wisal stuido
خوڭكوڭ پارلامېنتىدا قالايمىقانچىلىق چىقتى


خوڭكوڭ پارلامېنتىدا قالايمىقانچىلىق چىقتى
 

بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى پارلامېنت ئەزالىرىنى تۇتۇپ سىرتقا قوغلاپ چىقاردى.

خوڭكوڭ 1997 – يىلى «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» دېگەن شەرت بىلەن ئەنگلىيەدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە خوڭكوڭ پارلامېنتىدا قالايمىقانچىلىق چىقتى.

تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى دەسلەپتە لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە چىقتى، ئاندىن خوڭكوڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋالىيسى لىئۇڭ چۇن يىڭنىڭ مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى.
نامايىش كۆتۈرگەن پارلامېنت ئەزالىرى «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال» دەپ توۋلىدى ھەمدە قولىغا نېمىلا چىقسا لىئۇڭ چۇن يىڭغا قارىتىپ ئاتتى.
بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى پارلامېنت ئەزالىرىنى تۇتۇپ سىرتقا قوغلاپ چىقاردى.
ئۆزىگە قارىتىپ ئېتىلغان نەرسىلەر ئارىسىدىن سۇنۇق ئەينەكنى تېپىۋالغان لىئۇڭ چۇن سوغۇققانلىق بىلەن سۆز قىلىپ، «ھەمەيلەن بۇ پارلامېتنت ئەزالىرىنىڭ ماڭا نېمىلەرنى ئاتقانلىقىنى كۆرسۈن، مانا سۇنۇق ئەينەكنىمۇ ئېتىپتۇ، بۇ قىلمىشلارنى پارلامېنتنىڭ ۋە پۈتۈن خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن» دېدى.
دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بولسا، مالىمانچىلىقتا ئېتىلغان نەرسىلەر ئارىىسدا سۇنۇق ئەينەك بارلىقىنى بىلمەي قالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە «ئەسلىدە تۇخۇم ئاتماقچى ئىدۇق» دېدى.
2012 – يىلى 1200 ئەزاسى بولغان سايلام كومىتېتىدا 689 ئاۋازغا ئېرىشىپ ۋالىيلىققا سايلانغان لىئۇڭ چۈن جوڭگۇدىن كەلگەنلەرگە كۆپرەك ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئۆلچەملىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش بىلەن ئەيىپلەنمەكتە.
خوڭكوڭدا دېموكراتىيە تەرەپدارى 500 مىڭ كىشى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى يۈرۈشكە چىققان ۋە ئەتىسى يەنە يۈزلىگەن كىشى مالىيە مەركەزلىرى جايلاشقان رايوننى ئېگىلىۋالغان ئىدى.

 

                                         مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلىمىدىن ئېلىندى.
 

 

كۆرۈلۈشى: 1441 \ يوللانغان چېسلا: 2014-07-05
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: