خوتۇنىنى ئاشنا تۇتۇپ بېرىپ مەنسەپكە ئېرىشكەن جاڭ چۈنشىيەن شەرقىي تۈركىستاندىكى پارتىكوم سېكرىتارلىقى مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى


شەرقىي تۈركىستاندىكى قانخور خىتاي پارتىكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى


داجيۈەن خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى خوڭكوڭ(شياڭگاڭ) ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرىدىن نەقىل قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسى بيروسىنىڭ ئەزاسى ،خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈن شيەننىڭ مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقالغان.

بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جاڭنىڭ مەنسەپتىن چۈشۈرىلىشى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن تەكشۈرىلىۋاتقان جوۋ يوڭ كاڭ گوروھىغا سۆرەپ كىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. گەرچە جاڭنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ئورنىغا شى جىنپىڭنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى شياباۋلوڭنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كومپارتىيىسى بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

خىتايدا شى جىنپىڭ مەنسەپكە ئېرىشكەندىن بۇيان گوروھۋازلىق كۈرىشى باشلانغان بولۇپ، بىر قانچە مەركىزى كومېتىت ئەزاسى، ئون نەچچە مىنىستىر ۋە ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك ئەمەلدار مەنسىپىدىن ئايرىلغان. خوڭكوڭ «ئالما گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى جاڭنىمۇ جوۋ يوڭكاڭ گوروھىغا سۆرەپ كېرىپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى چىن شۈگۇاڭ قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتاردا ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان.


جاڭ چۈنشيەن 2009 -يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ئىككى قولى تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان سابىق سېكرىتار ئىپلاس ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا چىققان ۋە ۋاڭنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيىسى سىياسى بيروسىغا ئەزا بولغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن سابىق ئەگەشكۈچىسى شيا باۋلوڭنى جاڭنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرماقچى ئىكەن.

جوۋ يوڭكاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشى خىتاي مەركىزىي تېلىېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۇرغۇن سەتچىلىكىنى ئاشكارلىغان. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى نۇرغۇن ئايال رىياسەتچىلەر جوۋ قاتارلىق يۇقىرى قاتلام خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشنا تۇتۇش ئوبيكتىغا ئايلانغان بولۇپ، جاڭ چۈنشيەنمۇ 2005-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئستانسىسى خەۋەر قانىلىنىڭ رىياسەتچىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغان.

جاڭ چۈنشيەن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەندىن بۇيان دىننىي ۋە مىللىي زۇلۇم ھەسسىلەپ ئېشىپ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى پىدائىيلىق ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەڭ رەزىل ئۇسۇلدا باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.

ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ۋاستە تاللىماستىن مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىدىن كۆرەڭلىگەن بۇ خىتاي ئەمەلدارى نەچچە ئاي بۇرۇن خوتەنگە زىيارەتكەن بارغاندا، «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىلسىنى تىلغا ئېلىپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئىدى. ئەمدى بۇ ماقال - تەمسىل ئۆز جايىنى تاپىدىغاندەك تۇرىدۇ.
مەنبە: ئىستىقلال خەۋەرلىرى تورى
 

                                    

كۆرۈلۈشى: 11556 \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18
ئىنكاسلار
يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18

خوتۇنىنى سولاپ بەرگىنى بىلەن قاپتۇدە بۇ شەرمەندە خىتاي. سەن ئىپلاس خىتاي ئەسلىدە مەنسىپىڭدىنلا ئەمەس، كاللاڭدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىڭ كېرەكتى. خەير ئۇ كۈنلەر كىلەر، ھامىنى بىركۈنى قىساسىمىزنى ئالىمىز ئىنشائاللاھ.

يازغۇچى: ھىجرەت يولى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18
خوتۇنىنى سولاپ بېرىپ مەنسەپكە ئېرىشىش بۇ پەسكەش خىتايلارنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئادەتقۇ. خىتاينىڭ قايسى ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ قابىليىتى بىلەن، تالانتى بىلەن ئەمەلدار بولغان. ھەممىسى مۇشۇنداق يە خوتۇنىنى، يە قىزىنى سولاپ بېرىپ ئەمەلدار بولغان.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18

خىتايدىكى بەزى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئېچىلمىغان سىرلارنى ئۇققاندا» ناملىق ئەسەرلەرنى ئوقىساڭلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رەسۋالىقىنى ئىنتايىن جانلىق پاكىتلار بىلەن پاش قىلىدۇ. ماۋزۇدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئېىنقىلابىدا ھەر خىل باھانىلار بىلەن ئۆلتۈرگەن ئۆزىنىڭ كونا سەپداشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خوتۇنىنى ماۋزۇدۇڭدىن ئاياپ قويغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئادەتتە جازالىسا ئائىلە بويىچە جازالايدىغان، يوقاتسا ئائىلىسىنى قوشۇپ يوقىتىدىغان خۇيى بولغان ماۋزۇدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا جازالاپ ئۆلتۈرگەن گېنىراللارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ خوتۇنىنى ئامان قويىشى، ھەتتا ئەتىۋارلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي مىساللىرى بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن: لىن بىياۋ قاچقاندا، باشتا ئۇنىڭ قېچىشىغا يول قويغان ماۋزۇدۇڭ، لىن بىياۋنىڭ خوتۇنىنىمۇ بىللە ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغان. كېيىن لىن بياۋنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقماي بېيجىڭدا قالغان قىزى لىن لىخېڭ (لىن دۇدۇ) نى «ئالاھىيدە ئەتىۋارلاپ» دادىسىدىن ئالماقچى بولغان ئىنتىقامىنى ئالغان. لىن بىياۋنى پىپەن قىلىش يىغىنلىرىدا لىن بىياۋنىڭ ئاددى ئۆي خىزمەتچىسىمۇ ئېغىر كۈرەشكە تارتىلغاندا، ماۋزۇدۇڭ لىن بىياۋنىڭ بۇ 20 نەچچە ياشلىق چىرايلىق قىزىنى پىپەن قىلدۇرماي مەخسۇس ئۆزى «ھېسداشلىق قىلىپ كۆڭۈل بۆلگەن».... ماۋزۇدۇڭ ۋە ئۇنىڭ شاللاق ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنداق شەھۋانىي زۇلۇملىرىغا چىداپ تۇرالمىغان ھۆكۈمەتنىڭ باشقا رەھبىرى قاتلىمىدىكى خىتاي ئەمەلدارلار ماۋزۇدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تۆت كىشىلىك گۇرۇھقا زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن تۇنجى قەدەمدىلا ماۋزۇدۇڭنىڭ خوتۇنىنى تارتىپ چىقىپ ئۆچ ئالغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  خىتاينىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرىنى ئوقۇساڭلارمۇ، خىتايدا ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن قىلىنغان شەرمەندىچىلىكنى خىلى ئەتراپلىق  بايان قىلىدۇ. بۇ خىتاي شەرمەندىلىرىنىڭ تارىخىي ئەنە شۇنداق ئىپلاسلىق بىلەن تولغان. شۇڭا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ بىرسى: «دۇنيادىكى ئەڭ نىجىس، ئەڭ يىرگىنىشلىك مەخلۇق خىتايدۇر» دەپ ئىنتايىن توغرا دەيدۇ.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18

بىزنىڭ مەھەللىدە ئۆزى ئۆز ۋاقىتىدا بىيجىڭدا خىلى چوڭ يەردە ئىشلىگەن، كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ناھايىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بىر چوڭ تاغىمىز بار ئىدى. خىتاينى كۆرسىلا سولامچى دەپ تىللايتتى. بىز: ئاكا سىز خۇددى ئاشۇ گەپتىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك، قاچان قارىساق خىتايلارنى سولامچى، سولامچىنىڭ ئەۋلادى دەپلا تىللايدىكەنسىز، دەپ سورىساق، ئۇكام سىلەر ياش، بىلمەيسىلەر، مەن ئۆز ۋاقىتتا بىيجىڭدا ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا... دەپ بىر باشلاپ كەتسە خېلى - خېلى ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. سۆزىنىڭ ئارقىسىدا: كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم، ئەمما مازۇدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئۇيغۇر سەنئەتچى نايناقلىرىدىن، ئەمەلدار ئاياللىرىدىن شۈبھەم بار، چۈنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇلارغا بىر نەرسە بولمىدى، دەپ قوشۇپ قوياتتى.

يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18

بىزنىڭ جەنۇبتىمۇ قوسىقىدا تۈزۈك ئۇماچ يوق، ئەمما ناھىيىلىك، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە مۇدىر بولغان، ھەتتا مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىسىدە ئەمەلدار بولغان ئاياللارنى، چوڭلار: بۇ نايناق خىنىمنىڭ تۈزۈك ئوقۇش تارىخى يوق تۇرۇپ، مۇنداق تېز ئۆسۈپ كېتىشىگە قارىغاندا چوقۇم ناھىيىنىڭ ياكى ۋىلايەتنىڭ بىرىنچى قول شۇجىسى خىتاي بىلەن بىر چاتىقى بار، دەيتتى.

يازغۇچى: مۇجاھىيد \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18
قاغىنىڭ كەينىگە ئەگەشسەڭ پوق يەيسەن دېگەندەك، مۇشۇنداق رەزىل، رەسۋا خىتاينىڭ كەينىدىن ھۆكۈمەتكە ئىشچى-خىزمەتچى بولىمەن، ئىشلەيمەن، ئەمەلدار بولىمەن دەپ يۈرگەندىن كېيىن شۇلارنىڭ خۇيىنى دورايدىغان گەپتە. بۇ شەرمەندە خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلىۋەتمەي تۇرۇپ، بۇ شەرمەندىلىكتىن قوتۇلالمايمىز، مۇشۇنداق شىكايەت قىلىپ، ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ ئۆتىۋېرىمىز.
يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-18

توغرا دەيسىلەر مۇجاھىيد بۇرادەر، بۇ شەرمەندە خىتايلارنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ رەسۋالارنىڭ ۋەتىنمىزدىكى مەينەتچىلىكىنى پەقەت ئوقتىن باشقىسى تازىلاپ بۇلالمايدۇ.

يازغۇچى: ساماۋەر \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-21

ھازىر خىتايدا چىرىكلىككە، پارىخورلۇققا قارشى كۈرەش نامىدا سىياسەت كۈچلەنگەنسېرى، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قىز-ئاياللىرى ئېرىنىڭ مەنسىپىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ بەك كۈچەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ھازىر كىم خوتۇنىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كارۋىتىدا ياتقۇزالىسا، شۇ پارىخورلۇق شامىلىدىن ساقلىنىپ قالارمىش. بۇ پۇل دىسە، ئەمەل دىسە جىنىنى بېرىدىغان شەرمەندە خىتايلارنىڭ ئەرلىرى مىڭ رەسۋا بولسا، خوتۇنلىرى ئۇندىن ئۆتە رەسۋا.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-21

ئۆتكەندە ماۋزۇدۇڭ ھۆكۈمىتىدە مالىيە مىنىستىرى بولغان، ماۋزۇدۇڭنىڭ يېقىن سەبدىشى بويى بونىڭ ئوغلى بوشىلەينىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق دىلوسىغا چېتىلىپ قىلىپ، قارماققا ئىلىنىپ قالغان چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سوت خاتىرىسىنى توردا ئوقىغان ئىدىم. بىر قانچە قېتىم «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» بولۇپ تەقدىرلەنگەن، مۇكاپاتلانغان ئۇ خىتاي ئەمەلدارىغا سوتچى: «سەن پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىلا چىرىكلىشىپ قالماي، ئەخلاقىي جەھەتتىنمۇ چىرىكلىشىپسەن. سېنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ ئاشناڭ بار، يەنە كېلىپ ھەممىسى يېشى كىچىك ئالىي مەكتەپ قىزلىرى ئىكەن» دەپ سورىغاندا، ئۇ شەرمەندە خىتاي شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «مەن ئىشلەيدىغان چۇڭچىڭ شەھىرىنى باشقۇردىغان سىچۈئەن ئۆلكىلىك پارتكومدىكى ئەمەلدار چوڭلىرىمغا، سىچۇئەن ئۆلكىسىنى باشقۇردىغان بىيجىڭ مەركەزدىكى ئەمەلدار ئۇلۇغلىرىمغا ئۆزەمنىڭ بىر خوتۇنى يېتىشىپ بۇلالمايدىكەن.

يازغۇچى: غېرىپ \ يوللانغان چېسلا: 2014-12-26

دۇنيا بولۇپتۇ ۋەيرانە،
ئەرلەر بوپتۇ زەيپانە،
نۇمۇسسىزلىق شاھانە
مەن بۇنىڭغا ھەيرانە.

اللە ئەرلەرنى ۋەيران قىلغان كوممۇنىزىمنىمۇ، دېموكىراتىيەنىمۇ ۋەيران قىلسۇن. ئامين.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-28

جاڭ چۇەنشىيەن موللاق ئاتتى
شەرقىي تۈركىستان ئاگىتلىقى خەۋىرى:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي كوممنىست پارتىيەسى 6 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يەنە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ رەئىسى چېن چۇەن گو شەرقىي تۈركىستاندىكى پارتىكومنىڭ رەئىسى جاڭ چۇەنشىيەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن.
ئىگىلىنىشچە، ھازىرقى رەئىس جاڭ چۇەنشىيەن بېيجىڭغا قايتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كوممنسىت پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، ھازىرغىچە بۇ خەۋەر خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن رەسمىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلىمىدى.
يېڭى تاجاۋۇزچى چېن چۇەن گو خىتاينىڭ باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن خېنەن ئۆلكىسىدە بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن.
مۇتەخەسسىلەر، يېڭى تاجاۋۇزچى ۋەكىلى ھەر قايسى ساھەلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشى بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستانددەك سەزگۈر رايوننى باشقۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ۋە تەجرىبە جەھەتتىن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق ھازىرچە ئالاھىدە سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دىمەك،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2010-يىلدا ۋاڭ لى چۈەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋەكىلى جاڭنىڭمۇ موللاق ئېتىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بۇ پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان بومبىنىڭ پارتىلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرستىپ بەرمەكتە.

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-28
بۇ قانخور كاپىر ئاخىرى موللاق ئېتىپتۇدە. پۈتۈن قانخور كاپىرلار ۋەتىنىمىزدىن قوغلانغانغا قەدەر جىھاد قىلىمىز، بېيجىڭغا بېرىۋالساڭمۇ قان قىساسىمىزنى ئالىمىز.
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-28

شۇنداق قىلىش كېرەك. جاڭ كەتسىمۇ ۋاڭ كەلدى. يېڭى كەلگەن ماڭقا خىتاي شىزاڭنىڭ شۇجىسىمىش. زۇلۇمنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن قۇراللىق جىھاد كېرەك. خىتاي بىزنى قۇرال بىلەن بىسىۋالدى، دېموكىراتىيە بىلەن قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بىز سۈرىيەدە، ئافغانىستاندا تۆكۈلىۋاتقان قانلىرىمىزنى ۋەتىنىمىز ئۈچۈن تۆكسەك، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزدىن خىتاي كاپىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ ئىسلامىي نۇسرەتكە ئېرىشىپ، ئىسلامىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقالايمىز.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-30

بەزى ئانىسىنىڭ ھالال سۇتىنى ئەممەي، خىتاينىڭ چوشقىسىنى ئىمىپ چوڭ بولغان غالچىلار تەرىپىدىن: «خەنزۇلارغا بولغان نەپرىتىڭلارنى چۈشىنىمىز. ئەمما بىر مىللەتكە بولغان نەپرىتىڭلار سەۋەبىدىن خەنزۇلارنى بۇنچىلىك چۈشۈرۈپ، كەمسىتىشىڭلار توغرا ئەمەس.» دەپ ئىنكاس يېزىۋاتقان ھاراملىقلارغا تۆۋەندىكى خىتاي تارىخىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز. بۇ رشەرمەندە خىتاينىڭ ئۆزىلىرىگە قويىۋالغان خەنزۇ ئىسمىنىڭمۇ قانچىلىك پەسكەش تارىخى بارلىقىنى كۆرۈپ قويۇڭلار.
 

خەنزۇ دىگەن ئىسمنىڭ بارلىققا كېلىشى
(ئا.باھادىر)
ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە، چىن شىخۇاڭ 6بەگلىك يەنى چى، چۇ، يەن، خەن، جاۋ،ۋىيلارنى يوقتىپ چىن سۇلالىسىنى قۇرىدۇ. شۇنداقلا يىزىق، پۇل، يول - قاتناش قاتارلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى زىمىننى،يىزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، سەددىچىن سېپلىدىن ئىبارەت زور مۇداپىئە قۇرۇلۇشنى سالغۇزغان فىئودال پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ. ئەمما چىن شىخۇاڭ ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئاغۋىتى بىلەن كىچىك ئوغلى بىرلىشىپ بىر تۈركۈم ياراملىق سەركەردە ۋە پادىشاھ جەمەئەتدىكىلەرنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۋىتىپ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشغا تۈرتكىلىك سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. ئىلگىرى چىن سۇلالىسى تەرىپىدىن دۆلىتى مۇنقەرىز بولغان چۇ بەگلىكى ياش سەركەردىسى شىياڭيۈنىڭ باشلامچىلىقىدا باشقا بەگلىكلەردىمۇ ئېسيان كۆتۈرۈلۈپ، چىن سۇلالىسى ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ، بۇ ئارلىقتا 40ياشقىچە ھېچ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان، پېي شىيەنگە قاراشلىق تۆت سۇ ئۆتىڭنىڭ سۇ بېىشى بولۇپ خىزمەت قىلغان لىيۇ جى ھاشارغا ئەمگەكچى ئاپىرىش جەريانىدا ۋاقىت قەرەلىدە بېرىپ بولالماسلىق سەۋەپلىك بارسىمۇ ئۆلۈم، بارمىسمۇ ئۆلۈمدىن ئىبارەت قىسمەتكە دۇچار بولۇپ ئېسىيان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ چىن سۇلالىسى چېرىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،200لارچە ئادەم بىلەن ماڭداڭ تېغىغا قېچىپ پاناھلىنىدۇ. شۇنداقلا كىيىن پۇرسەت تېپىپ پېي شىيەننى ئازاد قىلىپ، شىياڭيۈگە قېتىلىپ كۈندىن -كۈنگە زورىيدۇ. 
- داۋامى بار
 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-30

... شىياڭيۈنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى مۇشاۋۇرى نەچچە -نەچچە قېتىملاپ لىيۇ جىنى ئۆلتۈرۋىتىش كېرەكلىكى بولمىسا ئۇنىڭ ھامان ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ شىياڭيۈنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ نەسىھەت قىلسىمۇ شىياڭيۈ ئىشەنمەيدۇ، ھەم بىر قېتىملىق «زىياپەتكە چاقىرىپ ئۆلتۈرۈش» سورۇنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، لىيۇ جى بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋالىدۇ، قېرىنداشلىقنىڭ يۈزىنى قېلىشنى ئۆتىندۇ، ھەتتاكى شىياڭيۈنىڭ ئايقىغا باش قويۇپ، ئاياقلىرىدىكى توپا چاڭلارنى يالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ بولغان ئىتتەك سادىقلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىدۇ. جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەتتاكى ئۆز ئايالىدىن ۋاز كېچىپ، ئايالىنى شىياڭيۈگە قارانچۇق قىلىپ بېرىدۇ. شىياڭيۈ ئۇنىڭ ئۇقەدەر غورۇرسىزلىقىنى كۆرۈپ: «ئۇنى ئۆلتۈرسەم قېلىچىم مەينەت بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈسىتگە تارىختا نامەرد ئاتىلىپ قالىمەن، بۇنداق غورۇرسىز ئادەم بەرىبىر چوڭ ئىش تەۋرىتەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىدۇ. لىيۇ جى شۇ سورۇندىن قاچقانچە ئىككىنچى شىياڭيۈگە كۆرۈنمەيدۇ، شىياڭيۈ ئۇنىمۇ چىن سۇلالىسنى پارچىلاشتا تۆھپىسى بار دەپ قاراپ ئۇنىڭغا زىمىن بۆلۈپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى مازاق قىلىش ھەم ئاشۇ قېتىملىق غورۇرسىزلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەگلىكىگە خەن بەگىلىكى، قوشۇنىغا خەن ئائىلىسى قوشۇنى دەپ ئىسىم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق دىمەكچىكى تۈكۈرۈپ قويساڭمۇ ئىگىلىپ تۇرىدۇ، ئەركەلىكى يوق، يۇمىلاق تاۋۇز، مەيدانى يوق، غورۇرسز، ساق ئەمەس قاتارلىق مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.
- داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-30

كىيىن لىيۇجى ئۆز ئىسمنى لىيۇ باڭغا ئۆزگەرتىدۇ، ئادەم يىغىپ كۈچ توپلاپ ئاخىرىدا شىياڭيۈنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتنى تىكلەيدۇ، ئۆزىگە دائىم ئاشۇ غورۇرسزلىقنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەم كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا نىملا بولمىسۇن ھايات قالغاندىلا ئاندىن ھەممە نەرسىگە قايتا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ھايات قېلىشنىڭ مۇھىملىقنى بىلدۈرۈش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن دۆلەت نامىنى «خەن» دىن ئۆزگەرتمەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق نامىنى«خەن گاۋزۇ» قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇ پادىشاھ بولغاندىن كىيىن ھاكىمىيەت ئاساسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن يۈزسىزلىك ۋە غورۇرسزىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆزىگە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان كونا ۋەزىر، سانغۇن، سەركەردىلىرىنى جەددە جەمەتى بىلەن قوشۇپ قىرىپ تاشلايدۇ، ھونلار بىلەن مۇناسىۋتنى ياخشلاش ۋە ھاكىمىيتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بويىغا يەتكەن ياكى يەتمىگەن 10ياشتىن 16ياشقىچە بولغان بارلىق قىزلىرىنى ھون تەڭرىقۇتلىرىغا توقاللىقا ئۈستەك قوشۇپ نۇرغۇن ئولپان دەپىن دۇنيا بىلەن بېرىدۇ. چىن يىزىقىنىڭ ئىسمنى خەن يىزىقىغا ئۆزگەرتىدۇ. ھەم خەن سۆزىنى ھونلارغا يىقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن (hoz zu) دەپ ئاتاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھازىرغىچە شاڭخەي يەرلىك دىئالىكتىكى، گۇڭدۇڭ دىئالىكتىكى،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دىئالىكتىكلىرى قاتارلىق كونا خەنزۇ تىللىرىدا (hoz zu)دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ماۋزىدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دىگەن: «مەن ھەممىدىن قايىل بولدىغان ۋە قول قويىدىغان پادىشاھ دەل لىيۇ باڭ دۇر. چۈنكى ئۇ خەنزۇ مەدەنىيتىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپلا قالماي، داڭلىق سىياسىيوندۇر. ئۇ بىزگە دۆلەتنى قانداق قۇرۇش، باشقۇرۇش، تاشقى دىپلوماتىيەنى قانداق تۈزۈش، سىياسىي دۈشمەنلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ھايات تۇرغاندىلا ئاندىن ئۇلۇغۋار ئارزۇلارغا يەتكىلى بولدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»
مانا بۇ خەن خىتىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ۋە لىيۇباڭنىڭ قىسقىچە خەن سۇلالىسنى قۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش تارىخىدۇر!

يازغۇچى: مىراس \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31
ماۋۇ مەينەت خىتايلارنىڭ تارىخى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە مەينەتكىنا. دۇنيادا مۇشۇ خىتايلىدەك رەسۋا، غورۇرسىز، شەرمەندە باشقا مىللەت بارمىدۇ.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31

تۈڭگۇزنىڭ گۆشىنى يەۋېرىپ تۈڭگۇزدەك  نىجىس، مەينەت بولۇپ كەتكەن خەقتە بۇ خىتاي دىگەن ئىبلىس مەلئۇنلار.

يازغۇچى: ئىھسان \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31
ۋىسال ئاكا خىتاينى مۇشۇنداق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ تارىخىدىن پاكىت كەلتۈرۈپ رەزىل قىلالايدىغان ئىش كەم بۇلاۋاتقان ئىدى. بۇ ياخشى باشلىنىش بولدى. داۋاملاشتۇرسىڭىز قالتىس خىزمەت بۇلاتتى.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31

ئۆز ۋاقتىدا مەرھۇم تارىخشۇناس ئۇستاز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىلەرمۇ مۇشۇنداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ھەتتا بۇ تەشەببۇس بويىچە مەرھۇم توختى مۇزات ئەپەندى خىتاي تارىخى ھەققىدە دوكتور سەۋىيەسىدە بىلىم ئىگەللەپتىكەن. ئەمما مەرھۇملارنىڭ ئۆمىرى يار بەرمىدى، خىتاي ئىمكان بەرمىدى. مېنىڭ شەخسەن خىتاي تارىخىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم سەۋىيەم چەكلىك. بۇ مەلئۇنلارغا بولغان نەپرىتىم سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئۆتۈلگەن جۇڭگو تارىخى نەتىجەممۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ھازىر ئۆز ۋاقتىدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بۇ ساھەدە ياخشى ئوقۇۋالمىغىنىمغا ئەپسۇسلىنىمەن. ئىسلام تارىخى، خەلقئارا سىياسىي تارىخ ساھاسىگىلا قىزىقىپ بىلىم ئاشۇرغان بولساممۇ، دۈشمىنىمىزنىڭ تارىخىقىغا سەل قاراپ قالغان يېرىم بار. كوممۇنىست خىتايلاردىن كېيىنكى يېقىنقى خىتاي تارىخى، خىتايغا رەھبەرلىك قىلغان جاللاتلارنىڭ شەخسىي تارىخى ھەققىدە مەلۇماتىم بولسىمۇ، سۇلالىلەر دەۋرىدىكى خىتاي تارىخىقىغا نىسبەتەن مەلۇماتىم ئىنتايىن چەكلىك.

يازغۇچى: مىراس \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31

تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ بىر سورۇندا: «5 مىڭ يىللىق تارىخىقىمىز بار دەپ ماختىنىدىغان خىتاينىڭ تارىخىقىغا قارىساڭلار، ئەمىلىيەتتە 500 مىڭ شەرمەندىلىك چىقىدۇ» دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-08-31

مەرھۇم تارىخشۇناس دوكتور توختى مۇزات ئەپەندىمۇ ياپۇنىيەدىكى ۋاقتىدا «خىتاي تارىخى دىگەنلىك شەرمەندىچىلىكنىڭ تارىخىدۇر، خىتاي تارىخى دىگەنلىك رەسۋالىقنىڭ تارىخىدۇر، خىتاي تارىخى دىگەنلىك پەسكەشلىكنىڭ، خىيانەتنىڭ تارىخىدۇر» دەپ ئېيتقانلىقىنى بىر ئەھلى ئىلىم ئاكىمىزدىن ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىر توردىن ۋاقىت تاپسام «سۇ بويىدا»، «3 پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «جۇگېلىياڭ»، «بۈيۈك چىن خاندانلىقى»، «خەننامە»، «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى 36  پەم - تەدبىرى»، «كاڭشى خاننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشى» قاتارلىق تارىخى فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىمەن. ھەقىقەتەن خىتاي ئۆزى ئىشلىگەن ئۆز تارىخى ھەققىدىكى فىلىملەردىمۇ شۇنچىلىك پەسكەشلىك ۋە رەسۋالىقنى، خىيانەت ۋە ئاھانەتنى ياپىمەن دەپمۇ ياپالمىغان.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: