wisal stuido
مەن كۆرگەن تىبەتلەر


مەن كۆرگەن تىبەتلەر
 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

نىمشقىكىن لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىدا ئوقۇغان 4يىل جەريانىدا تىبەت سىتۇدېنتلار ماڭا ئالاھىدە بىر تەسىر بەرگەن. ئۆزۈم تىبەت بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى توغرۇلۇق كىتاب كۆرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بىزگە ئوخشاشلا شانلىق تارىخى بارلىقى، بەزى تىبەتلەرنىڭ ئېغىزىدىن بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر «ئالاھىدە مىللەت» دېگەندەك سۆزلەرنى خېلى كۆپ ئاڭلىدىم.
 

1. غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىدىكى تىبەت سىتۇدېنتلار
غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىىدا تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىنىستىتۇت بار. مەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلانغاندا مۇشۇ ئۈچ مىللەت ئىچىدە تىبەت سىتۇدېنتلارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ. ھەريىلى ئاسپرانلىقتا ئۆتكەن بالىلار ئىچىدە ھەريىلى 3سىنىپ ئىچىدە 30بالائاسپرانلىقتا ئۆتىدۇ. (مەن ئۇدا 3يىل تىبەت بالىلارنىڭ ئاسپرانلىقتا ئۆتكەنلىرىنى ساناپ چىققان ) ئىنىستىتوتنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش نوقتىسىمۇ بار.
يەنە بۇلارنىڭ ئايرىم گېسار تەتقىقات ئورنى بار.(格萨尔研究所) يەنە بىر دىققەت قىلغىنىم بۇلارنىڭ مەكتەپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ خېلى زور.

2. تىبەت سىتۇدېنتلارنىڭ ئۆگىنىش، مەدىنىيەتتىكى پۇزىتسىيىسى ئەڭ قايىللقىمنى قوزغايدىغىنى ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى، ئۇيغۇر ئىنىستىتوتىمىزدىكى مۇئەللىملەرمۇ ئۇلار بەك تىرىشچان دەپ ماختايدۇ.
كۇتۇپخانا، تەكرار قىلىش ئۇرنى(自习室)دا بەزىدە سانى خەنلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. كۇتۇپخانىدىمۇ يېزىقىغا دائىركىتابلار قالغان مىللەتلەرگە قارىغاندا سانى خېلى كۆپ. بۇلار خەنزۇچە ھەرخىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى بىزگە قارىغاندا كۆپ كۆرىدۇ.
بەزى تىبەتلەرنىڭ قىشمۇ-ياز مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرگەنلىكنى تولا كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈش رەسىمىگىمۇ مىللىي كىيىملىرىنى كىىيىپ چۈشىدۇ. ئۇلاردا مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشتە تارتىنىش يوق، بىرخىل روھلۇق قىياپەتتە كۆرۈنىدۇ.

3.تىبەتلەر توغرۇلۇق تاققا-تۇققا
غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونىۋېرسىتىنىڭ مەكتەب تارىخىنى كۆرۈۋېتىپ، 80يىللاردا مۇشۇ مەكتەپتىكى بىر تىبەت قىز مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بىرخەننىڭ بۇزەك قىلشىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئىشنى ئۇققان تىبەت سىتۇدېنتلار دەرس تاشلاپ، خېلى ۋاقىتتىن كىيىن بۇ مەسلىنى ھەل قىلىدۇ.
بۇرۇن ئانچە-مۇنچە تىبەت،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇرۇش بوپ تۇرىدىكەن ئەمما مەن ئوقۇغان 4يىل جەريانىدا
ئۆزئارا ئۇرۇشۇش ياكى تىللىشىشلارنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. تىبەت بالىلارمۇ بىرخىل ئاڭلىق كۆرۈنىدۇ ماڭا.
يەنە بىرسى __تىبەتلەر ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان
3خىل شىۋىدە سۆزلىشىدۇ.مەكتەپتە بەزى تىبەت بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا خەنچە سۆزلىشىپ كىتىپ بارغىنىنى كۆپ كۆرەتتىم .
ئەمما بەزى تىبەت بالىلار كىيگەن كىيىمى بىر خىل ساڭگۇل-سۇڭگۇل كۆرۈنىدۇ. ئوغۇللار كۆپىنچە چېچىنى بۇيۇۋالىدىكەن، بەزىلىرى قۇلىقىغا ھالقا ئېسىۋالىدۇ.
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بولسا ھەممە تىبەتلەر چىقىپ مەدەت بېرىدۇ، بىرخىل چىرايلىق ئاھاڭدا توۋلايدۇ.
بىرگىپىنى ئۆگىنۋالغان__ئارۇ دەپ

ھەر جۈمە كۈنلىرى ۋاسكىتبول مەيدانىدا بىزنىڭ مەشرەپكە ئوخشاش بىر ئۇسۇل ئوينايدۇ (锅庄舞)دەيدۇ خەنچە.___
 

                                                              مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1392 \ يوللانغان چېسلا: 2014-04-04
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: