wisal stuido
بۇۋاي بىلەن مۇخبىرنىڭ خىتاي ھەققىدە سۆھبىتى

 
بۇۋاي بىلەن مۇخبىرنىڭ خىتاي ھەققىدە سۆھبىتى

 

مۇخبىر: بوۋا، شەھەر باشلىقى گۆرۆگە ئېلىنىپتۇ ، جىنايەتچىلەر ئون مىليۇن تەلەپ قىلدى ،بەرمىسە،بېنزىن چېچىپ كۆيدۇردىكەن،ھازىر تەرەپ -تەرەپتىن ئىئانە توپلاۋاتىمىز . سىز قانچىلىك ئىئانە قىلىسىز ؟
بوۋاي :ئون لىتىر
مۇخبىر : خاسىيەتلىك كېمە 10-نۇمۇر لۇق سۇنئىي ھەمراھ قۇيۇپ بىرىلدى ،بۇنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك قۇيۇپ بىرىلىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟
بوۋاي : بۇ دولىتىمىزنىڭ پارىخور-چىرىكلىك مەسىلىسى،مائارىپ مەسىلىسى ،تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى،داۋالىنىش ۋە يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاسمانغا ئۇچۇشتىنمۇ تەسلىكىنى چۇشەندۇرىدۇ.
مۇخبىر : بوۋا ،گۇاڭجۇ يېقىندا 630مىليۇن خەجلەپ ،بىر ئاممىۋى قەبرىستانلىق سالماقچى ،بۇنىڭغا پۇتۇنلەي دۆلەت كادىرلىرىنى كۆمىدىكەن ،بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز ؟
بوۋاي : تىرىك كۆمەمدىكەن .
مۇخبىر : بۇيىلقى يېڭى سىياسەت ،چىرىكلىككە رەسمىي زەربە بېرىدۇ،سىزنىڭچە قانداق ؟
بوۋاي : سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز ،بۇندىن بۇرۇنقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئويۇن -چاقچاقمىتا ؟
مۇخبىر : سىزنىڭ نەچچە بالىڭىز بار ؟ ھەممىسىنى ئوقۇتتىڭىزمۇ ؟
بوۋاي : ئوغلۇمنى ئوقۇتتۇم ، قىزىمنى ئوقۇتمىدىم .
مۇخبىر : ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ ،قىزلارنى تۆۋەن كۆرسىڭىز ياخشى ئەمەس جۇمۇڭ !
بوۋاي : ئوقوتاي دىگەن ،لىكىن مەكتەپ مۇدىرى ئەر كىشىكەن .
 

 

                                                    مەنبە: ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 546 \ يوللانغان چېسلا: 2015-03-02
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: