wisal stuido
زادى ئافرىقىلىقلار نائەھلىمۇ ياكى خىتايلارمۇ؟


ئافرىقىلىقلار نىمىشكە جۇڭگۇلۇقلارغا ئۆچ؟
(چېن شېمېي)
 

ئېيتماققا جۇڭگۇلۇقلار ئافرىقىلقلارنى ئۈچۈنچى دۇنياغا تەۋە قىرىنداش، ئافىرقىلىق قىرىنداشلار جۇڭگۇنىڭ مسىلىسىز خالسانە ياردىمگە ئىرشىپ كەلگەچ جۇڭگۇلۇقلارغا تەشەككۈر بىلدۇرىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن بولسىمۇ، يۇقارقى يۈزەكى قاراش مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقىئارا خەۋەرلەر پىراگىراممىسنىڭ دۆلىتىمىز خەلىقىگە سىڭدۈرۋەتكەن بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن تولىمۇ يىراق. مېنىڭ تونۇشۇم لىيۇ جىرۇڭ ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغان بولۇپ، ئافرىقا توغرۇلۇق نۇرغۇن ماقالىلارنى يازغان. مەزكۇر گىزىت تۆۋەندىكى ماقالىنى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا ھەققىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن تاللاپ بەردۇق. زادى ئافرىقىلىق قىرىنداشلار نائەھلىمۇ ياكى جۇڭگۇلۇقلارمۇ؟

گانا ئافرىقىدىكى جەنۇبى ئافرىقىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، «جەنۇبى جۇڭگۇ گىزىتى»نىڭ ئىيتىشقا قارىغاندا، 2005- يىلىدىن بۇيان 50 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇلۇق گاناغا كىلىپ ئالتۇن قازماقتا، بۇ ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جۇڭگۇنىڭ نامرات رايۇنلىرىدىن كەلگەن. شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولۇدىكى بۇ جۇڭگۇلۇقلار خۇددى جاننى ئالقىنغا ئىلىپ قويغان ئوغۇرلۇقچە چەتكە قاچقۇچىلارغا ئوخشاشلا مەۋجۇتلۇق، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدە پۇل تىپىشنىڭ يولىنى تاپالماي، ئافرىقىغا يۇرۇش قىلىپ ئافىرىقىدا ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر.

گەرچە گانا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدن باشلاپلا كىچىك ئالتۇن كانلىرنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لىكىن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىش بىجىرىشتە ھىلە- مىكىرلىرى ساماندەك بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بىرىش ئارقىلىق توسالغۇسىز قانۇنسىز كان ئىچىش بىلەن شوغۇللىنالايدۇ. خۇددى «قوغدىغۇچى گىزىتى» خەۋەر قىلىغاندەك، جۇڭگۇلۇقلار ئەسكى ئىش قىلىپ يەرلىكلەر تەرپىدىن ساقچىخانىغا ئىلىپ بىرىلغاندا، ساقچىلارغا پارا بىرىش ئارقىلىق، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ساقچىخاندىن مەيدىسىنى كېرشىپ چىقىپ كىلىشدۇ. جۇڭگۇلۇقلار گاناغا سەلەپتەك كىلىپ يەرلىكلەرنىڭ تاماق قاچىسىنى تارتىۋىلىپ، قالايمىيغان قىزىپ كولاپ، خېمىيلىك ماددىلار ئارقىلىق ئالتۇن قېزىىپ، نۇرغۇنلىغان دىھقانچلىق ئېتزلىرى، ئورمانلىقلارنى بۇزۇپ، كۆل ئىرىقلارنى، دەريا ۋە يەرئاستى سۇ مەنبەلىرنى بۇلغىماقتا. يەرلىكلەرنىڭ ئىيتىشچە، «جۇڭگۇلۇقلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنىمۇ ۋەيران قىلىماقتا.»

گانانىڭ جۇڭگۇلۇقلارنى قولغا ئېلىشى ھەرگىز ئايرىملىق ئەمەس. يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان، جۇڭگۇلۇقلار ئافرىقىدا يەرلىكلەرنىڭ قارشى ئىلىشغا مۇيەسسەر ئەمەس، ئافىرقىدىكى ئاز بولمىغان دۆلەتلەر جۇڭگۇلۇقلارنى قوغلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈۋاتىدۇ. 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى، تانزانىيە سانائەت سودا مۇئاۋىن مېنىستىرى لازارو نىياراندۇ پايتەختىتىكى بىر ئاۋات بازاردا تىجارەت قىلىدىغان جۇڭگۇلۇق سودىگەرلەرگە 30 كۈن ئىچىدە كېتىش ئۇلتۇماتۇمنى چۈشۈرگەن. جۇڭگۇلۇق سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش باھانىسى بىلەن تانزانىيەگە كىلىپ «ئەر-ئايال دۇككانلىرى» ئېچىپ يەرلىكلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشيىش پۇرسىتىنى يولسىز ئىگەللىۋالغان. نىياراندۇ غەزىپنى باسالمىغان ھالدا «ھۆكۈمىتىمىز مەبلەغ سالغۇچى سالاھىيىتى بىلەن دۆلىتىمىزگە كىرگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇششاق سودىگەرچلىلەر ياكى مايلامچىلاردىن بولۇۋىلىشغا قاراپ تۇرالمايدۇ، بۇ خىل خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن يەرلىكلەر تامامەن چىقالايدۇ.» دەپ ئىيتقان. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، «گەرچە بىر قىسىم كىشلەر دۆلېتىمىز بىلەن مۇناسىۋتى ياخشى دۆلەتلەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، بۇ جەھەتتە يۈز خاتىرە قىلشقا بولمايدۇ. دەپ تەكىتلىگەن.

2010-يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈندىكى جەنۇبى ئافرىقا «يەكشەنبە ۋاقىت گىزىتى»نىڭ خەۋىرگە قارىغاندا، جەنۇبى ئافىرىقا ساقچى تەرپ كەيپۇدۈن ۋە دېبەندە 16 نەپەر جۇڭگۇلۇق خىزمەتچى خادىمنى قولغا ئالغان، ئۇلار سوت ھۆكۈمى ئارقىلىق قوغلاپ چېقىرىلغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئاشكارلىشچە، جۇڭگۇنىڭ بىر تېلگىراف شېركىتى ھەر ئايدا يۈزلەپ قانۇنسىز ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللەپ چېگرادىن كىرگۈزگەن، 350 جۇڭگۇلۇقنىڭ ۋىزىسىدا نۇقسان بارئىكەن، بۇ ئەمگەك ۋىزسىدا چېرىكلىلىك قىلىمىشى بولۇپ نۇرغۇن تېخنىكا خادىمىلىرى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرى 3 ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىرگەن. جەنۇبى ئافىرىقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى پەتچۈرىك كىرەيۋىننىڭ ئىيتىشقا قارىغاندا، جۇڭگۇدىن تۆۋەن باھالىق ئەمگەك كۈچنى يۆتكەشنىڭ ئۆزىلا «قانۇنسىز ئادەم سودىسى» دىن دىرەك بىردىۇ. جەنۇبى ئافرىقا ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشگە قارىغاندا، جەنۇبى ئافرىقىدىكى جۇڭگۇلۇق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايىلىق مۇئاشى ئاران 2500 جەنۇبى ئافىرىغا لانتى بولۇپ، يەرلكىلەرنىڭ 30000 لاتنلىق ئايىلىق كىرىمنىڭ 12دىن 1ىگە باراۋەر كىلىدۇ.

نۇرغۇن جۇڭگۇقلار دۆلەت ئېچىدىكى سودا پارسى، قانۇنسىز تىجارەت، ياۋايى قۇرۇلۇش قېلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئوغۇرلاش، مۇھىتقا بۇزغۇنچلىق قېلىش ، قانۇنسىز ئادەم ئېشلىتىش، ئىشلىەمچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتنى ھۆرمەتلىمەسلىك، خالىغانچىە ئىشلىەمچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىش، ئەتكەسچلىك باج ئوغۇرلاش، ، ساختا تالۇن ياسساپ باج ئالداش، تەك تىجارەت ئۇسۇللىرنى ئافرىقىغا ئىلىپ بارغان بولۇپ ئافرىقىلارنىڭ جۇڭگۇلۇقلارغا بولغان كۆز قارشى كۈنسىرى ناچارلاشقان، ئافرىقىدىكى جۇڭگۇلۇقلار «سېرىق ئاپەت»دىگەن ئاتاققا قالغان. ئافرىقىدىكى بىر قىسىم جۇڭگۇ شىركەتلرى ۋە جۇڭگۇلۇقلار قانۇنغا، ئەخلاققا رىئايە قىلمايلا قالماستىن، ئەقەللي ئىنساپمۇ يوق، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى يوق، «بىرنى سوقسام بىرگە ھىساپ، بىر پۇڭ بولسىمۇ تاپقىنىم تاپقان »دەيدىغان كىچىك كۆز، ئافىرقىنىڭ نۇرمال بازار تەرتىۋىنى بۇزۇپ كىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئافرىقىدىكى قۇرلۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىرىدار چاقىرىشتا، غەرىپ كارخانلىرى جۇڭگۇ كارخانلىرنىڭ قاتناشقانلقدىن خەۋەر تاپقاندا ئۆزلىرنى چەتكە ئېلىشماقتا، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە بەرگەن تەسىرى «سۇ لىيتقۇچىلاردۇر.»

ئافرىقىدا دائىم جۇڭگۇلۇقلار يەرلىكلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا ماڭا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىشمنى تەلەپ قىلىشىدۇ. مېنىڭ بۇنداق جۇڭگۇلۇقلارغا دەيدىغىنىم، ئافرىقنىڭ گەرچە ئېقتىسادى قالاق بولسىمۇ، لىكىن قانۇن سېستىمىسى خېلىلا مۇكەممەل. قېيىچىلىققا يولۇققاندا ئەمەلدارنى ئىزدىمەي، قانۇنني، ئادوۋكاتلارنى ئېزدەشنى، قانۇني يول ئارقىلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىش كىرەك. ئافرىقىدا ئىشلەش جەرياندا شۇنى بايقدىمكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرنىڭ باشلانمىسى قانۇن ماددىلىرى بىلەن باشلانغان بولىدۇ، يەنى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ قانۇني ئاساسقا ئىگە ئىكەنلكنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ئاساسى قانۇنلۇق سىياسىدۇر، «قانۇنغا ئاساسەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن ئارقىلىق ئېدارە قىلىش» ئەقىدىسى نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى خەلىق ئاممسىنىڭ بىردەك ھەركەت مىزانغا ئايلانغان. تاشيولدا ھەق ئالماقچى بولسا جۇڭگۇدا يول بويىغا تاختا تىكلەپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايە قىلسا ئافرىقىدا ھەق ئېلىش ئۆلچىمنى ئۇقتۇرۇشتىن سىرىت يەنە قايسى قانۇنى ئاساس بويىچە ھەق ئالىدىغانلىقنى ئېنىق ئۇقتۇرىدۇ.

ئافرىقىدىكى نۇرغۇن جۇڭگۇلۇقلار ئۆزنى قالتىس بىلىدۇ، يانچۇقتا پۇل بولسىلا ئافىرىقلىقلارغنىڭ ئالدىدا خوجايىنلاردەك كېريىپ ، يەرلىكلەرنىڭ ئۆرىپ ئادەت دىني ئېتىقادنى ھۆرمەتلىمەيدۇ . «قۇل»لارنى باشقۇرغان شەكىلدە يەرلىك ئەمگەكچىلەرنى باشقۇرماقچى بولىدۇ، مانا مۇشۇ ئافىرقىدىكى جۇڭگۇلۇقلارنى «يېڭى مۇستكەمچىلەر»دەپ كۆرسىتدۇ.

دۇنياۋى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى جورج سورلۇس مۇنداق ئېيتقان :« ئەڭ ھەجىۋى يېرى شۇكى، تەبئى بايلىقى مول دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، جۇڭگۇ ئۆتمۈشتىكى مۈستكەمچىلەرنىڭ خاتالىقنى تەكرارلىماقتا، بۇ مۇستەكەمچىلەر ئاللىقاچان خاتالىقلىرنى تونۇشتى، ۋە تۈزۈتۈشمەكتە. بۇ تەبئى بايلىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، جۇڭگۇ پەقەت بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىدۇ، خەلىقلىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش خەلىقنى بوزەك قىلىديىغان چېرىك ھاكىمىيەتلەرگە پايدىلىق بولۇپ ئەلۋەتتە قارشى ئېلىنمايدۇ.

جۇڭگۇنىڭ بىر قىسىم مېدىيالىرى ئافرىقا توغرىسدا بەرگەن خەۋەرلىرى «جۇڭگۇ ياخشى»، «دوسىت» دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇلار پەقەت دىپلوماتىيە تۈزۈتىلىرى خالاس، نۇرغۇن جۇڭگۇلۇقلارغا خاتا يېتەكلەش بىرىپ، ئافرىقىلقلار جۇڭگۇلۇقلارغا دوستانە دىگەن خاتا قارشنىڭ تۈرتكىسدە، ئافرىقىغا ئالتۇن قىزىش ئۈچۈن ئاقماقتا. ئەمەلي ئەھۋال بۇ مېدىيالارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئافرىقىدا بىر ئەمەلدار ماڭا مۇنداق دىگەن: ھازىرقى جۇڭگۇلۇقلار نىمە دەپ نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى جۇڭگۇلۇقلارغا ئوخشىماي قالدى ھە؟ ئۆتمۈشتىكى جۇڭگۇلۇقلار دوستانە ئىدى، ئۇلارغا ياردەملىشىپ نۇرغۇن ياخشى ئشىلارنى قىلغان، يول ياسساش بىلەن بىرگە، ئېرىق قازغان، مەكتەپ سالغان، چىركاۋ ياسسىغان، لىكىن ھازىرقى جۇڭگۇلۇقلار ئىلىگىرى ياسسىغان ئېرىق، مەكتەپ ۋە چىركاۋلارنى بۇزماقتا.

ئافرىقىدا نەچچە يىل تۇرغان جۇڭگۇلۇقلار بۇ نۇقتنى ياخشى ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ: ئافرىقىدا ئاق تەنلىكلەر ئالي پۇقرا، نىگىرلار ئىككنچى دەرىجىلىك پۇقرا، جۇڭگۇلۇقلار ئۈچۈنچى دەرىجىلىك پۇقرا، باشقىلار جۇڭگۇلۇقلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ. ئافرىقىدا ئەڭ بوزەك بولىدىغىنى يەنلا جۇڭگۇلۇقلار، يەرلىك ساقچىلار مەخسۇس جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ماشىنىسى توسۇپ سەۋەپ تىپىپ جۇڭگۇلۇقلارنى قاقتى- سوقتى قىلىدۇ، ئاق تەنلىكلەرنى شۇنداق ھۆرمەتلەيدۇ. مەن تونۇيدىغان بىر جۇڭگۇلۇق ئىنجنىر گافىڭدا خىزمەت قىلىدىغان بۇلۇپ، دائىم يەرلىك ساقچىلارنىڭ قاقتى سوقتىسىغا ئۇچىرىغان. خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كىين ئۇ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ماشىنسدا لېبوۋىر ئايروپورتىغا بارغان، فىرانسىلىك ئاق تەنلىك ماشىنىنىڭ ئالدىدا، ئۇ كەينىدە ئولتۇرغان، يولدا ساقچىلار توسۇقىغا ئۇچراپمۇ باقمىغان، بۇ دوستۇم ئاچچىقلانغان ھالدا: ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۈزى يول خېتىكەن دەيدۇ.

جۇڭگۇنىڭ ئافرىقىغا ياردەم كۆلىمى ھەققىقەتەن ئاز ئەمەس. مەسىلەن گانانى ئىلىپ ئىيتساق، جۇڭگۇ ياردەم قىلىپ دۆلەتنىڭ تىياتىرخانا، ئافۇفي سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەرقى داڭمي رايۇنلۇق دوختۇرخانا، ھەربىي ساقچى لاگىر قاتارلىق ئون نەچچە تۈر بولۇپ، يېقىندا يەنە 3 مىليارد دوللارلىق قەرىز بەردى. لىكىن ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگۇلۇقلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولمايتتى. گانا ھەربى ساقچىلىرنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن قىچىپ قۇتۇلغان جۇڭگۇلۇق ئىشچى جوۋ يوڭشىڭنىڭ مېدىيالارغا بىلدۈرۈشىچە، « گانا ساقچىلىرى ھىچنىمە دىمەستىنلا بۇلاپ تالاپ، كۆيدۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى نەرسىلەرنى تالاپ تۇگەتتى، ئىسكىلات ۋە ماشىنا ئۈسكۈنلەرنى كۈيدۈرۈپ تۈگەتتى، كىنىشكە، يانفون، ۋە مالىيەنى ئاختۇرۇپ ئىلىپ ماڭدى، تاغ ئىچىدە ماڭغاندا ئۇلار AK47 ئارقىلىق يوشۇرنۋالغان جۇڭگۇلۇقلارنى ئوققا تۇتقان.»

مەن ئافىرقىدىكى مەزگىلىمىدە كۆپلەپ تەكشۈرۈش قىلىدىم، مېنىڭچە، جۇڭگۇنىڭ ئافرىقىغا ياردەم بىرىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس، بىز پۇلنى ھۆكۈمەتلەرگە بەرمەسلىكىمىز كىرەك ئىدى، چۈنكى پۇلنى ھۆكۈمەتلەرگە بەرگەندە، چېرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، ئەمەلدارلار ياردەمنى ئۆزلىرى تۇتۇپ قىلىشىدۇ، ياردەم ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. ھەتتا جۇڭگۇ ياردەم بىرىپ سالغان ئاساسي ئەسىلھە قۇرۇلۇشلىرىدىمۇ ئافرىقىلقلار جۇڭگۇ پۇل چىقارغانلىقنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆردىغىنى تۈركۈملەپ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئافىرقىغا قاراپ ئاققىنى، ئۇلارنىڭ تاماق قاچىسىنى تالىغىنىدۇر. بۇ خىل ياردەم ئەندىزىسى ئافرىقىلىقلارغا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياردەم قىلۋاتقانلىقنى ھىس قىلىدۇرشقا ماس كەلمەيدۇ.

مەن ئېفئوپىيەدە ئىشلىگەن مەزگىلىمىدە، شىمالى ۋوللو ئۆلكىسى ئۆلكە باشلىغى ياردەمچسى يىفرۇ زەرىخۇ ئەپەندىم بىلەن تونۇشتۇم. بىر قتىم ئۇنىڭ ئىشخانسىدا پارڭلىشىش جەرياندا جۇڭگۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ياردىمى ئۈستىدە پاراڭ بولۇپ قالدى، ماۋزېدۇڭ ئۈستىدە توختالغاندا ئۇ ھەتتا ماۋزېدۇڭ ھكىمەتلىرىدىنمۇ يادا بىلدىكەن. ئامرىكا توغرىسدا توختالغاندا: مەن 1950- يىلى ئەنگىليە ئېفئوپىيەدىن ئەسكەر چېكندۈرگەندىن كىين، ئامرىكىنىڭ ھەربىي ياردەم مەسىلھەت گورۇپپسى تۈرى ئارقىلىق ئامرىكا قۇراللىرى بىلەن قۇراللاندۇرغانلىغنى بىلگەچكە يىفرۇ ئەپەندىگە قەتئى ئىشەنچ بىلەن « ئامىرىكا سىلەرگە ئۇرۇش قىلىش قۇرالى تەمىنلەپ سىلەرنى ئۇرۇشقا سالدى، بىز جۇڭگۇلۇقلار سىلەرگە ئېقتىسادى ياردەم بىرىپ سىلەرنى تەرەققىي قىلىدۇردۇق.» دىدىم.

«جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياردىمنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، لىكىن ئامىرىكا بىزگە يالغۇز قۇراللا بەرمىدى» گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئۇرنىدىن تۇتۇپ ماڭا، مىڭىڭ، مەن سىزنى بىر يەرگە باشلاپ باراي دىدى.

مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ماشىنىلىق ئۆلكە مەركىزدىن 26 كېلومىتر يىراقتىكى خارا بازىرىغا باردۇق. يىراقتىن ئەر - ئايال قىرى ياشلارنىڭ نىملەرنىدۇ يۈدۈۋالغانلىقنى، ئىشەككە ئارتىۋاتقانلىقنى كۆرگىلى بولاتتى. يېقىن كىلىپ قارساق ئۇلار سۇلىياۋ ياكى تۆمۈر تۇڭلارغا قاچلانغان سۇماي ۋە ئاشلىق توشۇۋاتقانكەن. مەن يىفرۇ ئەپەندىمدىن نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى سورىغىنمىدا، ئۇ ئۆزىڭىز كۆرۈپ باقسڭىز بىلىسىز دىدى.

مەن بىر چوڭ ئاق رەڭلىك ئىسكىلات ئالدىغا كىلىپ قارىسام ئۈسىتدە «ئامىرىكا ياردىمى» دىگەن خەت كۆۈرۈندى، كىشلەر ئىسكىلات ئالدىدا ئۆچرەتكە تۇرۇشۇپ ئاشلىق، سۇماي ۋە سۈت پاراشوكى ئىشلنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئاشلىق خالتىسى ۋە ماي باكلىرىغا «سېتىشقا ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئامىرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىسمىسى، ئامىرىكا خەلىقىنىڭ ئىئانىسى» دىگەن خەت يىزىقلىق تۇراتتى. يىفرۇ ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامىرىكا خەلقىئارا تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ ھەر قايسى كەنىتلەردە مۇشۇندا ياردەم ئامبىرى بولۇپ، مۇددەتلىك پۇقرالارغا ئاشلىق ۋە ماي تارقىتىدىكەن. ئەسلىدە غەرىپلكلەر ئافرىقىغا ياردەم بەرگەندە، ئەمەلدارلارنىڭ دەل جايىغا تەككۈزمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ھۆكۈمەتلەرگە بەرمەستىن، غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىلىرى ئارقىلىق ئافىرىقا خەلىقىگە بىۋاستە يېمەك ئىچمەك ياردىمى، سەھىيە ياردىمى، مائارىپ ياردەملىرنى يەتكۈزدىكەن. ئامىرىكلقلار يەردەم قىلغان ئاشلىقنى يەپ چوڭ بولغان ئافرىقىلار ئامېرىكا ياخشى ئەمەس دىسۇنمۇ؟

                                                                              
مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1677 \ يوللانغان چېسلا: 2015-07-14
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: