«خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى»


 «خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى»
 

خىتاي كانادانى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكا سودا مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ يىل كانادادىن ئېشىپ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان، خىتاينىڭ كانادادىن ئېشىپ كېتىشىگە خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، كانادانىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيە كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ساتقان تاۋارلىرىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 441 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا كاناداغا ئېكسپورت قىلغان تاۋار سودا ئومۇمىي سوممىسى 438 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى پاسسىپ پەرق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، بۇنىڭدا ئىمپورت سوممىسىنىڭ يېڭى خانىلىق رېكورت يارىتىشى مۇھىم رول ئوينىغان. خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خام نېفىت كانادانىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارى بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى خام نېفىت باھاسى 2014-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھانىڭ پەقەت يېرىمىغىلا توغرا كېلىدىكەن. خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كانادانىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان خام نېفىت مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقىىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6. 11 ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە يەرشارىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئىمپورت قىلىش مىقدارى داۋاملىق ئاشقان.
 

                                   مەنبە: تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلىمى تورىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1887 \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
بىزدە قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇمايدۇ دىگەن گەپ بار. بىزنىڭ بەزى دىنىي زىيالىيلىرىمىز مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئامېرىكىغا، ياۋرۇپاغا باشقىچە ھەۋەسلىنىپ ئۇمىد باغلاپ كېتىۋاتىدۇ دىسە ھەي.
يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
نېمە قىلىۋاتىسىلەر دىسە، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى قۇتلاۋاتىمىز دەيدۇ، ئەمما ئۇ جۇمھۇرىيەت قانداق يىقىلدى دەپ ئويلاش، ئىبرەت ئېلىش خىيالىدا يوق. اللە: كۈفىر بىر مىللەتتۇر، ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ دوستلىرىدۇر، دەپ ئاگاھلاندۇرسا، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى، ئۆلىمالىرى: ياق بىز خىتايغا قارشى روسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن كۈرەش قىلىمىز، دەپ ئاقىۋەتتە ئۆزىگىمۇ قىلدى، مىللەتكىمۇ قىلدى. ھازىرقىلارمۇ بۇرۇنقىلاردىن ئىبرەت ئالماي. ياردەمنى اللەدىن ئەمەس، ئامېرىكىدىن، ياۋرۇپادىن كۈتىۋاتىدۇ.
يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
بۇ دىنىي زىيالىيلار پەقەت ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ كۈتسە يەنە مەيلىغۇ. تور بەتلىرىگە قارىساڭلار بەئەينى ئامېرىكىنىڭ ئاۋازىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. كۈندە ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا خىتايغا قارشى شۇنداق قىلدىيەي. مۇنداق قىلۋەتتى يەي دەپ ئامېرىكىنى ماختايدىغان خەۋەردىن بىر-ئىككىنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ باشقا خەۋر يازالمايدىغان ھالغا كېلىپ قىلىقلىق.
يازغۇچى: ئەنسارى \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13
كونىلاردا شۇنداق بىر ئىبرەتلىك سۆز بار: گۆش بىلەن ماي بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. بۇلۇپمۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى خاتىرلەۋاتقان شۇ كۈنلەردە، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قانداق ۋەيران بولغانلىقى، بىزنى كىملەر ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتدە شاھمات قىلىپ قوللانغانلىقىىدەك تەجرىبە-ساۋاقلارنىمۇ ئويلىنىش كېرەك ئىدى. اللەدىن باشقا ھېچكمنىڭ بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەقىقىي سەمىمىي ياردەمچى ۋە قوللىغۇچى ئەمەسلىكىگە يەنە بىر قېتىم تەكرار ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىمانىمىزنى يېڭىلىشىمىز كېرەك ئىدى.
يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-13

مەن شۇنى ئوچۇق دەي، بۇ دىنىي زىيالىيلارنىڭ تېلىۋىزىيە خەۋەر تورىغا كىرگىنىمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتايغا شۇنداق قىلماقچى، ئامىرىكا ھەربى پاراخوتى خىتاينىڭ شۇ دىڭىز بويىغا يېقىنلاشتى، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ خىتايغا شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى دىگەندەك  ھەددىن زىيادە ئامېرىكىنى كۆپتۇرۇپ خەۋەر قىلىشلىرى ماڭا ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن سوۋىت تەرەپ رادىئولىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ قويىۋاتىدۇ. سوۋىت تەربىيلىگەن مىللىي ئارمىيە ئەسكەرلىرى چىگرىدىن كىرىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق سوۋىتنىڭ خىتايغا بولغان ھەربىي پوزىتسىيىسىنى ھەددىن زىيادە كۆپتۇرۇپ ئاڭلىتىدىغان خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقىتىلغان ئىكەن. مەن شۇنى گۇمان قىلىپ قالدىم، بۇ دىنىي زىيالىيلارنىڭ تورىدا ھەركۈنى دىگۇدەك توختىماي بىرىلىۋاتقان ئامىرىكا ھەربى تەرەپنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىغاندا، ئۆتكەندە ئەھلى كىتابتىن ياردەم ئالىمىز دەپ تۈركىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىدا ئەسكىرىي مەشىق قىلىشقا بارىغان ئۇيغۇرلارنىڭ گىپى بولغان ئىدى. بۇ گەپ راست ئوخشىمامدۇ؟!...

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: