wisal stuido
خىتاينىڭ سىياسىي زۇلىمىغا خوڭكوڭ خەلقىدىن كۈچلۈك نارازلىق

 

خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى پۇقرالارنىڭ ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا


خوڭكوڭدىكى يېڭى سايلام قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ شەھەرنىڭ مالىيە مەركىزىنى ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلار تارقىلىپ كېتىشنى رەت قىلماقتا.
 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاھىدە رايون سالاھىيىتىگە ئىگە خوڭكوڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا. يېڭى سايلام قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مىڭلارچە كىشى مالىيە مەركىزىدىن چىقىپ كېتىشنى قەتئىي رەت قىلىپ، رايوننىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىكى ئولتۇرۇۋېلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

نامايىشچىلار رايوننىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدىغان 2017- يىلىدىكى سايلاملاردا نامزاتلارنىڭ بېيجىڭ نامزات بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى توغرىسىدىكى قانۇنغا قارشى چىقماقتا.
ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا قارىماي، تارقىلىپ كېتىشنى رەت قىلغان نامايىشچىلار يۈزىسىدىن شەھەردە قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى؛ كۆپ ساندا ئاپتوبۇس قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى قاتناش يوللىرىنى ئۆزگەرتتى، بەزى مېترو بېكەتلىرىنىڭ كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرى ئىتىۋېتىلدى. 
 

                                        مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى ئۇيغۇرچە بۆلىمى تورىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1255 \ يوللانغان چېسلا: 2014-09-29
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: