wisal stuido
بىر ۋاقىتلاردا خىتاينى سورىغان مانجۇ مىللىتى ھازىر ئاسارە-ئەتىقە بولۇش گىراۋىغا چۈشۈپ قالدى


خىتايدىكى 10 مىليون مانجۇلاردىن ئۆز تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن
 

نۆۋەتتە جۇڭگودىكى مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، لېكىن مانجۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار 100گىمۇ يەتمەيدىكەن، پىششق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن

شىنخۇا تورى 23-سىنتەبېر تېلېگرافى (مۇخبىر سۈن رېن بىن، شۈ ياڭ) «نۆۋەتتە جۇڭگودىكى مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، لېكىن مانجۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار 100گىمۇ يەتمەيدىكەن، پىششق بىلىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدىكەن.» 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانا تەتقىقاتچىسى سۈن چېڭ دې (孙成德) تۇنجى نۆۋەتلىك مانجۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەئەللۇقاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ستراتېگىيىلىك مۇزاكىرە يىغىنىدا، 300 يىللىق تارىخقا ئىگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولغان-مانجۇ تىلى يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، دېدى.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مانجۇ تىلى چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «دۆلەت تىلى» قىلىپ بىكىتىلگەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، مانجۇ تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز زورايغان، مانجۇ ئەسكەرلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىشىگە ئەگىشىپ، مانجۇ يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئايماقلىرىغىچە تارقالغان. لېكىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ جىيا چىڭ مەزگىلىدىن باشلاپ، مانجۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغانلار بارا-بارا ئازىيىشقا باشلىغان، مانجۇ يېزىقىمۇ ئاستا-ئاستا غايىب بولغان.

شېنياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو شىمال ئاز سانلىق مىللەتلىرى مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئاسپىرانت يىتەكچىسى ساۋ مېڭ (曹萌) مۇخبىرغا، بۇندىن بۇرۇن لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ بىر ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە مانجۇ تىلىنى بىلىدىغانلار 100گە يەتمەيدۇ، مانجۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلارنىڭ سانى 10غىمۇ يەتمەيدۇ، دېيىلگەن دېدى. ساۋ مېڭ يەنە:« بۇ بىر نەچچە يىلدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات پەقەت تۆۋەنلەۋاتىدۇ. مانجۇ تىلىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا» دېدى.

جۇڭگو مىللەتلەر سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو مىللەت نەزىرىيىسى جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن مەسلىھەتچىسى ماۋ گوڭ نىڭ (毛公宁) « مانجۇ مەدەنىيىتى بىر خىل ئۆزگىچە مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە قوغدىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. كۆپ خىل مەدەنىيەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، مانجۇ تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، بىزنىڭ مانجۇلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتى، دىنى-ئېتىقادى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.» دېدى.
چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ۋە خەلق كۆپ مىقداردا مانجۇ يېزىقىدىكى كىتاب، ئارخىپ، ئائىلە نەسەبنامىسى قاتارلىق ھۆججەت ماتىرىياللارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ساقلانغان مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ سانى 3 مىليون پارچە. بېيجىڭدىكى 1-تارىخىي ئارخىپخانىدا، 2 مىليون پارچە مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ ساقلانغان، تەيۋەن تەيبېيدىكى خان سارىيى مۇزېيىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق، لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق مانجۇ يېزىقىدىكى ئارخىپ ساقلانغان.

مانجۇلارنىڭ ماكانى بولغان لىياۋنىڭدا، 5 مىليون 500 مىڭ مانجۇ بار ئىكەن. 2006-يىلى، شېنياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو شىمال مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن « لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك مانجۇ مەدەنىيىتى مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىش بازىسى» دەپ بىكىتىلگەن، 2007-يىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن « دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر مەدەنىيىتى خىزمەت بازىسى» قىلىپ بېكتىلگەن.

نۆۋەتتە، مەزكۇر مەركەزدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن 10ى بار، مەكتەپ ئىچىدىكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىدىن 6سى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى قوشۇمچە تەتقىقاتچىدىن 6سى بار. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار « جۇڭگو مانجۇشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، مانجۇ تىلى ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيلەپ، مانجۇ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكچى.

ساۋ مېڭ :« ئەگەر بۇ خىزمەت ۋاقىتىدا، چوڭقۇر، سىستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلمىسا، مانجۇ تىلىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى مانجۇ يېزىقىدىكى ماتىرىياللار مۇزېيلاردىكى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر بۇنى تەرجىمە قىلىدىغان كىشى بولمىسا، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى بىر چوڭ يوقۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.» دېدى.

(تەرجىمىدە: نۇرئەلى)
 

                                                                     مەنبە: ئوكيان مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


كۆرۈلۈشى: 1371 \ يوللانغان چېسلا: 2014-10-23
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: