wisal stuido
بىر خىتاينىڭ سۇئالى: ھەي جۇڭگو كوممۇنىستىلىرى! خەلقنى ھەقسىز داۋالاش كاپتالىزىمغا خاسمۇ؟

 

ھەقسىز داۋالاش كاپتالىزىمغا خاسمۇ؟
شۈ مىڭتىئەن
دولان تەرجىمىسى


روسىيەنىڭ ئومۇمى خەلق ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويغانلىقى، جۇڭگودا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىگەسەۋەب بولدى، ھەتتا بەزى مۇتىخەسىسلەر ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىپ « بۇ دېگەن روسىيىگە قايغۇ ئېپكىلىدۇ، تۈزۈلمىنى ھالاك قىلىدۇ، غەرىپنىڭ پاراۋانلىق تۈزۈلمىسىگە ئىنتىلگەنلىكىنىڭ پاجىئەسى » دەپ قارشى مۇقام توۋلىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە « جۇڭگو ئارزۇسى » نى ئۈمىد قىلغان دۆلەتتە ئومۇمىي خەلق ھەقسىزداۋالاشنى يولغا قويسا قەتئى بولمايمىش، ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇش دېگەن بىرخىل خام خىيال ئىمىش، « جۇڭگو ئارزۇسى » دېگەن مۇشۇنداق ئاپەت خارەكتىرلىك خام خىيالنى بەربات قىلارمىش.

بەزىلەرنۇمۇس قىلماستىن « بۇ دېگەن قورۇق ئىغۋا ئىشىنىشكە بولمايدۇ » دەپ ئاۋامنىڭ كۆڭلىگەئازار بەردى. بىز ئىزچىل « سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، روسىيەئىقتىسادى ۋەيران بولدى يەي، خەلق قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىماقتايەي، جۇڭگوئەندىزىسى مۆجىزە يارىتىپ، دۇنيادا 2-ئىقتىسادى چوڭ گەۋدىگە ئايلاندى يەي، پات ئارىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادە بىرىنچى بۇلىمىزيەي » دەپ تەشۋىق قىلىمىز-يۇ،ئەجىبا ئەشۇ ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان روسىيە ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويىدۇ، نىمەئۈچۈن جۇڭگو يولغا قويالمايدۇ؟ ھەتتا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەسىلىگە ئايلىنىپ،پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتماقچى بولىدۇ؟ گەپ قىلىڭ دېسە ئاغزىڭدا شەھەر ئالىسەن، سەن دېگەن دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ئەمەسمۇ، نېمە ئۈچۈن ياشانغانلارنى باقالمايسەن؟ جۇڭگونىڭ پۇلى نەگە كەتتى؟ سوتسىيالىزىم تۈزۈمى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغارتۈزۈم دەيسەنۇ، ئەجىبا سەن ياراتمايدىغان كاپتالىستىك تۈزۈمدىكى ئامېرىكا، ياۋروپاۋە روسىيە ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويىدۇ؟ ئەجىبا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغارسوتسىيالىزىم تۈزۈمىدىكى قۇدرەتلىك جۇڭگو، نېمە ئۈچۈن ھەقسىز داۋالاشقا قارشى تۇرىدۇ؟


بىز قوبۇل قىلغان سوتسىيالىزىم نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، كاپتالىزىم دېگەندە كاپتالىسلارئىشچىلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىپ قۇشۇمچە قىممەت يارىتىدۇ، سوتسىيالىزىم دېگەن ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە ئېزىش بولمىغان باراۋەر-ئادىل بولغان جەمئىيەت تۈزۈمى،بيۋرۇكرات سىنىپنىڭ خەلقنى ئېزىشى ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى بولمايدۇ،سوتسىيالىزىم دېگەن ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى يولغا قويۇپلا قالماي بەلكى يەنە داۋالاش، تۇرالغۇ ۋە مائارىپ قاتارلىقلاردا ئومۇمىي خەلق پاراۋانلىقىنى يولغاقويىدۇ دەپ شەرھىلەنگەن ئىدى. ئەمدى بىلسەك، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش دېگەننى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى روسىيە بەرپا قىلغان بولۇپ، سوتسىيالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلغان ئىكەن، كېيىن غەرپ جەمئىيىتى ئۈگۈنىپ ھەقسىزداۋالىنىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان ئىكەن. ماركىسىزىم ۋە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، سوتسىيالىزىم ھۆكۈمىتىمۇ ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقاچىقىپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، مال باھاسى ئەرزان بولۇشى كېرەك ئىكەنتۇق. دېمۇكراتىيە،باراۋەرلىك، ئەركىنلىك دېگەنلەر ئەسلىدە كاپتالىزىمنىڭ ئەمەس بەلكىسوتسىيالىزىمنىڭ مەيدانى ئىكەنتۇق. سىنىپىي كۆرەش، زورلۇق كۈچ بىلەن قىلىنغان ئىنقىلاپلار سوتسىيالىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولى بولۇپ، ھەرگىزمۇ دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە قارشى بولماستىن، بەلكى دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ماۋ زېدوڭ « نەدە بېسىم بولسا شۇ جايدا قارشىلىق بولىدۇ »دېگەن.

ھەرقانداق بىر شەيئى مۇتلەق بولمايدۇ بەلكى نىسپىي بولىدۇ، سوتسىيالىزىم، كاپتالىزىم،دېمۇكراتىيە، باراۋەرلىك، ئەركىنلىك دېگەنلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،ھەممىسىدە زىددىيەت ۋە مەسىلە مەۋجۇت بولغاچقا، ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپمۈكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا غەرپنىڭ دېمۇكراتىيە، ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك دېگەننى ھەرگىزمۇ ساختا دەپ قاراقويۇق پىپەنقىلىپ، ئىنكار قىلماسلىقىمىز، ھەدىسە سوتسىيالىزىم دېگەن دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىك،باراۋەرلىك ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ،كاپتالىزىمغا قارىغاندا تېخىمۇ دېمۇكراتىك، ئەركىن، باراۋەر...دەپ بىلجىرلىماسلىق كېرەك. ھەقسىز داۋالىنىش قاتارلىق پاراۋانلىق تۈزۈمى سوتسىيالىزىمدا چۇقۇم بولۇشىكېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنى قانداقمۇ سوتسىيالىزىم دېگىلى بولسۇن؟ جانابى مۇتەخەسىس جاناپلار چۈشەندۈرۈپ بېقىڭلارچۇ؟

بىزھەمىشە جۇڭگو سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەقسىز داۋالىنىش قاتارلىق جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى تېخى ھازىرلىمىدى دېسەك بولىدۇ، بىراق ھەرگىزمۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگودا ھەقسىز داۋالاش قاتارلىق جەمئىيەت پاراۋانلىقىنى يولغا قويسا بولمايدۇ دېمەسلىك كېرەك.
بەزىىتىخەسىس جاناپلارنىڭ « دۇنيادا ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يوق » دەپ بىلجىرلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىمەنىلىك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش قاتارلىق پاراۋانلىقى ھەرگىزھەقسىز چۈشلۈك تاماق ئەمەس بەلكى ئومۇمىي خەلق ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى، خەلق نۇرغۇن باج تاپشۇرىدۇ، دۆلەت ئەلۋەتتە خەلققە پاراۋان جەمئىيەت يارىتىشى كېرەك. باج دېگەن پەقەت ئەمەلدارنى باقىدىغان ۋە ئەمەلدارغىلا ھەقسىز داۋالاش، ھەقسىز كۈتۈنۈش ۋە «ئۈچ خىل ئىستىمال » قىلىدىغان ئالايىدە ئىمتىياز ئەمەس، باج دېگەن خەلقكە مەنسۇپ،پەقەت خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، ھەقىقى سوتسىيالىزىم بولىدۇ.

بەزى مۇتەخەسىسلەر ئىنسان تەبىئىتى ئۈستىدە گەپ يورغۇلىتىپ « ئىنسان تەبىئىتى شەخسىيەتچى ۋە رەزىل بولۇدۇلەر، ئومۇمىي خەلق پاراۋانلىقى يولغا قويۇلسا، كىشىلەرھورۇنلىشىپ كىتىدۇلەر، جەمئىيەتتە ئادىللىق بولمايدۇلەر، ھەقسىز داۋالاش يولغاقويۇلسا، ھەممە كىشى دوختۇرخانىدا يېتىۋېلىپ، كىسەل كۆرسىتىش تېخىمۇ قىيىن بولۇدۇلەر ۋاھاكازا » دەپ بىلەرمەنلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان دېگەننىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى،غەزەپ-نەپرىتى ۋە ئاق كۆڭىل ۋە قارانىيەت بولۇشى تەبىئى ئەھۋال، غەزەپ-نەپرەتدېگەن چەكلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ۋە تۈزۈلمە ئاپىرىدە بولغان، خەلقنىڭ توغرا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگېرى سۈرىدۇ،زەرەللىكنى قانۇن ئارقىلىق جازالايدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر داۋالاش قاتارلىقپاراۋانلىقنى تۈزۈم جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرگەچكە، جەمئىيەتتە رەزىللىك ۋەقالايمىقانچىلىق كۆرۇلمەيلا قالماستىن بەلكى ئادەم بىلەن جەمئىيەتتە ئاق كۆڭىللىك ۋە ئىناقلىقنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، خەلق بەختلىك، جەمئىيەت ئىتتىپاق، دۆلەت قۇدرەت تاپتى.

راستىنى ئېيىتقاندا، بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خەلقكە ھەقسىز داۋالاش قاتارلىق پاراۋانلىقنى بەرمەسلىكىدىكى مەقسىدى ئەمەلدارلىق ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگوداھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ كەملىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىنساپ مەسىلىسى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بورۇنقى جۇڭگونىڭ داۋالاش كاپالەت سىستىمىسى دۇنيانىڭ ئۈگۈنىش ئۆلگۈسىگە ئايلانغان ئىدى.
ئەمەلدارلار ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە مەنپەئەت ئالدىدا، نۇمۇسسىزلىقى چىكىگەيەتتى، ماركسىزىم ۋە سوتسىيالىزىم دېگەنلەرنى پەقەت ئاغزىدىكى قورۇق شۇئارغا ئايلاندى، ئۇلارنىڭ رەزىل ماھيىتى، ئەقەللىي ئىنسانىيلىق قېلىپىدىن چىقىپ كەتتى.
http://blog.ifeng.com/article/30882196.html

 

                                                                         مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1056 \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-14
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: