wisal stuido
ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ


ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ


ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ «ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ 5-ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ: ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯗ, ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯩﺮﺍﻳﺪﯗ …. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ, ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺩﻩﺏ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ, ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺑﯩﺰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ, ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ». ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ «ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ»ﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ- ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮪﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ, ﺑﯘ ﻧﯩﺸﺎﻥ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻰ» ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ, ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻰ ﺗﻮﻣﭙﯩﻴﯩﭗ, ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 2012-ﻳﯩﻠﻰ, ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 83 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ, ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ 94 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯞﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﺗﻪﻳﺒﯧﻴﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﻴﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ, ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ: «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ, ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﯩﺸﺘﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ: «ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ, ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺗﯜﻛﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ, ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯕﻼﺭ, ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺗﯧﻨﭻ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ». ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺱ. ﺋﯘﻻﺭ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﯞﺍﺭﻗﺮﺍﭖ- ﺟﺎﻗﯩﺮﺍﻳﺪﯗ, ﺋﯚﭼﺮﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ, ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ 20 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.»
ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻧﻘﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ, ﺟﯘﯕﮕﻮﻣﯘ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺩﯙﻟﻪﺕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ- ﻗﺎﺭﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ, ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎ, ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ «ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ»ﮔﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ «ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ» ﺗﻪﺳﺴﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ «ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ, ﺑﻪﺯﻯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ, ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺑﯧﻜﻪﺕ ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ «ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ»ﻧﻰ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ, ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺑﺎﮪﺎﻻﺵ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
 

                                                                          مەنبە: نۇر تورىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 794 \ يوللانغان چېسلا: 2014-01-25
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: