wisal stuido
يېڭى يىل ئۆتكۈزەمسىز؟ - (خەندان)


يېڭى يىل ئۆتكۈزەمسىز؟

ئاپتورى: مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان)
(مالايسىيا ئۇنۋېرسىتېتى تىبابەت پاكولتېتى ماگىستىرى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئالدى بىلەن مۇشۇ تېما ھەققىدە ئىزدەنگىنىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ئاۋۋال يېڭى يىلنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قاراپ باقايلى: يېڭى يىل كۈنى بۇرۇنقى رىملىقلار ئۆزىنىڭ دىنىدىكى ئىشىك ۋە دەرۋازىلارنىڭ ئىلاھى دەپ ئاتىۋالغان يالغان ئىلاھقا بېغىشلىغان كۈن بولۇپ، تارىختىن بۇيان خىرىستىئانلىق ئەقىدىلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) «ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻳﺎﺕ، ﺩﯨﻨﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩۋﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋۇ ﻛﯩﺸﻰ شۇ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ئۆﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼھۇ ﺋﻪنھۇﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﺘﻪ مۇﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ: «بىر ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰ، ﻳﺎﺕ ﻣﯩﻠﻠﻪتنىڭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ئۇﻻﺭنىڭ تۈرلۈك ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ شۇ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ئۆلۈﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ئۇ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ شۇﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯩﺮىلدۈرۈلىدۇ.»
ئىمام ئەبۇ داۋۇد 1134-، نەسائىي 1556- نومۇرلۇق ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە شەھىرىگە كەلگەندە ئۇلار يىلدا ئىككى كۈن بايرام قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتۇق، دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ ئىككى كۈن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر، دېگەن». (بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ2021 -نومۇرلۇق ھەدىستە زىكىر قىلىدۇ).
دېمەك پەيغەمبىرىمىز ھەتتا مۇسۇلمان بولغان قەۋمنىڭ بۇرۇنقى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىنىمۇ خالىمىغان. كاپىرلارنىڭ بايرىمىغا ئەگىشىش تېخىمۇ ئاللاھ نارازى بولىدىغان ئىش.
ئويلىنىپ باقساق، «مەن مۇسۇلمان، ئىمان ئېيتتىم» دېگەن كىشىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ ھەدىسلىرى يېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بىزگە «پەيغەمبەر بەرگەننى ئېلىڭلار (يەنى بۇيرىغاننى قىلىڭلار)، توسقاندىن يېنىڭلار» دەپ بۇيرىغان.
ئەمدى جەمئىيەتكە قاراپ باقايلى: يېڭى يىل دەپ كىملەرنى دوراۋاتىمىز؟ روژستۋا بوۋايغا ئوخشاش بوۋايلار، قارىغايلار جابدۇلغان، ھاراق–شاراب ئىچىلگەن، مېھمانخانىلار زىنا–پاھىشىگە يول ئاچقان، ئاياللارلا تەبرىكلىدى دېگەندىمۇ قۇرۇق سۆز غەيۋەت، ئەرلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان كۈلكى چاقچاق... بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارام. ئاللاھ مۇسۇلماننى بۇنداق ياشاش ئۈچۈن ياراتمىغان. يەنە كېلىپ بىز مۇسۇلمانلار بوزەك بولۇۋاتقان، مىسكىن بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىزنى ئېزىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تەڭ كۈلسەك ئاللاھ راۋا كۆرەرمۇ؟
مەن پەتىۋا بېرىشتىن تولىمۇ يىراقتا، توغرىسىنى بىلگۈچى يىگانە ئاللاھتۇر. مېنىڭ ئاددىي ئويۇمدا ئۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن ئالاھىدە قىلىۋالماسلىق كېرەك. چەتئەللىكلەرگە قايتۇرىدىغان جاۋابقا كەلسەك «مەن يېڭى يىل تەبرىكلىمەيمەن، دەم ئېلىشىڭ خۇشال ئۆتسۇن» دېسەك كۇپايە. مۇشۇ جاۋاب بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ئىپادىلەشتىن سىرت ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ ھېدايەت تېپىشىغا سەۋەب بولالىساق ئەجەب ئەمەس. مەن ئۆزۈم بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەرقلىق ئۆتكۈزمەيمەن، شۇڭا ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمىگەچكە دوستلار يىغىلىشلىرىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. چۈنكى ھازىر بۇ تۈردىكى خىرىستىئان تەشۋىقاتلىرىنى، بايراملىرىنى جىددى بايقۇت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار. كىچىك يىغىلىش، كىچىك سورۇن داۋاملاشسا چوڭ تەبرىكلەشگە ئايلىنىپ كېتىشى، كۆپچىلىك ئۆتكۈزگىنى ئۈچۈن بىخوتلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، قېرىنداشلىرىمىزنى زار يىغلىتىۋاتقان، قىيىن–قىستاق، ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان كاپىرلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، كۈلكىسىگە جۆر بولمايلى.
ئاللاھ ھەممىمىزگە خەيرلىك، مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن، كاپىرلار بىلەن تەڭ كۈلۈشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئىزدەنگەن قېرىنداشلارغا كاتتا ئەجىر نىسىپ قىلسۇن، ئامىن.

 

 

كۆرۈلۈشى: 867 \ يوللانغان چېسلا: 2013-12-31
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: