wisal stuido
خىتاي، چەت ئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەرنى پاش قىلىشنى يولغا قويدى


خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى، چەت ئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەرنى پاش قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى
 

5 – ئاۋغۇست جۇڭگو گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە «خىتايدا نوپۇسى بار، ئەمما باشقا دۆلەتتە كۆچمەن بولغانلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلىندى.
خىتاي قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ياكى ئېرىشكەنلەر خىتاي پۇقرالىقىنى ئۆزلۈكىدىن يوقاتقان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا نوپۇسى ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر كۆچمەن بولغاندىن كېيىنمۇ خىتاي نوپۇسىنى ساقلاپ قالغان، بىراق بۇنىڭدىن كېيىن ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى نوپۇس پاش قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 15- ئىيۇل، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تور بېتى «ج خ مىنىستىرلىكى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىغا نوپۇس مەسىلىسى (يىپ ئۇچى) نى پاش قىلىش، ئەرز قىلىش ئۇسۇلى» نى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نوپۇس مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پاش قىلىشىنى، ئەرز ۋە ئىنكاسلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ چارىنىڭ «ئۆلۈم ياكى باشقا دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن نوپۇسى ئۆچۈرۈلۈشكە تېگىشلىكلەردىن ئۆچۈرمىگەنلەر» گە قارىتىلغانلىقى ئېيتىلغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي سىرتىدىكىلەرنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىق قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى بارغانسېرى چىڭىپ ماڭغان، شۇنداقلا چېگرادىن كىرىش – چىقىش سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىقلاشقان. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2013 – يىلدىن 2014 – يىلى 6 – ئايغىچە جەمئىي 1 مىليون 60 مىڭ نوپۇسنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرادىن كىرىش – چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن تاموژنىدا باشقا دۆلەتنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەنلەرنى تەكشۈرۈپ، نوپۇسىنى ئۆچۈرمىگەنلەرنى ئەسلى تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ نوپۇسىنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن چېگرادىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز خاھىشى بويىچە باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەر خىتاي پۇقرالىقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن ھېسابلانغان. لېكىن خىتاينىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىلەن نوپۇس، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، باج، سودا – سانائەت، چېگرا باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرى قانۇن ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قاتلىمىدا بىرلىك ھاسىل قىلالمىغاچقا، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تورلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاچقا، بەزى كىشىلەر باشقا دۆلەت تەۋەلىكىنى يوشۇرۇپ، خىتاي پۇقرالىقى سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە چېگرادىن كىرىش – چىقىش ئىشلىرىدا قولايلىقلاردىن بەھرىمەن بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاش قىلىش چارىسىدە، چەت ئەلنىڭ يېشىل كارتىسىنى ئېلىپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر ۋە كۆچمەن بولۇپ تېخى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتمىگەنلەر بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
 

باشقا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى نېمە ئۈچۈن نوپۇسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ؟
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمەن بولغاندىن كېيىنمۇ خىتاي نوپۇسىنى ساقلاپ قېلىش، خىتايدا قانۇنسىز بولسىمۇ، بۇ ئىش كۆپ نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن. يەنى خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنت تەربىيەلەش، پېنسىيە مائاشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مېھمانسارايدا قالغاندا قولايلىققا ئېرىشىش قاتارلىقلاردىن باشقا، خىتايدا ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشقا تەسىر قىلمايدىكەن.

نوپۇس ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى 1 - ئاۋارىچىلىك : خىتايغا قايتىشتا ۋىزا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر ۋىزا بېجىرىش ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزا ئېلىش تېخىمۇ تەس.

2 - ئاۋارىچىلىك : خىتايدىكى مۈلۈك مەسىلىسى. خىتايدىكى مال- مۈلۈك، پايچىك ، فوند، قېرىغاندا بېقىنىش پۇلى قاتارلىقلارنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش چوڭ مەسىلە، ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانى بەك مۇرەككەپ. ئۆي - مۈلۈك ھوقۇقى تېخىمۇ شۇنداق، ھەم باج نىسبىتىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، بەزى خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاينىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىنى قويۇۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قوش دۆلەت پۇقراسى بولۇشنىڭ باشقا دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىتايلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار بولۇپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەندە، پاسپورت بىلەنلا پۈتۈن دۇنيانى ئاساسەن توسالغۇسىز ساياھەت قىلالايدىكەن. خىتايغا قايتقاندا، خىتاي پاسپورتى بولسا، چېگرادىن كىرىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىش كەتمەيدىكەن ۋە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە يەنە، ھازىر قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرەققىي قىلغان ياكى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت ۋە رايونلار بولغاچقا، بۇ خىل ئەھۋال قوش دۆلەت پۇقرالىقىنىڭ ئېچىۋېتىش، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئېقىشى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

لېكىن، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا قارشى پىكىر تۇتۇۋاتقان بولۇپ، يېڭى سىياسەت پارىخورلۇققا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، پارىخور ئەمەلدارلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش دېگەنلىك بولىدىكەن. بۇنداق قىلغاندا، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىكەن.

كۆچمەن مەسلىھەتچى روببىننىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىتى پارىخور ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدۇر.
خىتاي ج خ ئۇنىۋېرسىتېتى جىنايى ئىشلار چارلاش فاكۇلتېتى مۇدىرى دەي پېڭ: «ج خ تارماقلىرىنىڭ قوش دۆلەت پۇقرالىقىغا زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى، نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇنتىزىملىشىش ۋە قانۇنلىششىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى » دېگەن.

ئۇ، «پارىخور ياكى چىرىك ئەمەلدارلار باشقا دۆلەتنىڭ يېشىل كارتىسى ياكى مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، زور مىقداردىكى قانۇنسىز پۇل- ماللارنى پۇل يۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چېگرا سىرتىغا چىقىرالايدىغانلىقىنى، ھەم بىرەر ئەھۋال كۆرۈلگەندە دەرھال چېگرا سىرتىغا قېچىپ كېتىپ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ زەربىسىدىن ساقلىنىپ قالالايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي قانۇن ئىجرا ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرى بىلەن خەلقئارالىق قانۇن مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدا ئىقتىسادىي ياكى قانۇنىي جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق كۆچمەنلەر كۆچمەن بولۇپ بارغان يېرىدىمۇ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا چوڭ تەھدىت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك» كە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان مەزكۇر سىياسەتنىڭ چەت ئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا قانداق ئىجرا قىلنىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر خىل يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيگەن ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەرمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەتىنىگە قايتىپ، بەلگىلىمە بويىچە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن نوپۇسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ۋە بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئالالمايلا قالماستىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقىمۇ ئېرىشەلمىگەن.
 

                                         مەنبە: تۈركىيە رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى تورىدىن ئېلىندى.


 
 

كۆرۈلۈشى: 1571 \ يوللانغان چېسلا: 2014-08-17
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: