خىتاي تور جاسۇسلارنىڭ كومپىيۇتېردىن مەلۇمات ئوغۇرلىشىغا دىققەت!!!


خىتاي تور جاسۇسلارنىڭ كومپىيۇتېردىن مەلۇمات ئوغۇرلىشىغا دىققەت
 

ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنتېرنېت تور دۇنياسى مەۋھۇم بولۇشىغا قارىماستىن ھاياتنىڭ بىر پارچىسى ھالغا ئايلىنىپ كەتتى. دۇنيادىكى يېڭى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى ئەمدى ئالقىنىمىزدىكى تېلېفۇن ۋە ياكى كومپىيۇتېر بىلەن شۇ ھامان بىلەلەيمىز. ئەمما كىشىلەرنىڭ كومپىيۇتېر، تېلېفۇن ۋە ئايپېد دېگەنگە ئوخشاش تېخنىكا جىھازلارنى ئىشلىتىش جەرىيانىدا ئۆزلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇر مەلۇماتلار ساقلىنىدۇ. بۇ مەلۇماتلارنىڭ مەخپىيەتلىكى بەزىلىرى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا بەزىلىرى تەشكىلات ياكى مۇھىم دۆلەت دەرىجىلىك ھۆججەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.


مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى كومپىيوتېر مۇتەخەسىسلىرى يەنى خاككېرلار مەلۇمەت ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئىنتېرنېت باغلانغان ھەر قانداق كومپىيۇتېرغا بىمالال كىرەلەيدىكەن.


بۈگۈن مەن ئىشلەۋاتقان كومپىيۇتېرغا بىرسى كىرىشكە ئورۇندى ئەمما جاسۇسقا قارشى پروگرامما ئارقىلىق تۇسىۋىتىلدى. يەنى كىرىشكە روخسەت قىلىنمىدى. بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق نۇرغۇن كىشىلەر بەلكى كومپىيۇتېرلىرىغا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ كىرىپ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى ئوغۇرلىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمىسا كېرەك. بۈگۈن مېنىڭ كومپيۇتېرىم ماڭا بىر ئۇچۇر كۆرسەتتى. ئۇ ئۇچۇردا سىزنىڭ كومپۇتېرغا ئۇزاقتىن بىر كىشى كىرىشكە ئورۇنغان ئىدى مېكافى بىخەتەرلىك پروگراممىسى كىرىشنى توسۇپ قويدى. كومپۇتېرىغا كىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئا پى نومۇرى مۇشۇ دەپ بىر نۇمۇرنى كۆرسەتتى. مەن ئۇ نۇمۇرنى ئاي پى نۇمۇرىنى تېپىش دېگەن پروگرامما ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقتىم، نەتىجىدە ئۇ نۇمۇر بېيجىڭنىڭ چىقتى ۋە ئۇ كىشىنىڭ تۇرۇشلۇق رايون ، كوچا ۋە بىنانىڭ ئورنىنىڭ خەرىتىسىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەردى.


دېمەكچى بولغىنىم، خىتاي تور جاسۇسلىرى مېنىڭ كومپىيۇتېرىمغا كىرىشكە ئۇرۇندى ئەمما كۈچلۈك جاسۇسقا قارشى پروگراممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىراپ كىرەلمىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق كومپىيۇتېرغا كۈچلۈك ئانتى جاسۇس يانى جاسۇسقا قارشى پروگرامما يۈكلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن بولۇپمۇ ئىنتېرنېت باغلانغان كومپىيۇتېرلارغا باشقىلارنىڭ كىرىشى بەك ئاسان بولۇپ بىخەتەرلىكى يوق دېمەكتۇر. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئالاقىدار ئۇچۇر يازغان ياكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىشىلتىۋاتقان كومپىيۇتېرلاردا چوقۇم جاسۇسقا قارشى كۈچلۈك پروگراممىلار يۈكلەنگەن بولۇشى كېرەك، يۈكلىمىگەنلەرگە جاسۇسقا قارشى پروگرامما يۈكلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن. كومپىيۇتېرلاردىكى مۇھىم مەخپى دەپ قارىلىدىغان ھۆججەت، فىلىم، رەسىم ۋە ياكى ئاۋاز بولسا ئۇنى قوشۇمچە دىسككە كۆچۈرۈپ كومپىيۇتېردىن ئۆچۈرۋىتىشنى، مەخپىيەتلىكى بولغان ھۆججەتلەرنى كومپۇتېردا ساقلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.


كومپىيۇتېرغا جاسۇسقا قارشى پروگرامما يۈكلەشتە، McAfee Internet security ve yaki Super Anti Spyware دېگەن پروگراممىلارنى يۈكلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن. McAfee Internet security پروگراممىسى جاسۇسلارنى توسىدۇ ۋە ياكى كىرىۋالغان جاسۇس ۋە ۋىرۇس پروگراممىلارنى تۇتۇپ ئۆچىرىدۇ. Super Anti Spyware دېگەن پروگرامما بولسا كومپېيۇتېرغا كىرىۋالغان ھەر قانداق جاسۇس پروگراممىنى تۇتۇپ تازىلايدۇ. بۇ پروگرامما توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، 15 كۈنلۈك ھەقسىز ئىشلەيدۇ 15 كۈندىن كېيىن بىر يىللىقىنى 20 دوللارغا سېتىۋېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بۇ پروگراممىنى يۈكلەپ ئىشلەتكۈچىلەر 15 كۈن بويىچە كومپىيۇتېرغا كىرىۋالغان جاسۇسلارنى تازىلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە جاسۇس ۋە ۋىرۇس بار يوقلىقىنى بۇ مۇشۇ پروگراممىنى يۈكلىگەندىن كېيىن بۇ پروگراممىغا تەكشۈرۈش بۇيرىقى بېرىلسە كومپۇتېرنى تەكشۈرۈپ جاسۇس بولسا تۇتۇپ ھەممىنى ساناپ دەپ بېرىدۇ، ئۇلار تازلاش بۇيرىقى بېرىلگەندە ھەممە جاسۇسنى بىرلا ۋاقىتتا كومپىيۇتېردىن تازىلاپ بېرىدۇ.


سۈرەتتىكى بۈگۈن مېنىڭ كومپىيۇتېرغا كىرمەكچى بولغان جاسۇسنىڭ ئاي پى نومۇرى ۋە ئۇ ئاي نۇمۇرى كىرىشكە ئورۇنغان جاسۇسنىڭ بېيجىڭدىكى ئادرېس خەرىتىسى.
مۇسا بايتاش


                                                        مەنبە: ئىستىقلال خەۋەرلىرى تورىدىن ئېلىندى.



 

 

كۆرۈلۈشى: 5808 \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25
ئىنكاسلار
يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25
مۇشۇ خىتاي ئوغرى گۇيلارنىڭ بۇ تۇزىقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ھەقىقەتەن ھازىر توردا خىزمەت قىلغاندا بىخەتەرلىك بەكمۇ مۇھىم.
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

شۇنداق ئالاھىيدە دىققەت قىلىش كېرەككەن. ۋىسالدىكى بۇرادەرلەر سىلەرمۇ خىزمىتىڭلاردا دىققەت قىلىپ، كومپىيۇتېرلىرىڭلارنىڭ ئامانلىقىنى ياخشى قوغداپ، سەزگۈر تۇرۇڭلار.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

بىزنىڭ كومپىيۇتېرىمىزنى خىتاينىڭ جاسۇسلىرى، ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلىرى، تۈرك ئىستىخباراتىنىڭ جاسۇسلىرى، ھەتتا بەزى دەرنەكلىرىمىزنىڭ ئىستىرادىگىيەچىلىرى پات-پات يوقلاپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئاختۇرۇپ بىرنەرسە تاپالمىغاندا، جىم چىقىپ كەتمەي تورىمىزنى بۇزىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولدى. 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

بىز توردا خىزمەتكە باشلىغاندىن بېرى نۇرغۇنلىغان قېتىم كومپىيۇتېرىمىز بۇزىۋېتىلدى، ھەتتا ماتېرىياللىرىمىزنى ئايرىم دىسكە قاچىلاپ ساقلاپمۇ باقتۇق. ئۇنىمۇ بۇزىۋەتتى. قانداق بولدى دىسەڭلار، ۋەتەندە 5-ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىللەردە بىزگە ۋەتەندىن بىر ئىلخەت كەلدى. ئىلخەتتە: سىلەرگە ئېۋەرتكەن تۆۋەندىكى ۋىدىئو ھۆججەتلىرىدە خىتاينىڭ تۇرمىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىلىۋاتقان قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ كۆرىنىشلىرى بار. بۇ كۆرىنىشلەرنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ناھەقچىلىككە چىدىماي ھىدايەت تاپقان ئۇيغۇر ساقچىلىرىمىز تۈرمىدە يۇشۇرۇنچە تارتىۋالغان. تېزدىن چۈشۈرىۋېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قىلىنۋاتقان بۇ زۇلۇمنى خەلقئاراغا تارقىتىڭلار. دەپ يېزىلغان ئىدى. مەنمۇ ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيچىلىكىدە ئارتۇقچە ئويلانمايلا فىلىم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا بېسىپتىمەن. قارىسام ھەر بىرى  50 MB لىق فىلىم كومپىيۇتېرىمغا نورمال چۈشىشكە باشلىدى. مەنمۇ فىلىملەر چۈشۈپ بولغىچە ۋاقىت بىكار ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ كومپىيۇتېرىمغا بىزنىڭ تورنىڭ ھۆججەت ماتىرىياللىرى قاچىلانغان دىسكنى خاتىرجەم چىتىپ، باشقا فىلىم مونتاژ  قىلىشقا باشلىدىم. فىلىم مونتاژ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن. تەخمىنەن 1 يېرىم سائەتتىن كېيىن فىلىم چۈشۈپ بولدى دەپ خەت چىقتى. مەنمۇ چۈشكەن ھۆججەتنى ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەققەزاسىدا ئالدىراپ ئىچىپتىمەن. قارىسام ئىكراندا ئاجايىپ غارايىپ شەكىللەر چىقتى، كومپىيۇتېر قېتىپ قالدى ۋە بىرھازادىن كېيىن ئۆچۈپ قالدى. كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىغان ۋاقتىمدا كومپىيۇتېردىكى ھەممە نەرسە يۇيىلىپ كەتكەن ئىدى. ھەممىدىن بەك ئىچىنىشلىقى مەخسۇس تور بىتىمىزگە ئائىت مۇھىم ھۆججەتلەر ساقلانغان، كومپىيۇتېرغا چىتىپ قويغان دىسكىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. دىسكتىكى مۇھىم ماتېرىياللارنى، ھۆججەتلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەخسۇس دىسكا قۇتقۇزۇش ئىشنى قىلىدىغان كەسپىي شېركەتلەرگە ئاپارساقمۇ، ھەتتا قۇتقۇزغان ھەر  GB 1 ھۆججەت ئۈچۈن 100 دوللار بەرمەكچى بولساقمۇ، يەنىلا قۇتقۇزالمىدى.

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

بۇمۇ بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك تەجرىبە-ساۋاق ئىكەن. كومپىيۇتېرغا جاسۇسلۇقتىن توسايدىغان، ۋىرۇستىن تازىلايدىغان پروگىراممىلار ئۈچۈن قانداق قارايسىز؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىلغار ۋىرۇس پروگىراممىلىرى ئامېرىكىنىڭ، روسىيەنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋىرۇس تازىلاش پروگىراممىلىرى. بىز مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئۈچۈن «ئاق ئىت، قارا ئىت ھەممىسى ئوخشاش ئىت!». بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە پەقەت خىتايلا ئەمەس، ئامېرىكىمۇ، روسىيەمۇ، ھەتتا تۈركىيە ئىستىخباراتىمۇ ئالاھىيدە قىزىقىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا قايسىسىنى قاچىلىسىڭىز قاچىلاڭ، ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ، بۇلاڭچىغا تۇتۇلغانغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا يۇقىرىداخەۋەرنى يازغان قېرىندىشىمىز ئەسكەرتكىنىدەك، ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان شەخسىي ھۆججەتلەرنى، ماتېرىياللارنى كومپىيۇتېرغا قويماي، ئايرىم بىر دىسكتە ساقلاش كېرەك. مەن ئادەتتە كومپىيۇتېرىمغا خىتايچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە: پوق بار دەپ كىردىڭما كومپىيۇتېرىمغا جاسۇس گۇي، بۇيەردە ئاناڭنىڭ...... دەپ بەك سەت گەپلەرنى يېزىپ ھۆججەتلەرنى توشقۇزىۋېتىمەن. ئاندىن بۇ ھۆججەتلەرگە تور جاسۇسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقىدەك ئىسىملار يېزىپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن كومپىۇتېرىمغا كىرگەن مەيلى خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ، روسىيەنىڭ، مەيلى تۈركىيەنىڭ تور جاسۇسلىرى بولسۇن، ھەممىسىگە سوۋغات تەييارلاپ، قۇرۇق قول قايتۇرمايمەن .

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

ماۋۇ پىكىرمۇ بولىدىغان پىكىركەن. تور جاسۇسلىرىنى كومپىيۇتېرغا كىرگەنگە تويغۇزىۋەتكىلى بولىدىكەن. يەنە بىر ئىش بار، ھازىر ھەممە كىشىنىڭ قولىدا ئايفون بار. نۇرغۇن ئۇچۇرلار قول تېلېفۇندا ساقلاقلىق. خىتاي قول تېلېفۇنغىمۇ جاسۇسلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

بۇنىڭ كەسكىن چارىسى يوق ئوخشايدۇ. ئىنتېرنەتكە كىرگىلى بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىسىنىڭ ھەممىسى جاسۇسلۇققا مۇناسىپ ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئوباما ئەقىللىق تېلېفۇننى، ئايفۇننى ئىشلەتمەيدىكەن، ھەتتا ئوبامانىڭ ئايفون ئىشلىتىشىنى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى مەخسۇس چەكلەيدىكەن. تۈركىيەدىمۇ نۇرچىلارنىڭ ئەردوغاننىڭ ۋە مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېفۇن سۆھبەتلىرىنى يۇشۇرۇن ئاڭلاپ ئامېرىكىغا سېتىش خىيانەتچىلىكى ئاشكارلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەخسۇس دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشتا ئىشلىتىدىغان، جاسۇسلار يۇشۇرۇن ئاڭلىيالمايدىغان، كىرەلمەيدىغان بىر تېلېفۇن ياسىدى. بۇ تېلېفۇنلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بىز بۇرۇن ئىشلىتىدىغان ئەزان باھالىق، ئىنتېرنەتكە كىرگىلى بولمايدىغان، پەقەت سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان كونا، ئاددىي تېلېفۇنلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. تودا بۇ ھەقتە يېزىلغان ماتېرىياللارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. دىمەككى، ئەردوغانغا بۇنداق تېلېفۇننى بىخەتەر دەپ دۆلەت بەرگەن بولسا، بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئايفونغا ئېسىلىۋالماي، يەنە شۇ پەقەت سۆزلىشىش ئېھتىياجىدىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان كونا تېلېفۇنلارنى ئىشلەتسە بولغىدەك.

يازغۇچى: سەپەرداش \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

توغرا، كونا تېلىفۇنلار ھەقىقەتەن بىخەتەر. مەن ياۋرۇپادا بىر تېلېفۇن كۆرگەن ئىدىم، تېلېفۇن نۇمىرىنى تېلېفۇن خاتىرسىگە ئىككى خىل يېزىپ ساقلىغىلى بۇلىدىكەن. بىر دوستىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى تېلېفۇنىڭىز باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسىمۇ بىلەلمەيدىغان قىلىپ ساختا نۇمۇر بىلەن خاتىرلىگىلى بولىدىكەن. ھەقىقىي نۇمۇرىنى ساختا نۇمۇرنىڭ ئاستىغا كىرگۈزىۋېتىدىكەن. بۇنى تېلېفۇن ئىگىسىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدىكەن.

يازغۇچى: لاچىن \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز، يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى دېگەندەك، ئاتا-بوۋىمىز ئىشلەتكەن خەت ئالاقە ۋاستىسى ئەڭ بىخەتەر. توردا يېزىلغان ھەرقانداق خەت قانچىلىك مەخپىي بولسا بولسۇن يەنىلا ئاشكارلىنىپ قالىدۇ. ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۈنيانى زىلزىلىگە سالغان ۋىكىلىكىس ۋەقەسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ توردا يازغان پۈتۈن مەخپىي ئالاقە - مەخپىيەتلىكلىرىنى دۇنياغا ئاشكارلىۋەتتى. يەنە بىر گەپ، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئىستىخباراتىدىن ئېھتىيات قىلىمەن دەپ ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوچى ۋىرۇس تازىلاش پروگىراممىسىنى ئېلىپ ئىشلىتىۋېرەيلى. بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، تۈركىيە ئىستىخباراتى ئۆزلىرى بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە قۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق بىز ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىۋېرىدۇ. جەمئىيەتلەرگە ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنغان كۈنىڭىزدىن ئىتىبارەن پۈتۈن شەخسىي مەلۇماتلىرىڭىز جەمئىيەتلەر ئارقىلىق شۇ دۆلەت ئىستىخباراتنىڭ ئارخىپىغا يوللىنىدۇ. ئەگەر بىرئاز شوخ بىرسى بولۇپ قالسىڭىز، ئىستىخبارات سىز ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات توپلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيەت، دەرنەكلەرگە مەخسۇس تەلىمات بېرىدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېرىڭىزنى كونترول قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىپ، ئارتۇقچە شوخلۇق قىلماي، بەرگەن ئىقامەتكە شۈكرى قىلىپ تىنچ ياشايلى.

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

لاچىنجان شۇنچىلىك گەپنى يازالىغاندىن كېيىن تارتىنماي يازماڭلارنى بىزگە پاناھلىق بەرگەن، جەمئىيەت قۇرۇپ بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىستخباراتىغا كىرىپ ئىشلەيلى دەپ ئاخىرلاشتۇرساڭلار بولمامدۇ. خىتايدىن باشقا ھەممىسى بىزنىڭ دوستىمىز دەپ بىلسەك ۋە بىزگە ئىقامەت بەردى دەپ ئىشىنىپ كەتسەك، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى مەخسۇس تەربىيلىگەن، ياردەم قىلغان، ھەتتا ھۆكۈمەتكە رەئىسلىك مەنسىپىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويغان روس ئىسىتىخباراتىغا ئىشىنىپ كەتكەن ئەخمەتجان قاسىمىدەك ئاقىۋەتكە قالمامدۇق؟!..

يازغۇچى: يالغۇز اللەقا ئىتائەت قىلىمەن \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-25

يانمايمىز بۇرادەر توغرا دەيدۇ. بىزگە پاناھلىق بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ چىرايلىق ياشاش باشقا، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىستىخباراتىنىڭ ئۇيۇنچىقى بولۇپ، سىياسىتىگە كەتمەن چىپىش باشقا.

يازغۇچى: خۇتەنى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-26

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ۋىسالدىكى قىرىنداشلا ئالاھنىڭ سالامى سىزلەرگە بولسۇن. مۇشۇ تۇغرىسىدا توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ تۇراتتىم بەك خۇرسەن بولدۇم ، قارابۆلجەرگەننى بەك بىخەتەر دەيدىغۇ ؟ يان تىلفۇننىڭ قاندىقىنى ئىشلەتسەك ياخشى بولدىدۇ؟ ئادەتتىكى تىلفۇننى ئىشلىتەيلى دىسەك تىڭ تىڭ قۇلاقتىن خەۋىپسىرەپ قالىدىكەن ؟

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-26

تىڭ-تىڭلاش ھەممە تېلېفۇنلارنىڭ ئاجىزلىقى. شۇڭا ئەردوغانغا بەرگەن تېلېفۇنلار مۇشۇ يۇشۇرۇن تىڭشاشقا قارشى ئالاھىيدە مۇداپىيە كۆرىدىغان پروگىراممىلار قاچىلاپ ياسالغان ئىكەن. مۇشۇ ئالاھىيدىلىكىدىن باشقا ئالاھىيدىكىمۇ يوقكەن. رەسىم تارتقىلى بولمايدىكەن، تورغا كىرگىلى بولمايدىكەن، ھۆججەت ساقلىغىلى بولمايدىكەن. بەئەينى بىزنىڭ كونا تېلېفۇنلىرىمىزغا ئوخشاش ئىكەن. ھازىر كۆپىنچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن دىشىۋارچىلىق كىم بىلەن نېمە توغۇرلۇق سۆزلەشكەنلىكى ئەمەس، تېلېفۇنىدا قايسى تور بەتلىرىگە كىرگەنلىكى، كىم بىلەن قايسى رەسىمنى چۈشكەنلىكى، قايسى ھۆججەتلەرنى ساقلىغانلىقىدىن كېلىۋاتمامدۇ.

يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-26

ھەقىقەتەن شۇنداق بولىۋاتىدۇ. ۋەتەندە كۆپىنچە بۇرادەرلەرنىڭ بىگۇناھ تۇتۇلۇپ كېتىشلىرى تېلېفۇنلىرىدىكى ساقلىنىپ قالغان ھۆججەتلەر، كىرگەن تور بەت مەلۇماتلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.  ئۆتكەندە ئۇزۇن يىل ۋەتەندە خىتايغا قارشى جىھاد سەپلىرىدە خىزمەت قىلغان بىر ئۇستازىمىز شۇنداق دىگەن ئىدى: ۋەتەندىكى بۇرادەرلەرنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشلىرى مۇشۇ تېلېفۇنلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى ئاشقانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ھېچ تېلېفۇن ئىشلەتمىگەن 80-يىللىرى، 90-يىللىرىدا تۇتۇلغان بۇرادەرلەرنىڭ سانى ھازىرقىدىن خېلى ئاز ئىدى، ھەتتا بۇگۈن قاغىلىقتا 4 خىتاينى ئۆلتۈرۋېتىپ، ئەتىسى ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ قارىمايغا كەتسىمۇ خىتايلار تۇيماي قالىدىكەنتۇق.

يازغۇچى: زەرەپشان \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-26
ئەگەر كومپىيۇتېرىمىزدىكى ماتىرىياللارنى پەقەت خىتاي كۆرمىسۇن، ئامېرىكا كۆرسە بۇلىۋېرىدۇ دەپ ئويلىساق، بۇ خەۋەرنى يازغان ئىۋۇ تور بەتتىكى مۇخبىر ئەپەندىم تەۋسىيە قىلغان ئامېرىكا ياسىغان پروگىراممىلارنى ئىشلىتىۋەرسەك بولىدۇ. مۇخبىر ئەپەندىمنىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكا رادىئوسىدا ئىشلىگەچكە، ئامېرىكىنىڭ پروگىراممىلىرىغا خاتىرجەم ئىشىنىدۇ، بۇنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەمما ياق، مەن ھەم خىتايغا، ھەم ئامىېرىكىغىمۇ ئىشەنمەيتتىم، بۇ گۇيلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشتا بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان ئىپلاس گۇيلار دەپ قارىساق، ئۇنداقتا كومپىيۇتېرنى قانداق قىلغاندا بىخەتەر ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ ھەقتە پۇختا بىلىمگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، كومپىيۇتېرغا ۋە خىتاينىڭ، ئامېرىكىنىڭ ياسىغان پىروگىراممىلىرىغا سەل قارىساق بولمايدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-26

قارىغاندا بۇ تېما توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بۇ خەۋەرنى يازغان قېرىندىشىمىزنىڭ كىملىكى ۋە تەۋسىيە قىلغان پروگىراممىلار ھەققىدە بەك كۆپ ئىنكاسلار كىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كىملىكى، خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە ئەمەس، ئۇ ئاگاھلاندۇرغان، ھازىر بىز ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم تەھلىكە بولغان ئۇچۇر-ئالاقە بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما بەزىلەر قەستەن گەپنى ئايلاندۇرۇپ شەخىسكە ئاپىرىپ تاقاپ تۇرىۋاتىدۇ. كومپىيۇتېرنى ئامېرىكا ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئىلغار پروگىراممىلارنى يەنە ئامېرىكا ياسايدۇ-دە. بىز ئىشنى قانداقتۇ قېرىندىشىمىز تەۋسىيە قىلغان ئامېرىكا ياسىغان ۋىرۇس پروگىراممىلىرىنى تالاش-تارتىش قىلىپ ئەمەس، كومپىيۇتېرىمىزغا قاچىلىغانWindows  تىن باشلىشىمىز كېرەك. چۈنكىWindows پروگىراممىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق جاسۇسلۇق پروگىراممىسى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلدىغان كومپىيۇتېرلارغاWindows  قاچىلاشنى مەنئىي قىلىپ، ئۆزى ياسىغان مىللىي پروگىراممىىنى ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭدەك ئىران، روسىيە، چاۋشىيەن، ياپونىيە، ھەتتا خىتايمۇ ھەربىي ساھادە پۈتۈنلەي ئۆزلىرى ياسىغان پروگىراممىلارنى ئىشلىتىدۇ.
خۇلاسە: كومپىيۇتېرىمىزدىكى مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭمۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكنى خالىساق، ئۇنداقتا تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆرنەك ئېلىپ، يەنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە خاس، كودلىرىنى ئۆزىمىز يازغان ئۇيغۇرچە مىللىي كومپىيۇتېر پروگىراممىلىرىنى ياسىشىمىز كېرەك. بۇ ساھەدىكى ئىختىساسلىق، مۇتەخەسىس خادىملار تەربىيلەپ، يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. تىرىشقانغا ھېچقانداق ئىش ئىمكانسىز ئەمەس. تۈركىيە رەئىسى ئەردوغاننىڭ ئىنتايىن جايىدا ئېيتىلغان بىر سۆزى بار: «bilgide bağımsiz olmadan, harekette bağımsız olamayız.» يەنى «بىلىمدە مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ، ھەرىكەتتە مۇستەقىل بۇلالمايمىز!»

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-27

تۆۋەندىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە تۈركىيەنىڭ ئۆز ۋاقىتتا پۈتۈنلەي ئامېرىكا تېخنولوگىيەسى بىلەن، پروگىراممىلىرى بىلەن، قۇراللىرى بىلەن قوراللانغان ئارمىيەسىىنىڭ قانداق پاجىئەلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا قىبرىس ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تۈركىيەگە بەرگەن قىرغۇچى ئايرۇپىلاننىڭ كومپىيۇتېر پروگىراممىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ تۈرك دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنى ئۆزلىرى ئۇرۇپ دېڭىزغا چۆكتۈرۋەتكەنلىكى، نۇرغۇنلىغان تۈرك ئەسكىرىنىڭ دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكىدەك ئىچىنىشلىق پاجىئەلەرنى مىساللىرى بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ پەقەت باشتا ئەرباكان ھۆكۈمىتى ۋە كەينىدىن ئەردوغان ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىچىدىكى ئامېرىكاپەرەس ئەمەلدارلارنى، ئامېرىكىدا ئوقىغان، تەربىيلەنگەن گېنىراللارنى تازىلىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ پاجىئەلەردىن ساۋاق ئىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي قۇرال-ياراق سانائىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ، مىللىي پروگىراممىلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغانلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىيە سانائىتىدە ئامېرىكا مونوپوللىقىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ.
 

 

يازغۇچى: لەشكەر \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-27

ئىنتايىن ياخشى فىلىمكەن. بولسا مۇشۇ فىلىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ قالغان بولسا بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلاتتى.

يازغۇچى: مۇھاجىر \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-27

بىزدەك تۈركچىگە ئانچە پىششىق بولۇپ كەتمىگەنلەر ئۈچۈن بۇ فىلىمنى چۈشۈنۈش بىرئاز تەسكە توختاپ قالدى. فىلىمنى بولسا ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلساڭلار ياكى بىراز چۈشەنچە بەرسەڭلار.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-27

فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:
ئوسمانىيە ئىسلام ئىمپىراتورلىقى ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قۇرال-ياراق زاۋۇتى، سانائىتى بولغان تۈركىيە، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى (NATO) غا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋرۇپانىڭ بىكارلىق بەرگەن  قۇرال - ياراقلارنى كۆرۈپ: «ئامېرىكا بىزگە ئىتتىپاقدىشىمىز دەپ نۇرغۇن قۇرالنى بىكارغا بېرىۋاتسا، نېمە قىلىمىز ئۆزىمىز قۇرال ياسايمىز دەپ ئاۋارە بولۇپ» دەپ قۇراق-ياراق سانائىتىگە سەل قاراپ قالغان. نەتىجىدە ئامېرىكا قۇرالنى باشتا بىكارغا بەرگەن بىلەن، كېيىن بەرگەن قۇراللارنى، تانكىلارنى، ئايرۇپىلانلارنى رېمونت قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا پۇل تەلەپ قىلغان. بەرگەن قۇراللارمۇ ئاساسەن كونا قۇراللار بولغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇپرىغان قۇراللارنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن رىمۇنت قىلىش چىقىمىمۇ ھەددىن زىيادە ئىشىپ كەتكەن. تۈركىيە قارىسا كونا قۇراللارنى رىمۇنت قىلىشقا كەتكەن پۇلغا ئۇ قۇراللارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋالسا تېخىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇراللارنىڭ يېڭىسىنى ئۆزىمىز ياسايلى دەپ قارار ئالغان. ئەمما ئامېرىكا بىكارلىق قۇرال بېرىۋېرىپ ئاللىقاچان تۈركىيەنىڭ قۇرال-ياراق سانائىتىنى ۋەيران قىلىپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى نائىلاج قۇرال سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما بۇ قېتىم ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان قۇراللار، بولۇپمۇ قىرغۇچى، بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلارنىڭ كومپىيۇتېر پروگىراممىلىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن دوست-دۈشمەن پروگىراممىسى بىلەن كودلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ روخسىتىسىز ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇلغان. بىر قانچە مىليون دوللارغا سېتىۋالغان ئايرۇپىلاننى پەقەت ئامېرىكا دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى، ئاسىيادىكى بىرقانچە دۆلەتكە قارشى ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئامېرىكا دوست دەپ كودلىغان دۆلەتلەرگە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە، ئىسرائىلىيەگە، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئەجەللىك دۈشمەنلىرىدىن بىرى گىرىتسىيە (يۇنانىستان)غا قارشى ئىشلەتكىلى بولمىغان. ھەتتا قىبرىس ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بەرگەن بۇ ئايرۇپىلانلار تۈركىيەنىڭ دۈشمىنىنى بومبىلىماي، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى بومبىلىغان. داۋامى بار

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-02-27

... بۇنىڭدەك قانچىلىغان ئىچىنىشلىق پاجىئەلەردىن كېيىن، تۈركىيە قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئۆزىنىڭ قۇرالىنى ئۆزى ياساش قارارىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم بۇ ئىشقا ئامېرىكىدا ئوقىغان، ئامېرىكىدا تەربىيلەنگەن گېنىراللار، ئامېرىكا پەرەس ئەمەلدارلار قارشى چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش يەنە نەچچە ئون يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىپ، تاكى ئەردوغان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەتتىكى بارلىق ئامېرىكاپەرەس گېنىراللارنى، ئەمەلدارلارنى تازلىغاندىن كېيىن، ئاندىن تۈركىيە قۇرال-ياراق سانائىتىدە ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ قۇرالىنى ئۆزى ياسىيالايدىغان، ھەتتا پۈتۈنلەي مىللىي تېخنىلوگىيە بىلەن ياسىغان تانكا، تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قاتارلىق ئېغىر سانائەت قۇراللىرىنى خەلقئاراغا ئېكىسپورت قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن.

يازغۇچى: ئويغان ئۇيغۇر \ يوللانغان چېسلا: 2015-03-06

ئويغانغان زېمىن رومانىدا يېزىلىشىچە، خوجىنىياز ھاجىم تۇتقۇن قىلىنغاندا، خوجىنىياز ھاجىم ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يان قۇرالىنىڭ تەپكىسىنى باسقاندا، سىتالىن تەرىپىدىن ئالاھىيدە خوجىنىياز ھاجىمغا ھەدىيە قىلىنغان قۇرال ئېتىلمىغان ئىكەن.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2015-03-06
ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلمىسىڭىز ئەقىللىق ( سىمارت) تېلېفون ئىشلەتمەڭ. ئەگەر سىز كۈزىتىش ئوبىكىتى بولۇپ قالغان بولسىڭىز ، تېلىفونىڭىزنىڭ GPS نى تاقىۋەتكەن بولۇڭ ياكى بولماڭ ، جاسۇسلۇق ئورگانلىرى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنى، تېلېفۇن يۈزى ئارقىلىق بارماق ئىزىڭىزنى ۋە تېلېفۇن كامېراسى ئارقىلىق چىرايىڭىزنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-03-21

ھازىر تۈركىيەدە خىتاي تور جاسۇسلۇق ھەققىدە كۆرىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن يەنە بىرسى تۈركىيەدە ئۆيىڭىزدىكى ۋە ئىش ئورنىڭىزدىكى كومپىيۇتېرغا تور باغلاش ئۈچۈن تۈرك تېلېكوم (Türk Telekom) ئىدارىسىغا مۇراجەت قىلغاندا، ئۇلار تورغا چىقىش ئۈچۈن خىتاي ئۇچۇر-ئالاقە شېركىتى ياسىغان خۇاۋېي (Huawei) ماركىلىق ئاپىراتنى بەرمەكتە. بۇ خۇاۋېي شېركىتىنىڭ خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇچۇر جاسۇسلىقى ئېلىپ بارىدىغان جاسۇسلۇق ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر پاش قىلىپ، بۇ شېركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن ئىكەن. ھازىر خىتاينىڭ بۇ ئۇچۇر جاسۇسلۇق شېركىتىنىڭ ماركىسى تۈركىيەدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، ھەتتا تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق پۇتبو كۈلۈبى گالاتاساراينىڭ تەنتەربىيە كىيىمىنىڭ ئالدىغا ئېلان قىلىپ بىسىلغان.
 

تۈركىيە پوچتا - تېلېگىراف ئىدارىسى كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلاش ئۈچۈن بەرگەن ئاپىرات
 


تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كوماندىسى گالاتاساراينىڭ كىيىمىدىكى خىتاي ئۇچۇر - ئالاقە شېركىتىنىڭ ئېلانى

 

بۇ توغرىلىق تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا چىققان بەزى خەۋەرلەر: http://www.teknolojigundem.com/telekom-haberleri/huawei-casusluk-nedeniyle-amerika_da-yasaklandi-629743.htm

يازغۇچى: سەئىدىيە \ يوللانغان چېسلا: 2015-04-09
خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇقىغا ھەقىقەتەن ئالاھىيدە سەزگۈر بولۇپ دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىر تور شۇنداق بىرھالغا كەلدىكى، جاننى ئېلىپ ياندا قويالايدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-05-16

ئۈندىدار ئارقىلىق خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزمەڭ!

يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-06-02
ئىنتايىن پايدىلىق مەلۇماتلار بېرىلىپتۇ. اللە رازى بولسۇن.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-06-03

ھازىر تۈركىيەدە خىتايدىن كەلگەن سامسۇڭ (Samsung) تېلېفۇنلىرىدا مەخپىي تىڭشىغۇچ بار، دەپ تۆۋەندىكى ۋىدىئودىكى خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ. ھەر ئېھتىمالغا قارشى بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئىپلاس خىتايلارنى قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-07-01

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-07-01

تۈركىيە ساقچىلىرى خىتايدا ياسالغان بانكا كارتىغا ئوخشايدىغان تىڭشاش ئاپپاراتى قولغا چۈشۈرۈلدى
تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دىيارباكىردا بانكا كارتىغا ئوخشايدىغان 21 دانە يوشۇرۇنچە تىڭشاش ئاپپاراتىنى قولغا چۈشۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپپاراتلار خىتايدا ياسالغان بولۇپ، مەخسۇس باشقىلارنى يوشۇرۇنچە تىڭشاشتا ئىشلىتىلىدىكەن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-17

تۆنۈگۈن تۈركىيەدىكى گېزىتلەردە شۇنداق بىر خەۋەر چىقتى. ئىشىدنىڭ بىلگىيەدىكى تارمىقىنى ساقچى تەرەپ قانداقسىغا قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى ھەققىدە بىلگىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى شۇنداق دىگەن: «بۇلار PlayStation 4 ئۇيۇنچۇقى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن توردا مەخپىي خەۋەرلەشكەن. PlayStation 4 ئۇيۇنچۇقى بىلەن توردا خەت - ئالاقە قىلغاندا ئۈچىنچى تەرەپ ئوقۇيالمايدۇ.»
بۇخەۋەر ۋەتەندە خىتاينىڭ پىشكەنلىكىگە ئۇچراۋاتقان مۇجاھىيدلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

http://www.haberturk.com/dunya/haber/1154284-bu-kadari-seytanin-bile-aklina-gelmez

 

 

 

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: