wisal stuido
ئەمەلدارلارغا ئۆچمەنلىك نەدىن كېلىۋاتىدۇ

ئەمەلدارلارغا ئۆچمەنلىك نەدىن كېلىۋاتىدۇ
 

ھازىر خەلق تاپشۇرغان باجنى خەجلەپ چىرىكلىشىۋاتقان بەزى ئەمەلدارلار ۋە بازار ئىگىلىكدە توساتتىن بېيىپ كەتكەن پۇلدارلار جەمىيەتتە غۇلغۇلا نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان . جەمىيەتتە بەزى ئەمەلدارلار ۋە پۇلدارلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىيات مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇ . چۇنكى بۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار .

1 - ئىجارىكەشلىك :
ھازىر بەزىدە دۆلەت ھوقوقى بازاردىن ئىجارە يىغىدىغان، ھەتتا ئاكتىپلىق بىلەن ئىجارە پەشتاقلىرىنى تەسىس قىلىپ تىجارەتچىلەردىن ھەق تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى . دۆلەت مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ، كەسپى ئورۇنلارنىڭ كىچىك خەزىنە لىرىنى تەكشۈرگەندە ئايان بولغان نەتىجە ئىجارىكەشلىك ئەھۋالىنىڭ ئۇمۇميۇزلۈك مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . شاڭخەيدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كوللىكتىپ ئۆي سېتىۋالغاندا ئىتىبار قىلغان سومما 500 مىڭ يۇەندىن 1 مىليون يۇەنگىچە بولغانلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ . ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامدىكى ئىشەنچ دەرىجىسى گۇمان قوزغايدۇ .

2 - ئۈچ ئۇمۇم نىڭ پۇلى مەسلىسى .
جامائەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەمۇرلارغا مائاش بېرىش ئەقەللىي ئىش ، ئەمما 900 مىلياد يۇەن سەرپ قىلىنغان ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سېتىۋېلىنغان پىكاپلارنى ئىشلىتىش ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە سېلىۋاتقان مەبلىقىگە قارىغاندا ئاسمان زىمىن پەرق شەكىللىنىدۇ . خەلقنىڭ چاكىرى خەلقنىڭ پۇلىنى خەجلەپ خاندەك ياشايدىغان ، يېنىغا بىر تىيىن سالماي خالىغان يەردە ھەقسىز ئىسىل مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغان ، مۇبارەك ئىمزاسى بىلەن ھېسابات قىلىدىغان ، ئىشخانىسىدىن تۇرالغۇسىغۇچە يۇلتۇز دەرىجىگە توشىدىغان ، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يەنە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان ، پارا ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ، ئاۋام يەنە غەزەپلەنمەسلىكى مۇمكىنمۇ ؟

3 - ئەمەلدارلارنىڭ يالغۇز قېلىشى .
ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئەمەلدارلىرى ئىچىدە مۇنداقمۇ بىر ئەھۋال بار : بەزى ئەمەلدارلار دۆلەت ئىچىدە ئەمەلدارلىقىنى قىلىپ ئائىلە ئەزالىرىنى جۇڭگو بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كىلشىمى تۈزۈشمىگەن كانادا ۋە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى ، ئامېركا ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . نىمىشقا دەمسىز ؟ جاۋابى ئاددىي ، ئۇلار پارىخورلۇق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ، نان بېرىۋاتقان ۋەتىنىگە تولۇق ئىشەنچىسى يوق ، ئۇلارغۇ ئۆزلىرىگە چىكىنىش يولى ھازىرلاپ قويۇپتۇ ، پۇقرالار نەگە بارىدۇ ؟

4 - نامراتلاردىن نىسىۋە تالىشىش .
بەزى جايلاردا شۇنچە مال-دۇنيا ۋە نوپوزغا ئىگە تۇرۇپمۇ ھەشەمەتلىك پىكاپلىرىنى ھەيدەپ ئەرزان ، ئىتىبار باھالىق ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا بارىدىغان پۇلدار ، نوپوزلۇق ئەربابلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز .

5 - ئاۋامنى ئالداش ، قورقۇتۇش .
قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ مەن پالانچى باشلىقنىڭ ئۇندىقى - مۇندىقى دەيدىغان ، شەھەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆكەرتىش قالپىقىنى كىيىۋېلىپ ، پۇقرالارنى يەر ، ئۆيلىرىنى ئېلىۋېلىپ ھەسسىلەپ پايدا ئالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،،،

6 - ساختىلىق قىلىش .
ئەمەلدارنىڭ دېلوسى ساختا بولۇش ، كارخانا تەشۋىقاتى ساختا بولۇش ، مەھسۇلات سۈپىتى ساختا بولۇش ، پاي بازىرىدا ساختىلىق قىلىش ،،، مالىيە ھېساباتى ساختا بولۇش ،،، زەنجىرسىمان ساختىلىقلار ئەتراپىمىزدا قەدەمدە بىر .

مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى

                                                          مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1274 \ يوللانغان چېسلا: 2012-06-05
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: