wisal stuido
ئەنگلىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىغا باشقا مىللەتنى كەمسىتتى دەپ قارىلىپ 5000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلدى

ئەنگلىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىغا باشقا مىللەتنى كەمسىتتى دەپ قارىلىپ 5000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلدى
 

ئەنگلىيەدىكى بىر يەرلىك سوت يېقىندا «جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىنىڭ ئاق تەنلىك خادىمنى كەمسىتىش» دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكارغا 5000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلدى.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن داۋىد ئونېل شۇ جايدىكى ستاففوردشىرې ئۇنىۋېرسىتېتى (Staffordshire University) قانۇن فاكۇلتېتى 1- يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ 2010- يىلى 5- ئايدىن باشلاپ بىرمىڭخام جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى «خەيلۇڭ» ئاشخانىسىدا قوشۇمچە كۈتكۈچىلىك قىلاتتى، ئەينى چاغدا ئۇنى قوبۇل قىلغىنى بىر ئاق تەنلىك دىرېكتور ئىدى. شۇ يىلى 10- ئايدا، بۇ ئاشخانا بىر نەپەر جۇڭگولۇق ئايال دېرىكتورنى تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئونېلنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 25 سائەتتىن تەدرىجىي قىسقىراپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا قىلغۇدەك ئىش قالمىدى.
ئونېل «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» دىكىلەرگە مۇنداق دېدى: دەسلەپتە مەن جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىدا يېرىم كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن ئوقۇغىنىمدىم تولىمۇ خۇشال بولغانىدىم. ئەمما خەنزۇ دىرېكتور مەن بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنى ئېنىقلا خالىمىغان گەپ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا بۇ ئاشخانا يەنە بىر تۈرلۈك جۇڭگولۇق ئىشچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى 60 سائەتكە يەتكەن. ئونېل ئۆزىنىڭ بۇ كەچمىشىنى نورمال ئەمەس دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ دۇكاندا ئىشلىگەن چاغدا، جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ ئۆزىگە كايىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك ئىرقى كەمسىتىش تۈسى بارلىقىنى ھېس قىلغان.
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئونېل بۇ جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىنىڭ خۇجايىنىنى يەرلىك سوتقا ئەرز قىلغاندىن كېيىن، سوت ئاخىرقى كېسىم ئېلان قىلىپ، بۇ جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىدىكىلەرنى ھەقىقەتەن ئونېلغا «ئېرقىي كەمسىتىش» نەزىرىدە بولدى دەپ ھۆكۈم قىلغان، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 5322.89 فوندستېرلىڭ تۆلەشكە بۇيرۇغان. ئەنگلىيە «بىرمىڭخام پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، سوت يەنە بۇ جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىنىڭ ئونېلغا ۋاقتىدا تۆلەم بېرىشىنى نازارەت قىلىدىكەن، ئۇنداق قىلمىسا بۇ جۇڭگولۇقلار ئاشخانىسىدىكىلەرنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئونېلنىڭ دېلوسىغا ئوخشايدىغان دېلولار ئاز ئەمەس بولۇپ، تۆت يىل ئىلگىرى، ئىنگلاندنىڭ چېشىر ۋىلايىتىدىكى بىر ئاسىيالىقلار ئاشخانىسى ئىككى نەپەر ئەنگلىيەلىك خادىم ۋە ئۈچ نەپەر جۇڭگولۇقلاردىن بولمىغان خادىم تەرىپىدىن ئېرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىدۇق دەپ ئەيىبلەنگەن، بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماقتا پەقەتلا سومەن بولۇپ، جۇڭگولۇق خادىملار بولسا سۇشى ۋە باشقا ياخشى قورۇمىلارنى يىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ جۇڭگولۇق خادىملارغا بەرگەن تاپان ھەققى ئۇلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ ئىكەن. سوت بۇنىڭغا قارىتا ئاخىرىدا كەمسىتىش دەپ دېلو تۇرغۇزغان.
 

                                                                         مەنبە: نۇر مۇنىرىدىن ئېلىندى.
 

 

كۆرۈلۈشى: 1498 \ يوللانغان چېسلا: 2012-06-15
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: