ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا زالىملارنىڭ زۇلمىدىن، ئاخىرەتتە جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىگە ئاساسىي نىشان قىلغان رەھبەر - سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان


سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
 

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3 - ئەۋلاد خاقانى ھەمدە خانلىقتا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر قاغانى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىسلام دىنىنى ئالدى بىلەن قەشقەر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقىتىش، كېڭەيتىش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ھەربىي ئالىم.

مۇسۇلمان بولۇشى
ئۇنىڭ ئاتىسى بارىز ئارسلانخان بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، تەختكە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان 12 ياشقا كىرگەندە ماۋارەئۇننەھىر ۋە خۇراسان رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىلىرى ئارىسىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ، شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايمان سامانىيلار دۆلىتىدىن قېچىپ چىقىدۇ. ئوغۇلچاق ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشىغا يول قويىدۇ. بۇ مەسچىت ئۇيغۇر دىيارىدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىت ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كېلىپ – كەتكەن مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭ تەسىرىدە ئاتۇش بىر سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ نەسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دىگەن يۇرىتنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سۇتۇق بۇغراخانغا يۇلىقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ. بۇ ئىككى شەخىس ئارسىدىكى ئارلىق بارغانسىرى قۇيۇقلىشىدۇ. ئاخىرى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ.

ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم – سۈپىتىنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان.

شۇنداق قىلىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەمەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ۋاپاتىدىن 333 يىل كېيىن سۇتۇق تۈركىستان زېمىنىدا تۇنجى مۇسۇلمان بولدى.

25 يېشىدا
ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. تاغىسى ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ ئۇردا – قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانى تۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يىنىغا تۇپلايدۇ ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتىدۇ. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئوغۇلچاقنىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تەختنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۈرىدۇ، بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزىدۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئېلان قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار خاندانلىقىدا مەدەنىيەت گۈللەندى ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلاندى. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلدى. سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا، خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئىلى، بالاساغۇن، بارسغان (ئىسسىقكۇل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتى . 10 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئىككى يۈزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەرەئۇننەھر، خۇراسان، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى، دىن ئالىملىرى كەلدى. مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويدى.

10- ئەسىردە ياشىغان ئەرەپ ئالىمى ئىبىن فەزلان مىلادى 960- يىلى تەخمىنەن 200،000 چېدىرلىق تۈركلەر (قاراخانىيلار) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەپ يازغان.

ھاياتىنىڭ ئاخىرى
سۇتۇق بۇغراخان دەۋردە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا.

سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بوي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى. قەدىمدىن بىرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلدى، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنى ئېتىقادىدا بولدى . سۇتۇق بۇغراخان خوتەن، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇشتا، ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 – يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بۇيچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى. بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى. مىلادىيە 950 – يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۇرۇپ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرققە يۇرۇش قىلدى. قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار، كۇرلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، تۇقسۇن بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن (بايتاش) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى. بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زۇر چىقىمغا ئۇچرىدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا ئالىپ تىكىن(قەھرىمان شاھزادە) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بيي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى. مىلادىيە 954 – يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم، سىياسىئون، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ، مىلادىيە 955 – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەستى ئاتۇش مەشھەتتىكى ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان گۇمبەز تۇل خاقانىيە ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .

مازىرى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى (يەرلىكلەر ھەزسۇلتان مازىرى دەپ ئاتىشىدۇ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتىگە جايلاشقان، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76.10 گرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 39.41 گرادۇس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1298 مېتىر، مازار ھەيۋەتلىك مۇنارلىق دەرۋازا، قورشاۋ تام، مەسچىت، سەرراپ، ياتاق (مۇساپىرخانا)، ئىش بېجىرىش ئۆيلىرى، ھويلا، كۆل، قەبرىستانلىق ۋە مېۋىلىك باغلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. قەبرىستانلىقتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى (گۈمبەز) دىن باشقا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ مەقبەرىسى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار. گۈمبەز كۆك، يېشىل، سېرىق كاھىش چاقچۇقلار ۋە نەقىشلەر بىلەن چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 10- ئەسىردە بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ۋەتەن ئىچى - سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: ئىستىقلال تورى 



كۆرۈلۈشى: 2040 \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-10
ئىنكاسلار
يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10
ۋىسال بۇرادەر ماۋۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى ئەجەپ مەنىلىك يىزىپ قويۇپسىلە. بىزگە دەل مۇشۇنداق رەھبەرلەر كېرەك.
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10
توغرا. بىزگە دەل مۇشۇنداق مىللىتىمىزنى دۇنيادا زالىملارنىڭ زۇلمىدىن، ئاخىرەتتە دوزاقنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىگە ئاساسىي غايە قىلغان ئۆلىما رەھبەرلەر لازىم. بوممىسا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىقنىڭ قەدرىنى بىلەلمەيۋاتقان دۆلەتلىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالىمىز.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10

مېنىڭ بۇ ماۋزۇنى قويۇشۇمدىكى سەۋەب تارىخىمىزغا قاراپ باقساق، ئۆزىگە مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى ئاساسىى نىشان قىلغان ئۆلىمالىرىمىز، رەھبەرلىرىمىز يولباشچى بولغان ھاكىمىيەتلىرىمىز تارىخىمىزنىڭ ئەڭ شانۇشەۋكەتلىك دەۋىرلىرى بوپتىكەن. سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان رەھبەرلىكىدىكى قاراخانىيلار خاندانلىقى، سۇلتان سەئىدخان رەھبەرلىكىدىكى سەئىدىيە خاندانلىقى، بەدەۋلەت ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنىۋىي ئاتىسى ساۋۇت داموللا ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى 33-يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى، ئىلىخان تۆرەم ساغۇنى رەھبەرلىكىدىكى 44-يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئادالىتى، مەرىپەتى، شەرىئەتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن ھازىرمۇ تىللارغا داستان بولۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئۆلىما رەھبەرلىرىمىز قۇرغان ئىسلامىي ھاكىمىيەتلەر تارىخىمىزغا شۇنداق بىر ئۆچمەس مۆھۈر باسقانكى، ھازىرمۇ خىتاي زالىملىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش سۈيقەستلىرىنى يوققا چىقارماقتا. بۇ ئۇستاز ئۆلىمالىرىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىسلامىي ھاكىمىيىتى دەۋرىدە يېتىشكەن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامىدەك ئالىملىرىمىز ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇيغۇر زېمىنى ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرسا، ساۋۇت ھاجىم داموللامدەك ئۆلىمالىرىمىز ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا لەپىلدەتكەن ھىلال كۆك بايراق بىلەن بۇ ۋەتەننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىل ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى ھىلىمۇھەم خىتاينىڭ كۆزىگە تىقماقتا. خانلىق مەدرىسىلەردە يېتىشىپ چىققان ئالىم، تالىپلىرىمىز ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا، ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىلىرىگە مەھكەم ئىگە چىقىپ، مىللىتىمىزنى خىتايغا مايىل بولۇپ خىتايلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالسا، ئىسلامىي ھاكىمىيەت دەۋرىلىرىدە ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن ياسالغان جامىئە، مەسجىد، خانىقالىرىمىزدا ئەزانلىرىمىز بىلەن ھازىرمۇ مىللىتىمىزگە خىتاينىڭ پۇشتى ئەمەس، مۇسۇلمانننىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى كۈندە 5 ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرماقتا. ...(داۋامى بار) 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10

... مىللىتىمىزنىڭ قەلبىدە، ئېتىقادىدا، غايىسىدا ھېلىمۇھەم كاپىر خىتايغا قارشىلىق كۆرسۈتۈپ، مۇستەقىللىق ۋولقانى يالقۇنلاپ تۇرغان بولسا، ئەنە شۇ ئۆلىما ئۇستازلىرىمىز قۇرغان مىللىتىمىزنىڭ پەقەت جسمىنىلا ئەمەس، روھىنىمۇ مۇستەقىل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، مىللىتىمىزگە پەقەت دۇنيا خوشاللىقىنى ئەمەس، ئاخىرەت سائادىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسىي غايە قىلغان ئىسلامىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10

مىللىتىمىزنىڭ ئىككى دۇنيا سائادىتىنى كۆزلىمەي، پەقەت دۇنيالىق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ قالغانلار مىللىتىمىزگە ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەي، ھەتتا مىللىتىمىزنىڭ دۇنيالىقىنى تېخىمۇ بەتتەر ۋەيران قىلىۋەتتى. ئىلىخان تۆرەمنىڭ پۈتۈن تۈركىستان زېمىنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىسلام قۇشۇنىنى ماناس دەرياسىدا توختىتىپ قويغان ئەخمەتجان قاسىمىيلار، ساۋۇد ھاجىم داموللام قۇرغان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىلال بايرىقىنى «مەن دۆلەت قۇرۇپ سۇلتان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم. مېنىڭ ئۈچۈن خەلقىم خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلسىلا بولدى، ئىسلامىي دۆلەتكە كېرەك يوق» دەپ يەرگە ئاتقان، ساۋۇد ھاجىم باشچىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەن خوجىنىياز ھاجىملارنىڭ ئاقىۋىتى بۇنىڭغا ئىچىنىشلىق مىسال بۇلالايدۇ. اللە ۋىسال بۇرادەرنىڭ ئىككى دۇنيا ئەجرىنى بەرسۇن. بەك ياخشى ماۋزۇ قويۇپ، بەك ئۆتكۈر ئانالىز قىلىپتۇ.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10

بۇنىڭغا يەنە مەھەممەتئىمىن ھەزرىتىم بۇغرانىمۇ قوشۇپ قويسىلا. ھەزرىتىم خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ «شەرىئەت غايەم، ئىسلامىي ھاكىمىيەت نىشانىم» دەپ يولغا چىققاندا پۈتۈن تۈركىستان زېمىنىنى زىل - زىلىگە سېلىپ، خىتاينى غال-غال تىترەتكەندى. ئەمما ساقالنى چۈشۈرەپ، سەللىنى تاشلاپ، بىشىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنىمۇ كىيمەي، بوينىغا ئامىركىنىڭ گالىستۇكىنى، ئۇچىسىغا خىتاينىڭ شىم-كاستىۇمىنى كىيىپ «بىزگە پەقەت مۇستەقىل بولساقلا بولدى، ھەتتا يېرىم مۇستەقىللىقمۇ بولىدۇ» دەپ چىنى تۈركىستانى دەپ ژورنال چىقارغاندىن باشلاپ، خار-زەبۇنلۇقتا ياشاپ، جەسىتىمۇ ياققا يۇرتتا غېرىپ قالدى.

يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-10
شۇنداق كىم شەرىئەتنى ئەزىز قىلسا ئەزىز ياشايدىغان، كىم شەرىئەتنى خارلىسا خارلىنىدىغان جاھانكەن بۇ. اللە ئىسلامىي غايىدىن ۋە ئىسلامىي مۇستەقىللىقتىن ئايرىمىسۇن. امين
يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-15
دوستنى ئاخىرەتلىك دوستۇم دەپ تاللىغاندا سەمىمي ۋە ۋاپادار بولغىنىدەك، ئۆمۈر يولدىششنىمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك يولدىشىم دەپ تاللىغاندا بەخىتلىك بولغاندەك، ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان رەھبەرنىمۇ ئىككى دۇنيا رەھبىرىم دەپ تاللىغاندا غەلبىگە ۋە نۇسرەتكە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ. جانابىي اللە ۋەتىنىمىزگە ئىككى دۇنيادا بىزگە يولباشچى بۇلالايدىغان ئۆلىما ئۇستازلىرىمىزنىڭ قولىدا ئىسلامىي مۇستەقىللىق بەرگەي. ئامىن
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: