wisal stuido
خىتاي زالىم ھۆكۈمىتىدە شامىلىمىزمۇ پۇل


شامىلىمىزمۇ پۇل

- ئەركىم -
 

جۇڭگوغا داڭلىق تەنقىدچى لاڭ شەنپىڭ << كىشىنى مۇنداقمۇ بوزەك قىلغان بارمۇ؟>>ناملىق يازمىسىدا جۇڭگو خەلقىنى ئىككىگە ئايرىپتۇ. بىرى خەلق قۇرۇلتىيىى ۋەكىللىرى، يەنە بىرى ئادەتتىكى خەلق. مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھەق بولغاچقا تەنقىد،ئوچرېك، فىلىيەتونلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى سىرتىدا بازىرى چىقىۋاتىدۇ. بىلمىدىم لاڭ شەنپىڭ ئەپەندىمنىڭمۇ كەينىدە قارا سايىلەر بارمىدۇ؟! ھازىر كۆپ قىسىم مۇنبەرلەردە << پالانچىغا يېزىلغان خەت>> قاتارلىق مەزمونلاردىكى ئەرىز-شىكايەت خەتلىرى ئاۋۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ. خەلقمۇ، خەلققە ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتكىچىمۇ قارا-قويۇق،راست- يالغاننى مۇنبەرلەردە سۆزلەپ يۈرمەيدۇ ۋە شۇ تېمىلارغا بۇنچە كۆپ تورداشلارمۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كادىرلار ئىستىلىنى تۈزەيدىغان يەرگە بېرىپ يەتتى. ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىغان بايانلىرىمىزدىن جەنۇبى شىنجاڭ خەلقنى تېخىچە فىئوداللىق، قۇللۇق تۈزۈمىدە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا كېلىپ قالىمەن. چۈنكى، پادىشاھلىق، فىئوداللىق تۈزۈم 1911-يىلىدىكى بىت-چىت قىلىنغان جۇڭگو تۇپىرىقىدا پەقەت جەنۇبى شىنجاڭدىلا ھېلىغىچە ھاشارغا مەجبورلاش ئىشلىرى مەۋجۈتكەن. بۇلارنى ئاڭلىغان ۋىجدانى بار ھەر بىر دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئەقلى ھەيران، قوڭى سىڭايان بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئالدىنقى يىلى يىل بېشىدا ئىچكىرىگە ئۆگىنىشكە بارغۇچە پويىز ئىستانسىسىدا بىر قانچە تونۇشلىرىمنى ئۇچراتتىم. ئۇلار قوللىرىغا قىزىل يەڭلىك تاقىۋالغان ئىدى. بۇ يەردە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئەرزخورلارنى توساش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئىكەن. كېيىن خېنەنگە بارسام خېنەندىكى خەنزۇ ساۋاغداشلىرىمدىن بۇ خىزمەت ھەققىدە تېخىمۇ كۈلكىلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. بۇ يەردىمۇ مەخسوس ئادەملەر تەيىنلىنىپ خېنەننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگىنلىرىدە، ئايرىدروم، بېكەتلەردە ئەرىزخورلارنى كېچە-كۈندۈز پايلاپ تۇرىدىكەن. تور دۇنياسىغىمۇ مەخسوس ئايغاقچىلارنى مۇنبەرلەرنى كۈزىتىشكە راسلاپ قويدىكەن. ئۇلارنىڭ ماشىنا نومۇرى، كىملىك نومۇرى قاتناش، تۆمۈريول سېستىمىسى، ساقچى ئورۇنلىرىغا تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بېلەت سېتىۋالماقچى بولسا ياكى ماشىنىسى بىلەن تېز سۈرئەتلىك يولدا ماڭسىلا دەرھال بايقىلىپ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇرىلىدىكەن.بىزدە قۇرسىقىڭىنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورۇقما دەيدىغان بىر گەپ بار...قىسمەن ئەرزنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان ئەرزخورلانى ھېساپ قىلمىساقمۇ، ئەتراپىمىزدا مۇنچە كۆپ ئەرزخورنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئۆزى بىر مۇھىم رېئال مەسىلە.

مېنىڭچە بولسا شۇنچە كۆپلىگەن ئىقتىساد، ئادەم كۈچى، ۋاقىت ئاجىرىتىپ ئەرزخورلارنىڭ يولىنى توسقاندىن كۆرە، ئۇلارنى توسۇشقا كەتكەن بارلىق ئىقتىساد، ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچلىرىنى دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىنى ئادىل ئىشلىتىشكە، خەلق قەلبىنى چۈشىنىشكە، ئۇل-ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاشقا سەرپ ئېتىلگەن بولسا بەلكىم بۇ ئەرزخورلارمۇ قىسمەن ئەمەلدارلارنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانمىغان بولاتتى. ئەرزخورلارنىڭ كەينىگە مۆكۈنگەن قارا سايىلەرنىڭ يەنەنىمە ھاجىتى؟!ئۇلارمۇ ئىسسق ئۆيلىرىدە خوتۇن-بالىلىرى بىلەن تۇرمۇشنىڭ لەزىتىنى تېتىشقا ھەقلىققۇ؟!

يولداش لاڭشەنپىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. جۇڭگۇدا ئىككى خىل خەلق بار : بىرى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ، يەنە بىرى ئاددىي خەلق . بىرىنچى خەلق ئىنتايىن رازى ، ئۇلار قانۇن تۈزىدۇ ، بايلىق تەقسىملەيدۇ ، ھاياتى بەھۇزۇر ، تېخى ئۇلار ئاددىي خەلقكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىككىنچى خەلق بولسا ۋەكىللىك قىلىنغۇچىلار. ئۇلار قانۇن يۈرگۈزلگۈچىلەر ، تەقسىم قىلىنغۇچىلار ھەم ۋەكىللىك قىلىنغۇچىلار .ئۇلارنىڭ ئېغىزى بار سۆزلىيەلمەيدۇ،گەپ ئاڭلىسا خەلق ،ئاڭلىمىسا قانۇنسىز ئونسۇر . ئۇلار كوچىغا چىقىشقا لازىم بولغاندا خەلق سۆيەرلەر ، لازىم بولمىغاندا باشقىچە پىكىرلىكلەردۇر.

مەركەزدىن كېلىدىغان سىياسەتنى دېمەي تۇرايلى، قۇتقۇزۇش پۇلى دەپ تۇرايلى، بىر پىشقەدەم پىنسىيۇنېر ماڭا، ئۇكام مەركەزدىن 1000 يۈەن مەلۇم كەنىتكە ئەۋەتىلگەن بولسا ئۇ شەھەرگە كەلگەندە 500 يۈەنى كېمىيىدۇ، يېزىغا كەلگەندە 300يۈەن قالىدۇ، كەنىتكە كەلگەندە 100 يۈەن بولىدۇ. دېھقاننىڭ قولىغا كەلگەندە 1 يۈەن قالىدۇ...تېخى بۇ 1 يۈەن دېھقانلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق توك،سۇ پۇلىغا تۇتۇلۇپ، بىچارە دېھقاننىڭ زىممىسىگە نەچچە يۈز يۈەن ئارتىلىدۇ...

شىنجاڭنىڭ شامىلى توك چىقىرىدۇ، ئاپتىپى توك چىقىرىدۇ، نەگە كەتتى؟!يۇرت-يۇرتلاردا سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلدى، سايغا ئاقتى. دېھقانلارنىڭ يەرلىرى سۇسىز قۇرۇپ كەتتى. توك پۇلى تۆلىيەلمەي يىلدىن-يىلغا قەرىز بېسىپ نامراتلىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئەرىزلىرى كەنت ئاغزىغا قۇرۇلغان چازىدىلا بېشىقىدۇ. خەلقنىڭ ئاھۇ-زارى قانقمۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا يېتىپ بارالىسۇن؟!

 
                                                                            مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.


 

كۆرۈلۈشى: 1549 \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-15
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: