wisal stuido
تەكشۈرۈشنامە - (فىليەتۇن)


تەكشۈرۈشنامە . .


مەن بولسام شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن دۆلەت مەمۇرى. مەن خىزمىتىمدە ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، شۇڭا شەھرىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ئالدىدا ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى تەكشۈرمەكچىمەن.

ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق:
بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن باشلىقىم تۇيۇقسىزلا مىنى چاقىرتىپ: ھازىر شەھەر باشلىقىدىن تېلفۇن كەلدى، شەھرىمىزگە مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن زىيارەت ئۆمىكى كىلىپ شەھرىمىزنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرلىشى خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىلەر توغرىسىدا فىلىم ئىشلىمەكچىكەن، شۇڭا ئەتە ئەتتىگەن شەھرىمىزدىكى بارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرىنجى قول باشلىقلىرىغا ئىدارەڭلاردا يىغىن ئېچىپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇشنى ئېيتتى. سىز بارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا تېلغۇن ئېلىپ ئەتىكى يىغىنغا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىۋېتىڭ دەپ بۇيرۇق قىلدى. تازا ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاچقا ۋاقىت تىجەش ئۈچۈن مەن ھەرقايسى ئىدارىلەرگە تېلفۇن ئېپلا: 【ئەتە ئەتتىگەن ئىدارە باشلىقىڭلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا كەلسۇن】دەپلا گەپنى تۈگىتىپ ئىشنى تىزلا بىجىرۋېتىپ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. ئالە شەنى مانا تاماشا.......
ئويلىماپتىكەنمەن، يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا چوڭ-كىچىك تەرىنى تۇتالماي ھوشىدىن كىتىپ شەھەرلىك جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئاران ئۈلگۈرۈپتۇ، ھازىرغىچە ھۇشسىز يېتىۋاتىدۇ. شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىغا بىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپتۇ.
مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ خەۋەردىن كىيىن كەچلىك تاماقنىمۇ يىمەستىن شەھەردىكى بىر قانچە نۇقتىلىق مەكتەپتىكى غوللۇق خادىملىرىنى باشلاپ، شەھرىمىزدىكى 8-مارت قىزىل بايراقدارى بولغان مۇئەللىمە قىزچاق بىلەن غايىپ بولۇپ كەتتى،2كۈندىن كىيىن باشقىلار ئۇلارنى كانادادا كۆرۈپتۇ.
سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۋېتىپتۇ، تۇتۇلغاندىن كىيىن چوقۇمكى مىنى مۇشۇ ئىت قانجۇق پاش قىپ قويدى دەپ گۇمانلانغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
سەھيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىشخانىسىدا دورا ئىچىپ ئۆلۈۋاپتۇ ۋە بىر پارچە باشقىلارنى پاش قىلىش خېتى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.
ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمەيدىغىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆزىنى ئېتىۋالغاندىن كېيىن: مەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى قوغداپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن خەۋەر ئېلىپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، دەپ ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. ............ شۇنىڭ بىلەن شەھرىمىزدىكى نۇرغۇن ئىدارىلەرنىڭ1-قول باشلىقى يوق خىزمەتلەردە ئېغىر مالىماتاڭچىلىق كۆرۈلدى، خىزمەت تەجرىبەمنىڭ كەملىكىدىن شەھرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالدىم. شۇڭا ئۆزەمنى ئالدىڭلاردا تەكشۈرمەكچىمەن. بۇندىن كىيىن ئۇنداق پوقنى ھەرگىز يىمەيمەن........
 

                                                          مەنبە: ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 622 \ يوللانغان چېسلا: 2015-05-25
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: