wisal stuido
خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئون چوڭ باينىڭ مەخپىيەتلىكى : تاپقان پۇلنى كوممۇنىست چوڭلىرى بىلەن بۆلۈشمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى


جۇڭگو تۈرمىلىرىدىكى ئون چوڭ باينىڭ مەخپىيەتلىكى

 

1 – نومۇر: خۇاڭ دايۈ، ئۇنىڭ تەخمىنەن 43 مىليارد يۈەنلىك مال مۈلكى بار. خۇاڭ دايۈ ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىپ، 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، خۇاڭ دايۈ نامىدا مەخپىي ئېلىم – بېرىم قىلىنىپ تۇرىدىغان پۇل تەخمىنەن 70 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى پاي چېكى تىزگىنلەش، ھارام پۇل يۇيۇش، پارە بېرىش، «قۇرۇق باراڭ» نى بازارغا سېلىش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك جىنايەتكە چېتىلىدىكەن.
 

 2 – نومۇر: گوجيەنشىن، ئۇنىڭ تەخمىنەن 10 مىليارد مال مۈلكى بار. گوجيەنشىن 1998 – يىل ئاۋسترالىيە سەمىمىي فوندى بىلەن «كېرشىن يايلىقىنى ئۆزگەرتىش، ئېكىلوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش » تۈرى ئىمزالىغان. ئاۋسترالىيە تەرەپ ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان، بىراق ئاسىيادىكى پۇل مۇئامىلە بورىنى سەۋەبلىك، ئاۋسترالىيە سەمىمىيەت فوندى ھالاك بولغان، شۇنىڭ بىلەن گوجيەنشىن گۇرۇھىنىڭ مۈلكىمۇ زەربىگە ئۇچراپ، گوجيەنشىن بىلەن ئۇنىڭ ھەمشېرىكىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان، گوجيەنشىن تۈرمىگە مەھكۇم بولغان.
 

3 – نومۇر: ياڭبىن، ئۇنىڭ مال مۈلكى تەخمىنەن 7.5 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 2003 – يىل 7 – ئايدا ياڭبىن پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىق جىنايىتى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن، شېنياڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 18 يىللىق كېسىلگەن.
 

4 – نومۇر، ياڭروڭ، ئۇنىڭ يەتتە مىليارد يۈەنگە يارىغۇدەك مال دۇنياسى بار. 2002 – يىل 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، «شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى» دە ياڭروڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. ياڭروڭ ئىقتىسادىي جىنايەت سەۋەبلىك لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقى چۈشكەن.
 

5 – نومۇر: جوۋجېڭيى، ئۇنىڭ ئۈچ مىليارد يۈەنگە يارىغۇدەك مال دۇنياسى بار. 2003 – يىل 5 – ئايدا، جوۋجېڭيى ئاكسىيە سودىسىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇش، مەبلەغنى يالغان ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق كېسىلگەن؛ 2007 – يىل 1 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ، شاڭخەي شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، 3.35 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
 

6 – نومۇر: گۇچۇجۈن، ئۇنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليارد يۈەنلىك مال مۈلكى بار. 2008 – يىل 1 – ئايدا، كاپىتالىنى يالغاندىن ئەنگە ئالدۇرۇش، بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى يالغان دوكلات قىلىش، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، ۋەزىپە ئۈستىدە جىنايەت سادىر قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
 

7 – نومۇر: تاڭ ۋەنشىن، ئۇنىڭ شەخسىي مال مۈلكى ئىككى مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 2004 – يىل 12 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، بۇ كىشى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىش، ئاكسىيە بازىرىنى قانۇنسىز تىزگىنلىۋېلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
 

8 – نومۇرلۇق شەخس: موچىجۇڭ، ئۇنىڭ شەخسىي مال مۈلكى ئىككى مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 1996 – يىل 3 – ئايدا، موچىجۇڭنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلغانلىقى پاش قىلىنىپ، پاسپورتى تارتىۋېلىندى، ئاخىرىدا ئۇ چەتئەلگە چىقالمىدى. 2000 – يىل جۇڭگو سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئىناۋەت كېنىشكىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن سوت قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
 

9 – نومۇرلۇق شەخس: جاڭخەي، شەخسىي مال مۈلكى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. 2005 – يىل 3 – ئايدا جاڭخەي قولغا ئېلىندى، تەپتىش تەرەپ ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، جيەنلىباۋ گۇرۇھىنىڭ 121 مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنى ئىگىلىۋالدى، جيەنلىباۋ گۇرۇھىنىڭ 94.73 مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلەتتى، دەپ ئەيىبلىدى، كېيىن جاڭخەي 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
 

10 – نومۇرلۇق شەخس: جوۋيىمىڭ، ئۇنىڭ شەخسىي مال مۈلكى بىر مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 2007 – يىل 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا كېسىم چىقاردى. جوۋيىمىڭ جۇڭگو كاپىتال بازىرىدا تۇنجى قېتىم «توختام ئالدامچىلىق جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز كېسىلگەن كىشى بولۇپ قالدى، ئەينى چاغدا ئۇ بىر شىركەتنىڭ لىدىرى ئېدى.
 

                                                   مەنبە: ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 512 \ يوللانغان چېسلا: 2015-06-02
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: