wisal stuido
ئىككى سائەتلىك جۇڭگو تارىخى دەرسى

 

ئىككى سائەتلىك جۇڭگو تارىخى دەرسى

(ھىكايە)


1994 -يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرگەنلىكىنىڭ 19يىللىقىنى خاتىرىلەيمەن ۋەبارلىق جاپاكەش ئۇستازلارغا سالام يوللايمەن. ئارىدىن يىگىرمە يىللار ئوتكەن بولسىمۇ ، ئوتتۇرامەكتەپتىكى ئاشۇ ئىككى سائەتلىك تارىخ دەرسى ئىسىمدىن چىقماي مىنى ئازاپلايدۇ.
بۇئىككى سائەتلىك دەرسىنى 80-90- يىللار بولسا كېرەك بىزنىڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە يىڭىدىن تەقسىملەنگەن مەكتىۋىمىز تارىخىدىكى تۇنجى باكلاۋۇرئۇقۇتقۇچى زولپىيە مۇئەللىم بەرگەن ئىدى. ئۇچاغلاردا مەكتىۋىمىز ياتاقلىق تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلۇپ، مىڭچەئۇقۇغۇچى بىزدىن بۇرۇن ئۇقۇغانلار ۋە ئۇزىمىز قۇيغان كېسەكتە قۇپارغان ياتاقتايېتىپ ، سىنىپتا ئۇقۇيتتۇق.
بىزخىشتىن سېلىنغان ئازادە سېنىپقا كوچكەن تۇنجى كۇنى ئۇقۇتقۇچىمىز زولپىيەياپۇنىيىنىڭ داخۇا ئىسلاھاتى دىگەن دەرسىنى ناھايىتى ياخشى سوزلەپ ئاخىرلاشتۇرۇپ ،سۇئالىڭلار بولسا سۇراڭلار -دىدى.
مەن مۇئەللىمنىڭ روخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ : مۇئەللىم ، مەن بۇرۇن كۆرگەن تارىخ كىتاپلاردا ياپۇنلارنىڭ بۇ ئىسلاھاتىنى تايكا ئىسلاھاتى دەپ يىزىپتىكەن ،سىز داخۇائىسلاھاتى دەپ سۆزلىدىڭىز ، تارىخ كىتاۋىمىزدىمۇ شۇنداق ئىكەن ، بۇنى قانداق دىسەك بۇلىدۇ؟-دەپ سورىدىم.
مۇئەللىم مەندىن ياندۇرۇپلا :سىزچە نىمەدىسەك توغرا بۇلىدۇ؟-دىدى.
-مەنچە ، بۇ ئىسلاھات ياپۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى بولغان ئىكەن ، داخۇ دىگەن سۆزنىڭ ياپۇنچەئۇقۇلۇشى تايكا بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتەتايكا دەپ ئالساق توغرا بۇلىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردىم.
مۇئەللىم:
- سىز ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ، چوڭ تارىخچى بۇلۇپ تارىخ كىتاپ يىزىپ ، تايكا ئىسلاھاتى دەپ ئالارسىز- دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ.
ساۋاقداشلارنىڭ كۆتىرىلگەن كۇلكىسىدە ئۇچۇقتۇرغان سىنىپ ئالدىدا ئەركىن دانلاپ تۇرغان بىر توپ قۇشلارمۇ ئۇركۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.
مەن خىجىلچىلىقتا يا ئولتۇرۇشنى يا داۋاملىق ئورەتۇرۇشنى بىلمەي ئىشىككە قاراپ تۇرغىنىمدا نۆۋەتچى مۇئەللىم بولقىنى كۇتۇرگەنچە سىنىپىمىزنىڭ ئالدىدىكى يوغان مەجنۇنتالنىڭ شېخىغا ئېسىلغان مەكتەپ تېرەكتۇرىنىڭ بۇزۇلغان سىلىندىرىدا ياسالغان قۇڭغۇراقنىڭ قېشىغا بېرىپ دەرسىتىن چۇشۇشكە قۇڭغۇراق چالدى....
مەن شۇ سائەتلىك دەرستىن كىيىن زۇلپىيەخانىمغائۇزەممۇ تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان يا ئۆچمەنلىككە ئوخشىمايدىغان، يا ئىلگىرىكى ھۆرمىتىمگە ئوخشىمايدىغان مۇرەككەپ بىر نەزەردە قارايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم.
ئارىدىن ئىككى مەۋسۇم ئوتكەندىن كىيىنكى بىركۈنى زۇلپىيە مۇئەللىم بىزگە شىمالغا يۈرۇش ئۇرۇشى دىگەن دەرسىنى سوزلەپ بولغاندىن كىيىن –مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۇپىتى ياخشى بولىۋاتقاچقائەتە ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىن تەجرىبە ئالماشتۇرغىلى كىلىپ ئۇچۇق دەرس ئاڭلايدۇ ،ئەگەر ئەتەمۇشۇ سىنىپتا دەرس ئاڭلىسا ، سىنىپ ئىنتىزامىنى ياخشى ساقلاڭلار -دەپ جىكىلەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى زولپىيە مۇئەللىم دىگەندەك بىرىنچى سائەت دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇنلامەكتەپ مۇدىرى ۋە مەكتەپ ياچىيكا سىكىرىتارىمىز قىرىق نەپەرچە ئادەمنى سىنىپىمىزغاباشلاپ كىرىپ قىسقىلا ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنى بىزنىڭ يانلىرىمىزدا ئولتۇرۇشقاتەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ يانلىرىمىزدا بەزىلىرى ئىشخانىلاردىن ئوزلىرى كوتۇرۇپ چىققان قىزىل،سېرىق...قاتارلىق ھەرخىل رەڭلىك سىردا سىرلانغان ئۇرۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغىلا ئىلىكتىر قۇڭغۇرىغى چېلىنىپ ، زولپىيە مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ ، سالام ۋەسۇئاللاردىن كىيىن تېخى ئاخشاملا ئىلىكتىر مېيىنىڭ قارىسىدا قاپ-قارا قاردىتىۋەتكەن دوسكىغا <> دىگەن ئۆتمەكچى بولغان دەرس تىمىسىنى يېرىم تال بورنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ چوڭ-چوڭ قىلىپ، دىۋان خەت نۇسخسىدا يىزىپبولغاندىن كىيىن ، تۇنۇگۇن ئوتكەن دەرسنى قايتا سۆزلەشكە باشلىدى.
مەن قايتا سۆزلەنگەن بولغاچقىمىكىن-تاڭ دەرس خوشياقماي ئىختىيارسىز دېرىزىدىن سىرتقاقاراپ سىنىپتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە غەمسىز سايراشقىنىچە يۇرگەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدىن نىمە سەۋەپتىندۇر خېلىلا ئازلاپ كەتكەن قۇشقاچ ،ھوپوپ ، كەپتەر ۋە تورغايلارنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ ھۇزۇرلانغىنىمچەخىيال سۇرۇپ ، مۇئەللىمنىڭ دەرسنى سۆزلەپ بولغانلىغىنى سەزمەيلا قاپتىمەن.
مەن پارتىدىشىم سولتاننىڭ نۇقۇشىدىن كىيىن يېقىنلا يەردە سايرىشىپ تىنىمسىزھەرىكەتلىنىۋاتقان قۇشلاردىن دىققىتىمنى دەرھال يىغىپ مۇئەللىمنىڭ <> دىگەن سۇزىگە قولاق سالغىنمچە يىڭىلا ئۇچ يۇەنگەئالغان ئىلىكتىرۇنلۇق سائىتىمگە قارىدىم. دەرستىن چۇشىدىغانغا يەنە ئالتەمىنۇت قالغان ئىكەن.
پۇتۇن سىنىپتا دەرىس ئاڭلىغۇچى ئۇستازلار ۋەساۋاقداشلىرىمنىڭ شىرتىلدىتىپ خەت يازغان ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوق بۇلۇپ ،زۇلپىيە مۇئەللىمنىڭ <> دىگەن ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاندى ،مۇئەللىمگە قارىسام ، مۇئەللىممۇ ماڭىلاقاراپ مىنىڭ قارىشىمنى كۇتۇپ تورغاندەكلا كۇلۇمسىرىگەن ۋە جىدىدىيلەشكىنىچەبىلىنەر-بىلىنمەس قىلىپ بېشىنى لىڭشىتتى.
مەن قۇلۇمنى كوتۇرىشمگىلا مۇئەللىم :ھە،سۇئالىڭىزنى سوراڭ - دىدى .
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ :
- شىمالغاجازا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ نىشانى - جاڭ زولىن ، ۋۇ فىيفۇ ۋە سۇن چۇەنفاڭدىن ئىبارەت ئۇچ مىلتارىسىت ئىكەن،ئۇلارنىڭ ھەربى قۇشۇن سانىمۇ ئېنىق بولدى ، ئۇنداق بولسا ، شىمالغاجازا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى كىم ؟ئەسكىرى كۇچى قانچىلىك؟-دەپ سورىدىم.
مۇئەللىم :
- شىمالغا جازا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ، ئەسكىرى كۇچى-دىيىشىگىلا مۇئەللىمنىڭ جاۋابىنىڭ داۋامىنى كۇتمەيلا ئىختىيارسىز قايتىلاپ سورىدىم:
-1925 –يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋاپات بولغان سۇنجۇڭشەن ئەپەندىنىڭ روھى 1927-يىلدىكى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلغانمۇ؟
سىنىپتايىنىك كۇلكە كوتىرىلدى.
مۇئەللىم جىددىيلەشكىنىچە :
-شىمالغا جازا يۇرۇش ئۇرۇشىدىكى پولاتتەك ئارمىيەقايسى ئارمىيە ئىدى؟ دەپ مەندىن قايتىلاپ سورىدى.
مەن:
-يى تىڭ مۇستەقىل پولكى -دەپ جاۋاپ بەردىم.
مۇئەللىم : ھە ، قوماندان يى تىڭ مۇستەقىل تۇەنى –دىدى.
مەن ئالدىمدىكى پارتىدا ئولتۇرغان مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسدىكى <> دىگەن ئىككى خىل يىزىقتائارىلاشتۇرۇلۇپ يىزىلغان ئۇمۇچۇك پوتىدەك خەتلىرىگە ئىختىيارسىز قارىغىنىمچەداۋاملىق سورىدىم: –قەدىمدىن-ھازىرغىچە،جۇڭگۇدىن–چەتئەللەرگىچە بىر پولىك ئادەم بىر قۇشۇنغا قۇماندانلىق قىلغاننى سىلى ئاڭلىغانمۇ؟
سىنىپتاپاراقلاپ كۇتۇرۇلگەن كۇلكەئاۋازىدىن تېخمۇ جىددىيلەشكەن ۋە ئارىسالدى بۇلۇپ كەتكەن زولپىيە مۇئەللىم-خواڭپو ھەربى مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى شىمالغا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى- دىيىشىگىلادەرستىن چۇشۇش قوڭغۇرىقى چېلىندى.
زولپىيەمۇئەللىم- دەرستىن چۇشسەڭلار بۇلىدۇ –دەپ دەرس تەييارلىقلىرىنى ئالغىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.
باشقابارلىق ئۇقۇتقۇچىلار سىنىپتىن چىقىپ بولغاندىن كىيىن ناھىيىدىن دەرس ئاڭلىغىلى كەلگەن بىر مۇئەللىم ئالدىمغا كىلىپ پەس ئاۋازدا :
-سۇئالنى ياخشى سورىدىڭىز ، شىمالغاجازا يۇرۇش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ،خۇاڭپو ھەربى مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى جىياڭ جىيې شى ، ئەسكىرى كۇچى يۇز مىڭ ئەتىراپىدا،دەپ ئىزاھات بەردى.
ئەتىسىدىن باشلاپ زۇلپىيە مۇئەللىمنى بىر ھەپتە كۆرمىدۇق .
.............
ئارىدىن يىگىرمە نەچچە يىل ۋاقىت ئۇتۇپ كەتتى ، يېقىنقى يىللاردا مەن ئەسلىدىكى بىر قەۋەتلىك سىنىپ-ياتاقلارنىڭ ئورنىغا قەۋەت-قەۋەت ئۇقۇتۇش ۋە ياتاق بىنالىرى سېلىنغان ، قۇشقاچ ،تورغاي ، ھوپۇپ ، تورلىغا ، قاغا ،كاككۇك ، سېغىزخان ....قاتارلىق قۇشلار خۇددى مەسلىھەتلەشكەندەكلا ئازىراق شەپىنى ئاڭلىسا چۇلدۇرلىشپ-سايرىشىپ توپ- تۇپى بىلەن ئۇچۇپ يۇرۇيدىغان تېرەك ، جىگدە ، مەجنۇنتال ... ئورمانلىقنىڭ ئورنىنى قارىغاي ۋە باشقا مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان دائىم كوكىرىپ تۇرىدىغان دەل-دەرەخلەر ۋە چىملار بىلەن كوكەرتىلگەن ئورمان بەلۋىغى ۋەچىملىق ئىگەللىگەن ، بىز ئەتىگەن – كەچتە تازىلاپ سۇ چاچىدىغان مەيدانلار قاتتىقلاشتۇرۇلغان ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى ۋە زامانىۋى ۋاسكىتبول ، ۋالىبول مەيدانىغا ئالماشقان بازارلىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتىۋىمگەكىرىپ كوپ قېتىم چوڭ يىغىنغا قاتنىشىپ تەرجىمانلىق قىلغان، خىزمەت تەكشۇرۇپ قالغان ، بازىرىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك سىياسى ئۇگىنىشلىرىگە قاتنىشىپ يىتەكچىلىك قىلغان ياكى بازىرىمىزنىڭ بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتكۇزۇلىدىغان دىھقان –چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان چاغلىرىم بولدى.
بۇجەرىياندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ، لىكىن ، ھەر قېتىم تۇلۇقسىز تۇلۇقنى ئۇقۇغان ئانا مەكتىپىمگە كىرگەندە ، يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇنقى شۇ ئىككى سائەتلىك دەرسنى ئەسلەپ قالاتتىم ۋە ئازاپلىناتتىم. زولپىيە مۇئەللىگە كەچۇرۇڭ دىگىم كىلەتتى ،تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغان شۇ ئانامەكتىۋىمنىڭ مەيدانىدائۇنلۇك ئاۋازدا ۋارقىرىغۇم كىلەتتى....
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا ئۇرۇنغا يوتكىلىپ كەلگەچكە ئانامەكتىۋىمگە كىرىش پورسىتىمۇ بولمىدى ، لىكىن ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىككى سائەتلىك تارىخ دەرسى ئېلىپ كەلگەن ئازاپ ئاجىزلاشماي ئەكىسچە كۇچەيمەكتە ،ئەسلىملەر تېخى بىر سائەت ئاۋال يۇز بەرگەندىكىدەكلا يىڭىلانماقتا ئىدى......
 

                                                            مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1401 \ يوللانغان چېسلا: 2014-03-12
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: