wisal stuido
جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر كۈنى

جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر كۈنى
 

1›ھەر كۈنى 52مىڭ بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ،22مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھەر كۈنى80-100مىليون نوپۇس يۆتكىلىپ تۇرىدۇ.

2›ھەر كۈنلۈك مالىيە چىقىمى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىدىن بىرنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ.

3›ھەر كۈنى 25مىڭ كىشى توي كىلىدۇ.

4›ھەر كۈنى130مىليون جىڭ چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلىنىدۇ، بۇ ھەر كۈنى 650مىڭ تۇياق چوشقا يىگەن بىلەن باراۋەر.

5›ھەركۈنى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىدىن 3000ى كۆپىيىدۇ.

6›تاماكا چېكىش ئاللىبۇرۇن ساغلاملىكنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالغان تۇرۇقلۇق، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن2000كىشى تاماكا چېكىشكە ئالاقىدار كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ.

7›ھەر كۈنى 13مىڭ كىشى ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

8›ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئادەم كىچىك كانلاردا ھادىسە يۈز بېرىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

9›ھاجەتخانىلار ئۈچۈن ھەر كۈنى 14 مىليون400مىڭ توننا سۇ كېتىدۇ.

10›شېنجىندا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 10توننا يىلان گۆشى يىيىلىدۇ.

11›3-16ياشتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىچىدە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئوغۇللار ھەر كۈنى 2سائەت، قىزلار1.5سائەت تېلېۋىزور كۆرىدۇ.

12›ھەركۈنى تەخمىنەن 2مىليون400مىڭ يىغىن ئېچىلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يىللىق يىغىن خىراجىتى 3مىليارد500مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ھەر بىر ئىدارىنىڭ 80%تىن ئارتۇق خىزمەت ۋاقتىنى يىغىن بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
...............
مەنبە :تەرمىلەر ژۇرنىلى

                                                                            تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1388 \ يوللانغان چېسلا: 2012-06-10
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: