خىتاينىڭ يەنە بىر شۇملىقىنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇ: تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى بۇلغاش ئىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى


بىر قسىم ناچار ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى بوزۇشقا باشلىدى


بىر قىسىم ناچار ئۇيغۇرلار تۈركىيىدە ئەخلاقسىز، ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگە، ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈشكە باشلىدى.

يېقىندا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيسىنىڭ سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەن ساقچىلار ئۆيدە ساقلانغان نۇرغۇن ھاراق، چەكلەنگەن شەھۋانىي دۇرىلار، مەخپى كامېرالارنى قولغا چۈشۈردى ۋە بۇلارنىڭ ئىگىسىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسى ئەتكەسچىلىككە قارشى بۆلۈمىنىڭ ساقچىلىرى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ 700 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرا، چەكلەنگەن ھاراق ۋە تاماكا شۇنداقلا مەخپى كامېرالارنى قولغا چۈشۈردى.
ساقچىلارغا بىر ئۆيدە شەھۋانىي دۇرا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ساقچىلار زەيتىنبۇرنۇ سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەن. نەتىجىدە ئۆيدە 26 ياشلىق ئى. ت ئىسىملىك بىر كىشى ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دورىلارنى ساتقانلىقى ئاشكارا بولدى. ساقچىلار ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە قانۇنسىز كىرگەن 230 كىلوگىرام يەنى 690 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرىلار، بىر دانە جىڭ. 40 دانە يۇ ئېس ب ھەجىمدىكى مەخپى كامېرا، 3 دانە ئاچقۇچ شەكىلدە مەخپى كامېرا بىر دانە چوڭ پىچاقنى قولغا چۈشۈرگەن. ۋە ئى. ت ئىسىملىك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.


ئىگەللىنىشىچە زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى 27 – يانۋار كۈنى سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيدىن بىر كىشى ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇ ئادرېسقا يېتىپ بارغان، ئادرېستىكى ئۆيدىن ئى. ت ئىسىملىك 26 ياشلىق ئەر بىلەن شەرقىي تۈركسىتانلىق ز.ز 28 ياش ۋە گ،ز 32 ئىسىملىك ئىككى ئايالنى ئۇچراتقان. ز.ز ئىسىملىك ئايالنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەن بولۇپ ئى. ت ئىسىملىك كىشىنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ساقچىلار ئۆينى ئاختۇرىغان نەتىجىدە 690 دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرا، ھاراق، تاماكا ۋە مەخى 40تىن ئارتۇق مەخپى كامېرالار تېپىلغان. ئى. ت ئىسىملىك شەخس كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە تاشلاش دەرىجىدە دۇرا ئىشلەش ۋە سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


شۇئانغا قەدەر تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەخلاقسىزلىق ۋە ياكى قانۇنسىزلىق جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلىپ قېلىشتەك ئەھۋال يۈز بەرمىگەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم ناچار ۋە ئەتكەسچى ئىنسانلارمۇ تۈركىيىگە كېلىپ ناچار – ئەخلاقسىز ۋە قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. بۇ ئەخلاقسىز ناچار ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇرنىڭ چىقىشى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. كىشىلەردە ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ناچار خەلقمۇ دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلماقتا.
 


 







                                                            مەنبە: ئىستىقلال خەۋەرلىرى تورىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 7112 \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30

مۇشۇ دورىچى گۇيلار تۈركىيەدە ئادەمنىڭ يۈزىنى قويمايۋاتىدۇ. ئۆتكەندە بىر ماگىزىنغا بىر نەرسە ئالغىلى كىرسەم، ماگىزىنچى تۈرك ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. سەن نەلىك دەپ سورىدى. مەن ئۇيغۇر دىسەم، سىلەرنىڭ خىتايدىن ئەكەلگەن ھېلىقىدەك دوراڭلار باركەن، بىزگە لازىمتى دەيدۇ. ھەي بىزنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭ دەپ ئاچچىقىمدىن تىرەپ كەتتىم.

يازغۇچى: مۇسا كالتەك \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30

مەن دوختۇر دەپ يۈرىدىغان ھارامزادىلەرنى كۆرسەم ئاجايىپ ئاچچىقىم كىلىدۇ. بۇگۇيلارنىڭ قولىدا تۈزۈك دوختۇرلۇق دىپلومى يوق، مەن دوختۇر دەپ تومۇر تۇتۇپ ئاقكۆڭۈل تۈرك خەلقىنى ئالداپ يۈرىدۇ. بۇ ھارامزادە گۇيلار ئالدامچىلىق بىلەن قالسا يەنە مەيلىغۇ، ئەلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىغا دورىمىز بار، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان دورىمىز بار دەپ، قارا رەڭلىك، قىزىل رەڭلىك دورىلارنى تۈركلەرگە قالايمىقان سېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى قويمىدى.

يازغۇچى: ھىجرەت يولى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30

راست دەيسىلەر بۇرادەر، مۇشۇ مەن دوختۇر دەپ يۈرگەن ئەبلەخلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى كېرىمىنىڭ يۈزدە 80 پىرسەنتىنى مۇشۇنداق جىنىسىي دورا سېتىپ جان باقىدىكەن. ھازىر زەيتىنبۇرنىدا مەن ئۇيغۇر دىسىڭىز تۈركلەر كۆزىڭىزگە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ تۈركلەرمۇ ئايران بىلەن قېتىقنى ئىچىۋېرىپ بىلى مۇزلاپ كەتكەن خەقمىكىن، خوتۇنىمغا كۈچۈم يەتمىدى دەپ خىجىل بولماي دورىنى ئېلىۋېرىدىكەن. ھەتتا خوتۇنۇمنىڭمۇ مىجەزى سەل سوغۇق، ئايال كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان دورىلارنىمۇ بەسەڭلار دەپ ئالدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قويمىچى ئاتالمىش دوختۇرلىرىمىزمۇ خەقنىڭ قوپمىغان ھېسياتىنى قوزغايمەن دەپ قالايمىقان دورىلارنى سېتىۋېرىدىكەن. ھەي سەن مۇناپىق، قويمىچى دوختۇرەكلەرنىڭ بۇلغىمىغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋىتى قالغان ئىدى.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30

ھازىر تۈركلەرگە مەن ئۇيغۇر دىسەڭلار دورىچى دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ ئۆزىگە مەن دوختۇر دەپ نام قويىۋالغان قويمىچى ھاراملىقلار سەۋەبچى بولدى. يەنە كېلىپ بۇلار دورىلىرىنى خىتايدىن شۇنداق ئاسان توننىلاپ ئەكىلەلەيدىكەن. ئەگەر چىگىرىدىن خىتاي كونسۇلىنىڭ ياردىمى بولمىسا، بۇلار بۇنچىلىك كۆپ مالنى باجمۇ تۆلىمەي ئۇنداق ئاسان ئەكىرەلمەيدۇ. شۇڭا قەيەردە مەن دوختۇر دەپ دۇكان ئېچىۋالغان ئۇيغۇرنى كۆرسەك شۇنى ئۇدۇل ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. بولمىسا بۇلار بۇگۈن خىتاي كونسۇلنىڭ تاپشۇرىقى بويىچە جىسنىي دورا سېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى بۇلغىسا، ئەتە دورىنىڭ يېنىغا پاھىشە ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ قوشۇپ سېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت - شەرىپىنىمۇ بۇلغايدۇ.

يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-30

بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان دوختۇر مۇناپىقلارنى بىر يەرگە سولاپ، ئۇلار سېتىۋاتقان ئاشۇ دورىلارنى ھاڭگا ئىشەككە راسا ئىچكۈزەپ، بۇ مۇناپىق دورىچىلارنى دوڭغايتىپ قوياپ ئۈستىگە سالسا.

يازغۇچى: ئىدىتقۇت \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

قېرىنداشلار، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ھالال پۇل تىپىۋاتقان دوختۇرلىرىمىزمۇ بار. ئۇنداق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى. ھەمدە بۇ دوختۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇھاجىرلارغا، مۇساپىرلارغا ماددىي جەھەتتە يېقىندىن ياردەمچىمۇ بولىۋاتىدۇ. مېنىڭ ۋىسالغىمۇ ئىككى ئېغىز گىپىم بار، سىلەر مۇستەقىل بىر ئاخبارات ۋاستىسىمۇ ياكى باشقىلارنىڭ قۇيرۇقىمۇ؟ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك باشقا خەۋەر ئورگانلىرىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلەركەن. ئەگەر مۇستەقىل پائالىيەت قىلالىساڭلار قىلىڭلار، بولمىسا ۋىسالنى تاقاپ ئاۋۇ توربېتىگە قوشۇلۇپ كەتسەڭلار بولمامدۇ.

يازغۇچى: قەشقەر پەدىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

ماڭ قايلىسىلا ئىدىتقۇت غوجووووم، ئىۋۇ دوختۇرلىنىڭ دورىسىنى يەۋالغاندەك ھاياجانلىنىپ كېتىپلا. بىراز ئۆزلىرىنى بىسۋالسىلا. مۇھاجىرلارغا، مۇساپىرلارغا ياردىم قىلىۋاتىدا دەپ ماختاپ كەتكەن دوختۇرلىرىنىڭچا خىتاي ئىستىخبارىتىنىڭ يوليورىقى بويىچە شامدىكى مۇجاھىدلار قوشۇنىمىزنى پارچىلاش، بۆلۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلۋاتقانلىقىنى جىمى بۇرادەرلەر بىلىدا .

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ مۇستەقىل بولمايۋاتقانلىقىنى، كۆپىنچە خەۋەرلەرنىڭ باشقا تور بەتلىرىدىن ئېلىنغانلىقى ھەققىدە شىكايەتلەر بىزگە داۋاملىق كىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قىتىم ئىزاھات بېرىپ قويايلى:
1) بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىز مەخسۇس خەۋەرچىلىكنى ئاساس قىلغان تور بېتى ئەمەس. شۇڭا خەۋەر يازىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا ۋە خادىملىرىمىز يوق. ئەسلىدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ۋە ئىمكانلارنى تەييارلاپ، «ۋىسال خەۋەرلىرى» دەپ ھەپتىلىك تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى ھازىرلاشنىمۇ ئويلاشقان ئىدۇق. لېكىن بۇ ساھادە مۇۋاپىقىيەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا قېرىنداشلىرىمىز ۋە تور بەتلىرى بولغاچقا، ئوخشاش ئىشنى قىلىپ ھەم ۋاقىتنى، ھەم ئىمكانلىرىمىزنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىدۇق. بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىزنىڭ خىزمەت پرىنسىپى: مىللىتىمىزگە قىلىنمايۋاتقان، ياكى قىلىنسىمۇ ئاجىز بولىۋاتقان، توختاپ قالغان ساھەلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش. شۇڭا خەۋەرچىلىك ساھەسىدە مىللىتىمىزگە مۇۋاپىقىيەتلىك خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ، ئۇلار ئېلان قىلغان، ئۆزىمىز مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم دەپ قارىغان خەۋەرلىرىنى تاللاپ ئېلان قىلىۋاتىمىز.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

2) «سىلەر تەۋھىيد ئەھلى تۇرساڭلار، نېمە قىلىسلەر دېموكىراتچىلارنىڭ، مىللەتچىلەرنىڭ خەۋىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تورىنىڭ رېكلامىنى قىلىپ» دەپ نارازى بولۇپ بىزگە ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىز: تەۋھىد ئەھلى دىگەنلىك ھەرگىزمۇ تەكفىرچىلىك دىگەنلىك ئەمەس. ئالدى بىلەن بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى. تەۋھىدىي ھەرىكەت قىلىش بىلەن تەكفىرچىلىك قىلىش ئىككىسى ئايرىم ۋە پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە زىت ئىشلاردۇر. اللە ياراتقان دۇنيانىڭ بەزى ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلىرى بار. مەسىلەن: پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە 4 = 2 × 2. بۇ سۇئالنى مەيلى مىللەتچىلەرگە سوراڭ، مەيلى دېموكىراتچىلارغا سوراڭ، ھەممىسى بىز ئەھلى شەرىئەتكە ئوخشاش 4 دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمدى بىز دېموكراتچىلارمۇ 4 دەيدىكەن، مىللەتچىلەرمۇ 4 دەيدىكەن دەپ بۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلساق بولامدۇ؟!... شۇڭا بىز باشقا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن گەرچە سىياسىي كۆرقارىشىمىز، دىنىي مەنھەجىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئىسلام قانۇنىمىزدا ھارام بولمىغان ئىشلاردا ئۇلارنى قوللايمىز، دۇئا قىلىمىز. بۇ دىگەنلىرىمىز يەنە خاتا چۈشىنىلىپ قالمىسۇن، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىمىز دىگەنلىك بولمايدۇ. ۋىسال سىتۇدىيىمىز ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن، نامى بىلەن،، پىكرى بىلەن، ئىتىقادىي بىلەن ھەرۋاقىت اللەدىن باشقا ھېچكىمگە ھىساب بەرمەيدىغان ۋە شۇنىڭدەك اللەدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ھىساب سورىشىنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ۋىسال بولۇپ مۇستەقىل خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىز باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلغاندا، ھەممە خەۋەرلىرىنى ئەمەس، ئەگەر ئۇ خەۋەرنى بىز يازغان بولساقمۇ، بىزمۇ مۇشۇنداق يازغان بۇلاتتۇق دىگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىۋاتىمىز. شۇڭا ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ۋىسال سىتۇدىيىمىزنى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلمىدىڭلار، مىللەتچىلەرنىڭ، دېموكراتچىلارنىڭ، شۇچىلارنىڭ، بۇچىلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلدىڭلار دەپ قالايمىقان ئەيىپلەپ ئىنكاس يېزىشنى توختىتىڭلار!!!....

يازغۇچى: شەۋقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۋاتقان خىتاينىڭ يالاقچىسى مۇناپىق دورىچىلارنى، دوختۇرلارنى، يەنە ئاللىقانداق نىيىتى قارا جاسۇسلارنى قەتئىي سازايى قىلىپ، رەسۋا قىلىپ يوقىتىش كېرەك. بولمىسا ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئۆز ۋەتىنىدەك راھەت نەپەس ئېلىپ ياشىيالايدىغان بىردىن-بىر دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ ۋە تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىنى يوقىتىپ قويىمىز.

يازغۇچى: ۋەتەن ئىشقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

شۇنداق قاتتىق سەگەك تۇرۇش كېرەك. بىزگە دۇنيادا باشقا ئىككىنچى تۈركىيە يوق. خىتاي مۇشۇنداق مۇناپىقلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزنى تارتىۋالدى، ئەمدى تۈركىيەنىمۇ تارتىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىز كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ياشايدىغان يەرلەردىكى جەمئىيەتلەر ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مەھەللىگە بىردىن مەسئۇل ۋە ئاۋانگارت ياشلار ئەترىتى تەشكىللەپ، مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ناكەس، خۇپىيانە ئىشلارنى ۋە شەخىسلەرنى ئالدىن بايقاپ، بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتىرىۋېتىش كېرەك. تۈرك ساقچىلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ تۈركىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەبلەخلەرنى تۇتۇپ بېرىش كېرەك. ھازىر زەيتىنبۇرنىدەك جايلاردا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى، ئۇيغۇر ناۋايخانىلىرى، ئۇيغۇر قاسساپخانىلىرى، ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى، كاۋاپخانىلىرى، سەيپۇڭخانىلىرى، ساتىراشخانىلىرى ئىچىلىپ بەئەينى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە ئوخشاپ بەرپا بۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدەك ياخشى ۋەزىيەتنى نەشخور، ئاقچى، پاھىشە، قىمارۋاز، ھاراقكەش ئەبلەخلەرنىڭ بۇزىۋېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

ئازغىنا دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاينىڭ جاسۇسى بولۇپ ئىش قىلىۋاتقان، ئۆزىگە يالغاندىن دوختۇر دەپ نام قويىۋالغان قويمىچى دورىچىلارنى، ھەتتا بۇ قويمىچىلىقىغا پاك ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىمىزنىڭ مۇبارەك نامىنى قوللىنىۋاتقان ۋىجداسىز ئوغرىرىلارنى ۋە بۇ ساختا دوختۇر قويمىچىلارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىۋاتقان ھەم ساددا، ھەم ئەخمەق ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ياماننىڭ ياخشىسى بولغۇچە، ياخشىنىڭ يامىنى بول . قارمۇقنىڭ دانىسى بولغۇچە، بۇغداينىڭ سامىنى بول .

يازغۇچى: گوللاندىيە \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

بىز ئۇيغۇرلاردا مەيلى ۋەتەندە بولسۇن، مەيلى چەتئەلدە بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرىنىلا قويۇشقا تۇرىمىز. قىلغان سودىلىرىمىزغا، تىجارىتىمىزگە قاراپ باقايلى، پۈتۈن ئەس-يادىمىز، قابىلىيىمىز، كۈچىمىز بىلەن قانداق قىلسام ئۇيغۇرغا ئەزاننى قىممەت ساتارمەن، ئۇيغۇرنى ئەخمەق قىلارمەن، ئۇيغۇرنى قويارمەن دەپلا تۇرىمىز. ھېچكىم خىتاينى، روسنى، ئامېرىكىلىقنى، ئەنگىلىيەلىكنى، گىرمانىيەلىكنى، فىرانىسيەلىكنى، ئەيتاۋۇر چەتئەللىكنى قويۇشنى ئويلاشمايدۇ. دەل ئەكىسچە خىتاي، روس، ئامېرىكىلىق، گىرمانىيەلىكنىڭ ئالدىدا بەكمۇ راستچىل، بەكمۇ سەمىمىي، بەكمۇ ئادىل بولۇپ كېتىمىز، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىغا كەلگەندە ئىنتايىن قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، شەپقەتسىز، رەھىمسىز بولۇپ كېتىمىز. مېنىڭچە تۈركىيەدىكى دورىچىلار تۈركنى بولسىمۇ مەن دوختۇر دەپ ئالداپ قويالىغاندىن كېيىن ئۇلارنى تەبرىكلەش كېرەك. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدا چوڭ بىر قەدەم باسقۇچ. بىزنىڭ تارىخىمىزدا مۇسابايوفلاردىن كېيىن چەتئەللىكنى قويالىغان باشقا ئۇيغۇر چىقمىغان.

يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

سىلى خاتا چۈشىنىپ قاپلا گوللاندىيە ئەپەندۇم. بۇ ساختا دوختۇرلىنى بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلگەچكە ئۇلارغا ئىشەنمەيدا، سەن تۆنۈگۈن بازالاردا يايمىچىلىق قىلىپ جان بېقىۋاتاتىڭ، بۇگۈن قانداقسىغا دوختۇر بولۇپ قالدىڭ دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بامايدا. شۇڭا بۇ قويمىچى دورىچىلار ئۇيغۇرلارنى قويالمىغاچقا، تۈركلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببەتتىن، ھۆرمەتتىن پايدىلىنىپ، كۆزدىن يىراق، ئۇيغۇرلاردىن ئۇزاق يەرلەردە مەن ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت دوختۇرى دەپ تۈركلەرنى ئالداپ قويىۋاتقان گەپ.

يازغۇچى: سەپەرداش \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

گوللاندىيەدىن يازغان بۇرادەرنىڭ گىپىنىڭمۇ ئاساسى بار. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئىشلىتىشكە، قويۇشقا كەلگەندە بەك ئۇستا، چەتئەللىكلەرگە بەك ئادىل ۋە سەمىمىي ئىكەنمىز. ياۋرۇپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ياشايدىغان بىر دوستىمىزنىڭ دىيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىدىغان تەشكىلاتىدا بىر گىرمانىيەلىك مەسلىھەتچى بار ئىكەن. قىلدىغان ئىشىمۇ ئايدا بىر قانچە قېتىم تەشكىلاتقا كىلىپ قويىدىكەن، نامايىشلار بولسا ھۆكۈمەتتىن روخسەت ئالدىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن. ئەمما تەشكىلاتتا 360 كۈن كىچە-كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزدىنمۇ كۆپ مائاش ئالىدىكەن. مائاش تارقاتقاندا تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر رەئىسى ئالدى بىلەن ئۇ گىرمانىيەلىكنىڭ مائاشىنى بېرىۋېتىپ، ئاندىن ئىىشپ قالغان پۇلنى ئۇيغۇرلارغا مائاش قىلىپ بۆلۈشتۈرۈپ بېرىدىكەن. بەزى ۋاقىتتا پۇل يېتىشمەي قالسىمۇ، چوقۇم گىرمانىيەلىكنىڭ مائاشى تولۇق بېرىلىدىكەن. ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرى بولسا ئەسلا ئۆز ئەمگىكىنىڭ، جاپاسىنىڭ بەدىلىنى تولۇق ئالالمايدىكەن. ئەگەر ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ ئادالەتسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرسە، بەزىدە قاتتىق، بەزىدە يۇمشاق گەپلەر بىلەن ئالدايدىكەن. تەشكىلاتقىمۇ ئاساسەن دىندار، مىللىي روھى كۈچلۈك ئەمما يۇۋاش ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئالغاچقا، ئۇلارمۇ پۇل ئۈچۈن ۋەتەن داۋاسى قىلىۋېتىپتۇ دەپ قالمىسۇن دەپ ئارتۇق گەپ قىلماي جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋېرىدىكەن. بۇ ئىش ياۋرۇپادىكى ئاشخانىلاردىمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىدا ئېغىر ئىشلارنى قىلىدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز بولسىمۇ، يەرلىك تىلنى بىلىدۇ دەپ كۈتكۈچىلىككە ئالغان 2-3 گىرمانىيەلىك ياش ئەڭ ياخشى مائاشنى تولۇق، ۋاقتىدا ئالىدىكەن. ئۇيغۇرلىرىمىز بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قولىدا ئېزىلىپ، مائاشىنىمۇ تولۇق ئالالماي ئاشخانىدىكى ئەڭ  ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ ياشايدىكەن. يۇقىرىدا ئىنكاس يازغان گوللاندىيەدىكى بۇرادەر تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان بۇ مۇناپىق دورىچىلارنى قوللاپ ئىنكاس يازمىدى، ئۇيغۇرنىڭ قولىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە بىر ئۇسلۇبتا كىنايە قىلىپ بايان قىلىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ناۋاي \ يوللانغان چېسلا: 2015-01-31

ۋىسالدىكىلەر قارىغاندا سىلەرنىڭ پۇلغا ئېھتىياجىڭلار يوق ئوخشىمامدا . بۇ دورىچىلار، دوختۇر ئەپەندىلەر كونسۇلنىڭ پۇلى بىلەن كىم ئۆي ئالماقچى بولسا، كىم دۇكان ئاچماقچى بولسا، كىم دەرنەك قۇرماقچى بولسا، كىم كىتاب باسماقچى بولسا، كىم تىجارەت قىلماقچى بولسا، كىم ئوقىماقچى بولسا، كىم سەپەرگە چىقماقچى بولسا، كىم خوتۇن ئالماقچى بولسا، يەنى كىمنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بولسا شۇنىڭغا ئايىماي پۇل بېرىپ گىلىنى مايلاپ، ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغان. كونسۇلنىڭ پۇلىنىڭ كۈچى بىلەن ھەممە ئۇيغۇرلارنى دىگۈدەك ئۆزىگە قارىتىۋالغان. تۈركىيەدە بۇ دوختۇر ئەپەندىملەرنىڭ پۇلىنى يېمىگەن، ئالمىغان ئېدەم يوق دىيەرلىك. ئەڭ تەقۋا جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ گىلىدە، مىلىدا بۇ دوختۇرلىنىڭ پۇلى بار. شۇڭا تۈركىيەدە ھېچكىم ئالدىراپ بۇ دوختۇرلارنىڭ يامان گېپىنى قىممايدا، ئالدىراپ ئۇلارنىڭ زىتىغا تەگمەيدا، خاپا قىممايدا. سىلە ۋىسالدىكىلەر قارىغاندا تۈركىيەگە يېڭى ئوخشايسىلەر. بۇ مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بۇ ئىشنىڭ بىر ئۇچى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە قۇرغان ئۇيغۇر سانائەتچى، تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىگە (USİYAD)  بېرىپ تاقالسا، يەنە بىر ئۇچى خىتاي كونسۇلىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دوختۇرلىغا گەپ قىلىش تۈركىيەدە ئاقمايدا، چۈنكى مۇساپىرچىلىقتا ھەممە ئېدەمنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بار، نەق پۇلمۇ مۇشۇ دوختۇرلىدا بار.

يازغۇچى: قارلۇق \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01
تۈركىيەدە دوختۇرلار ئادەتتە بەك باي كىلىدىكەن. كونسۇلنىڭ پۇلىنى دوختۇرلۇق نىقابى ئاستىدا تارقىتىپ، ئەتراپىغا شايكا، گورۇھ توپلاش ھەقىقەتەن ياخشى چارە. ھەم كىشىلەر ئاسان گۇمانلانمايدۇ، ھەمدە ساخاۋەتچى بولۇپ مىللەتنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۇتۇپ، ئەتراپىغا ئادەم توپلاپ سىياسىي كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مېنى ئەجەبلەندۇردىغىنى، بۇ ساختا دوختۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى مىللىتىمىز بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە نېمىشقا ئۇلارغا دوختۇر دەپ ئىشىنىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ.
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01
قولىڭلىدا بىكارغا تارقىتىدىغان كونسۇلنىڭ پۇلى بولسا، ھېلىغۇ دوختۇركەن، مەن ئۇيغۇرلارغا رەھبەر بولىمەن دىسەڭلىما ئىشىنىپ، كەينىڭلىدىن مېڭىۋېرىدا. ھازىر نەق پۇل كىملەرنى نىمىلەرگە ئىشەندۈرمەيدۇ دەيسىلە.
يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01
ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە بەكمۇ ئاجىز ۋە بەكمۇ مۇھتاج بۇلىشى. دىن دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ماددىي ياردەم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ناھايىتى ئاسان ئېرىشمەكتە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە ئىنتايىن قولايلىق بىلەن سوقۇنۇپ كىرمەكتە.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01

چېچەنىستان جىھادىدا بەزى ئەرەب ۋە ياۋرۇپالىق مۇجاھىدلار پالانچى شەيخ اللە رىزالىقى ئۈچۈن (فى سبيل اللە) شۇنچىلىك پۇل بەردى، پوكونچى دوكتور اللە رىزالىقى ئۈچۈن (فى سبيل اللە) مۇنچىلىك پۇل بەردى، شۇ ساخاۋەتچى تىجارەتچى فى سبيل اللە بۇنچىلىك پۇل بەردى دەپ پۇل ئەكەلگەندە، مۇجاھىيدلارنىڭ قۇماندانى شېھىد خەتتاب ۋە شامىل باسايىف ئۇلارغا شۇنداق دەپتىكەن: قېرىنداشلار! شۇنى ھېچقاچان ئۇنۇتماڭلار، ھازىرقى دەۋىردە فى سبيل اللە جېنىنى بېرىدىغان كىشى چىقىدۇ، ئەمما فى سبيل اللە مېلىنى، پۇلىنى بېرىدىغان كىشى ئۇنداق ئاسان چىقمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن سىلەرگە فى سبيل اللە دەپ بىكارلىق پۇل بەرگەن كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىشتا ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىڭلار!.. بەلكى ئۇ پۇل كۆرۈنىشتە بىكارلىقتەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمىليەتتە سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى، ئېتىقادىڭلارنى، ئىرادەڭلارنى ۋە مۇجادىلەڭلارنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن مەبلەغ بولىشى مۇمكىن.

يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01

شېھىد ئۇستاز خەتتاب ئىنتايىن توغرا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنچە سالىھ نىيەتلەر، توغرا مىنھەجلەر بىلەن باشلانغان مەيلى جىھاد ھەرىكەتلىرى بولسۇن، مەيلى سىياسىي پائالىيەتلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق فى سبيل اللە دەپ بىكارلىق پۇل بەرگەنلەرنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قىلىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىۋاتىدۇ. جىھاد قىلىۋاتقانلىرى ئۆزىگە پۇل، قۇرال بەرگەنلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوق ئېتىۋاتىدۇ، سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقانلىرى ئۆزىگە پۇل، ئىمكان بەرگەنلەرنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01

ئۇستاز ئابدۇلقادىر بىن ئابدۇلئەزىز «ئەلئۇمدە» ۋە شېھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززەم «تەۋبە سۈرىسىنىڭ سايىسىدا جىھاد دەرىسلىرى» كىتابلىرىدا ئىسلامنىڭ زاكات پۇلى بىلەن مەسجىد ياسىغىلى بولمايدىغانلىقى، مەسجىدلەرگە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈنجى جىھادى بولغان بەدىر جىھادىنىڭ نېمىشقا مۇشرىكلارنىڭ تىجارەت كارۋانىغا ھۇجۇم قىلىپ غەنىمەت ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلار مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئىگىلىك تىكلىمەي تۇرۇپ، مۇستەقىل جىھادىي ۋە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بەكمۇ قېيىن ۋە ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جىھادىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن غەنىمەت، بەيتۇلمال ۋە مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرغان مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ كۈچى بىلەن ئېلىپ بارغان. زاكات، پىترە، سەدىقە، ئىئانە قاتارلىقلارنى ئامال بار خەلققە تارقىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ۋە جىھادىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشتۇرمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى خەلىپىلەر دەۋرىدىمۇ ئىسلام ھۆكۈمىتى خەزىنىسىنى ئاساسەن دۈشمەنلەردىن ئالغان غەنىمەتلەر بىلەن كۈچلەندۈرگەن. شەخىسلەر بەرگەن سەدىقە، ئىئانەلەردىن بەيتۇلمالنى يىراق تۇتقان. ئىسلامىي ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئاددىي خىزمەتچىلەرگىچە، قۇماندانلاردىن لەشكەر باشلىقىغىچە ھەممە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ شەخسىيلەردىن سوۋغات، ھەدىيە، ماددى ياردەم ئىلىشىنى قەتئىي چەكلىگەن. ھەتتا خەلىپە ھەزىرىتى ئۆمەرنىڭ بايلار بىلەن شەخسىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىككى ۋالىينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01

ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززەم كىتابىدا يەنە شۇنداق مىسال بېرىدۇ: ئافغانىستان جىھادنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇسامە بىن لادىننىڭ ماددى ياردىمىنى ئېلىش ياكى ئالماسلىقى توغرىسىدا مۇجاھىيد رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۆپ مۇزاكىرلەشكەنلىكى، بەزى مۇجاھىيد رەھبەرلىرىنىڭ ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئائىلىسىنىڭ سەئۇدىي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئەگەر ئۇسامەنىڭ ياردىمىنى ئالسا جىھادنىڭ تەدرىجىي سەئۇدىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى ئەندىشەسىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئەززەم بىر قانچە قېتىم ئۇسامە بىن لادىننى مەدىنەدىكى ئۆيىدە زىيارەت قىلغان. ئۇسامە بىن لادىننىڭ شۇنچە باي بولسىمۇ، ئاددىي ساددا ياشايدىغانلىقى، ھەتتا ئۆيىدە زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن باشقا ئائىلە سايمانلىرى، ئۆي ئەشيالىرى يوقلىقىنى كۆرگەن ۋە ئىنتايىن تەسىرلەنگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇسامە بىن لادىن قاچان ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان، ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىدىغان بىن لادىن جەمەتى بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، ئايال، بالا-چاقىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلىپ جىھادقا قاتناشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ يادەملىرىنى قۇبۇل قىلغان. يەنىلا قۇبۇل قىلغاندا، ئۇسامە بىن لادىننىڭ ياردەملىرىنى مۇجاھىيدلار تەربىيلىنىدىغان ئەسكىرىي لاگىر، يارىدارلار داۋالىنىدىغان دوختۇرخانا قاتارلىق يەرلەردە قوللانغان، ھەرگىزمۇ ئۇسامەنىڭ ياردەملىرىنى مۇجاھىيد رەھبەرلەرنىڭ مائاشىغا، شەخسىي تۈرمۇش ئېھيتىياجلىرىغا قوللانمىغان. سەۋەبى جىھاد ئىسىتىرادىگىيىسىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق مۇجاھىيد رەھبەرلىرىنىڭ ئۇسامەنىڭ  ماددىي تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش .

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-01

اللە اكبر!.. ئافغانىستان جىھادى باشتا مۇشۇنداق ئىنچىكىلىك ۋە سەمىيمىلىك بىلەن، پەتىۋا بىلەن ئەمەس، تەقۋا بىلەن قىلىنغاچقا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كوممۇنىست ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلالىغان ئىدى. ھازىر بولسا مۇسۇلمانلار سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ھېلىغۇ مۇسۇلمانكەن، كاپىرنىڭ، كاپىر دۆلەتلەرنىڭ، پاسىق دۆلەتلەرنىڭ، دىموكىراتچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياردىمىنى ئېلىشتا قىلچىمۇ تەرەددۈت قىلمايدۇ. بىزمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا روسلارنىڭ ماددىي ياردىمى، قۇرالى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە قىلاي دىگەندە ماناس دەرياسىدا توختاپ قالمىدۇقمۇ.

يازغۇچى: تاۋار باللا \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-02
كونىلار: ئاتاڭمۇ پۇل، ئاناڭمۇ پۇل دەپتىكەن. ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، ھەممە مەسىلە يەنە مۇشۇ پۇلغا بېرىپ تاقىشىدۇ. ھازىر قولىدا نەق پۇلى بولغان ئوسۇرۇپ قويسىمۇ تاتلىق پۇرايدىغان دەۋىر بولۇپ كەتتى. ھازىر ئەڭ چوڭ مۇجاھىد، ئەڭ تەقۋا مۇسۇلمان، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسەتچى، ئەڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەر، ئەڭ نوچى مىللەتپەرۋەر كىم دەپ سورىساڭلار، كىمنىڭ پۇلى بولسا شۇ دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. شۇڭا ھېچكىم بىكارغا بەرگەن پۇلنى بۇ كونسۇلنىڭ پۇلىمۇ، ياكى دوختۇرنىڭ پۇلىمۇ دەپ سوراپ ئولتۇرمايدۇ.
يازغۇچى: لەشكەر \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-02

مۇشۇ بالىلار خاملىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالمىغان بولسا بۇ دوختۇر ئەپەندىلەرنىڭ ئىشى خىلى ئوبدان يۈرىشىۋاتقان بولمىسا. ياش بالىلار خاملىق قىلىپ تۇتۇلۇپ چاندۇرۇپ قويدىدە. يەنە بىر گەپ، بۇ دورىچىلار ۋىسالغا كەممىگەن ئوخشىمامدا. تۈركىيەدە سەللا قولىدىن ئىش كىلىدىغان قابىليەتلىك، تالانتلىق بالىلار بۇ دوختۇرلىنىڭ دەرھال دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغايتتى، بىر ئېھتىياجىڭلار بولسا مانا بىز بار دەپ ئاتىدارچىلىق قىلاتتى. سىلەرنى ھەجەپ ئىزدىمەي قاپتىيا. ئەگەر ۋاقتىدا سىلەر بىلەن تونۇشۇپ ئاتىدارچىلىق قىلغان بولسا بۇنچىلىك ئاشكارلىنىپ پاش بولۇپ كەتمەيتتى. ھەر تۆگىنىڭ بىر تېيىلىپ كىتىشى بار دەپ سىلەرنى سەل چاغلاپ يامان قىلدىدە بۇ دوختۇرلار. بوممىسا تۈركىيەدە خىلى-خىلى ئادەملىنىڭ، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئاغزىنى ياغلاپ، مايلاپ قويغان.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-02

ئۇكام بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۇل تېپىش بولسا ئىدى، سىتۇدىيە ئېچىپ ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلمايتتۇق. بىز ھەقنى ھەق سۆزلەش ئۈچۈن، دۇنيادا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋىسال سىتۇدىيىسىنى قۇردۇق. «ئەگەر ئوغرىلىق قىلغان قىزىم پاتىمە بولسىمۇ يەنىلا قولىنى كىسمەن» دىگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى تېخى تۈگەپ كەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ۋىسال سىتۇدىيىسىنى قۇردۇق. مۇساپىرچىلىقنىڭ بۇ ئېغىر كۈنلىرىدە ئىمانىنى، ئېتىقادىنى، تەۋھىدىنى، ھەق بىلگەنلىرىنى پۇلغا ساتمايدىغان، پۇلغا تەسلىم قىلمايدىغان ۋە پۇلغا تىگىشمەيدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋىسال سىتۇدىيىسىنى قۇردۇق! ۋە شۇنىڭدەك بۇنىڭ بەدىلىنىمۇ تۈركىيەدە ئائىلىمىزدىن، بالا-چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلىپ ئەڭ ئېغىر شەكىلدە ئۆتىسەكمۇ، يەنىلا ھەق يولىدىن ۋاز كەچمەي سەۋىر قىلىپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز.
خۇلاسە: ئۇكام بىز ھازىر پۇلنىڭ تۇزىقىغا چۈشمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بەدەل ئۆتەۋاتىمىز. شۇڭا بىزدىن ئەنسىرمەڭ، بۇلارنىمۇ پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ئەسىرگە ئېلىۋالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلماڭ. بىز ئۇ ئىمتىھاندىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ بولدۇق، ھەتتا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ھازىر ئەڭ قەدىردانلىرىمىزدىن ئايرىلىپ بەدەل ئۆتەۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ اللەنىڭ ياردىمى بىلەن ۋىسالنىڭ ھەققانىي پرىنسىپىنى ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ كۈچىگە تەسلىم قىلمايمىز!!!...

يازغۇچى: تەۋھىيد \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-02
مىسىردا ئىخۋانغا قىلىنغان زۇلۇمغا قاراپ تۇغان، سەئۇدىينىڭ پۇلى بىلەن قۇرۇلغان جامائەتلەر ھەققىدە يۈسۈپ قەرداۋى شۇنداق دەپتىكەن: «ھازىر قۇرالغا تەسلىم بولمىغان ئىمانلار پۇلغا تەسلىم بولىۋاتىدۇ». جانابىي اللە ھەممىمىزگە پۇلغا ساتمايدىغان ئىمان بەرسۇن. امين!..
يازغۇچى: ئاقسۇ دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-02
جانابىي اللە ھەممىمىزگە پۇلغا ساتمايدىغان ئىمان بەرسۇن. امين!..
يازغۇچى: ئىستانبۇل \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-17
ئى ۋىسال، بۇرۇنمۇ بىتىڭىلار مەينەت ئىنكاسلارنى ئۇچرىتىتىم بىئارام بولىتىم..بۇ قىتىم بەك جىنىمغا تەگدى،بۇ بەتتىكى بەزى ھايۋانى ئىنكاسلار،ئىنكاسنى تەستىقلىغاندا ئوقۇمايلا تەسىتىقلامسىلەر؟ بولمىسا قىسقا ئىنكاسكەنغۇ،بۇنى چوڭلرىمىز. باللىرىمىز قىز ئاياللىرىمىز ئۇچرىتىپ قالسا نىمە بولماقچى،ئۆزۈڭلارنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ئاشۇ خەتلەرنى ئوقۇپ قالماسمۇ، بىشىدىكى ئىنكاسلارنى تازىلاڭلار
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-17

ئۆچۈرمەڭلا ئىنكاسلىنى. بۇ دورىچى گۇيلار ھايۋانىي ئىشنى قىلدىغاننى قىپ بولاپ، بىز ئىشىڭ ھايۋانى بولاپ قاپتا دەپ ئىناكاس يازساق بومامدىكەن.

يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-17

يېزىلغان ئىنكاسلاردا ئۇنچىلىك ھايۋانىي گەپلەرمۇ يوق، ھايۋانىي دىيىشكە توغرا كەلسە دورىچىلارنىڭ ھايۋانلىقىغا دىسە بولىدۇ.

يازغۇچى: مۇجاھىد \ يوللانغان چېسلا: 2015-03-20
ئىست ئىست ئىست ۋاي خەق ھالىڭغا. بېرپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشساڭچۇ....
يازغۇچى: ئىسيانكار \ يوللانغان چېسلا: 2015-04-16
ئېچىلمىغان سىرلار ئېچىلىۋاتىدۇغۇ توۋا خۇدايىم. ؟؟؟ ئىشەنگىلى بولىدىغان كىم قالغاندۇ ؟؟؟
يازغۇچى: ئىسيانكار \ يوللانغان چېسلا: 2015-04-24
مەخپى قالغان سىرلار يەنە بارمۇ يا ؟ بولسا يېزىپ قويۇڭلار ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن !
يازغۇچى: سەرگەردان \ يوللانغان چېسلا: 2015-05-19

توۋا ، ۋىسالدەك ئىسىل مۇنبەردىمۇ ھەر بىر گىپىدە ئىسلام، مۇسۇلماننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ، يەنە شۇ ئاغزىدىن پوق ئاقىدىغان مەدەنىيەتسىز ، دىن قىلچىلىك پايدا -تەسىر قىلمىغان مۇسۇلمانلار باكەن دىسە

يازغۇچى: ئايپالتا \ يوللانغان چېسلا: 2015-05-19
ئاچچىق كېلسەلنىڭ ئاغرىقىنى ئاچچىق دورا كېسىدۇ، دېگەن گەپ بار. بۇنىڭدەك ئۆزىنى دوختور دەۋالغان مەدىنىيەتسىز دورىچى مۇناپىقلىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى پاك ئوبرازىغا پوق چاچىدىغان گۇيلىغا شۇنىڭغا يارىشا جاۋاب بەرمىسە گەپتىن ئاڭلىمايدىكەن.
يازغۇچى: يۈز بىگى \ يوللانغان چېسلا: 2015-06-02
اللە ئىچىمىزدىكى مۇناپىقلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن. مۇشۇ مۇناپىق دورىچىلارنى ھەممىمىز بىلگەندىن كېيىن تۈرك ساقچىلىرىغا ئەرز قىلساق بولمامدۇ؟.. يۈزگە يېقىن پاش قىلىش خېتى كەلسە، تۈرك ساقچىلىرى بۇ دورىچىلارنى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋىتىدۇ.
يازغۇچى: ئەنسارى \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
بۇ دورىچى مۇناپىقلار ھەققىدە گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ غەزەبلەندىم. بولسا بۇ گۇيلىنىڭ پىيىنى كىسىۋىتىپ ئىككىنچى ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت قىلالماس قىلىۋىتىش كىرەك.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: