wisal stuido
مەي مەي تى نىڭ سەزگۈرەشتىلىرى - (ساتىرا)


تولۇق ئوقۇڭلار ماۋۇ مەي مەي تى نى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا ئىچكىردىن ئەقلىي ياردەمگە كەلگىنىگە 34 يىل بولغان مەي مەي تىي ئىغىر كېسەل بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. دوختۇر كېسەلنىڭ مەنبەسىنىڭ يۈرەكتە ئىكەنلىكىنى، پىسخىكا مۇتەخخىسىسىگە كۆرۈنىشى كېرەكلىكىنى ئىيىتتى.

مەي مەي تىي دەرھال ئاپتۇنۇم رايۇندىكى داڭلىق بىر پىسخىكا مەسلىھەت ئورنىغا مەسلىھەت سورىغىلى كەلدى.

پىسخىكا مۇتەخخەسسىسى مەي مەي تىينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سىز راست سۆزلەپ باقمىغىلى ناھايتى ئۇزاق مەزگىل بوپتۇ، كېسەلنىڭ مەنبىيى شۇ. شۇڭا سىز بۈگۈن مەن نېمە سورىسام شۇنىڭغا راسچىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىڭ، شۇندىلا كېسىلىڭىزنىڭ شىپا تېپىشىدا ئۈمىد بار، شۇنداق راسىت سۆزلىمىسىڭىز يەتتە قەدەمدە قان قۇسۇپ ئۆلىسىز ـ دەپتۇ.

مەي مەي تىي قورقۇنچىلىقتا چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ.
1. سىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا دەسلەپتە كەلگەندە نېمە ۋەزىپىدە بولغان؟ كېيىنكى خىزمەت تارىخىڭىز قانداق؟
‫- ‏مەن‬ دەسلەپتە مەن بىلەن كەلگەن يۇرىتداشلىرىم بىلەن ئوخشاش كۆكتات يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن كۆكتات يۆتكەپ سېتىشقا مەسئۇل بولغان. سەيچى ئىدىم. كېيىن بىر ئەمەلدار يۇرىتدىشىمنىڭ پەرۋىشى بىلەن بىر ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلۇمىنى سىتىۋىلىپ ھۆكۈمەت مەمۇرلىقىغا ئۆستۈرۈلدۈم. ھايىت ھۇيىت دېگۈچە ئۈچ يىلدىلا شۇ ئەمەلدار يۇرىتدىشىمنىڭ بىرىنچى قولى بولۇپ ئۆستۈرۈلدۈم. ئۇ كىشى دەم ئىلىشقا چىققاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە قويۇلدۇم. بەش يىلدىلا مۇئاۋىن ناھىيە باشلىقى مەنسىپىگە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىزچىل مۇناسىۋەتكە تايىنىپ يىلدىن يىلغا ئەمەل مەنسىپىم ئۆسۈپ مانا ھازىر نازىر دەرىجىلىك كادىرمەن.

2. سىز مۇشۇ 35 يىللىق خىزمەت جەريانىڭىزدا ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارىتتىڭىزمۇ؟
- ناھىيە باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئۆستۈرۈلگەندىن تارتىپ ھەر بىر ئورنۇمغا كۆكتات يېتىشتۈرۈش ئورنىدىن كۆكتات يۆتكەپ ساتىدىغانلارنى مەمۇرلىققا ئۆستۈرۈپ ئورنۇمغا قويۇپ ماڭدىم. ئۇلار تۆۋىنى يېزىدىن يۇقىرىسى ھازىرقى مۇئاۋىنىمغىچە ۋەزىپىدە، ئۇلار مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى چوڭقۇر يېلتىزلىرىم.

3. شۈنچە يىل ئەقلىي ياردەمدە تۇرۇپ يۇرتىڭىزغا قايتىشنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟
‫- ‏قىززىق‬ گەپ قىلىدىكەنسىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ زېمىنى كەڭرى، بايلىقى مول، كىشىلىرى ساددا، بىزلەرگە سىياسەت شۇنداق كەڭرى تۇرسا نېمە قىلىمەن بۇ يەردىن كېتىپ. يۇرتۇمغا قايىتسام بۇ سەۋىيەم بىلەن كەنىت كادىرىمۇ بولالمايدىغىنىمنى بىلىمەن.

4. سىز شۇنچە يىل جەريانىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەنلا بولۇپ، ئائىلىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمىدىڭىزمۇ؟
- ئايالىم ئائىلە ئايالى ئىدى، كۈتۈپخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىش ئورنىغا ئاياق تەككۈزمەي دەم ئىلىشقا چىقىرۋالغان. ھەر بىر خىزمەت قىلغان يىرىمدە بىردىن كەڭرى زېمىنىم بار. ئۈرۈمچى ، بىيجىڭ، شاڭخەيلەردە بىردىن زېمىن ئۆيۈم بار. ئايالىم مۇشۇ ئۆيلەردە ئايلىنىپ ئارام ئالىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ. ئىككى ئوغلۇمغا ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ھەل قىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ئەڭ چوڭ شىركەتتىن ئىككىنى قۇرۇپ بەردىم، ئۇلار ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شۇ تۈردىكى سودىسىنى مونوپۇل قىلىقلىق. بۇ ساھەدە شۇلارنىڭ دېگىنى دېگەن قىلغىنى قىلغان. قىزىم چەتئەلدە بىر شىركەت قۇرغان، خام ئەشيا مەنبەسى مۇشۇ يەردە. پايدىسى بەك جىق.

5. شۇنچە يىل ئىشلەپسىز، ئەمدى دەم ئىلىشقا چىقىپ ئارام ئىلىشنى ئويلاشقانسىز؟
- مەن تېخى نۇرغۇن ئىشىمنى قىلىپ بولالمىدىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئىچىلمىغان بايلىقلار كۆپ، تەرەققىيات پۇرسىتى نۇرغۇن. مەن ج خ ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ يېشىمنى 10ياش تۆۋەنلەتتىم. يېڭى رەسمىيىتىم يېقىندا چىقىدۇ. مەن داۋاملىق خىزمەت قىلىپ، خىزمەت قولايلىقلىقىمدىن پايدىلىنىپ شۇ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىمنى قىلىۋالمىسام، مېنى پانا تارتىپ كەلگەن يۇرتداش، ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسام بولمايدۇ.

پېسخىكا دوختۇرى ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمىدى:
- خۇش بولاي، بىر ئىغىز يالغان سۆزلەپ دەرگاھىڭغا ماڭساڭچۇ!
 

                                                           مەنبە: ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 436 \ يوللانغان چېسلا: 2015-06-04
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: