wisal stuido
جۇڭگوچە توشقان باپلاش ئۇسۇلى


 جۇڭگودا توشقان باپلاش ئۇسۇلى
 

توشقاننىڭ مائاشى 5000يۈەن، ئۆزى 200مىڭ يۈەن پۇل جۇغلاپ بىر ئۇۋا (كامار) سالماقچى بوپتۇ. بۆرە بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى، ئۆز ئالدىغا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، پەقەت تاشپاقىدىن سېتىۋېلىشقا بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تاشپاقا بولسا بىر ئۆي -مۈلۈك سودىگىرى بۇلۇپ، ئالدى بىلەن 200مىڭ يۇەن بۆرىگە پارا بېرىپ تۈر ئېچىش ھۇقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپتۇ، ئاندىن يەنە 500مىڭ يۇەنگە بۇ پارچە يەرنى سېتىۋاپتۇ. يەنە 100مىڭ يۇەن خەجلەپ توشقان ئۇۋىسىنى ساپتۇ ۋە توشقانغا 2مىلىيۇن يۈەنگە ساتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. توشقان بۇنچىۋالا پۇلنى ئەلۋەتتە چىقىرالمايدىكەن، شۇڭا تۈلكىدىن 2مىلىيۇن ،ئۆسۈملىرى بىلەن قوشۇلۇپ 3مىلىيۇن يۈەن 20يىلدا قايتۇرىدىغانغا قەرز ئاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توشقان پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۈلكىگە ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۆرە، تاشپاقا، تۈلكىلەرنىڭ ھەممىسى پۇل تېپىپتۇ، پەقەت توشقانلا زىيان تارتىپتۇ، ھەتتا بالا تۇغۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماپتۇ. توشقان بارغانسىرى ئازلاشقا باشلاپتۇ، بۆرە بۇنداق كېتىۋەرسە كۆپچىلىك ھەممىسى گۆش يىيەلمەيدىكەن دەپ بۇنى تەڭشەشكە باشلاپتۇ. 
بۆرە كۆرۈنۈشتە توشقان ئۇۋىسى باھاسىنىڭ ئۆرىلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆرۈنۈپ، دەرھال بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەپتۇ. ئىزدىنىش ئارقىلىق توشقان ئۇۋىسى باھاسىنىڭ قىممەت بولۇش مەسلىسىىنىڭ سەۋەبى بولسا، بەزى توشقانلار ئۇۋا سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇ ئۇۋىنى باشقا توشقانلارغا سېتىشتىن كىلىپ چىققان دەپ دەلىللەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆرە توشقانلارنىڭ يېڭى توشقان ئۇۋىسى ئالغاندىن كىيىن 5يىل ئىچىدە ساتقانلارنىڭ بۆرىگە تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشىنى بەلگىلەپتۇ. نەتىجىدە توشقان ئۇۋىسى باھاسى يەنىلا چۈشمەپتۇ، ئەمما بۆرە قاتتىق بېيىپ كېتىپتۇ. بۆرە يەنە تۈلكىگە پەقەت ئالدىن جىق پۇل بەرگەنلەرگىلا پۇل قەرز بېرىشىنى، يەنە قەرز ئۆسۈمىنى ئۆرلىتىشنى، توشقان ئۇۋىسىنى كۆپرەك سېتىۋالغان توشقانلارغا قەرز بەرمەسلىكنى، ھەممىسىنىڭ نەق پۇل تاپشۇرۇشىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۈلكە توشقاننىڭ ئۇۋا سېتىۋېلىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. تاشپاقىمۇ توشقان ئۇۋىسى باھاسىنىڭ ئۆرلىگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل چىقىرىپ بۆرىدىن يەر سېتىۋاپتۇ ۋە بۇ پۇرسەتكە ماسلاشتۇرۇپ توشقانغا تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىشقا باشلاپتۇ. بۆرىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايپېتەك بولغانلىقىنى كۆرگەن توشقان بۆرىگە ناھايىتى كۆپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. لىكىن يەنىلا توشقان ئۇۋىسى باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ. بۇنى بايقىغان بۆرە توشقانغا بۇ ئىش ناھايىتى مۇرەككەپ، ھەم ئاسان بېجىرگىلى بولمايدۇ، لېكىن توشقانلار خاتىرجەم بولسۇن بىزچوقۇم داۋاملىق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز دەپتۇ. يەنە ئاللىبۇرۇن ئۇۋا ئېلىپ بولغان توشقانلاردىن توشقان ئۇۋا بېجى ئېلىشقا باشلاپتۇ. كۆرگەنلەر ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، چۈنكى بەزى توشقانلار تېخىچە چۈشەنمەيدۇ. 
 

                                                        مەنبە: ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1550 \ يوللانغان چېسلا: 2015-07-01
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: