wisal stuido
خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تەنقىد قىلىشى


خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى تەنقىد قىلىشى

- فىلىيەتۇن -
 

خىيانەتچى ئەمەلدار سۈن ئاقىل تېلېۋىزىيە تىياتىرى (باش سۇتچى)نى كۆرگەندىن كىيىن ناھايتتى ئاچچىقلاندى ۋە دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ سۈن قابىلغا خەت يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى.

ئىنىم سۈن قابىل :
تۇرمىدە ياخشى تۇرۋاتامسەن سېنىڭ ئىپادەڭنى كۆرۈپ مېنى بەك ئاچچىق تۇتىۋالدى گەپنى تۈزلا دەۋىرەي سەن بەك دۆك ئىكەنسەن مەن سىنى بىر نەچچە جەھەتتىن تەنقىد قىلماقچى:
1.سەن نىمىشقا ئۆزەڭگە بىر يۈلەنچۇك تېپىشنى بىلمەيسەن كونىلارنىڭ يۆلەنچۇكىڭ بولمىسا ئەمەلدار بۇلالمايسەن دىگەن تەمسىل بار ئەمەسمۇ سەن ئەمەلدار لىق سورۇنىدا نەچچە 10يىل ئۆمىلەپ يۈرۇپ مۇشۇنچىلىك قائىدىنىمۇچۈشەنمەمسەن بۇجەھەتتىن سەن ناھيىنىڭ ھاكىمغىمۇ يەتمەيدىكىنسەن ئۇجېنىدا سېنىڭدەك بىر پارتىكوم شۇجىسىنى ئۈزىگە يۇلەنچۇك قىلغان يەردە سەن تېخمۇ چوڭراق بىر خۇجايىننى ئۆزەڭگە يۇلەنچۇك قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ.سەن نىمىشقا ئاخشىمى ھە دىگەندە ئىش ئورنۇڭغا چېپىپ بارغۇچە ناھيە بىلەن شەھەر مەركىزىنىڭ ئارلىقى ئاران 2سائەتلىك يول بولغاندىكىن شۇيەرگە كۆپرەك بېرىپ رەھبەرلەرنى رىستۇرانلارغا تانسىخانلارغا ھور مۇنچىلارغا باشلاپ بېرىشڭ ھېيىت بايراملاردا توي تۈكۇنلەردە تۇغۇلغان كۇنلىرىدە كۆڭلىڭنى ئوبدانراق ئىپىدىلەپ تۇرۇشۇڭ كىرەك ئىدى شۇنداق قىلغان بولساڭ شەھەرنىڭ بىرلەشمە تەكشۇرۇش ئۆمىكى ناھىيىگە كىلىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ بارارمىدى ئۇلار ئۇنداق قىلمايلا قالماستىن يەنە تېخى سەنمۇ خەخنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ شۇلارنىڭ مۇرتىغا ئايلىناتتڭ ئەمەسمۇ ئۆسۇپ يۆتكىلىدىغان ئىشىڭ نەچچە كۇنلۇكلا ئىش ئەمەسمىدى،ئالىمادىس بۇگۇنكىدەك بەخىتسزلىك چىقىپ قالدى دىيىلگەندىمۇ سەن ئۈچۈن ئاستىرىتتىن گەپ قىلىدىغان سېنى تارتىۋالىدىغان ئادەم چىقاتتى؛ئۆلۇم جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنساڭ كېچىكتۈرۇپ ئۆلۇم جازاسىنى بېرىشكە ئۆزگەرتكىلى بۇلاتتى كېچىكتۇرۇلگەن ئۆلۇم جازاسىنى مۇددەتسىزگە مۇددەتسىزنى مۇددەتلىككە مۇددەتلىكنى يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ ئازايتاتتى.تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ ئوخشاشلا تائامنىڭ ئوبدىنى يەپ مەينىڭ ئېسىلىنى ئىچىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇپ يۇرۇۋىرەتتىڭ ئەمەسمۇ.

ئىككىنچىدىن سەن خەخنى ئۇدۇل كۈزۇڭ بىلەنلا كۆرىسەن كادىرلارنى ئۆستۇرۇپ ئىشلىتىشتە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن تالانتىغا قارايدىغان ئۆلچەم بار. ئەمما نىمىنىڭ ئەخلاق نىمىنىڭ تالانىت ئىكىنلىكىنى بىلىش كىرەكتە ئەخلاق دىگىنىمىز چۇقۇم سەن ئۈچۈن ئىشلىشى. قەتئىي ساداقەتمەن بۇلىشى، ھالقىلىق پەيتلەردە ئۆزىنىڭ كۆزقارچۇقىنى ئاسىرغاندەك باشلىقىنى ئاسىرشى كىرەك تە،باشلىقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلاپ خۇددى پۇلاتتەك جەڭچى نىڭ ئۈزى بولغاندىلا ئاندىن ئەخلىقلىق بولغان بۇلىدۇ ،تالانىت دىگىنىمىز ئىشلارنى سۇكىرمىگىدەك دەرىجىدە پۇختا قىلىش دىمەكتۇر مۇشۇ ئۆلچەم بۇيىچە ئۆلچىگەن ۋاقتىمىزدا جۇكاتىپ ھەرھالدا ئەخلاقلىق ھىساپلانسىمۇ ئەمما تالانتى يوق ۋاڭ مۇدىر بولسا ئەخلاقىمۇ يۇق تالانتىمۇ يوق سېنىڭ مۇشۇنداق ئادەملەرنى ۋەزىپىگە قۇيۇپ ئىشلەتكەنلىكىنڭنىڭ ئۈزى زور خاتالىق سەن يەنە ياڭ تيېرۇنىڭ كالىدەك جاھىل قانۇنىنى ئاتا ئانىسىدەك بىلىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ يىلتىزغىچە سۇرۇشتۇرسە ئۇنىمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكنى بىلگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى سۇت مەھكىمىسىدىن چىقىرۋېتىپ يەنە نىمىشقا چېن مولېينى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا قۇيىسەن بۇئەبلەخ ئەدىلىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بۇلۇپ تۇرغا مەزگىلدە سەن نىمىشقا ياڭ تيېرۇنىڭ بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ يەتمىگەن ئەگەر سەن كۆزۇڭنى يۇغانراق ئاچقان بولساڭ نەدىمۇ بۇگۇنكىدەك ئۆزەڭگە ئۆزۇڭ بالا تېپىۋالىدىغان ئىش بۇلاتتى.

3. سەن نىمىشقا بالا قازا يېقىنلاپ قالغاندىمۇ كۈتۈپ يۇرۇۋېرىسەن؟ئامالسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قېلىشتىن ئەمەلدارلا قاتتىق ساقلىنىشى كىرىك ئىدىغۇ.سەن شەھەرلىك بىرلەشمە گۇرۇپىسىنىڭ ناھيىمىزگە كىلىدىغانىلقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق سىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭ ھەرگىزمۇ شەھەرگە بېرىپ پالاقشىش ئەمەس.بۇلۇپمۇ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىگە ھەرگىزمۇ سوۋغا بەرمەستىن ئەكىسچە ئاۋال قول سېلىپ ئۈستۇنلىكنى ئىگىلشىڭ ياكى پۇختا بولغان مۇداپىئە چەمبىرىكى قۇرۇپ چىقىشىڭ ياكى پارا ئالغان پۇللارنى ئاستا قايتۇرۋېتىشىڭ ..كىرەك ئىدىغۇ.قەھرى يوق ئەر ئەمەس دىىگەن گەپ بار زۆرۇر تېپىلغاندا ئادەم ياللاپ ماشىنا ۋەقەسى ياكى ئوت ئاپىتى دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ پەيدا قىلىش ئادەم ئۆلتۇرۇپ يۇچۇقنى ئىتىش جىنايەتنى پاكىتنى يۇقۇتۇش ...دىگەندەك ئىشلارنى قىلغان بولساڭ قېنى ئۇبىرلەشمە تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسى قانداق تەكشۇرەتتىكىن،
سەن يەنە سودىگەرفاڭجىڭ تەمىنلىگەن ئائىلە بۇيىچە ياۋۇرپاغا ساياھەتكە بېرىش خىراجەت سوۋغىتى زىياپەت يۇرۇشلەشكەن ئۆي قاتارلىقىلارنى قۇبۇل قىلىپ نىمە قىلاتتىڭ بۇئۈزەڭگە ئۆزۈڭ ئاۋارچىلىك تاپقىنىڭ ئەمەسمۇ،سەن دىگەن راۋۇرۇس بىر پارتىكۇم شۈجىسى تۇرساڭ چەت ئەلگە چىقىشىڭ ئۈچۈن خالىغان بىرەرسەۋەپ تېپىپ پۈتۈن ئائىلەڭنى ئېلىپ ھۆكۈمەت خىرجىتى بىلەن ساياھەت قىلىپ كىرسەڭ بۇلاتتىغۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە كاماندىروپكىدىن بەھرىمەن بۇلىسەن ئەمەسمۇ.سەن ئالغان سوۋغات بۇيۇملىرى زىياپەت ۋەئۆيلەرگە نىمىشقا كاتىپىڭنى قول قويغۇزۇپ مالىيە خادىملىرىنى ئەۋەتىپ ھىسابات قىلغۇزمىدىڭ ؟
سىنىڭ ئالغان ئاشۇ كىچىكنە پۇلۇڭ قانچىلىك گەپ ئىدى ۋەزىپىسى سەندىن كۆپ تۇۋەنلەرنىڭ ئالغىنىمۇ سىنىڭدىن كۆپ ،سەن ئاشۇنداق بىر قاتار خاتالىقلارنى سادىر قىلغاچقا ئالغان ئاشۇ كىچىكىنە پۇلۇڭ سىنى ئۆرۇۋەتتى ھەقىقىتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى ئىنىم مەن ھەقىقىتەن سەن ئۈچۇن ..سۇن ئاقلى خەتنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەلەمنى قۇيۇپ ئويلىنىپ قالدى ئەگەر بۇخەتنى پوچتىغا سېلىۋەتسەم ئالىمادىس ساقچىنىڭ قۇلىغا چۇشۇپ قالسا ئۆزۇمنى ئۆزۇم قاپقانغا دەسسەتكەن بولمامدىم دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنى سۇغۇق تەر باستى ۋو ئالدىراپ تىنەپ خەتنى كۆيدۇرۋەتتى .

                                                              مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 700 \ يوللانغان چېسلا: 2014-01-22
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: