىغىچە بىلگىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ يېقىندا يازغان، يۇقىرىقى مۇنازىرىلەرنىڭ باشلىنىشىغا مەلۇم جەھەتتىن سەۋەب بولغان ئۈچ ماقالىسى )韩三篇(نى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. بۇلار ئارقىلىق بۇ مەشھۇر بلوگگېرنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكتېرى، تەپەككۇر ئالاھىدىلىكى ۋە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئاز-تولا چۈشىنىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
 

ئىنقىلاپ ھەققىدە

يېقىندا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە قاراپ باقسام ئىنقىلاپ ۋە ئىسلاھات دېگەن بۇ ئىككى سۆز كۆپ تىلغا ئېلىنىپتۇ. ئادەتتە تاراتقۇلارمۇ بۇ مەسىلىلەرنى سوراشقا خۇشتار، ئەمما پەقەت سوراپ قويۇش، جاۋاب بېرىش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ ھەم بۇ گەپلەرنى گېزىتلارنىڭ باش بېتىدە كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە نېمىلا يازمايلى كۆپ قىسمى ئاقمايدىغان گەپ. ئەمما ئوقۇرمەنلىرىمگە يازغان بۇ يېڭى يىللىق جاۋاب خەتتە مەن ئوقۇرمەنلەر بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىنى يىغىنچاقلاپ، ئىنقىلاپ دېگەن بۇ مەسىلىدە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ رەتلەپ باقتىم.
 

سوئال: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا ئاممىۋى ۋەقەلەر كۆپ چىقىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە جۇڭگو بىر مەيدان ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟

جاۋاب: جەمئىيەت تەركىپى مۇرەككەپ بىر دۆلەتتە، بولۇپمۇ شەرقىي ئەللەردە ئىنقىلاپتا ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدىغىنى تاش يۈرەك زوراۋانلار. ئىنقىلاپ ئاڭلىماققا قالتىس، دەرھال نەتىجە بېرىدىغان ئىشتەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى جۇڭگودا ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى ناتايىن. ئاۋۋال، ئىنقىلاپ دېگەننىڭ تەلىپى بولىدۇ، بۇ تەلەپ كۆپ ھاللاردا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن باشلىنىدۇ. ئەمما بۇ تەلەپ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ”ئەركىنلىك“ ياكى ”ئادالەت“نىڭ بازىرى يوق، چۈنكى سىز كوچىغا چىقىپ نۇرغۇن ئادەمدىن ”سىز ئەركىن-ئازادىمۇ؟“ دەپ سوراپ بېقىڭ، ئەدەبىيات سەنئەت ياكى ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئەركىن دەيدۇ. ئۇلاردىن يەنە ”سىلەرگە ئادالەت كېرەكمۇ؟ “ دەپ سوراپ بېقىڭ، ئۇلار ئۆزلىرى بىرەر ناھەقچىلىققا ئۇچرىمىغانلا بولسا بولدى، ئادالەتنىڭ كېرىكى يوق. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دائىم ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ تۇرمىغاچقا، ئۇلار ئەركىنلىك ۋە ئادالەتكە ئورتاق ئىنتىلمەيدۇ. جۇڭگودا بۇنداق ئورتاق تەلەپنى تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە، ئىنقىلاپ كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مۇمكىنمۇ، مۇمكىن ئەمەسمۇ مەسىلىسى. مېنىڭچە ئىنقىلاپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس ھەم ھاجەتسىز. ئەگەر ”جۇڭگو چوڭ ئىسلاھاتقا مۇھتاجمۇ“ دېسىڭىز، مەن ”ئەلۋەتتە“ دەپ جاۋاب بېرىمەن.
 

سوئال: سىز نېمىشقا بىر مەيدان قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلمايسىز؟

جاۋاب: چاقچاق قىلماڭ، مەن ئىنقىلاپنى قوللايمەن دېگەن تەقدىردىمۇ، شۇنداقلا شاڭخەيدە مەلۇم كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرسەم ھۆكۈمەت ئاۋۋال تور بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىلا ئۈزۈۋەتسە، مۇقىملىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى ئىشقا سالمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى QQدا پاراڭلىشالماي، تور ئويۇنى ئوينىيالماي ياكى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرەلمەي غەزەبلەنگەن ئامما بىزنى يوق قىلىۋېتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. سىز مىكرو بىلوگ ئارقىلىق مېنى قوللايمەن دېمەڭ، مىكرو بىلوگىڭىزغا ئۈچ كۈن كىرەلمىسىڭىزلا ماڭا ئۆچ بولۇپ كېتىسىز.
 

سوئال: ئۇنداقتا جۇڭگوغا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك كېرەك ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. زىيالىيلار دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىكنى دائىم بىر-بىرىگە باغلىۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇقرالارغا نىسبەتەن، دېموكراتىيە كۆپ ھاللاردا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن پۇقرانىڭ نەزەرىدە ئەركىنلىك نەشرىياتچىلىق، ئاخبارات، ئەدەبىيات-سەنئەت، جامائەت پىكىرى، سايلام، سىياسىي دېگەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاممىۋى ئەخلاقتىكى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت. مەسىلەن ئېيتايلۇق، ھېچقانداق مۇناسىۋەت دائىرىسى يوق ئادەممۇ ئەركىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلالايدۇ، يولدىن ئۆتەلەيدۇ؛ ئازراق مۇناسىۋەت دائىرىسى بار ئادەم قائىدىگە خىلاپلىق قىلالايدۇ، قانۇن يوچۇقلىرىدىن بىمالال پايدىلىنالايدۇ، خالىغانچە ئەسكىلىك قىلالايدۇ؛ شۇڭا دېموكراتىيە كۆڭۈلدىكىدەك بولسا جەمئىيەتنى گۈللەندۈرىدۇ، قانۇن-تۈزۈمنى ياخشىلايدۇ. ساۋاتسىز كىشىلەرگە كۆرە بۇنداق دېموكراتىيە سەل ئېغىر تۇيۇلۇشى مۇمكىن، خۇددى جۇڭگولۇقلار ياۋروپا، ئامېرىكىغا بارسا كۆنەلمىگەندەك. شۇڭا دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىكنى بىر-بىرىگە چېتىۋالماسلىق كېرەك، مېنىڭچە جۇڭگولۇقلار ئەركىنلىككە ئۆزلىرىگە خاس ئېنىقلىما بېرىپ بولغان، يەنى ئەركىنلىك بۇ دۆلەتتە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.
 

سوئال: مېنىڭچە جۇڭگونىڭ كېسىلى بەك ئېغىر، ئىسلاھات كارغا كەلمەيدۇ، پەقەت بىر مەيدان ئىنقىلاپ ئارقىلىقلا جەمئىيەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

جاۋاب: بىز ئىنقىلاپ باستۇرۇشقا ئۇچرىمايدۇ دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى، بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بوپتۇ، بىز بىر ئىنقىلاپنى خىيال قىلىپ باقايلى، ناۋادا ئىنقىلاپ تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا باسقۇچقا كەلسە ئوقۇغۇچىلار، ئامما، جەمئىيەت سەركىلىرى، زىيالىيلار، دېھقانلار، ئىشچىلار چوقۇم بىرلىككە كېلەلمەيدۇ. بىز دائىم كەمبەغەللەردىن ئىبارەت بۇ جامائەتنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز، بۇلار تەخمىنەن 250 مىليون ئەتراپىدا. سىز ئادەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دىققەت قىلمايسىز، چۈنكى ئۇلار تور دېگەن نەرسىنىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدى. ئىنقىلاپ راۋاجلىنىپ ئوتتۇرا باسقۇچقا كەلگەندە جەزمەن بىر داھىي چىقىدۇ. داھىيسى يوق ئىنقىلاپ مۇقەررەر مەغلۇب بولىدۇ. بەيليەنجاۋ ئىنقىلابى بۇنىڭ ياخشى مىسالى؛ ھالبۇكى داھىي چىققان ئىنقىلاپنىمۇ چوقۇم غەلىبە قازىنىدۇ دېگىلى بولمايدۇ، تەيپىڭ تيەنگو بۇنىڭ ئوبدان مىسالى. جۇڭگوچە داھىيلار ھەرگىز سىز كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق كۆيۈمچان، رەھىمدىل بولمايدۇ؛ بەلكى مۇستەبىت، زومىگەر، شەخسىيەتچى، ئەسەبىي، زەھەرخەندە ھەم ئوتقۇيرۇقچى بولىدۇ. شۇنداق، بۇ گەپلەر سىزگە تونۇشتەكلا ئاڭلىنىدۇ. ھالبۇكى جۇڭگولۇقلار دەل مۇشۇنداق ئادەملەرنى كۆتۈرىدۇ. ئۇ ئادەملەرمۇ پەقەت ئاشۇنداق بولغاندىلا يۇقىرىغا يامىشالايدۇ، بۇ جەمئىيەت يامانغا باقىدىغان، ياخشىلار زەربە يەيدىغان ھالەتكە كۆنۈپ كەتتى. ئەدەبىيات-سەنئەتچى ياشلار ياخشى كۆرىدىغان داھىيلار بىر ھەپتىگە قالمايلا تېپىك يەپ ھەيدىلىدۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى قانچە يۇقىرى ئادەم ئاسانلىقچە ئەمەلدار ياكى داھىي بولالمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەملەر ئىنقىلاپتىن بۇرۇن ئايرىلىدۇ. جەمئىيەت سەركىلىرىنىڭ ئايرىلىشى بىلەن ئىنقىلاپچى ئاممىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىدۇ، ئىنقىلاپ باشلانغاندا توۋلانغان شوئارلار ھەر قانچە يېقىملىق بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ پۇلدىن ئىبارەت بىرلا نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىدۇ، گەپنى سىلىق ئېيتقاندا، ئۇ(شوئار) ئۆزىمىزگە تېگىشلىك پۇلنى، ھەققىمىزنى قايتۇرۇپ بەر دېگەنلىك؛ قوپالراق ئېيتقاندا، بايلىقلارنى بۇلاڭچىلىق شەكلىدە تەڭ تەقسىملەيمىز دېگەنلىك. سىلەر مېنى “بۇنىڭ ئازراق پۇلى بار، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ” دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ئىنقىلاپ قاينىمىدا سىزنىڭ ئالما ماركىلىق يانفونىڭىز، ھەيدەيدىغان موتسىكىلىتىڭىز بولسا، تورغا چىقالىسىڭىز، كېنتاكىدا توخۇ پاچىقى يېيەلىسىڭىز سىزمۇ پۇلدار ھېسابلىنىسىز؛ ھەتتا تورغا چىقىپ مۇشۇ يازمىنى ئوقۇيالىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى گۇناھكار، ئىنقىلاپ ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. 100 مىليونلۇق مۈلكى بار ئادەم 10 مىڭ يۈەنلىك ئائىلىدىن بىخەتەررەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىشىكىنى ئاچسىلا، ئىشىكى تۈۋىگە قويۇلغان «نيۇريوك ۋاقىت گېزىتى»نى كۆرەلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پالاكەتكە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ئوتتۇرا قاتلامدىكى بايلار ۋە ھاللىق سەۋىيىدىكىلەر. ئىلگىرى كىشىلەر ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەردە بىر-بىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرەتتى، ھازىرقى كىشىلەر پەقەت پۇلنىلا تونۇيدۇ، شۇڭا ئادەملەرمۇ پەقەت پۇل ئۈچۈن بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ھالەتكە كەلدى. شۇڭا ئويلاپ بېقىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگولۇقلار ھېساب-كىتاب قىلىشقا بەك ھېرىسمەن، بۇمۇ ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ھەر قانداق ئىنقىلاپقا ۋاقىت كېرەك، جۇڭگودەك بۇنداق چوڭ دۆلەتتە جاھان قالايمىقانلىشىش، مىلتارىستلار سوقۇشۇش، جايلار باشقۇرۇشسىز قېلىش دېگەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، بەش، ئون يىل ئازراقلا قالايمىقان بولسا، خەلق ئاممىسى چوقۇم قاتتىق قول بىر مۇستەبىتنىڭ چىقىپ، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش دەۋرىدىكى «خەلق گېزىتى»گە قايتا قاراپ باقساقلا، يۇقىرىقى گەپلەرگە ھېچقانداق ئورۇن يوقلۇقىنى ھېس قىلالايمىز. يەنە كېلىپ بارلىق پەرەز-قىياسلىرىمىز ئارمىيەلەشكەن بىر دۆلەتنىڭ شەرت-شارائىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان، شۇڭا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى خىيال، خىيالمۇ ئۇنچىلىك ئۈمىدلىك، ئىشەنچلىك بولمىغان يەردە، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
 

سوئال: ئۇنداقتا مىسىر، لىۋىيە… لەرچۇ؟

جاۋاب: مىسىر، لىۋىيەلەرنى بىر مۇستەبىت نەچچە ئون يىل باشقۇردى، شەھەرلىرىمۇ كۆپ ئەمەس، نەدە ئىش چىقسا شۇ يەر پارتىلاش نۇقتىسى بولالايدۇ؛ بىرەر مەيداندا نۇتۇق سۆزلىسە ئىنقىلاپنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگودا كونكرېت بىر ئادەم ھەرگىز ئىنقىلاپ ئوبيېكتى بولالمايدۇ، شەھەر كۆپ، ئادەم كۆپ، يەنە كېلىپ تۈرلۈك ئاپەتلەر يۈز بېرىپ ئۆتتى. سەزگۈر نۇقتىلارمۇ ئاللىقاچان قېتىپ كەتكەن تۇرسا، پارتىلاش نۇقتىسى دېگەنلەر نەدە تۇرۇپتۇ. جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەر ئون ھەسسە ئۆتكۈرلىشىپ كەتسۇن، ئون نەچچە خاۋېر (چېخ يازغۇچىسى، 1993-يىلدىن 2002-يىلغىچە چېخ جۇمھۇرىيىتىگە زۇڭتۇڭ بولغان) بىر شەھەردە تەڭلا نۇتۇق سۆزلىدى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى دەيلى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ نۇتۇقلارمۇ گال دورىسى ياسايدىغان كارخانىلارنىڭ كۇزۇر ئېلانىغا ئايلىنىپ، خەيديەن تىياتىرخانىسىدا كۆرسىتىلىپ تۈگەيدۇ.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، كۆپىنچە جۇڭگولۇقلار باشقىلار ئۆلەي دەۋاتسىمۇ ئۈندىمەيدۇ، پەقەت پالاكەت ئۆز بېشىغا كەلگەندىلا غىڭشىيدۇ، ئۆمۈر بويى بىرلىشەلمەيدۇ.
 

سوئال: سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىز ياللانما تور ئوبزۇرچىلىرىنىڭ قارىشىغا بەك ئوخشايدىكەن، ھۆكۈمەت سىزگە مائاش بېرىۋاتامدۇ نېمە؟ نېمىشقا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز سايلاپ رەئىس بولۇۋالمايسىز؟

جاۋاب: بۇ بولمىسا ئۇ، قارا بولمىسا ئاق، توغرا بولمىساخاتا، يېتەكچى پارتىيە بولمىسا ياللانما ئوبزۇرچىلار دەۋر سۈرىدىغان بۇ جەمئىيەتتە ئىقىلاپ دېگەن سۆز ئېيتماققا زوراۋانلىقنى بىلدۈرىدىغان، ئەمەلگە ئاشۇرسا زىيىنى ناھايىتى ئېغىر ھادىسە. بەلكىم ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلاپ رەئىس سايلىيالايدىغان بولۇش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھازىر جۇڭگودىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئەمەس. ئەكسىچە، بىر ئادەم بىر بېلەت تاشلىيالىسا ئاخىرىدا يەنىلا كومپارتىيە ئەزاسى غەلىبە قىلىدۇ. كىمنىڭ پارتىيىدىن بەكرەك پۇلى بار؟ 50 مىلياردقا 500 مىليون بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بولمىسا 500 مىلياردنى قوشىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىللىق باج كىرىمى بىر تىرىليونغا يېتىدۇ ئەمەسمۇ. ئۆزىڭىزنى ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا پۇلۇم بار دەپ ئويلامسىز؟ ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنى ئادىل، مۇستەقىل دەپ ئويلىسىڭىز، شۇلارنى يىغىپ كەلسىڭىزمۇ ئاران ئون نەچچە مىڭ بېلەت بولىدۇ. ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىلىملىك زاتلاردىن ئون نەچچە مىڭ بېلەت يىغىشمۇ قالتىس ئىش. كومپارتىيە بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم (تېڭشۈن گورۇھىنىڭ لىدېرى) ما خۇاتېڭ، چۈنكى ئۇ QQغا كىرگەن ھامان سەكرەپ چىقىدىغان كۆزنەككە “كىمكى مەن ماخۇاتېڭنى سايلىسا QQ500 پۇلىغا ئېرىشىدۇ” دەپ جاكارلىسا 200 مىليون بېلەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئەمما مەسىلە شۇكى، ۋاقتى كەلگەندە ما خۇاتېڭ چوقۇم پارتىيىگە كىرىدۇ. دېموكراتىيە مۇرەككەپ، ئەگرى-توقاي ھەم مۇقەررەر ئىجتىمائىي جەريان بولۇپ، قانداقتۇر ئىنقىلاپ، ئومۇمىي سايلام، كۆپ پارتىيە، بىر نەرسىنى ئاغدۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس، بۇنداق گەپلەرنى دېمەك ئاسان. ئەگەر سىز ئەدلىيە، نەشرىيات ئىشلىرىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان بولسىڭىز، ئومۇمىي سايلامغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ بۇنداق گەپلەرنى دېسە ھەيۋەترەك ئاڭلىنىدۇ شۇ، بۇنداقلارنىڭ ھېلىقىدەك مۇسابىقە ماشىنىلىرى دېسە F1 نىلا تىلغا ئالىدىغان، پۇتبول مۇسابىقىسى دېسە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىلا بىلىدىغانلار بىلەن نېمە پەرقى؟
 

سوئال: مېنىڭچە جۇڭگودىكى ئىنقىلاپ ۋە دېموكراتىيە ۋاقىت مەسىلىسى خالاس، سىزنىڭچە قايسى ۋاقىت ئەڭ مۇۋاپىق؟

جاۋاب: ئىنقىلاپ بىلەن دېموكراتىيە ئىككى نەرسە، ئىككىسى بىر-بىرىگە تەڭداش ئەمەس. ئىنقىلاپ دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇنى بىز بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بولدۇققۇ. تارىخ جۇڭگوغا پۇرسەت بەردى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىز دەل ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تاللىشىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيادا ئەڭ ئىنقىلاپ بولمايدىغان دۆلەت، شۇنداقلا ئىسلاھاتقا ئەڭ مۇھتاج دۆلەت. ئەگەر سىز مەندىن جۇڭگودا ئىنقىلاپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى قايسى ۋاقىت دەپ سوراپ تۇرۇۋالسىڭىز، پەقەت شۇنى دېيەلەيمەنكى، كوچىدا ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار قارمۇ قارشى كەلگەندە يىراق نۇرلۇق چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتكەن چاغدا ئاندىن ئىنقىلاپ دېگەنگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇنداق دۆلەتتە ھەر قانداق ئىنقىلاپنىڭ ھاجىتى يوق، مائارىپنىڭ سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ ساپاسى شۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھەممە ئىش تەبىئىي يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. بەلكىم ھايات بولسىڭىز بۇ دۆلەتتىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيسىز، ئەگەر ئۆلۈپ كېتىپ قالسىڭىز، بۇ ئىشلار يېشىلمەس تۈگۈچكە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، شۇنى ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭكى، قارشىڭىزدا ماشىنا كېلىۋاتقاندا ماشىنىڭىزنىڭ يىراق نۇرلۇق چىرىغىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، شۇنداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىمىز بىزلەر ئىنتىلگەن نەرسىگە بۇرۇنراق ئېرىشىشى مۇمكىن.
 

دېموكراتىيە ھەققىدە

سوئال: ئىنقىلاپ دېگىنىمىز چوقۇم ئەلەم كۈرىشى بىلەن قىلىدىغان ئىنقىلاپ دېگەنلىك ئەمەس، بەرقۇت ئىنقىلاۋى بۇنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.

جاۋاب: مېنىڭچە بەرقۇت ئىنقىلاۋى جۇڭگودا يۈز بەرمەيدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى قويۇپ تۇرايلى، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسى بېيجىڭ نوپۇسىنىڭ ئاران يېرىمىچىلىك كېلىدۇ دەپمۇ تۇرايلى، بەرقۇت ئىنقىلاۋى ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ ساپاسىغا بولغان ئىشەنچ، ھاكىميەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ يول قويۇشى، بىر ئەدىبنىڭ داھىيلىق قىلىشى ھەمدە بۇ كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشتى. مېنىڭچە بۇ كۈچلەر جۇڭگودا يوق. سىز بۇ مۇكەممەل ئىنقىلاپنى ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمەي، كەلگۈسىدە ئېھتىمال مۇكەممەل بولمىسىمۇ بارلىققا كېلىدىغان ئىسلاھاتقا تەتۈر قارىسىڭىز بولمايدۇ. مەن جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئەدىپ ۋە ئالىملارنىڭ بەرقۇت ئىنقىلاۋىغا بولغان ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنى خاۋېر دەپ ئويلىۋېلىپ ئۆزىچە ھاياجانلىنىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمما جۇڭگودا مەيلى ئەلەم كۈرىشى ياكى قەلەم كۈرىشى يۈز بەرسۇن، ئەدىبلەرنىڭ ئورنى ئۇلار ئۆزلىرى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىن كۆپ تۆۋەن، بۇ ھالدا ئۇلارنى داھىي بولىدۇ دېيىش تېخىمۇ تەس. جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى قانچە تۆۋەن بولغانسېرى، ئەدىب دېگەنلەر تېخىمۇ ھېچنېمە ئەمەس. سىزمۇ تولۇق دېموكراتىيە، تولۇق ئەركىنلىك، تولۇق كىشىلىك ھوقۇق دېگەنلەرنىڭ لۇغەتتىكى چۈشەندۈرۈشلىرىگە قاراپ، ئۇلار مۇنداق-مۇنداق بولۇشى كېرەك دېگەنلەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىڭىز بولمايدۇ. ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان سودىلىشىش جەريانى، سىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەردىن ئۇلار بىر نەچچە كىتابنى ئوقۇپلا تەسىرلىنىپ ماڭا ھەممىنى بېرىۋېتىدۇ دەپ تەمە قىلماڭ. سىز بەرقۇت ئىنقىلاۋىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ، ئەگەر سىز خاۋېر بولسىڭىز ھەمدە جۇڭگولۇقلارغا سايلام بېلىتى دەرھال تارقىتىپ بېرىلسە، بەرىبىر سىزنى سايلىمايدۇ. چېخ جۇمھۇرىيىتىمۇ ھازىرغىچە ئومۇمىي سايلامنى يولغا قويمىدى. شۇڭا مېنىڭ قارىشىم ناھايىتى ئاددىي: ئەلەم كۈرىشىنى ھېچقايسىمىز قوللىمايمىز، بەرقۇت ئىنىقلاۋى يېقىن كەلگۈسىدىكى جۇڭگودا ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ، مۇكەممەل دېموكراتىيە جۇڭگودا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنى ئاز-ئازدىن قوغلىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك، كىتابىي شەكىلدىكى قۇرۇق دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك كۆپۈكتەك ئېتىلسا ئۇنىڭ ھېچ مەنىسى قالمايدۇ، ياخشىلاش ھازىرقى ئەڭ ياخشى چارە.
 

سوئال: سىز ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭگولۇقلارنىڭ ساپاسى بەك تۆۋەن، دېموكراتىيىگە ماس كەلمەيدۇ دېمەكچىمۇ؟ ھۆكۈمەت سىزگە مۇقىملىقنى ساقلا دەپ مائاش بەردىمۇ؟

جاۋاب: سىزنىڭ نېمىشقا بۇنداق يەكۈنگە كېلىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، بولمىسا مەن گەپنى ناھايىتى ئاددىيلاشتۇرۇپ دەۋاتىمەن. دېموكراتىيە ماس كېلىش، ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ ھامان بارلىققا كېلىدۇ، خەلق ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى دېموكراتىيەلىشىشنى توسالمايدۇ، بەلكى دېموكراتىيەنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇگانداچە دېموكراتىيەنىڭ بولۇشىنى كۈتمەيدۇ، گەرچە بۇ دېموكراتىيە ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيە بولمىسىمۇ. دېموكراتىيە بەزىدە ئاستىراق كېلىدۇ، بەزىدە تۇيۇقسىز كېلىدۇ؛ كەلگىنىدە مۇتلەق ياكى تولۇق دېموكراتىيە، ئامېرىكىچە ياكى ياۋروپاچە دېموكراتىيە بولۇپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما قالغان ئۆمرىڭىزدە ئۇ چوقۇم كېلىدۇ، ئۆتمۈشىڭىزنى ئەسلىگىنىڭىزدە، ئۇ سىزگە ئاددىي تۇيۇلۇشى مۇمكىن.
 

سوئال: سىزنىڭچە ھەممە ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ شاپائىتىگىلا تايىنىش كېرەك، خەلق ئۇنى ئۆزى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ماسلىشىشى تېخىمۇ مۇھىم. بۇنىڭغا تەلەي ۋە شۇ ھۇقۇقدارنىڭ پەزىلىتى كېرەك. ھازىر جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمى بۆلۈنۈپ كەتتى، مەسىلەن، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر، سىز تېز پويىزدىن سۈپەت مەسىلىسى چىقتى دەپ ھەر قانچە داۋراڭ قىلسىڭىزمۇ ئۇلار “بۇ دېگەن خەلق ئىچىدىكى ئىشلار، ئارتۇق كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزلۈكىدىن بېسىقىپ قالىدۇ” دەپ يەنىلا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىكىلەر بۇ ئىشلارغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى پەقەت كىمنىڭ ئۆسۈپ كىمنىڭ چۈشىدىغانلىقى، كىمنىڭ يېشىنىڭ سەل توشماي قالىدىغانلىقى، پالانىنىڭ رەت تەرتىپىنى قانداق بېكىتىش دېگەندەك ئىشلار. شۇنداق غۇلغۇلا بولۇۋاتسىمۇ، ئىشلار يەنىلا بۇرۇنقى پەدىدە كېتىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خۇددى بانكىدا 100 مىليون سوم پۇلىڭىز بولسا، بىرەر مىڭ كوينى يۈتتۈرۈۋەتسىڭىزمۇ سىزگىمۇ ھېچ نېمە بولمىغانغا ئوخشايدۇ. زىيالىيلارنىڭ يانچۇقىدىكىنى يىغىپ كەلسە 500 سوم چىقىدۇ، ئەمما ئۇلار ھوقۇقدارلارنىڭ يانچۇقىدىن 3000 سوم چىقىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا مېنىڭچە زىيالىيلار ھوقۇقدارلارنىڭ ئەندىشىسىنى مۇبالىغە قىلىۋەتتى. ھوقۇقدارلار ھېچقاچان سېنىڭ مەسىلەڭنى ئويلىغان ئەمەس. ھالبۇكى كۆپلىگەن زىيالىيلار گويا تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتسىلا ھەممە ئىش ھەل بولىدىغاندەك، بارلىق مەسىلە تۈزۈلمە مەسىلىسى دەپ قارىۋالىدۇ. بۇلار ئاق كۆڭۈل، ھەققانىيەتچى، رەزىللىككە نەپرەتلەنگۈچى، ئەمما ئىشچى-دېھقانلاردىنمۇ مۇشۇنداق ئاڭنى، ھەتتا جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەردىن مەسىلىلەرنى ئاشۇنداق ئويلايدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلساق ئاقمايدۇ، ئەمەلىيەت كۆپ ھاللاردا كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ.

ماشىنا ھەيدەش مۇسابىقىسى چەت ياقىدا ئۆتكۈزۈلگەچكە بۇ يىللاردا يۈز نەچچە ناھىيە بازىرىغا باردىم، بۇ جايلارنى تېخى ئۇنچە بېكىنمە، قالاق دېگىلى بولمايدۇ، ھەر خىل ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىشى زىيالىيلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەسكەن، ئۇلار كۆپ ھاللاردا «مەن ياكى مېنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىم نېمىشقا شۇنىڭغا (ئەمەل-ئىمتىيازغا، بايلىققا) ئېرىشەلمەيدۇ؟»دەپ ئويلىغاچقا ھۇقۇق ۋە چىرىكلىككە قاتتىق نەپرەتلىنىدىكەن، ئۇنى قانداق چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى ئويلىمايدىكەن، پەقەت ئۆز بېشىغا ناھەقچىلىك، پالاكەت كېلىپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىدىغان چاغدا ئاندىن لۇغەتتىن شۇ سۆزلەرنى (دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دېگەن سۆزلەرنى) تېپىپ ئۆزىنى قوغدايدىكەن، ھۆكۈمەت ئۇلارغا ئازراق ياردەم پۇلى بەرسە شۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىدىكەن. پۇل بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىجتىمائىي زىددىيەتنى ھەرگىز زىددىيەت دېگىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، زىيالىيلار شۇ پۇقرالارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن دەرھال چىقىش ئۈچۈن ئىزدەپ تاپقان لۇغەت سۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، بۇ جەھەتتە زىيالىيلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە دەپ قاراپ قالماقتا. مېنىڭچە، بۆلۈنۈش ۋە ئايرىمىچىلىق ئېغىر بۇنداق دۆلەتتە ھەرگىز كۆڭۈلدىكىدەك ئىنقىلاپ بولمايدۇ. سىز بەلكىم بۇ قارىشىمنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ پۇقرالارنى كۆندۈرۈۋېتىشىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئەمەلىيەت شۇ، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر شۇنداق ياشاپ ئۆتتى. ئەمما ياخشى يېرى شۇكى، مەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىنتېرنېت تورى ۋە ھەر خىل تاراتقۇلار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئېچىپ بوپتىكەن. شۇڭا مەن خېلى ئۈمىدۋار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھازىر 80 مىليون ئەزاسى بار، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى قوشسىڭىز 300 مىليون كىشىگە چېتىلىدۇ. بۇ پارتىيە ھازىر ئادەتتىكى پارتىيە-گورۇھ ياكى قاتلام ئەمەس. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ كەمچىلىكى ئەمەلىيەتتە خەلق ئاممىسىنىڭ كەمچىلىكى. مېنىڭچە، بۇنداق قۇدرەتلىك بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ئەمەلىيەتتە پارتىيىسىز تۈزۈمگە ئوخشايدۇ (ياكى شۇنىڭغا تەڭ)، چۈنكى پارتىيە تەشكىلى زورىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە ئۇ خەلقنىڭ ئۆزى، خەلق بولسا تۈزۈلمىنىڭ نەق ئۆزى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە كومپارتىيىنى قانداق ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئەمەس، كومپارتىيە پەقەت بىر نام، تۈزۈلمىمۇ بىر نام. خەلقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۆزى ھەممىنى ئۆزگەرتكەنلىك. شۇڭا سۈپەتنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قانۇن-تۈزۈم، مائارىپ، مەدەنىيەت ھەممىنىڭ ئاساسى.
 

سوئال: ئەگەر ئىنىقىلاپ بولۇپ قالسا، تەسىرى بار ئەدىبلەر قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئەدىبلەر ۋاقتى كەلسە تامدا ئۆسكەن قومۇشنىڭ رولىنى، بەلكى تامغا قاراپ تەتۈر ئۆسكەن قومۇشنىڭ رولىنى ئوينىشى كېرەك. ئەدىبلەرنىڭ ئۆز ھەققانىيىتى بولۇشى، ئەمما ئۆز مەۋقەيى بولماسلىقى كېرەك؛ تەسىرى قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى مەۋقەدىن تېخىمۇ ۋاز كېچىشى كېرەك. بىر تەرەپ كۈچىيىپ كەتسە نىشانىنى دەرھال يەنە بىر تەرەپكە قارىتىشى، ھېچقانداق تەشەببۇسقا ئىشەنمەسلىكى، ھېچقانداق ئېتىقادقا ئەگەشمەسلىكى، ئىنقىلاپچىلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى دەپ ئويلىشى، ھېچقانداق ۋەدىگە ئىشەنمەسلىكى، بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى يوقىتىشىنى ئامالىنىڭ بارىچە توسۇشى كېرەك. شۇڭا ئەگەر جۇڭگودا ئىنقىلاپ بولۇپ قالسا كىم ئاجىز بولسا مەن شۇ تەرەپتە تۇرىمەن، ئەگەر ئۇ كۈچىيىپ كەتسە مەن قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىمەن. ئۆز قارىشىمنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرىمەن.
 

ساپا، دېموكراتىيە ھەققىدە يەنە بىر سوئالنى قوشۇپ قوياي:

سوئال: مەن بەزى تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە باردىم، قارىماققا كىشىلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرىكەن، ئىچكىرىلەپ چۈشىنىپ باقسام، ئۇلار ئۆز تەبىئىتىدىنلا شۇنداق ساپالىقكەن، شۇڭا ياخشى تۈزۈم بولغاندىلا يۇقىرى ساپا بولامدىكىن دەيمەن.

جاۋاپ: مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن. ئەمما بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز تاشقى ساپا. بىز كىشىلەر ئۆز ئىچىدە ئۇنداقكەن، مۇنداقكەن دەپ يۈرۈپ، تاشقى ساپاغا ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ. دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى شۇ خەلقنىڭ تاشقى ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا يىراق نۇرلۇق چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان، ئادەتتىمۇ ناھايىتى ئەدەپ-قائىدىلىك، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغان بىر ئادەم بار دەيلى، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا ئۇنىڭ شەخسىيەتچى، ئىچى تار، ئاچكۆز… ئادەملىكىنى بايقىسىڭىز نېمە بوپتۇ. ساپا بىلەن ئىنسان تەبىئىتىنى چېتىۋېلىش بىمەنىلىك. ئامېرىكىلىقلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ تەبىئىتى ماھىيەتتە ئاساسەن ئوخشاش، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ئومۇمەن ئوخشاش. شۇڭا بۇ يەردە پەقەت توخۇ بىلەن تۇخۇمنىڭ مەسىلىسى بار. ئاۋۋال ياخشى ساپا بولغاندا ياخشى تۈزۈم بولامدۇ ياكى ياخشى تۈزۈم بولغاندا ئاندىن ياخشى ساپا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا سورىغۇدەك سوئال يوق، ياخشى تۈزۈم بارلىققا كەلگەن چاغدا ساپانىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە ئادەم ياخشى تۈزۈمگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى ياخشى تۈزۈم ئۇزۇن مۇددەت، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. تۈزۈم ئەمەلىي نەرسە، ساپا بولسا خىيالىي نەرسە. مەسىلە شۇكى، ياخشى تۈزۈم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىپ بولالمىغاندا بىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، مۇشۇ چاغدىلا بىرەر باشلىنىش، بىرەر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ساپا ھەر قانچە ياخشى بولۇپ كەتسىمۇ بىكار، چۈنكى ئۇ ئاستا ھەم ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ… ياخشى تۈزۈم ۋە ياخشى دېموكراتىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرى، بىرەر كۈننى خاتىرىلەش، يەنە بىرى، ھېچقانداق كۈننى خاتىرىلىمەسلىك؛ ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بىر، ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشىشى لازىم. مېنىڭچە، ئەمەلىيراق بولغان ياخشى. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى، ئاساسىي قانۇنى ياكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ياخشى، چۈنكى ئۇلارنىڭ پارتىيىسى ۋە خەلقى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى. بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزمۇ ئەمەلىيەتتە ياخشى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىمىزمۇ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىن قېلىشمايدىغان خىتابنامىلەرنى سانسىز قېتىم جاكارلاپ بولدى، ئەمما كۆپىنچىسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى. ئۇلار ھەر خىل خىتابنامىلەرگە بېقىپ ئۆزىنى تۈزىمەيدۇ، ئىنقىلاپنىڭ بەدىلى ئېغىر ھەم ئۇنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، ئىسلاھ قىلىپ ياخشىلاش ئاستا بولۇۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق كەينىگە سۈرۈلۈۋاتىدۇ، خەلقنىڭ ساپاسى ئاندىن تۆۋەن، قارىماققا بۇلار ھەقىقەتەن يېشىلمەس تۈگۈن. ئەمما مەن يەنىلا ئىسلاھات، ياخشىلاشنى قوللايمەن، ئەلەم ياكى قەلەم كۈرىشى بۇ ئىسلاھاتنى تېزلىتىدىغان پېچكىلىق رولنىلا ئوينايدۇ، ئەمما ئۇنى ھەقىقىي يوسۇندا ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس.
 

ئەركىنلىك كېرەك

يۇقىرىقى ئىككى ماقالىدە ئېيتقاندەك، ھەر كىم تەلەپ قىلىدىغان ئەركىنلىك ئوخشىمايدۇ. دېموكراتىيە ۋە قانۇن دېگىنىمىز بىر سودىلىشىش جەريانى. مىلاد بايرىمىدا نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان بىلەن بەرىبىر ھېچنېمىنى بىكارغا بەرمەيدۇ. ئۇنداقتا مەن ئاۋۋال سودىلىشىشنى باشلاي.

ئالدى بىلەن مەن بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېڭى يىلدا تېخىمۇ ئەركىن يېزىقچىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن. ئەركىنلىك ھەققىدە بىر نەرسە يازسام، سىلەر(يەنى ئاخبارات خادىملىرى) قورقۇپ كېتىسىلەر، ئېھتىيات قىلىسىلەر. چۈنكى ئەركىنلىك ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىغا يېزىقلىق. ئەمەلىيەتتە ئۇ ياخشى ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. شۇ باھانىدە مەن كەسىپداش دوستلارغا−ئاخباراتچىلارغا ۋاكالىتەن بىر ئاز ئاخبارات ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىمەن. ئاخبارات چىڭ باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ كىنو ئىشلەيدىغان دوستلىرىم بار، سىز ئۇلارنىڭ دەرت-ئەلىمىنى چۈشىنىپ بولالمايسىز. ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر خۇددى يەر ئاستىدىن بومبا ئىزدەۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىۋاتىدۇ، بومبىغا تېگىپلا قويسا پارتىلاپ كېتىدۇ، بومبىغا دەسسەپ سالماسلىق ئۈچۈن ماڭغان يولنىڭ ھەممىسى ئاستا ۋە ئەگرى-توقاي. بۇ ئەركىنلىك دەۋر يۈزلىنىشى ھەمدە سىلەرنىڭ ئەينى چاغدا بەرگەن ۋەدەڭلار. مەن سىلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى توغرۇلۇق ئانچە-مۇنچە ئىزدىنىپ باققىنىڭلارنى بىلىمەن، سىلەرچە بولغاندا سوۋېت كومپارتىيسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئاساسەن گورباچېفنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى ئاساسىي قانۇن بويىچە پارتىيىدىن ئېلىپ خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا سىلەر پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسەتتىن يامان ئېھتىيات قىلىسىلەر. بىراق ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى دەۋردىكى ئۇچۇر-خەۋەرلەر ۋە تېز تارقىتىشلار توساق-چەكلىمىلەرنى ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھالبۇكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى چەكلىمە جۇڭگودا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ئەدەبىيات ۋە كىنو-فىلىملەرنىڭ چىقماسلىقىغا، بىزدەك زىيالىيلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسلىكىگە سەۋەب بولماقتا. شۇنداقلا جۇڭگودا دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلىگىدەك مېدىيا(تاراتقۇ) يوق، نۇرغۇن نەرسىنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات ئەمەلىيەتتە ئەڭ پاكىز، تېجەشلىك تەرەققىيات، باشقۇرۇۋېلىش، چەكلىۋېلىش قانچە ئاز بولسا مەدەنىيەت شۇنچە گۈللىنىدۇ. ئەگەر سىلەر جۇڭگودا مەدەنىيەت ساھەسىدە چەكلەش يوق دەپ تۇرۇۋالساڭلار بەك سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولىسىلەر. شۇڭا يېڭى يىلدا ھۆكۈمىتىمىز مەدەنىيەت، نەشرىيات، ئاخبارات، كىنوچىلىق ساھەسىنى سەل قويۇۋەتسىكەن دەيمەن. ئەگەر بۇ ئىشقا ئېشىپ قالسا، خۇسۇسەن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەدەنىيەت ساھەسى تېخىمۇ ئەركىن بولغاندىن كېيىن كونا ھېساب-كىتابنى قويۇپ ئالغا ئىنتىلىمىز، ھۆكۈمەت تارىخىدىكى سەزگۈر ئىشلارنى تىلغا ئالمايمىز، يۇقىرى تەبىقىدىكى گۇرۇھلارنىڭ ئائىلە-جەمەتى ياكى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى توغرۇلۇق گەپ قىلمايمىز، باھا بەرمەيمىز؛ پەقەت ھازىرقى جەمئىيەتنىلا باھالايمىز ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئەگەر ھۆكۈمەت بىلەن مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر بىر-بىرىگە يول قويۇپ، چەك-دائىرە كېلىشىمىگە ئورتاق ئەمەل قىلىپ، ھەر قايسىسى كەڭرەك بوشلۇققا ئېرىشەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەھۋال يەنىلا بۇرۇنقىدەك بولسا مەن ھەر نۆۋەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ياكى مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يىغىنىغا كېلىپ نەق مەيداندا ياكى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ يىغىننى ئاڭلايمەن، نارازىلىق بىلدۈرىمەن. چۈمۈلە بولساممۇ دەرەخنى لىڭشىتىپ باقىمەن، بۇ ئاقمايدىغان ئىش، كۈچۈم ئاز، شۇنچىلىكلا قىلالايمەن. ئەلۋەتتە مەن بىرلا ئادەم، شېرىكىم يوق، ئوقۇرمەنلەرنى كۈشكۈرتمەيمەن. باشقىلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئوينىشىش ئارقىلىق ئۆز تارىخىمنى گۈزەللەشتۈرمەيمەن. شۇنداقلا مەن بۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىمەن ھەم ئۇ كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى كۈتىمەن، چۈنكى شۇنداق بولسا ئۆزەمنىڭ تېخىمۇ ئېسىل نەرسە يازالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، قېرىغىچە كۈتۈپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن، ياخشى ۋاقىتقا ئۈلگۈرەلىسەم دەيمەن.

يۇقىرىدا ئېيتقىنىم ئۆزەمنىڭ كەسپى دائىرىسىدىكى خۇسۇسىي تەلەپ. مېنىڭچە، كۆپچىلىك بەكرەك مەنپەئەتلىنىدىغان بۇنداق مۇھاكىمىلەردە تەتقىقات قانداق بولۇشى كېرەك دەپ تالىشىپ يۈرمەي، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك دېگەننى كۆپرەك ئويلىغان ياخشى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئادەم بىر قېتىمدا بىرلا تىلىكىنى ئېيتىشى كېرەككەن. مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى دەپ بولدۇم. ئادىللىق، ھەققانىيەت، ئەدلىيە، مەمۇرىي ئىسلاھات ۋە باشقا جىمى تىلەكلىرىنى باشقا دوستلار ئېيتسا بولىدۇ. مېنىڭچە، ئەركىنلىك كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى بولمىسىمۇ، ھېچكىم دائىم ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ. پۇلى يوقلارنىڭ ئادالەتلىك مۇھىتتا پۇللۇق بولۇشىنى، پۇلدارلارنىڭ پەقەت پۇلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى ئەجنەبىيلەردەك ھېس قىلىۋالماسلىقىنى تىلەيمەن؛ بارلىق ياشلارنىڭ بۇ قېتىمقى مىلاد بايرىمىدىكىدىكى جۇشقۇنلۇقى، شىجائىتى بىلەن ئىنقىلاپ، ئىسلاھات ۋە دېموكراتىيە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىدىن غەم قىلىدىغان بولۇشىنى، ۋەتەننى ئۆزىنىڭ پۇت-قولىدەك ئەزىز كۆرۈشىنى تىلەيمەن؛ سىياسىي رەزىل نەرسە ئەمەس، سىياسىي قىزىققۇچىلىكى يوق نەرسە ئەمەس، سىياسىي خەتەرلىك نەرسە ئەمەس. خەتەرلىك، جەلىپكارلىقى يوق، رەزىل سىياسىي ھەرگىز ھەقىقىي سىياسىي ئەمەس. جۇڭيى دورىلىرى، ئوق دورىسى، يىپەك، مۈشۈكئېيىق بىزگە ھەرگىز شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ھاكىملارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ 100 دانە «لۇيىس ۋېيتۇن» ماركىلىق قول سومكىسى بولسىمۇ بۇ مىللەتنىڭ يۈز-ئابرويىغا بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوق. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىمىزنىڭ داغدام قەدەم بىلەن ئالغا بېسىپ، ئۆز تارىخىدا شانلىق ئىز قالدۇرۇشىنى تىلەيمەن.

                                                                        مەنبە: تەپەككۈر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1520 \ يوللانغان چېسلا: 2012-04-07
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: