wisal stuido
خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت


ئىنسانىي قەدىر-قىممەت

ياڭ خېڭجۇن
دولان تەرجىمىسى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك ئۇستاز:
كەمىنەشاگىرتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ لى تەنيى ئەنزىسىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكلىرىگەھەيران قالدىم، ئۆزلىرىنىڭ ئەدىلىيە ساھەسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا ئىھتىياتچان ئىكەنلىكلىرىنى چۈشۈنىمەن، ھەم ئۆزلىرىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرماقچىمۇ ئەمەسمەن، شۇنداقتىمۇ كەمىنە شاگېرتلىرىنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭ بولمىغان بىر مەسىلىگە تەلىم بېرىشلىرىنى سورايمەن، كەڭ تورداشلارنىڭ لى تەنيى ئەنزىسىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىگە قانداق قارايدىلا؟ پۇقرالارنىڭ بايلارغا، ئەمەلدارغا ۋە چولپانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىگىچۇ؟ ئىشلار مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقار؟ سىللىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنى مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ « زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى » دەپ قارامدىلا؟ جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولۇشىنى، ياخشى كۈن كۈرىشىنى كۆرەلمەيدۇ، بۇخىل مىللىي خارەكتېردە قانداقمۇ ئەركىنلىك ۋە دېمۇكراتىيىنى ئارزۇقىلغىلى بولسۇن؟ ئۆزلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە بىزنىڭ ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىمىز يوققاچىقارمۇ؟ نۇرغۇن كىشىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرارمۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ شاگىرتلىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىشلىرىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
بېيجىڭدىكى ئوقۇرمەنلىرى
2013-يىلى10-ئاينىڭ 4-كۈنى

ياڭ خېڭجۇننىڭ جاۋاب خېتى
پېقىرنىڭ« ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەت » سەھىپىسىنى تەسىس قىلىشىممۇ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆپرەك ھىسسىيات ئالماشتۇرۇپ، پىكىرلىشىشنى مەقسەت قىلىش بولسىمۇ، بىراق كەلگەن خەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئادەتتىكى مەسىلىلەر ئىكەن، بىراق سىزنىڭ سۇئالىڭىزنىڭ ۋەزنى بىراز ئېغىر ئىكەن، كەمىنە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. مەن ئالدىبىلەن سىز سورىغان ئاساسلىق مەسىلىگە بولغان قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام، پېقىرنىڭ قارىشىچە بۈگۈنكى جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى بايلارغا،ئەمەلدارغا ۋە چولپانلارغا ئۆچلۈك قىلىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ چوڭقۇرقاتلاملىق سەۋەب __ باراۋەرسىزلىك.

باراۋەرسىزلىكنى جۇڭگو جەمئىيىتىدە ساقلانغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب دېيىشكەبولىدۇ، سىز بەلكى باي-نامراتلىق پەرقى دېيىشىڭىز مۇمكىن، يەنە بىرسى خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىش ۋە ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى دېيىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرئەركىنلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە دېمۇكىراتىيەنىڭ بولماسلىقى دېيىشى مۇمكىن، بىراق بۇ زىددىيەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب بولسا جەمئىيەتتەئومۇملاشقان باراۋەرسىزلىكتۇر. باراۋەرسىزلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئادالەتسىزلىك ۋەناھەقچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ، باي-نامراتلىق پەرقىدىنمۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى باراۋەرسىزلىك، ئىنسانىي باراۋەرسىزلىك ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەتتىكى باراۋەرسىزلىكتىن ئىبارەت.

ئامېرىكاۋە شياڭگاڭدا باي-نامراتلىق پەرقى يوقمۇ؟ بۇ جايلاردىمۇ باي-نامراتلار بار، لېكىن بۇنى تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، شۇنداقلا بۇ پەرقنى تېخىمۇ زورايتىدىغان تۈزۈلمە مەۋجۇتمۇ ئەمەس، ھەمدە پۇقرالار ئارا باراۋەرسىز سىياسىي تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىش ئازدۇر-كۆپتۇرمەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق بۇخىل قىلمىش ئېغىر جىنايەت ھىساپلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئايرىم دۆلەتلەرگە ئوخشاش مونوپول گۇرۇھ بىلەن مەنپەئەتدار گۇرۇھلا بەھرىمان بولىدىغان «ئالاھىدە ئىمتىياز » ئەمەس. ئادەتتىكى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ؟ سەۋەب ىپۇقرالارمۇ ھوقۇقدار تۆرىلەرگە ئوخشاش ئاساسىي قانۇن بەرگەن ئەركىنلىك ھوقۇقتىن ئازدۇر-كۆپتۇربەھرىمان بولۇشقۇ؟ دېموكراتىيىگە ئېرىشىش دېگەنلىك ھەقىقى مەنىدىكى باراۋەرلىك ۋەئەركىنلىكتىن ئىبارەت سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

يەرشارىدا دېمۇكراتىيىنى بەرپا قىلغان دۆلەتتىن ئۈچى بار ( ئامېرىكا، ئەنگلىيە،فرانسىيە ). پۇقرالار ئەڭبۇرۇن نېمىگە ئىنتىلگەن؟ باراۋەرلىككە ئىنتىلگەن.ئەنگىلىينىڭ نىزامنامىسى، فارانسىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغىنى ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيە بولماستىن بەلكى باراۋەرلىكتۇر يەنى ھەرقانداق بىر كىشى تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر دېگەننى تەكىتلەيدۇ.

سىز بەلكى كىشىلەر تۇغۇلىشىدىلا قانداقمۇ باراۋەر بولسۇن؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن، سىزدىن سوراپباقسام، مىليونېر ئائىلە بىلەن نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغانلار باراۋەرمۇ؟ ئەقىللىق كىشى بىلەن ئەقلى قابىلىيىتى تۇسالغۇغا ئۇچرىغان كىشى باراۋەرمۇ؟ ئامېرىكىغائوغۇرلۇقچە كېرگەن جۇڭگولۇق كۆچمەن بىلەن ئاق تەنلىكلەر باراۋەرمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى « باراۋەرلىك » دېگەنگە تاقىلىدۇ، شۇنداقلا بىز جۇڭگولۇقلار چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان مەسىلە.

يۈزيىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ نېمىگە ئېرىشتى؟مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە، باراۋەر دۆلەتلىك ئورۇنغا، باراۋەر بولغان كىشىلىك قەدىر قىممەت ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، جۇمھۇرىيەت قورۇلغىلى 64 يىل بولغاندا، ئىقتىساد غايەت زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو خەلقئارادا بارۋەرئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى يوقىرى كۆتىرىلدى.
بىراق دۆلەت ئىچىدىچۇ؟ جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىشىلىك قەدىر-قىممەت، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە باراۋەر بولالىدىمۇ؟ئەر-ئايال باراۋەرمۇ؟ شەھەر بىلەن يېزىدىكى پۇقرالار باراۋەرمۇ؟ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى دائىرلەر بىلەن ئاۋام-پۇقرا باراۋەرمۇ؟ ھوقۇقدار گورۇھ بىلەن ئادەتتىكى ئامماباراۋەرمۇ؟ دېھقان ئىشلەمچى بىلەن لى تەنيى قانۇن ئالدىدا باراۋەرمۇ؟ ئاساسىي قانۇندا ھەممە ئادەم باراۋەر دېيىلسىمۇ، نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر كۆپسانلىق پۇقراغا قارىغاندا « ئالايىدە »؟ نېمە ئۈچۈن تۆۋەن قاتلامدىكى ئاجىز، مۇناسىۋېتى ۋە ئارقا كۆرۈنىشى بولمىغان ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئىنسانىي غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىدۇ؟

بىز نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ « باراۋەرلىك » ئىزدىدۇق، مەسىلەن « يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىپ، يەرلەرنى بۆلۈپ بەردۇق »، ليۇ شاۋچى، پېڭ دېخۇەي، شى جوڭشىن قاتارلىق ئەمەلدارلارنى ئاغدۇرۇۋەتتۇق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىردەك « شەرق قىزاردى » ناخشىسىنى توۋلىدۇق، ھەممە كىشى ئوخشاش پاسون، ئوخشاش رەڭدە كېيىندۇق،پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئوخشاشلا يالاڭتۆشكە ئايلاندۇق، ھەممە بىردەك ماۋ جۇشىنىڭ ياخشى پەرزەنتى بولدۇق..... بۇلار باراۋەرلىكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇ « باراۋەرلىك »نى خاتا چۈشەنگەنلىك، بۇ باراۋەرلىك ئەمەس بەلكى باراۋەرسىزلىك.

باراۋەرلىك دېگەن ئىقتىسادى جەھەتتە «داشقازاننىڭ تامىقى » ئەمەس، ئىددىيە جەھەتتە « بىردەك ئىتتىپاقلىشىش » ياكى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كېلىش تېخىمۇ ئەمەس. باراۋەرلىك دېگەن ئالدىبىلەن سىياسىي ھوقۇقدىكى باراۋەرلىكنى، ئىقتىساد ۋە مائارىپ پۇرسىتى جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى شۇنداقلا قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكنى كۆرسىتىدۇ. باراۋەرلىك تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەربىر كىشىنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى جەھەتتىكى باراۋەرلىكتىن ئىبارەت.

مانابۇلار جۇڭگودا يېقىنقى يىللاردا پەيدىنپەي يوقالغان نەرسىلەردۇر. ئىسلاھاتتىن بۇيان ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئالغا باستى، بىراق باراۋەرلىك ئىددىيەقارىشىدا قىلچە ئىلگىرىلەش بولماستىن بەلكى ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەچكە چېكىنىش كۆرۈلدى.

كەمىنە يېقىنقى يىللاردا ئەركىنلىك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە دېمۇكراتىيەنى كۆپرەك تەكىتلەپ، باراۋەرلىك ئۇستىدەبەكمۇ ئاز توختالغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، بەلكى بۇ مەندىكى خاتالىق بولۇشى مومكىن،بىراق پەقىرنىڭ باراۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ ئىنسانلار توغۇلىشىدىنلا بارلىغىغاقارىتا ئىمانىم كامىل، خەلقئارا جەمئىيەتتە نەچچىيۈزيىل بۇرۇنقى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە مەرىپەتچىلىك ھەركىتىدە باراۋەرلىك كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى، جۇڭگودا بولسا ئىككىيۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دۆلەت ۋە خەلق ئىزچىل ئىنتىلىپ كەلدى، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت بۇنەرسە جۇڭگودا يەنىلا بىر غايە، شۇنداقلا گۈزەل بولغان جۇڭگو ئارزۇسى بولسا كېرەك.ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىخيىلىك ھالدا « ھوقۇقىنى قوغداش »ھەركىتىمۇ بىرخىل باراۋەرلىككە ئىنتىلىش ھىساپلىنىدۇ، بىراق شۇنى ئېتىراپ قىلمايبولمايدۇكى، نۆۋەتتىكى باراۋەرلىككە ئىنتىلىش پەقەتلا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكەئىنتىلىش باسقۇچىدا توختاپ قالغان بولۇپ، سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يەنىلا سانسىزلىغان كىشىلەرتەقدىرگە تەن بىرىپ ياشىماقتا.

مۇشۇ يىللاردا دۆلەت ئىچىنى ئايلىنىش جەريانىدا، پېقىرنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنى ئاشۇ مەنپەئەتدار گورۇھنىڭ « ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتۇش » ئىددىيىسى بولماستىن، بەلكى تۆۋەن قاتلامدىكى ئاجىزبىچارىلەرنىڭ ئۆزىنى پەس كۆرۈشى ۋە ھوقۇقدارلارغا باش ئېگىدىغان قۇلچىلىق ئىددىيىسىنىڭ يامرىشىدۇر. كەمىنە قەلەم ئىگىسى نۇرغۇنلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرپەرزەنتىنىڭ شەھەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرەلمىگنلىكىنى كۆردىم، بەزىلەر ئاشۇبىچارە بالىلارنىڭ باراۋەر ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئەمەلگەئاشۇرغان تەقدىردىمۇ، بىچارە دېھقانلار ئېنىقكى پارتىيە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىدۇ،ئەگەر پەرزەنتىگە شەھەردە ئادىل ئوقۇش پۇرسىتى بېرىلمىسە، ئۆزىنىڭ سەھرالىق ئىكەنلىگىدىن كۆرىدۇ، بۇ بىچارىلەرنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپكەتكەن باراۋەرسىزلىك قارىشى، ھەقىقەتەن كىشىنى ئازاپلايدۇ!

پېقىرنىڭ مۇشۇ يىللاردا چەتئەلدە ئېرىشكەن ئەڭچوڭقۇر ھاسىلاتى، سىياسىي تۈزۈلمىدىكى دېمۇكراتىيە، ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنىى،دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋېتىنى چۈشىنىش؛ قائىدە-تۈزۈمدە بىكىتىلگەن ئەركىنلىك،قايسىنى قىلىشقا بولىدىغان-قايسىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بولۇشى؛شەخسى جەھەتتە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى يەنىلا باراۋەرلىكتۇر، ھەربىر كىشىنىڭنئىنسانىي قەدىر-قىممەت جەھەتتىكى مۇتلەق باراۋەر بولغان قىممەت قارىشىدۇر؛ كىشىلىك قەدىر-قىممەت جەھەتتە زوڭتوڭ بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ باراۋەر بولىشىدۇر.

باراۋەرلىك بولمىغان جايدا ياشىغان بارلىق كىشىلەر باراۋەرسىزدۇر، مەيلى ئاۋام-پۇقراغا باراۋەرسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقان ھوقۇقدارلار ياكى مەنپەئەتدار گورۇھ بولسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن قانچە «ئالىيجاناپ » ھىساپلاپ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرسىمۇ، ئوخشاشلا ئادىمىيلىكى تۆۋەن بولىدۇ، باراۋەرلىك بولمىغان دۆلەتتە يۇقۇرىسى دۆلەت رەئىسىدىن تارتىپ تۆۋىنى مەدىكارغىچە ئوخشاشلا ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ.
كەمىنە سىزنىڭ يوقۇرقى « جۇڭگولۇقلارئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى، ياخشى كۈن كۈرىشىنى كۆرەلمەيدۇ » دېگەن قارىشىڭىزغا قوشۇلمايمەن، پېقىر شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، جۇڭگولۇقلار ھەرگىزمۇبايلارغا، ئەمەلدارغا ۋە چولپانلارغا ئۆچ ئەمەس، ماڭا تېخىمۇ ئۆچ ئەمەس، خەلقنىڭ ئارزۇلايدېغىنى باراۋەرلىك، قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك، تۇغما كىشىلىك ھوقۇق ۋەئاساسىي قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە جەمئىيەتتىكى باراۋەرلىكتۇر. ئەگەر بىز ھەقىقى مەنىدىكى باراۋەرلىككە ئىگە بولۇپ، ئەمەلداربىلەن پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولغاندا، سىز مەيلى باي بۇلۇڭ، ئەمەلدار بۇلۇڭ ياكى چولپان بۇلۇڭ ھېچكىشى سىزگە ئۆچلۈك قىلمايدۇ.

ئاخىردا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم، باراۋەرلىك دېگەننى ھۆكۈمەت بىلەن مەنپەئەتدار گورۇھنىڭ تۇيۇقسىز رەھمى كېلىپ، ئاۋام-پۇقراغا ئىنئام قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى كوللىكتىپ ئويغىنىپ، يوقىرى-تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسە، ئەگەردە ئەركىنلىك قانۇن كاپالىتىگەئىگە بولسىلا، باراۋەرلىك دېگەننى قەتئى تەۋرەنمەي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
بۈگۈن سىز باراۋەرمۇ؟ بۈگۈن سىز باراۋەرلىككەئىنتىلدىڭىزمۇ؟
http://yanghengjun.blog.21ccom.net/?p=355
 

                                                                   مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1460 \ يوللانغان چېسلا: 2014-08-11
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: