ئەردوغان: نوبىل مۇكاپاتى غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىگە غالچىلىق قىلغانلارغا بېرىلىۋاتىدۇ، نوبىل سىياسىي غەرەزلەرنىڭ مەھسۇلى!


ئەردوغان: نوبىل مۇكاپاتى غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىگە غالچىلىق قىلغانلارغا بېرىلىۋاتىدۇ، نوبىل سىياسىي غەرەزلەرنىڭ مەھسۇلى!


ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋىرى: تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان «دۆلىتىمىزگە 30- 40 مىڭ كۆچمەن قۇبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن» دېگەن گىرمانىيە باش مىنىستېرى مەركەلنىڭ نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ: «نوبىل مۇكاپاتى سىياسىي غەرەزلەرگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.» دېدى.

G20 گورۇھىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا تۈنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن W20گورۇھى يىغىنىغا قاتناشقان ئەردوغان شۇنداق دېدى: « تۈركىيە ھازىر 2.5 مىليون كۆچمەننى بېقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا كەتكەن ئىقتىسادىي چىقىمىمىز 8 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. بەزىلەر: 30- 40 مىڭ كۆچمەن قۇبۇل قىلىمىز، دەپ قويسا، نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزدە 2.5 مىليون كۆچمەن ياشاۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. چۈنكى نوبىل مۇكاپاتىمۇ سىياسىي غەرەزلەرنىڭ مەھسۇلى. نوبىل مۇكاپاتلىرى نامزاتلىرىنىڭ قانداق تاللىنىلدىغانلىقى، قانداق بېرىلدىغانلىقىدىن كۆپچىلىكىمىزنىڭ خەۋىرى بار. سىياسىي غەرەزلەر بىلەن زاكاز قىلىپ بېرىلىدۇ.







بۇ تۈركىيە رەئىسى رەجەپ ئەردوغاننىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى تۈنجى قېتىم تەنقىد قىلىشى بولماستىن، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مىسىرنىڭ خەلق سايلىغان قانۇنلۇق دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسىينى قانۇنسىز ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىغان مىسر ھەربىي ھۆكۈمىتىگە نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بارادىينىڭ مۇئاۋىن رەئىس بولغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «ھەي نوبىل! سەن قايسى پرىنسىپلار بويىچە تېنچلىق مۇكاپاتى بېرىۋاتىسەنكى، سەن تېنچلىق مۇكاپاتى بەرگەن كىشىلەر ھەربىي ئاغدۇرمىچىلىق قىلغانلارنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتىدۇ. نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى پەقەت غەربنىڭ مەنپەتىگە، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە غالچىلىق قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدىغانلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىدا ھەققى يوقمۇ؟» دېگەن ئىدى.




كۆرۈلۈشى: 2405 \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خېلى سەرخىل قۇراللىق قوشۇن تەشكىللەپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا نوبىل تېنچلىق مۇكاپىتىنى بېرىپلا دالاي لامانىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ، قوشۇنىنى تارقىتىۋېتىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىر تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قۇرۇق شۇئاردىن باشقا ئىشقا يارىماي، دالاي لاما مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچتۇق، ئاپتونومىيە بولسىمۇ بېرىڭلار، دىسە خىتاي پىسەنتمۇ قىلمايۋاتىدۇ.
يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
رەئىس ئەردوغان نۇبىل مۇكاپاتىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى خېلى ئوبدانلا ئېچىۋېتىپتۇ.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18

بىزدىمۇ مەنىۋى ئانىلار نۇبىل تېنچلىق مۇكاپاتى ئالىمەن دەپ خېلى سەكرەپ باقتى. ئەگەر ئاپقالغان بولسا، ئەخمەتجان قاسىمى روسىيە بەرگەن مەنسەپ بىلەن بىزنى ماناس دەرياسىدا توختىتىپ قويغىنىدەك، مەنىۋىي ئانىمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىپ بىزنى يەنە ماناس دەرياسىدا توختىتىپ قويامدىكىن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
بۇرۇن مەنسەپ بېرىپ ئۆزىگە چاكار قىلىدىكەنتۇق، ھازىر مۇكاپات بېرىپ ئۆزىگە غالچا قىلىدىكەن. ھەقىقەتەن دالاي لامانىڭ پاجىئەسى بىزگە ئىبرەت بولىشى كېرەك.
يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
ۋىسال بۇرادەر توغرا دىدىڭلا. بۇ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ مەنسىپىمۇ، مۇكاپاتىمۇ بىزنى ئۆزىگە چاكار قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18

ھازىر دېموكىراتچىلار ھەدەپ بىزنىڭ سېپىمىزگە سوقۇنۇپ كىرىپ ئىسلام قوشۇنىمىزنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بەزى ساددا بۇرادەرلىرىمىزمۇ ئورتاق دۈشمىنىمىز خىتايغا قارشى بىرلىشىمىز، ھەمكارلىشىمىز كېرەك، دەپ دىموكىراتچىلارغا مايىللىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئەتە-ئۆگۈن بۇ دېموكىراتچىلارنى بىر تېنچلىق موكاپاتى بىلەن ئەسىرگە ئېلىۋالسا، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلىنغان شۇنچىۋالا قۇراللىق تەييارلىق يەنە يوققا چىقىدۇ. دالاي لاما ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن تىبەت قۇراللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى بىزگە ئوبدان ئىبرەت بولۇش كېرەك ئىدى.

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18

ۋىسالجووووون بۇرادەر باما سىلە. ھەجەپ سېغىندۇردۇڭلا جۇما ئېدەمنى. ۋىسالنى تاقاپ قويامدىكىن دەپ ئېندىشە قىلدۇق جۇما. مانا يەنە بىر ئوبدان خەۋەر، مۇلاھىزىلە بىلەن چىرايلىق باشلىۋاپسىلە ۋىسالنى. ئىلاھىم توختاپ قامماي داۋام ئېتەلا. ماندا ئېدەمنى ۋىسالغا خۇما قىپ قوياپ يوقاپ كەتسەڭلا بومايدا جۇما.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18

بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋىسال سەھىپىسىگە ۋاقىت ئاجرىتالماي قالدىم. شۇڭا ۋىسالنىڭ پائالىيەتلىرى بىراز توختاپ قالدى. ئەمما بۇ جەرياندا ۋىسالنىڭ خىزمەت ئۇسلۇبىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن كەمچىلىكلىرىمىزنى كۈزۇتۇپ چىقىشقا پۇرسىتىمىز بولدى. اللە خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن ۋىسال سەھىپىمىزگە تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ تېخىمۇ سۈپەتلىك، مىللىتىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز ئىنشائاللاھ. خەيرلىك دۇئالىرىڭلارنى كۈتىمىز.

يازغۇچى: ساداقەت \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
ۋىسال بۇرادەر «ئىككى قەدەم ئالدىغا مېڭىپ، بىر قەدەم كەينىگە چىكىنىش» تاكتىكىسىنى ياخشى بىلىدىكەن. مېنىڭچە دەل ۋاقتىدا توختىتىۋالدىڭلار. بەزى ۋاقىتلاردا شامالغا قاراپ ئىش تۇتۇشمۇ پاراسەت ھىسابلىنىدۇ.
يازغۇچى: لاچىن \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18
مەن ۋىسال سىتۇدىيىسىنىڭ پروگىراممىلىرىنى خېلىدىن بېرى ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ۋىسال قېرىندىشىمىز تۈركىيەدىكى جامائەتلەرگە بەك جىق ئارىلىشىپ كەتكەچمىكىن، سەلەفىيلەردەك جەسۇر، سوپىلاردەك ئېھتىياتچان، نۇرچىلاردەك قۇۋ كىلىدىكەن.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-18

لاچىن ئەپەندى، مېنى باشقا بىرسىگە ئوخشاتسىڭىزمۇ، بىر خىتايغا، يەنە بىرى نۇرچىلارغا ئوخشاتماڭ. بىز ھەرقانچە بولساقمۇ، سەئىد نۇرسىنىڭ كىتابلىرىنى يۇشۇرۇن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇزۇپ، تارقاتقان بەزى ئىلاھىياتچى ئۇيغۇر دوكتورلاردەك قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، شۇم ئەمەس. ئەگەر نۇرچىلارغا ئوخشىتىش كېرەك بولسا، نۇرچىلارنىڭ كۇرۇسلىرىدا يېتىپ-قوپۇپ ئوقىغان، ئىلىم نامىدا قوسىقىدا تۈزۈك ئۇماچ بولمىسىمۇ نۇرچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلاھىياتتا دوكتورلۇق دىپلومى ئالغان، ئەمما ھازىرقى ئەردوغاننىڭ نۇرچىلار بىلەن ماجراسىدا ئەردوغاننىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ نۇرچى كىملىكىنى يۇشۇرۇپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇزغان سەئىد نۇرسى كىتابلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئىلاھىياتقا ئوقۇتقۇچى بولىۋالغان ئىلاھىياتچى ئۇيغۇر دوكتورەكلەرنى نۇرچىلاردەك ھىيلىگەر، مەككار، قۇۋ، شۇم دىسە بولىدۇ.

يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-19

«ھازىر دېموكىراتچىلار ھەدەپ بىزنىڭ سېپىمىزگە سوقۇنۇپ كىرىپ ئىسلام قوشۇنىمىزنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولىۋاتىدۇ»!.. بىزنىڭ دېموكىراتچىلاردا ھازىر ساقال قويۇۋېلىش نېمانداق مودا بولاپ كەتتىكىن، دىسەم ئەسلىدە ئىشنىڭ سىرى مۇنداق ئىكەندە. قارىسام ئەنقەرەدىكى ئامېرىكا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىمۇ ساقال قويىۋاپتۇ، مەنىۋىي ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي بىرگە رەسىم چۈشۈشكە ئامراق قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر دەرنىكىنىڭ مۇدىرىمۇ ساقال قويىۋاپتۇ، ئەيسا ئالىپتېكىن بەگنىڭ گىرمانىيەدىكى داھى ئوغلىمۇ ساقال قويىۋاپتۇ.

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-19

بىزنىڭ ئۇنداق ھىدايەت ئۈچۈن ئەمەس، سىياسەت ئۈچۈن ساقال قويىۋالغانلارنى پەرق ئەتكۈچىلىك ئەقلىمىز بار، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ بۇ سىياسەتچىلەرنىڭ شەررىدىن ئەھلى تەۋھىيد بۇرادەرلىرىمىزنى ساقلىسۇن. ئامىن..

يازغۇچى: قىزىل گۈل \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-19
ئەردوغان توغرا دەيدۇ. بولمىسا مەنىۋىي ئانىمىز ئاللىقاچان نوبىل مۇكاپاتى ئالاتتى.
يازغۇچى: دوغاپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-19

ئۇندا ئالدىراپ باھا بەمىسىلە دەيمەن قىزىل گوووول خېنىم. بەلكى ئاناڭلىغا نۆۋەت كەلمەيۋاتقاندۇ. نۆۋىتى كەلسە ئەلبەتتە ئالىدۇ، بېرىدۇ. ھېلىمۇ ئامېرىكا ئاز يۆلىمەيۋاتىدا ئاناڭلىنى.

يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-19
بىزنىڭ قۇراللىق تەييارلىقىمىز خىتاينىڭ گۇماشتىسى، مەنپەئەت شېرىكى غەربنىڭ، ئامېرىكىنىڭ كۆزىنى قورقۇتقۇدەك كۈچىيىپ كېتەلمىگەچكە، ئانىڭىزنىڭ مۇكاپات ئېلىشى كىچىكىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى تىبەت قۇراللىق كۈچلىرىدەك خىتايغا رەسىي تەھدىت سالالىغۇدەك كۈچكە كەلسەك ۋە ئانىڭىزغا بەيئەت قىلساق، ئانىڭىزنى دالاي لامادەك تېنچلىق مۇكاپاتى بىلەن ئاغزىنى تۇۋاقلاپ، بىزنى تېرورچى دەپ بۆھتان چاپلاپ تارقىتۋېتىشكە سالىدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-25

غەربنىڭ نوبىل مۇكاپاتى بىلەن بىر داۋانى مونوپول قىلىۋېلىش پەقەت دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قۇراللىق ھەرىكىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن سىتىرادېگىيە بولماستىن، ئىسلام دۇنياسىغىمۇ بۇ تاكتىكىنى قوللاندى. ياسىر ئاراپاتقا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى بېرىپ، ھەم ئاراپاتنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كونترول قىلىۋالدى، ھەمدە ئاراپاتنىڭ قول ئاستىدىكى قۇراللىق تەشكىلات ئەل فەتىھنى پاسىپلاشتۇرۇپ ئەمەلىي ھەرىكەت كۈچىدىن مەھرۇم قىلدى. پەلەستىن مۇستەقىللىقىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇملىدىن ئامېرىكىنىڭ ھارامزادىسى ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان خامماس كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئارافاتنى پەلەستىن مۇستەقىللىقىنىڭ رەھبىرى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئارافاتقا بەيئەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا سىياسىي ۋە ھەربىي سېستىمىسىنى قۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن نە ئاپتونومىيە، نە يېرىم مۇستەقىللىق سۆھبەتلىرىگە قەتئىي قارشى چىقىپ، پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى مۇستەقىل بولغىچە قۇراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇردى. ئەگەر خامماسنىڭ بۇ پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى مۇستەقىللىق بىلەن ھەل بولىدۇ، قارارى بولمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئەسكىرى كۈچىنى ساقلاپ قالمىغان بولسا، ياسىر ئاراپات ئىسرائىلىيە رەھبىرى ئىزاك رابىن بىلەن بىللە ئالغان نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كەيپى بىلەن پەلەستىن ئاللىقاچان ئىسرائىلىيەنىڭ ئاپتونۇم رايۇنىغا ئايلىنىپ كېتەتتى.

يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-10-25
خامماس: مەن دىنىي تەشكىلات، سىياسەتنى بىلمەيمەن، ئۆزلىرى نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلىرىغا قارىغاندا خەلقئارا سىياسەتنى بىزدىن ياخشى بىلىلا، خەلقئارادا ئىناۋەت. نوپۇزلىرى بار، دەپ قۇراللىق كۈچىنى نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئارافاتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا، ھازىر پەلەستىن خەلقى ئاللىقاچان ئىسرائىلىيەنىڭ ئاپتونومىيەسىدە قۇل بولۇپ، خەلقئارادا پەلەستىن دىگەن بىر دۆلەتنىڭ بارلىقى ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى.
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: