wisal stuido
كوممۇنىست خىتاي تارىخىدىكى دۆلەتتىن قاچقان ھەربىيلەرنىڭ تىزىملىكى


يېڭى جۇڭگۇ تارىخىدىكى قاچقۇن ھەربىيلەرنىڭ تىزىملىكى
 

1960-يىلى1-ئاينىڭ 12-كۈنى خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە قىسمى 4-دىۋېزىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ياڭ دېسەي 6501-نۇمۇرلۇق MG1 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ھەيدەپ جېجاڭدىكى لۇچىياۋ ئايرۇدورىمىدىن ئۇچۇپ تەيۋەننىڭ يىلەن رايۇنىغا كەلگەندە پاچاقلىىنپ كەتكەن. بۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىدىن قاچقان تۇنجى ھەربى ئايرۇپىلان.

1961- يىلى 9-ئاينىڭ 15- كۇنى ئازاتلىق ئارمىيە ئۇچقۇچىلىرىدىن شاۋ شىيەن، گاۋ جىشۇې 安-2 ھەربى تىرانسىپورت ئايروپىلانىنى شەندوڭنىڭ جىياۋشەن ناھىيىسىدىن ئۇچۇپ كورىيەنىڭ جىجۇ ئارىلىغا قونغان. ئىككىيلەن شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ 500سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن. كېيىن تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلىپ، پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن پىنسىيىگە چىققان.

1962-يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى 16-پولك 3-چوڭ ئەترەت 8- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى لىيۇ چىڭسى MG-15 ناملىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى جېجاڭنىڭ لۇچىياۋ ئايرودورۇمىدىن ئۇچۇپ، تەيۋەننڭ تاۋيۈەن ئايدورۇمىغا قونغان، ھەمدە 1000سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن. كېيىن تەيۋەن ھاۋا ئارمىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پولكاۋنىك دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئىسىتانسا باشلىقى بولغان.

1962-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ئۇچقۇچى ۋە پاراخوت خادىملىرىدىن قوزغىلاڭ قىلىپ قايتىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلدى. 1964-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچى ۋە پاراخوت خادىملىرىدىن قېچىپ كەلگەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە گۇاڭدۇڭنىڭ شەنتو، فۇجىيەننىڭ چىڭتىيەن، جېجاڭنىڭ لۇچىياۋ قاتارلىق ئۇچ ئايرۇپورتنى قۇنۇش نوقتىسى قىلغانلىقنى جاكارلىدى.

1965-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە 8-دىۋىزىيىسى 22- چوڭ ئەترىتىدىن لى شەنبىن 伊尔-28 تىپلىق بىر بومباردىمانچى ئايرۇپىلان بىلەن خاڭجۇنىڭ جىيەنچاۋ ئايرۇدۇرورمىدىن ئۇچىدۇ. ئۇچۇش جەريانىدا لى شەنبىن ئۇچقۇچى لى سەي ۋاڭنى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ، ئايروپىلاننى ھەيدەپ تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ئايرودورۇمىغا قۇنۇش جەريانىدا ئۇچۇش يولىدا سۇقۇلۇپ ئالاقىچى جىيەن باۋ شىڭ ئۆلىدۇ. تەيۋەن تەرەپ ئۈچۈيلەننىڭ ھەممىسىگە «كومىنىستلارغا قارشى باتۇرلار» دەپ نام بەردى. لى شەنبىنگە 2مىليون800مىڭ يېڭى تەيۋەن دوللىرى مۇكاپات بەردى. ئۇ كېيىن پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن ھەربىدىن چېكىندى.
1991-يىلى لى شەنبىن كانادا ئارقىلىق تەيۋەنلىك قېرىنداش نامى بىلەن يۇرتىغا كېلىپ ئانىسىنى يوقلاش جەريانىدا چىڭداۋ ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇش جىنايىتى بىلەن 15يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لى سەيۋاڭ تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.1976 -يىلى ئامىرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ 1998-يىلى يۇرتىغا كېلىپ تۇققان يوقلىدى
 

1977-يىلى7-ئاينىڭ 7-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 2-رازۋېتكىچىلار پولكى 1-چوڭ ئەترەت 2- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ  باشلىقى فەن يۈەن يەن 3171 -نۇمۇرلۇق 米格-19 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى فۇجىيەن پۇجاڭدىن ھەيدەپ تەيۋەننىڭ تەينەن ئايرودۇرمىغا قۇنۇپ، 4000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان ھەمدە پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن ھەربىدىن چېكىنگەن.

1982.يىلى 10.ئاينىڭ 16.كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى 1-رازۋېتكا پولكى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋۇ روڭگېن 歼侦-6 تىپلىق بىر رازۋېتكا ئايرۇپىلاننى شەندوڭنىڭ ۋېندىڭ ئايدورۇمىدىن ھەيدەپ قوماندانلىق مەركىزىنى ئالداپ كورىينىڭ سېول شەھرىدىكىK16 ئايرودورۇمىغان قونغان. كېيىن10-ئاينىڭ 31- كۈنى تەيۋەنگە بارغان ھەم 5000سەر ئالتۇنغا ئېرىشكەن. پولكاۋنىك ھەربى ئۈنۋانى بىلەن چېكىنگەن.
 

 1983-يىلى8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە قىسمى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھاۋادىن ھاۋاغا قۇيۇپ بېرىدىغان يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتنى سىناق قىلىشقا قاتناشقان پود پلكاۋنىك دەرىجىلىك ئۇچقۇچى سۈن تىيەنچىن米格-21 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننى دالىيەن ئايرودۇرۇمىدىن ھەيدەپ كورىيىنىڭ K16 ئايرودۇرۇمىغا قونغان. بۇ قېتىملىق قېچىش ئازاتلىق ئارمىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئايروپىلاننى ئېلىپ قېچىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جوڭگۇ تەرەپ كورىيە تەرەپتىن ئايروپىلان ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئايروپىلاننى قايتۇرۇپ بەرگەن. سۈن تىيەنچىن 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ 7000سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالدى.

 1985-يىلى8-ئاينىڭ 25-كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى شاۋ تىيەنرۇن بىر دانە轰-5 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلاننى شەندوڭ جىياۋشەندىن ئۇچۇپ كورىيەنىڭ لى لى شەھرى ھاۋا تەۋەسىدە ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كەتكەن. ئۇچقۇچى سۇن ۋۇچۈن ئۆلگەن، شاۋ تىيەنرۇن يارىلانغان. بىر نەپەر كورىيىلىك دېھقان ئۆلگەن. 9-ئاينىڭ 20 كۈنى شاۋ تىيەنرۇن تەيۋەنگە بېرىپ 3000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

1986-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 4-رازۋېتكا پولكىنڭ 3- ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى چېن باۋجوڭ 3283 نۇمۇرلۇق بىر دانە歼侦-6 تىپلىق رزۋېتكا ئايروپىلانىنى ھەيدەپ كورىينىڭ شۈييۇەن ئايروپورتىغان قونغان. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تەيۋەنگە بېرىپ 5000سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.
 

1986-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىسى جېڭ لەيتىيەن بىر دانە 歼-6 كۈرەشچى ئايروپىلاننى كورىيىگە ھەيدەپ بارغان، كېيىن تەيۋەنگە بېرىپ 5000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

1987-يىلى11-ئاينىڭ 19-كۈنى ھاۋا ئارمىيە 49-دىۋىزىتىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى لىيۇجىيەن بىر دانە 歼-6 كۈرەشچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ 5000 سەر ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

1988-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئازاتلىق ئارمىيە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى كۆزدە تۇتۇپ 1962-يىلى ئېلان قىلغان قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەربىيلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لىۇ لەنكۇن جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ قورال-يارق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېنىرال مايور ئۈنۋانىغا ئىگە. ئۇ 1992-يىلدىن 1999-يىلىغىچە تەيۋەنگە زور مىقتاردىكى ھەربىي ئاخباراتنى سېتىۋەتكەن. 1996-يىلىدىكى پىڭخۇ ئارىلى پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بىۋاستە زىيان يەتكۈزگەن.


                                                                             مەنبە: بىلىش بىلوگىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1412 \ يوللانغان چېسلا: 2014-07-07
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: