wisal stuido
سىز جۇڭگولۇقمىكەنسىز يا؟؟؟


سىز جۇڭگولۇقمىكەنسىز يا؟؟؟
 

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لو جىيا خۈي(骆家辉)Gary Faye Locke نىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان باھاسى:

1. بەك ئەقىللىق(؟)، لېكىن ئۆسەك سۆزگە زىيادە ئىشىنىدۇ.

2. ھەممە ئىشتا تالىشىشقا ئامراق، بۇ تالىشىش تۇغۇلغاندا كارۋات تالاشقاندىن باشلىنىپ، ئۆلگەندە يەرلىك تالاشقىچە داۋام ئېتىدۇ.
 

3. چوڭ ئىشلاردا ئاچچىقىنى يۈتىدۇ يۇ، ئەمماـ كىچىك ئىشلاردا قەتئى يول قويمايدۇ.
 

4. مۇناسىۋەت بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ھەرگىز نورمال يول ياكى نورمال تەرتىپ بىلەن بېجىرىشنى خالىمايدۇ.
 

5. باراۋەرلىك بىلەن كارى يوق، پايدا بىلەنلا ھېساپلىشىدۇ.
 

6. جاھاننىڭ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاغزى كۆپكىچە ئەيىبلەيدۇ، ئۆزىگە كەلگەندە قاغا بالام ئاپئاق.
 

7. ئۆزۈم بىئارام بولسام مەيلى، ئىشقىلىپ باشقىلار راھەت كۆرۈپ كەتمىسۇن دەيدۇ.
 

8. دوستى يېنىدا ئۇتۇق قازانسا تەبرىك يوق، ناتونۇشلارنىڭ ئازابى ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ.
 

9.كۈچلۈكلەرنىڭ قەتئىيلىكىگە ھەۋىسى يوق، ئاجىزلارنىڭ سالاسىغا خۇشتار.
 

10. ئاشكارا تۈزۈم بويىچە مېڭىش بىلەن خوشى يوق، يۇشۇرۇن يول ـ ئارقا ئىشىكلەرنىڭ جاپاسىغا ئىشتىياقى بار.
 

11.ئاۋام بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىلەن خوشى يوق، ئاۋامنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈچۈن تىل ياغدۇرۇشقا تەييار.
 

12. كەلگۈسىدىكى بەختنى قايرىپ قويۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىشتىن يانمايدۇ.

سىز جۇڭگولۇقمىكەنسىز يا؟؟؟
 

                                                                 مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 735 \ يوللانغان چېسلا: 2014-01-07
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: