wisal stuido
ئەتراپلىق ئېچىلغان يىغىن (فىليەتۇن)


ئەتراپلىق ئېچىلغان يىغىن

ياڭ خەنگۇاڭ
 

بىرىنچى قول رەھبەر راھەت كۆرىدۇ، ئىككىنچى قول رەھبەر يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئۈچىنچى قول رەھبەر خىزمەت قىلىدۇ. لىيۇ داپېڭ ئىدارىنىڭ ئىككىنچى قول رەھبىرى بولۇپ،ھەركۈنى دىگۈدەك يىغىنغا قاتنىشاتتى.
بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن، لىيۇ داپېڭ يىغىن زالىغا يېتىپ كەلگەندە، باشقىلار ئاللا بۇرۇن زالغا كىرىشكە باشلىغان ئىدى، ئۇ دەرھال بېرىپ يوقلىمىغا قول قويدى. يېقىندىن بۇيان ئېچىلغان بىرنەچچە قېتىملىق يىغىندا، ئۇ يىغىن ماتېريالىنى ئېلىۋىلىپلا تىكىۋەتكەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن غەلىتە ئىش يۈز بەردى، يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچى خادىم ماتېريالنى زال ئىچىدە تارقىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
لىيۇ داپېڭ ئامالسىز يىغىن زالىغا كىرىپ پىشقان تەجىربىسى بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 5-رەتتىن ئورۇن ئالدى. يىغىن قاتناشچىللىرى ئالدىدىن ئورۇن ئېلىشنى ياقتۇرماي، ھەممىسى كەينىگە قىستالغاچقا، ئالدىنقى ئۈچ رەت بوش-بىكار قېلىپ كەينى تەرەپتە ئورۇن قالمىدى. بۇ ھال ھەم رەھبەرنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەتتى ھەم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىغا قولايسىز ئىدى.شۇنىڭ بىلەن يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىۋى يىغىن مەيدانىنى رەتلەش بولدى.رىياسەتچى ئىنتايىن كەسكىن ھالدا:-ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ رەتتە ئولتۇرغانلار دەرھال ئالدىنقى ئۈچ رەتكە كېلىپ ئورۇن ئېلىڭلار،دېدى.
ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ رەتتە ئولتۇرغانلار تېخى ئانچە تونۇلمىغان”يېڭى مېھمان“ لار بولغاچقا،پۇشايمان قىلىشقىنىچە سۆرەلمىلىك بىلەن ئالدىغا كېلىپ ئورۇن ئالدى.
ئورۇن رەتلىنىپ بولغاندىن كىيىن يىغىن باشلاندى.ئالدى بىلەن رىياسەتچى سۆزلدى، ئاندىن رەھبەر سۆزلىدى. لىيۇ داپېڭ بىر ئېغىز سۆزنىمۇ ئاڭلىماي، يىغىن زالىدىن شامالدەك يېنىپ چىقتى.
كوچىدا ئىككى سائەت لاغايلاپ يۈرگىچە،ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. لىيۇ داپېڭ ئۆيگە قايتاي دېدى-يۇ،يىغىن ماتېريالىنى ئېلىۋالمىسا،ئەتە يىغىن روھىنى يەتكۈزەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ،يىغىن زالىغا قايتىپ كەلدى.بەللى،بۇ چاغدا ھاكىم دەل يوقلىما قىلىۋاتاتتى. لىيۇ داپېڭنىڭ كىرىشىگىلا ئۇنىڭ ئىسمى ئوقۇلدى، - بار،دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ بىمالال ھالدا.
-يىغىن ۋاقتىدا نەگە باردىڭ؟،دەپ سورىدى ھاكىم چىرايى تۈرۈلگەن ھالدا.
-ئوپېرنىغا،دەپ جاۋاپ بەردى لىيۇ داپېڭ قىلچە ئىككىلەنمەيلا.
-ئولتۇر،دىدى ھاكىم ئۆزىنى سەل يىغىۋېلىپ.
لىيۇ داپېڭ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، –نىمە ئىش بولدى؟،-دەپ سورىدى سول يېنىدىكى سېمىز ئادەمدىن.
-مەن بايا ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن،ئويغانسام لى ھاكىم يوقلىما قىلىۋېتىپتىكەن،-دېدى سېمىز ئادەم دومسىيىپ تۇرۇپ.
لىيۇ داپېڭ ئامالسىز ئوڭ يېنىدىكى ئورۇق ئادەمدىن سورىدى.-يېقىندىن بېرى يىغىندىن يوشۇرۇنچە قاچىدىغانلار كۆپىيىپ قالغاچقا،بۈگۈنكى ماتېريالنى تېخىچە تارقاتمىدى ،شۇنداقتىمۇ يەنە نۇرغۇن ئادەم قېچىپتۇ،يەنە بەزىلەر خورەك تارتىپ ئۇخلىدى،لى ھاكىمنىڭ بۇ قېتىم رەسمىي خۇيى تۇتتى،-دېدى ،ئورۇق ئادەم پەس ئاۋازدا.
گەپ ئارىلىقىدا،يوقلىما قىلىنىپ بولدى،جەمئىي19ئادەم يىغىندىن قېچىپتۇ.لى ھاكىم يوقلىما خاتىرسىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ،-تەپتارتماستىن شۇنچىۋالا ئادەم يىغىندىن قېچىپتۇ،مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ.يىغىندىن كىيىن ئۇلاردىن بىر-بىرلەپ ھېساب ئالىمەن،-دېدى قاتتىق غەزەپلىنىپ.
لىيۇ داپېڭ ئۆزىنىڭ يىغىن زالىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدى،لېكىن ئارقىدىنلا،-يىغىندا ئولتۇرساملا بولدى ،دەپ ئويلاپقالماڭلار،كاللاڭلارنى ئېلىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىڭلارنى تەكشۈرىمەن،-دېدى لى ھاكىم .
لى ھاكىم بىرىنچى بولۇپ بايا ئۇخلاپ ئويغانغان ھېلىقى سېمىز ئادەمدىن ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويۇپ،بۇ قېتىمقى يىغىندا نىمە مەزمۇن سۆزلەنگەنلىكىنى سورىدى.سېمىز ئادەمنىڭ كاللىسىغا ھېچنىمە چۈشمىگەچكە،يۈزىنى تاتىلاپ،دۇدۇقلاپ ھېچنىمە دىيەلمىدى.
لىيۇ داپېڭ دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ رەئىس سەھنىسىدىكى لۇزىنكىغا قاراپ،كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش توغرىسىدىكى يىغىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى.شۇنداقتىمۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى پەس ئاۋاز بىلەن،-لى ھاكىم بۈگۈن نېمىنى سۆزلىدى؟،-دەپ سورىدى يېنىدىكى ئورۇق ئادەمدىن.
-مەن نەدىن بىلەي؟،ھەرگىز مەندىن سوراپ قالمىسۇن،-دېدى ئورۇق ئادەم جىددىيلىشىپ.
قورققانغا قوش كۆرنۈپتۇ دىگەندەك،لى ھاكىم شۇ ھامان ئورۇق ئادەمدىن سۇئال سورىدى. ئورۇق ئادەم ئىنتايىن رازى بولمىغان قىياپەتتە ئورنىدىن تۇردى،ئۇ يىغىندا سىجىل ئولتۇرغان بولسىمۇ،بىلىدىغانلىرى لىيۇ داپېڭدەك كۆپ بولمىغاچقا،جاۋاپ بېرەلمىدى.
لى ھاكىم ئارقا-ئارقىدىن يەتتە-سەككىز ئادەمدىن سورىغان بولسىمۇ،ھەممىسى ئېنىق جاۋاپ بېرەلمىدى.-ئەڭ ئاخىردا بىر ئادەمدىن سورايمەن،ئەگەر جاۋاپ بېرەلمىسە،مېنىڭ سۆزۈمنى سۇدەك يادلاپ بېرەلىگىەنگە قەدەر داۋاملىق ئۆگىنىش قىلىدۇ،-دېدى لى ھاكىم،ئۈستەلنى مۇشتلاپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ.
لى ھاكىم كۆزىنى خۇددى پىلموتتەك يىغىن قاتناشچىللىرىغا يۈگۈرتىشكە باشلىدى،يىغىن قاتناشچىللىرى قورقۇپ،بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.
لى ھاكىمنىڭ كۆزى ئاخىرى لىيۇ داپېڭغا تىكىلدى،-بايا ئوپېرنىغا چىقىپ كەتكەن ھېلىقى كىشى،ئىسمىڭ نىمە؟،-ھە توغرا،لىيۇ داپېڭ،سەن دەپباقە،بايا مەن نېمە توغرىلىق سۆزلىدىم؟،سورىدى يۇقۇرى ئاۋازدا.
لىيۇ داپېڭ خۇددى مۈرىسىگە تاش ئارتىپ قويغاندەك مىڭ تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى. لىيۇ داپېڭنىڭ ئىككى سائەت يوقاپ كەتكەنلىكىنى،لى ھاكىمىنىڭ سۆزىنى پەقەت ئاڭلىمىغانلىقىنى باشقىلار بىلمەيتى.ئۇلار خۇددى بېشىغا كۈن چۈشكەندە خۇدادىن ئىلتىجا تىلەۋاتقان بىر توپ بالىلاردەك لىيۇ داپېڭنى قۇتقازغۇچى ئىلاھ قاتارىدا كۆرۈپ،ئۇنىڭغا تەقەززالىق بىلەن كۆز تىكمەكتە ئىدى.
لىيۇ داپېڭ باشقىلارنىڭ تەقەززاسىدىن تەسىرلەندى بولغاي،دو تىكىپ بېقىش قارارىغا كەلدى-دە،كۆپ يىللىق يىغىنغا قاتنىشىش تەجىربىسىگە ئاساسەن،ئويلانغاچ يۈرىكىنى تۇتىۋېلىپ،-لى ھاكىم،بۈگۈنكى سۆزىڭىزنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:بىرىنچى، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشنىڭ ئەھمىيتى زور؛ئىككىنچى،ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ئەھمىيەت بېرىشى،بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى باشلامچى بولىشى؛ئۈچىنچى،ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ،ئۈنۈملۈك تەدبىر تۈزۈپ چىقىش؛تۆتىنچى،قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ھەقىقىي تۇتۇپ پۇختا ئىشلەش؛بەشىنچى،نازارەتنى چىڭىتىپ،كاۋاك قالدۇرماسلىق،-دەپ جاۋاپ بەردى.
-توغرا جاۋاپ بەردى.ھەممىڭلار يولداش لىيۇ داپېڭدىن ئۆگىنىپ،ھەر قېتىملىق يىغىنغا ئۆزەڭلارنىلا ئېلىپ كەلمەي،يەنە قۇلىقىڭلار ۋە كاللاڭلارنىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار،ياخشى ئاڭلاپ،ئېسىڭلارغا ئېلىۋېلىڭلار،شۇندىلا، قايتقاندىن كىيىن يىغىننىڭ روھىنى توغرا يەتكۈزەلەيسىلەر،يىغىن تامام،-دېدى چىرايىغا كۈلكە يۈگىرىپ.
ماتېريال ئەمدى تارقىتىلىشقا باشلىدى،نەچچە يۈز ئادەم ئەركىن تىىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: نىجات ئىبراھىم
مىكرو ھىكايىلاردىن تاللانمىلار يېرىم ئايلىق ژورنالنىڭ2012-يىلى10-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

                                          مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1291 \ يوللانغان چېسلا: 2012-05-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: