wisal stuido
پويىزدىكى بىر ۋەقە (تەرجىمە ھېكايە)


پويىزدىكى بىر ۋەقە

(تەرجىمە ھېكايە)
 

شىئەنگە قاراپ كىتىۋاتقان پويىزدا.
-بېلىتىڭىزنى چىقىرىڭ!-دەپ ۋارقىرىدى چىرايلىق ئايال پويىز خادىمى بىر ئوتتۇرا ياش ئەرگە قاراپ.
ئوتتۇرا ياش ئەر ھەممە يانچۇقلىرىنى بىر قىتىىمدىن ئاقتۇرۇپ، تەستە بېلىتىنى تاپتى-يۇ، ئەمما قولىدا تۇتقىنىچە تۇرۇپ قالدى.
-بۇ بالىلار بىلىتى ئىكەن.-دېدى پويىز خادىمى ھېلىقى ئەرگە قاراپ غەلىتە كۈلۇپ قويۇپ.
ئەر بوينىغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سورىدى:
-بالىلار بىلىتى بىلەن مىيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشقۇ؟
-سىز مېيىپمۇ؟-دەپ سورىدى پويىز خادىمى ئەرنىڭ باشتىن-ئايىغىغىچە بىر سەپ سالغاندىن كېيىن.
-شۇنداق، مەن مىيىپ.
-ئۇنداقتا، مېيىپلىق كىنىشكىڭىزنى كۆرسىتىڭ.
ئوتتۇرا ياش ئەر جىددىيلىشىشكە باشلىدى.
-مىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكام يوق. بېلەت سىتىۋالغان ۋاقىتتا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق كىنىشكىسى بولمىسا، مېيىپلار بىلىتى سىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. شۇڭا مەن ئامالسىزلىقتىن باھاسى ئوخشاش بالىلار بىلىتى سىتىۋالغان.-دېدى ئۇ.
-مېيىپلىق كىنىشكسى بولمىسا، ئۆزۈڭنىڭ مىيىپ ئىكەنلىكنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟-سورىدى پويىز خادىمى سوغۇق كۈلۈپ.
ئەر ئۇندىمەستىن، ئىڭىشىپ ئاستا ئايىغىنى سالدى ۋە ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى تۇردى. ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئالقىنىنىڭ يېرىمىلا يوق ئىدى.
-مەن مېيىپلىق كىنىشكىسىنى كۆرۈشۈم كېرەك. مىيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ تۆمۈر تامغىسى بار كىنىشكىنى!-دېدى پويىز خادىمى شۇنداقلا قاراپ قويۇپ.
-مىنىڭ نوپۇسۇم ئىشلەۋاتقان يەردە بولمىغاچقا، ئۇلار ماڭا مېيىپلىق كىنىشكىسى بىجىرىپ بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن شەخسىنىڭ قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەيتتىم. ئىش چىققاندىن كېيىن خوجايىن قىچىپ كەتتى. مىنىڭ دوختۇرخانىغا مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالىتىشقا تۆلىگۈدەك پۇلۇممۇ يوق ئىدى.-دېدى ئەر مەيۈس ھالەتتە چۈشەندۇرۇپ.
پويىز باشلىقى بۇ ئىشتىن خەۋەر تىپىپ، يىتىپ كەلدى ۋە ئەھۋالنى سۈرۈشتۇردى.
ئوتتۇرا ياش ئەر پويىز باشلىقىغا ئۆزىنىڭ مىيىپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مېيىپلار بىلىتى بىلەن باھاسى ئوخشاش بولغان بالىلار بىلىتى سېتىۋالغانلىقىنى چۇشەندۇردى.
-ئۇنداقتا، سىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكەڭچۇ؟-سورىدى پويىز باشلىقى.
ئەر ئۆزىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسى يوقلىقىنى ئىيتتى ھەمدە پۇتىنىڭ يېرىمىلا بار ئالقىنىنى كۆرسەتتى.
-بىز پەقەت كىنىشكىسنى تونۇيمىز، ئادەم تونۇمايمىز! كىنىشكىسى بار كىشىلەرلا مېيىپ ھىسابلىنىدۇ، سەندە مېيىپلىق كىنىشكسى بولسا ئاندىن مىيىپلار بېلىتىنىڭ ئىتۋار باھاسىدىن بەھر ئالالايسەن. سەن ئەڭ ياخشىسى بېلەت تولۇقلاپ سىتىۋال.-دېدى پويىز باشلىقى ئۇنىڭ پۇتىغا قاراپمۇ قويماستىن.
ئەر سالپىيىپلا قالدى. ئۇ پۈتۈن يانچۇقلىرىنى، سومكىلىرىنى ئاقتۇرغان ئىدى، پەقەت بىر نەچچە يۈەنلا پۇل چىقتى، بۇ پۇل بېلەت تولۇقلاشقا ئەسلا يەتمەيتتى.
-مىنىڭ پۇتۇمنى قۇرلۇش ماشىنىسى يەنجىۋەتكەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىش تىپىپ ئىشلىيەلمىدىم، پۇل بولمىغاچقا ھەتتا ئۆيۈمگىمۇ قايتالمىدىم. مىنىڭ مۇشۇ يىرىم باھالىق بېلىتىمنىمۇ يۇرتداشلار پۇل يىغىش قىلىپ ئىلىپ بەرگەن. ماڭا رەھىم قىلىپ، مۇشۇ بېلەتنى ئىناۋەتلىك قىلغان بولسىڭىز-دېدى ئەر يىغلامسىرىغان ئاۋازدا.
-بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ-دېدى پويىز باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن.
-بولمىسا ئۇ پاراۋوزدا كۆمۈر ئۇسسىسۇن، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى قىلغىنى بولۇپ قالار-دېدى پويىز خادىمى گەپ قىستۇرۇپ.
-بۇمۇ بولىدۇ-دېدى پويىز باشلىقى بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن.
بۇ ۋاقىتتا مىيىپ ئەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ ئىشلار كۆزىگە سىغمىغان بىر بوۋاي ئارىغا قىستۇرۇلدى.
-سەن ئەركىشىمۇ ئەمەسمۇ؟!-دەپ سورىدى ئۇ پويىز باشلىقىدىن.
-بۇ ئىش مىنىڭ ئەركىشى ياكى ئەركىشى ئەمەسلىكىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز-دەپ جاۋاب بەردى پويىز باشلىقى چۈشەنمەي.
-سەن ماڭا دەپ بەرسەڭلا بولدى، سەن ئەركىشىمۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى بوۋاي پويىز باشلىقىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ.
-مانا مەن يوغان بىر ئەركەك ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەنغۇ، ئەجەبا بۇنىڭمۇ يالغىنى بارمۇ؟-سورىدى پويىز باشلىقى سەل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن.
-مەنمۇ ساڭا ئوخشاش، ئادەم تونۇمايمەن، كىنىشكە تونۇيمەن. سىنىڭ ئەرلىك كىنىشكەڭ بولسا سەن ئەر، بولمىسا ئەركىشى ئەمەسسەن.-دېدى بوۋاي بىشىنى چايقاپ.
ئەتراپتىن قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
پويىز باشلىقى يامان يەردىن تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى، ئۇ قانداق گەپ قايتۇرۇشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
-مانا مەن ئەر كىشى ئەمەس، نېمە گىپىڭ بولسا ماڭا قىل-دېدى پويىز خادىمى پويىز باشلىقىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماق بولۇپ.
-سەن ئادەم ئەمەس نېمىسەن!-دەپ ۋارقىردى بوۋاي پويىز خادىمىنىڭ بۇرنىغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ.
بوۋاينىڭ بۇ گىپى بىلەن پويىز خادىمى ئاچچىقتىن پارتىلاپ كىتەيلا دەپ قالدى.
-ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل، مەن ئادەم بولماي نېمىكەنمەن.-دەپ چىرقىرىدى پويىز خادىمى.
-سەن ئادەم شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا ياخشى، قىنى ئادەملىك كىنىشكەڭنى چىقارغىن، مەن كۆرۈپ باقاي.-دېدى بوۋاي تەمكىن ھالدا، مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ.
ئەتراپتىن يەنە بىر قېتىم قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمەيتتى. ئۇ بولسىمۇ ھېلىقى پۇتىنىڭ ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق مىيىپ ئەر ئىدى. ئۇ گويا قىتىپ قالغاندەك، جىمجىت بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇراتتى. كۆزلىرىدىن بولسا توختىماي ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ يىشىنىڭ مىننەتدارلىقتىن، ياكى ئۇۋالچىلىقتىن ۋە ياكى ئۆچمەنلىكتىن ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايىتتى.
 

                                              مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1264 \ يوللانغان چېسلا: 2012-05-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: