wisal stuido
ماۋزۇدۇڭنىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشى

 

زۇنيى يىغىنىدا زادى كىمنىڭ ئورنى بېكىتىلدى؟
 

كىرىش سۆز: ماۋزېدۇڭ مەشھۇر سىياسى شەخس، داڭلىق ئىستىراتىگىيەچى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئەمما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يېڭى قۇرۇلغاندا ئۇ ئاساسلىق رەھبەر ئەمەس ئىدى، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە زۈنيى يىغىنىدىن باشلاپ ماۋزېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيە ئىچىدىكى رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلگەن دەپ قاراپ كەلدى، ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئوخشىمىغان يېڭى قاراش شەكىللەندى، ھەمدە زۈنيى يىغىنىدا مەيلى نامدا ياكى ئەمەلىيەتتە بولسۇن ماۋزېدۇڭنىڭ رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلمىگەن، ئۇ پەقەت ج ك پ نىڭ يادرولۇق تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغىلا كىرەلىگەن، زۈنيى يىغىنىدا جاڭۋېنتىيەننىڭ رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلگەن دەپ قارىماقتا. ئۇنداقتا ئەمەلىي ئەھۋال زادى قانداق دېگەن مەسىلە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

بىرىنچى، زۈنيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ماۋزېدۇڭ نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
مەركىزى كومىتېتىن سىقىپ چىقىرىلغان ماۋزېدۇڭ پارتىيە ئىچى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدەئويلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا قايتىدىن يادرولۇق تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىغا كىرىش ئۈچۈن، زۈنيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ئىدى.
ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش سىياسى بۆلۈم مۇدىرى ۋاڭ جىيا شىياڭ بىلەن پىكىرئالماشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋاڭنى يولداشلارغا ئىدىيەخىزمەت ئىشلەپ، ئەينى چاغدىكى ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل لىدېنى چۈشۈرىۋېتىشكەكېلىشىدۇ. ئاندىن جۇئېنلەينى شىمالى شىياڭشىغا يۈرۈش قىلىشتىن ۋازكېچىپ، قوشۇننى دۈشمەن كۈچى ئاجىزراق بولغان گۈيجۇغا يۆتكەپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قايىل قىلىدۇ،ئەينى چاغدا ماۋزېدۇڭنىڭ ئىددىيىسى جاڭۋېنتىيەن قاتارلىق نۇرغۇن يولداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، جاڭۋېنتىيەن لىدېنىڭ قارىغۇلارچەقوماندانلىق قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىت قىلىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ،
1935 – يىلى خۇچاڭدا ئېچىلغان يىغىندا خەلقئارالىق كوممۇنىستلارئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى بولغان لىدېنىڭ مۇستەبىت قوماندانلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.زۇنيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ماۋزىدۇڭ سىياسى بىيرۇنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەمدە يولداشلارنى ۋە قىزىل ئارمىيە گېنىراللىرىنى يىغىندا بوگۇ ۋە لىدېلارنىڭ قارىغۇلارچە قوماندانلىقىغا بولغان نارازىلىق پىكىرىنى بايان قىلىشقا ۋە تەنقىت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، تەبىيكى بۇ قېتىمقى يىغىنداماۋزېدۇڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار يەنە خەلقئارالىق كوممۇنىستلارئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇنلىغان تېلېگراممىلىرىنىڭ كۆرىدۇ، ھەمدە تېلېگراممىدا ۋەسىىتالىننىڭ يوليۇرۇقلىرىدىمۇ بوگۇ ۋە لىدېلارنىڭ خاتا سىياسەت ۋە ئىددىيىلىرى تەنقىت قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىددىيىسىنىڭ ماۋزېدۇڭنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقايدۇ. ئەينى چاغلاردا بوگۇ ج ك پ نىڭ باش سېكرىتارى، لىدې بولسا ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل دائىمى ھەيئەت ئىدى.

ئىككىنچى، زۈنيى يىغىنىدا ماۋزېدۇڭ كۈرەش تاكتىكىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ماۋزېدۇڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان گېنىراللارغا لىدې بىلەن بوگۇغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى تاپىلايدۇ، يىغىندا لىدېنى بىۋاستەقاتتىق ئىبارىلەر بىلەن تەنقىد قىلىپ، كوچىدىكى چاشقان ئۇر ئۇرغا قالغاندەك ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيدۇ، ھەم ئۇنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدۇ، بوگۇنى بولسا ۋاستىلىك تەنقىت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى بىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىدۇ. ماۋزېدۇڭ يىغىندا جاڭۋېنتىيەننى بىرىنچى ئوقنى ئېتىشقا قايتا – قايتا تەۋسىيە قىلىدۇ، ھەمدەۋاڭ جىياشىياڭنى ماۋزىدۇڭنىڭ قىزىل ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلش تەكلىپىنى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىرىنچى ئوق جايىغا ئېتىلىدۇ، لېدىنى تەنقىت قىلىش يوقۇرى پەللىگە چىقىدۇ، ھەمدە ئارمىيە گېنىراللىرىمۇ بەس – بەستە پىكىرقىلىدۇ، ئەينى چاغدا ئارمىيە ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقارغۇچى ھېسابلانغان جۇئېنلەيمۇ ماۋزېدۇڭنىڭ بۇندىن كېيىن قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىشقا قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زۇنيى يىغىنىدا ماۋزېدۇڭ دائىمى ھەيئەتلىككە سايلىنىدۇ،
ئەمما قارشى تۇرۇش تەرەپدارلىرىمۇ بوش كەلمەيدۇ،دائىمى ھەيئەت بولغان كەيفېڭ ماۋزېدۇڭنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ «سۈنزى ھەربى دەستۇرلىرى» نى سۆزلەشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەتتا بىر قېتىملىق يېڭى جەڭدە ماۋزېدۇڭنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئېلىۋېتىدۇ.

ئۈچىنچى، زۈنيى يىغىنىدا ماۋزېدۇڭنىڭ ھەقىيقى نوپۇزلۇق ئورنى تىكلەنمەيدۇ.
زۈنيى يىغىنىدا ھەربىي مەغلۇبىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ماۋزېدۇڭ گەرچە ھەربى ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭ بىر قىسىم تەكلىپ –پىكىرلىرى جۇئېنلەي تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى ئانچە ئېتىراپ قىلىپ كەتمەي، ئۇنى پەقەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى دەپ قارايدۇ.
زۈنيى يىغىنىدىن كېيىن جۇئېنلەي بوگۇغا نەسىھەت قىلىپ ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ داھىي بولۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقلىرىنى، جۇڭگو ئىنقىلابىدا چوقۇم دېھقانلارغا تايىنىش لازىملىقىنى،شۇڭا دېھقانلار ھەرىكىتىگە پىشقان بىر كىشىنىڭ ئىنقىلاپقا رەھبەرلىك قىلسا تېخىمۇمۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بويان دېھقانلار ھەرىكىتىگەيېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى، تەجرىبىسىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ماۋزېدۇڭنىڭ ئىقتىدارىغا تايانسا قىزىل ئارمىيەنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ ھەربى ئىشلاردا جۇئېنلەينىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ،ھەمدە جۇئېنلەي، ماۋزېدۇڭ ۋە ۋاڭجىياشىياڭدىن تەشكىل تاپقان قوماندانلىق گورۇپپىسى قۇرۇلىدۇ. تاكى 1935 – يىلى 8 – ئايدا جۇئېنلەي ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىنلا،ماۋزېدۇڭ ئاندىن ھەربى ئىشلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشقا باشلايدۇ.
قىسقىسى، زۇنيى يىغىنىدا ماۋزېدۇڭنىڭ داھىيلىق ئورنى تېخى تىكلەنمىگەن، ئەينى چاغدا بوگۇنىڭ ئورنىڭ جاڭۋېنتىيەن ج ك پ نىڭ باشسېكرىتارى بولغان، ماۋزېدۇڭ ھەربى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئىددىيە كۈرىشى كەسكىن بولغان ئەينى دەۋىردە رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىشى ۋە ئالى ئورنىنىڭ تىكلىنىشى نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ»، «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش»،«جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتىرى» قاتارلىق ئىستىراتىگىيىلىك ئىددىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ۋە يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

مەنبەسى: http://view.news.qq.com/zt2013/zyhy1935/index.htm
يوقارقى ئادرېستىكى ماقالە بويىچە قىسقارتىپ خىتايچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىندى.
 

                                                                       مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1470 \ يوللانغان چېسلا: 2014-03-02
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: