wisal stuido
سوۋىتنىڭ 68 خىتاي چىگرا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن تېرەكتى توقۇنۇشى ماۋزۇدۇڭنى چۆچۈتۈپ، نېكسوننىڭ خىتايغا كېلىشىنى تېزلەتكەن

 

تېرەكتى توقۇنۇشى نېكسوننىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى تېزلەتكەن


ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى تارقاتقان " كېسىنگىر ۋە ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى" سەرلەۋھىلىك ماقالىدا ، نېكسون ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئالدىرىدى ھەمدە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىغا جۇڭگو رەھبىرى ماۋزېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى . 1969 - يىلى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسمى شۇ يىلى 13 - ئاۋغۇست شىنجاڭنىڭ تېرەكتىدە سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى ، بۇ تارىختا " جۇڭگو - سوۋېت تېرەكتى توقۇنۇشى" دەپ ئاتالدى . ۋاقەنىڭ يۈز بېرىشى نېكسوننى تولىمۇ خوشال قىلدى ، چۈنكى ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاچچىقلاندى ، بۇ ۋاقە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى يېقىنلاشتۇرۇپ ، كېسىنگىر بىلەن نېكسوننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى ، دېيىلدى .


1969 - يىلى نېكسون زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ، بىز جۇڭگونى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ، پۇرسەت تاپساقلا جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىشىمىز كېرەك ، دېگەنىدى . ئۇ 1969 - يىلى ئاقسارايغا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا كېسىنگىردىن جۇڭگو بىلەن قايتا ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئىمكانىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى . ئەمەلىيەتتە نېكسون بىلەن كېسىنگىردە ئوخشاشلا جۇڭگوغا كېلىش ئىستىكى قوزغالغانىدى . ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىدە ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار ، بىرى ، جۇڭگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىشىنى توسۇش ؛ يەنە بىرى ، ئامېرىكا ھۆكۆمىتى ۋېيتنام ئۇرۇشىدا جەنۇبىي ۋېيتنامنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن ، ئاسىيادىكى يەنە بىر دۆلەت بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مۇھتاج ئىدى .


نېكسوننىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن كېسىنگىر باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق جۇڭگوغا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتسا بولىدىغانلىق توغرىسىدىكى ئۈچۈرنى يەتكۈزدى . جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغىنى بىلەن ، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش ھوقۇقى يەنىلا جۇڭگودا ئىدى . جۇڭگومۇ تاراتقۇلار ئارقىلىق ئامېرىكىغا بولغان دوستانىلىكىنى ئىپادىلىدى ، جۇڭگو تاراتقۇلىرى نېكسون زۇڭتۇڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى نۇتقىنى ئېلان قىلدى . 1969 - يىلى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەندىن كېيىن نېكسۇن پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ ، جۇڭگوغا قارىتىلغان قىسمەن سودا ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى بوشاتتى . بۇ جەرياندا جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تېرەكتى ۋاقەسى يۈز بەردى ، شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا يېقىنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىلدى . تېرەكتى چېگرا مۇداپىئە پونكىتى شىنجاڭنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ ، 1969 - يىلى 13 - ئاۋغۇست چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى بۇ رايۇننى چارلاۋاتقاندا سوۋېت ئارمىيەسى ھۇجۇم قىلغان ھەم جۇڭگونىڭ 68 ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىدىن 5 كېلومېتىر ئىشكىرلەپ كىردى ، دەپ خەۋەر بەرگەنىدى . بۇ ۋاقە ماۋزېدۇڭنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان . ماۋزېدۇڭ نېكسوننىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن . نېكسون ئاقسارايدا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان زۇڭتۇڭى يەھياخان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇسىنىڭ بارلىقى ، جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا سالام يوللىدى . كېسىنگىر 1971 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، نېكسوننىڭ 1972 - يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى .
 

                                                                        مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 818 \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-27
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: