wisal stuido
خىتايدا پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىچىگە پاھىشخانا ئېچىلغان

 


شەنشى لىيۇبا ناھىيىسى پارتىيە مەكىتىپىگە ھەشەمەتلىك KTV يوشۇرۇلغان
 

ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تور ئابونتلىرى تارتىۋالغان سۈرەتتە كىرىش ئېغىزىدا KTV دېگەن ئۈچ ھەرپنىڭ قىزىل رەڭدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.


بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 6-نويابر خەۋىرىدە شۇنداق يېزىلغان:  يېقىندا، تورداشلار مىكروبلوگدا ئاشكارىلاپ، شەنشى ئۆلكىسى ليۇبا (留坝) ناھىيىسى پارتىيە مەكتىپىدە ھەشەمەتلىك KTV يوشۇرۇلغانلىقىنى، ھەر بىر ئايرىم خانىسىغا ئون نەچچە ئادەم سىغىدىغانلىقىنى ئېيتقان.


BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تور ئابونتلىرى تارتىۋالغان سۈرەتتە كىرىش ئېغىزىدا KTV دېگەن ئۈچ ھەرپنىڭ قىزىل رەڭدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.


ليۇبا ناھىيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، لىيۇبا ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپى 2012-يىلى 5-ئايدا قىسمەن بىكار ئۆيلەرنى سىرتقا ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى، ھۆددىگەر مەبلەغ چىقىرىپ بېزىگەندىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئاچقانلىقىنى ئېيتقان.


ليۇبا ناھىيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ ئەمەلدارى «خەلق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا بۇنىڭ «بىكار تۇرغان مۈلۈكنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.


ئۈچ ئېغىزلىق KTV ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىكەن. KTV تىجارەت رايونى بىلەن پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش ئىشخانىسى رايونى ئايرىۋېتىلگەن.


ليۇبا ناھىيىسىنىڭ ئەمەلدارى يەنە بۇ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ رسىمىيەتلىرى تولۇق ئىكەنلىكىنى، پارتىيە مەكتىپى ئىشخانىسى ھەمدە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ھەر قانداق تەسىرى يوقلىقىنى ئېيتقان.
 

بۇ خەۋەرنى كۆرگەن خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيىنىڭ  جان تومۇرى بولغان پارتىيە ئەزالىرىنى كوممۇنىستىك ئىدىيە بىلەن داۋاملىق ئالدىيالمايدىغانلىقىغا، كونترول قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى ئۈچۈن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پاھىشەلەر بىلەن كۆڭلىنى ئېلىپ، داۋاملىق كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك جەھەتتە دۆلەتنى كونترول قىلىشتا لىڭشىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. 
 

كۆرۈلۈشى: 1418 \ يوللانغان چېسلا: 2014-11-20
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: