تۈركىيە - روسىيە سۈركىلىشىگە قىسقىچە نەزەر


تۈركىيە - روسىيە سۈركىلىشىگە قىسقىچە نەزەر
 

ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ روسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىشى بىلەن باشلىغان تۈركىيە - روسىيە سۈركىلىشى بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ داۋاملاشماقتا. پۇتىننىڭ: تۈركىيە بىزدىن كەچۈرۈم سورىسۇن، تەلىپىگە ئەردوغاننىڭ: بىز ھېچكىمدىن كەچۈرۈم سورىمايمىز، جاۋابى بىلەن داۋاملاشقان، روسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بارلىق ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى توختاتقانلىقى، تۈركىيەدىن روسىيەگە ئېكىسپورت قىلىندىغان بارلىق ماللارغا چەكلىمە قويغانلىقى، روسىيەگە بارماقچى بولغان تۈرك تىجارەتچىلەرنى ۋە ئىشچىلارنى چىگىرىدىن كىرگۈزمىگەسلىككە قەدەر بارغان بىر سۈركىلىش داۋام قىلماقتا. بۇ سۈركىلىش بەزىلەر تەرىپىدىن ئەردوغاننىڭ زەپىرى، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى يېڭى تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشى دەپ ئالقىشلانسا، بەزىلەر تەرىپىدىن دۇنياغا زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن روسىيە شاھمىتىدا ئامېرىكا روسىيەگە قارشى 80-يىللاردا ھىكمەتيار، بۇرھانىدىن راببانى باشچىلىقىدىكى ئافغان مۇسۇلمانلىرىنى قوللانغاندەك، ئەمدى ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. كۆپىنچى كىشىلەر يەنە شۇ سۇئالنى سورىماقتا: «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي مەلۇماتقا قارىغاندا بۇرۇن نەچچە ئون قېتىملاپ تۈركىيە ھاۋا چىگراسىغا روخسەتسىز كىرگەن روسىيە ئايرۇپىلانلىرىغا ھېچقانداق مۇداخىلە، ھەتتا ئاگاھلاندۇرۇشمۇ قىلىنمىغان تۇرۇپ، ئەمدى كېلىپ توساتتىن، ھەمدە دەل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان كۈندە روسىيە ئايرۇپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىش، ھەمدە پەقەت 12 سىكونت تۈركىيە چىگراسىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى نېمە؟ ئەردوغان زادى نېمە مەقسەتنى كۆزلەۋاتىدۇ؟...» بۇ سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئەسلىدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغاچقا، تۈركلەر ئۆزى جاۋاب ئىزدىسۇن، ئۆزى مەشغۇل بولسۇن، دەپ ۋىسال سەھىپىسىدە بۇ توغرىلىق بەك توختۇلۇپ كەتمىگەن ئىدۇق. ئەمما تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھۆكۈمەتكە يېقىن بەزى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بۇ خەۋەرلەر بەك جىددى نەزەرگە ئېلىنىپ، بەزى تور بەتلىرىدە بۇ ئىش ئىسلامنىڭ زەپىرى دەپ ئېلان قىلىنسا، ئىجتىمائىي ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىلىرىدا بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن تالاش - تارتىشقا سەۋەبچى بولماقتا. شۇنىڭدەك روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ گاڭگىراپ قىلىشلىرىغا سەۋەبچى بولماقتا. شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ ئالدى - كەينىگە قىسقىچە نەزەر تاشلاشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. يۇقىرىدا بەزى تۈرك جامائەتچىلىكى سورىغان: « بۇرۇن نەچچە ئون قېتىملاپ تۈركىيە ھاۋا چىگراسىغا روخسەتسىز كىرگەن روسىيە ئايرۇپىلانلىرىغا ھېچقانداق مۇداخىلە، ھەتتا ئاگاھلاندۇرۇشمۇ قىلىنمىغان تۇرۇپ، ئەمدى كېلىپ توساتتىن، ھەمدە دەل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان كۈندە روسىيە ئايرۇپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىۋېىتىش، ھەمدە پەقەت 12 سىكونت تۈركىيە چىگراسىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى نېمە؟ ئەردوغان زادى نېمە مەقسەتنى كۆزلەۋاتىدۇ؟...» سۇئالغا جاۋاب تېپىشتىن بۇرۇن، ئەردوغانننىڭ بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسىگە بىرئاز نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ:
 

1. تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت سايلىمى
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئاق پارتىيە 7-ئىيۇن سايلامىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، 13 يىلدىن بېرى ئۆز ئالدىغا قۇرۇپ كەلگەن ھۆكۈمەتنى تاتقۇزۇپ قۇيۇش گىراداۋىغا كېلىپ قالغان ئىدى. كېيىن 1- نويابىردا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلۇپ، ئەردوغانننىڭ ئاق پارتىيىسى سايلامدا چوڭ غەلبە قازىنىپ، تەكرار ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقوقىغا ئېرىشتى. ئەردوغاننىڭ قىسقىغىنە بەش ئاي ئىچىدە بىردىنلا 4 مىليوندىن كۆپ يېڭى ئاۋازغا ئېرىشىشى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى. ھەتتا خەلقئارا سايلام ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىلەرمۇ بۇنىڭ سايلام خاراكتېرىغا زىت ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھېچقانداق سايلىمىدا قىسقىغىنە بەش ئاي ئىچىدە 4 مىليوندىن كۆپ يېڭى ئاۋازنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ سايلامنى دۇنيا سايلام تارىخىقىدىكى بىر مۆجىزە دىيىشكە بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغاننىڭ بۇ غەلبىسى ھەققىدە تۈركىيەدە مەتبۇئاتلىرىدا شۇ ئانالىزلار قىلىندى:
 

1) ئەردوغان تەرەپتارى، ئەردوغاننى قوللايدىغان مەتبۇئاتلار بولسا بۇ غەلبىنىڭ سەۋەبىنى 7-ئىيۇندىكى سايلامدىن كېيىنكى تۈركىيە ئىچكى ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن داۋالغۇشلار، كۇرد كوممۇنىست تېرورچىلىرىنىڭ تۈرك ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىنى كۆپلەپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن بارغانسېرى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىگە يېقىنلاپ قالغان توقۇنۇشلار، خەلقنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش پاجىئەلىرىنىڭ تۈركىيەگە يامراپ كېتىشىدىن ئۈركىشى... قاتارلىق سەۋەبلەردىن 1-نويابىردىكى سايلامدا ئەردوغانغا قايتىدىن ئاۋاز بەردى دەپ كۆرسەتتى. كەينىدىن بۇ سايلام غەلبىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ غەلبىسى دەپ قوشۇپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىدى.
 

2) ئەردوغانغا قارشى مەتبۇئاتلار بولسا ئەردوغاننى ھىيلە بىلەن خەلقنى قورقۇتۇپ سايلام قازانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
 

3) دۇنيا سىياسىتىگە ئەردوغانننىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، ئىسلامىي نەزەر بىلەن قارايدىغان، ئاخبارات ۋاستىلىرى چىقارغان شامالغا قاراپ ئەمەس، ئاخبارات ۋاستىلىرى يۇشۇرغان تەرەپكە قاراپ ئانالىز قىلىدىغان ئەھلى تەۋھىيد مۇسۇلمانلار بولسا ئەردوغاننىڭ سايلام غەلبىسىگە شۇنداق باھا بەردى: خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ئازراقلا خەۋىرى بولغان كىشىلەر ياخشى بىلىدۇكى، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھۆكۈمەتلەر سايلام بىلەن قۇرۇلمايدۇ. ئەگەر سايلام بىلەن ھۆكۈمەت قۇرىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئىتالىيەدە پاھىشۋازلىقتا سېسىق نامى پۈر كەتكەن، ھەتتا ئاشنىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەت مىنىستىرى قىلىۋالغان بەرلىسكونى ئىتالىيە باش مىنىستىرى، فىرانسىيەدە ھاراقكەش، دەلتە ساركوزى فىرانسىيە دۆلەت رەئىسى، گىرمانىيەدە ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ، ئەركەك بىلەن ياتىدىغان  Guido Westerwelle ئىسىملىك ھەمجىنىس ھەزلەكتىن بىرسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولمايتتى. ھەتتا دۇنيا دېموكراتىيەسىنىڭ ئانىسى ئاتىلىدىغان ئامېرىكىدا، خۇددى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكىدەك دادا بۇشتىن كېيىن بالا بۇش ئامېرىكا پىرزدېنتى بولمايتتى. ئەقەللىسى، ئۆزى بىر جەمئىيەت، ۋەخپە قۇرۇپ باققان كىشىلەر شۇنى ياخشى بىلىدۇ، شۇ ئاددىي بىر جەمئىيەتنىڭ 4 يىلدا بىر ئۆتكۈزدىغان سايلىمى بار. جەمئىيەتنى نۇرغۇنلىغان ماددىي، مەنىۋىي جاپا بىلەن قۇرغان كۈچ، ئۇنداق ئاسان بىر سايلام بىلەنلا جەمئىيەتنى سىرتتىن بىرسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. توغرا، سايلام بولىدۇ، ئەمما سايلانغان يەنىلا ئۆزىنىڭ ئادىمى بولىدۇ.
 

دېموكىراتىيە تۈزۈمى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى كونترول قىلىدىغان، ئىدارە قىلىدىغان بىر سېستىمىدۇر. تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن شۇنداق مىسال كەلتۈرسەك بۇلىدۇ: ئىسلامدا خەلىپىلىك تۈزۈمى بار ۋە دۇنيادىكى ئاساسىي قانۇنىنى شەرىئەت دەپ ئېلان قىلغان بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەر شەرىئەت تۈزۈمىنىڭ ھىمايىچىسى خەلىپىلىكنىڭ كونتروللىقىغا كىرگەندەك، دېموكىراتىيەنى قۇبۇل قىلغان دۆلەتلەرمۇ بىۋاستە دېموكىراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئاساسچىسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كونتروللىقىغا كىرىدۇ. خەلىپىلىك شەرىئەت تۈزۈمى ئارقىلىق باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىنى نازارەت ۋە ئىدارە قىلغاندەك، ئامېرىكىمۇ دېموكىراتىيە تۈزۈمى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئىدارە قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى ئۆز ۋاقتىدا كوممۇنىستلارمۇ «ۋارشاۋا ئىتتىپاقى» ۋاستىسى بىلەن ئاساسىي قانۇنىدا سوتسىيالىزىمنى قۇبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئىدارە قىلىشتا قوللانغان ئىدى. ھازىر دۇنيادا بىر قانچە يېرىم كوممۇنىست دۆلەتنى ھىسابقا ئالمىغاندا، كوممۇنىستىك دۆلەت دىگەن بىر نەرسە قالمىغاچقا، بىز دېموكىراتىيە ئۈسىتىدە مەخسۇس توختىلىۋاتىمىز. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گىرىتسىيەلىك پەلسەپەچى ئارىستوتىلنىڭ نەزەرىيەسى دېموكىراتىيەنى بۇنچىلىك كۈچەپ تەرغىپ قىلىشى ۋە دۇنيادىكى مىللەتلەرگە بۇنچىلىك زورلاپ تېڭىشىنىڭ ئەسلى غەرىزى ئۆزىنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. شۇڭا گۈزەل ۋەدىلەر ۋە تاتلىق شۇئارلار بىلەن نىقابلانغان دېموكىراتىيەنى ياخشىلىقچە قۇبۇل قىلمىغان، يەنى ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىنى قۇبۇل قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقلەرنىڭ دۇنيادا ياشاشقا ھەققى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېغىر ئەسكىرىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھۇجۇملارغا ئۇچرىماقتا. يېقىنقى دۇنيا تارىخىقىغا قارىساق بۇنىڭ ئىچىنىشلىق مىساللىرىنى كۆرىۋالالايمىز.
 



ئەمدى تۈركىيەگە كەلسەك، تۈركىيە، خەلقى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر ئىچىدە دېموكىراتىيە تۈزۈمىنى ئەڭ بالدۇر قۇبۇل قىلىپ، ئامېرىكىغا ئەڭ بالدۇر بويسۇنغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئامېرىكا دېموكىراتىيە ئارقىلىق ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋالغان تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە خالىغانچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، تۈركىيە دېموكىراتىيەسىگە ئادەتتە سولچىلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ قاچان ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيەگە ئېھتىياجى چۈشسە، تۈركىيە سايلاملىرىدا مۇسۇلمان پارتىيەلەر غەلبە قىلىدۇ. 50-يىللاردا كورىيە ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن خورىمىغان تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئېھتىياجى چۈشكەندە، تۈركىيە سايلامىدا ئادنان مېندىرىس غەلبە قىلىدۇ. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بىرىنچى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا يەنى ئېراقنىڭ ئىشغال قىلىنىشىدا، ئېراق بىلەن چىگىرداش تۈركىيەدە ئامىرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش توغرا كەلگەندە تۇرغۇت ئۆزال جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. 2000-يىللاردىكى ئىككىنچى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا، بۇرۇن سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى چەكلەنگەن ۋە «ئەمدى ئادەتتىكى بىر يېزىنىڭ باشلىقى بولۇپمۇ سايلىنالمايدۇ» دەپ قارالغان ئەردوغان  قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئاق پارتىيىسى بىلەن تۈركىيە سايلامىدا تۇيۇقسىز غەلبە قىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تاشقى ئىشلار سىياسەتچىسى كىسىنگېرنىڭ دىگىنىدەك؛ «دۇنيادىكى دېموكىراتىك سايلاملاردا ئالدى بىلەن ئامېرىكا تاللايدۇ، كەينىدىن خەلق سايلايدۇ. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ تاللىغىنىنى خەلق سايلىماي قالسا، ئۇ سايلام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ». دەرۋەقە 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئالجىرىيەدىكى سايلاملاردا گەرچە بىرىنچى بولۇپ سايلانسىمۇ، ھۆكۈمەت قۇرۇشقا روخسەت قىلىنماي، سايلام ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان مۇسۇلمانلارنىڭ پارتىيىسى ئالجىرىيە مىللىي سالامەت پارتىيىسىنىڭ ۋە مىسىردىكى ئىخۋاننىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەقىقەتەن كىسىنگېرنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىۋاتىدۇ.

«ئۇنداقتا ئەردوغاننىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشىغا ئامېرىكا نېمىشقا روخسەت قىلدى؟ ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ بولغان تۈركىيەدەك بىر دۆلەتنى گۈللەپ ياشناتتىغۇ، ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قانداقمۇ قاراپ تۇرسۇن؟» سۇئالىغا ئەھلى تەۋھىيد مۇسۇلمان ئانالىزچىلار شۇنداق جاۋاب بەرمەكتە: تۈركىيە گۈللەپ ياشنىغان بىلەن، ئەدوغاننىڭ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ تۆمۈر تاپىنىدا ۋەيران بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىگە قاراپ بېقىڭلار. پەقەت ئافغانىستان ۋە ئېراقتا نەچچە مىليون بىگۇناھ مۇسۇلمان ئۆلدى، لىۋىيە، سۈرىيە، يەمەن ھېلىغۇ گۈلكەن، تىكەنمۇ ئۈنمەيدىغان دەرىجىدە خىمىيىۋىي بومبىلار بىلەن ۋەيران قىلىۋېتىلدى.
 


 
 

ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ دېموكىراتىيە دىپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئەردوغاننىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان بۇ رولغا قانداق قارايدىغانلىقى سۇئالىغا، ئەردوغانغا قوسىقىدا شەخسى غۇمى بولمىغان مۇسۇلمان ئانالىزچىلار شۇنداق قارىماقتا: ئەردوغاننى ئامېرىكىنىڭ چاكىرى، غالچىسى دىيىش بىراز ئالدىراڭغۇلۇق بولىدۇ. چۈنكى ئەردوغاننىڭ نەسەبى، يېتىلىشى، دىنىي تەربىيەسى ئۇنداق ئاسان ئامېرىكىنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرىدىغان بىر خاراكتىردا ئەمەس. ئادەتتە بىز كۆرىۋاتقان ئامېرىكا غالچىلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىيدىلىك، بۇ غالچىلارنىڭ مال-مۈلۈككە، ئەمەل-مەنسەپكە، شان-شۆھرەتكە ھەددىن زىيادە مايىل ۋە ھېرىسمەنلىكىدۇر. ئەمما ئەردوغاننىڭ نە مال-دۇنياغا ئېھتىياجى بار، نە ئەمەل-مەنسەپتە كۆزى بار. ئۆزىنىڭ مېلى، ئۆزىنىڭ شۆھرىتى ئۆزىگە يېتىپ ئىشىپ تۇرۇپتۇ.
ئۇنداقتا ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىغا گىلىدىن باغلىنىپ قالىدىغان بىرەر شەخسىي ئاجىزلىقى بولمىسا، ئامېرىكا يا ئەردوغاننىڭ ئايالىنىڭ ياكى قىزىنىڭ بىرەر ئەيىپ يۇشۇرۇن فىلىم كاسېتلىرىنى تۇتۇۋالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە بۇنچىلىك كەتمەن چېپىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ سەۋەب ئۈممەتنىڭ چارىسىزلىكى. ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمان جۇغراپىيەسىگە دېموكىراتىيەنى زولاپ تېڭىپ ئۆزىگە بويسۇندۇرمىغىچىلىك بولدى قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئەردوغان ۋە ھەمرالىرى ھېچ بولمىسا تۈركىيەنى بولسىمۇ بۇ ئوتتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن ئامال بار ماسلىشىپ سىياسەت يۈرگۈزىۋاتىدۇ. يۈرگۈزگەن بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئىسلام فىقىھغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەتتا ھارام ئىكەنلىكىنى ئەردوغانمۇ بىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنۇتمايلىكى، ئەردوغان ئوقىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمام - خەتىب مەكتەپلىرىدە دىنىي تەربىيەدىن بەكرەك مىللىي تەربىيە بېرىلىدۇ، ئۈممەت مۇھەببىتىدىن بەكرەك مىللەت مۇھەببىتى بېرىلىدۇ، «ۋەتەن سۆيگۈسى ھەممىدىن ئەلا!» دىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك شۇئارلىرى بۇلارنىڭ تۇمۇر - تۇمۇرلىرىغا ئىچىرىۋېتىلىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ۋەتەنگە ساداقەت شەرىئەتكە ساداقەتتىن ئۈستىن تۇرىدۇ، مىللەتكە مۇھەببەت ئۈممەتكە مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىسلام فىقىھى يەنى ھالال ۋە ھارام ۋەتەن، مىللەت مەنپەتىدىن كېيىن تۇرىدۇ.
 

ئەردوغان دەسلەپتە خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ يولغا كىرگەن بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەقەتلا سېنىڭ راست دەپ قويۇش بىلەن، تۈركىيە زېمىنىدا ئامېرىكا ۋە ناتو ھەربىي بازىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ۋە كۈچلىنىشىگە يول قۇيۇش بىلەن، خەلقئارا سىياسەتتە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ماسلىشىش بىلەن، تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىخلاسى سەۋەبىدىن، تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەربنى، غەرب مەدىنىيىتىنى ۋە دېموكىراتىيەنى ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىش بىلەنلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئۇنداق بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشىغا يول قۇيۇشىدا تېخىمۇ چوڭ غەرەزلىرىنىڭ بارلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىش ئۈچۈن بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلدى. ھەتتا «كۆپ يىلدىن بېرى ھاكىمىيەتتە بولغان ھۆكۈمىتىمنىڭ سايىسىدە خەلقىمنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردۇم. خەلقىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ. خەلقىمنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ياردىمى بىلەن سايلام ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتىمەن» دەپ ئويلاپ بەش يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆكۈمەت سايلىمىنى تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى. ھەمدە تۈركىيە سايلاملىرىنى ئامېرىكا سايلاملىرىدىن بىر يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان قىلىپ تەڭشىدى. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا رەئىسىلىرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى بىر يىللىق سايلام ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ سايلىمى بىلەن مەشغۇل بولسا، بىز تۈركىيەدە ئۆزىمىزنىڭ سايلاملىرىمىزنى بىمالال ئۆتكۈزۈۋالىمىز دەپ ئويلىدى. يەنە شۇنىڭدەك «ئۈچ قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلار بۇ قېتىم سايلامغا قاتنىشالمايدۇ» دىگەن تۈزۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ دەسلەپ يولغا چىققاندا ئۆزىگە سايە قىلىپ قويغان بەزى كۆلەڭگىلەردىن قۇتۇلماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇنداق زور ئۈمىدلەر بىلەن كىرگەن 7-ئىيۇن سايلامىدا كۈتۈلمىگەن يەردىن مەغلۇپ بولدى. يەنى ئون ئاي بۇرۇنقى جۇمھۇر رەئىسى سايلىمىدا زور نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان ئەردوغان ئون ئاي كېيىنكى سايلامدا نېمىشقىدۇ غەلبە قىلالمىدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كونترولىدىكى دېموكىراتىك سايلام كوزىرىنى ئىشلىتىپ ئەردوغاننى ئاگاھلاندۇردى: «بىزنىڭ سىزىقىمىزدىن چىقساڭ ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ قالىسەن، ھەمدە جىنىڭدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان ۋەتىنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن. ھەر كۈنى ئونلاپ ئۆلىۋاتقان ئەسكەر، ساقچىلىرىڭنى كۆرىۋاتقانسەن، پايتەختىڭ ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدە پارتلىغان بومبىلارنىمۇ كۆرۈۋاتقانسەن. ھوشۇڭنى تاپمىساڭ، بىزگە بويسۇنمىساڭ جانىجان مىللىتىڭنى سۈرىيەدەك ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا غەرق قىلىۋېتىمىز!!!...» ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈپ، ئامېرىكىنىڭ پىلانىغا بۇرۇنقىدەك بويسۇنىدىغانلىقىنى قۇبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بەش ئاي كېيىنكى سايلامدا يەنە بۇرۇنقىدەك غەلبە قىلدى. ئەردوغاننىڭ بۇ بەش ئاي كېيىنكى سايلامدا بىراقلا 4 مىليوندىن كۆپ يېڭى ئاۋازغا ئېرىشىپ دۇنيا سايلام تارىخىدا كۆرىنمىگەن بىر نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىشىنى كۆپىنچى كىشىلەر: ئۈممەت غەلبە قىلدى، مۇسۇلمانلار زەپەر قۇچتى، غەرب ھەسرەتتە قالدى، دەپ ۋاقىراپ كوچىلارنى بېشىغا كىيىپ سەكرەپ تەنتەنە قىلىۋاتقاندا، ئەھلى تەۋھىيد ئانالىزچىلار: ياۋرۇپاغا يامراپ كەتكەن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەردىن چۆچۈپ كەتكەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھېچبولمىسا سۈرىيە مەسىلىسى ھەل بولغىچە بولسىمۇ، ئەردوغاننىڭ پىيىنى كەسمەسلىك توغرىسىدا ئامېرىكىنى قايىل قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئەجەبا ئامېرىكا ئۈممەتنىڭ بېشىغا يەنە قانداق پىشكەللىك ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئەردوغاننى يەنە قايسى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن، ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ كونتروللىقىدىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا يول قويغاندۇ؟... دەپ ئەندىشە بىلەن ئويلىنىۋاتقان ئىدى.
 

2. گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. - ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى
ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى سايلام غەلبىسىنىڭ پەردە ئارقىسى ھەققىدە مۇسۇلمان ئانالىزچىلارنىڭ يۇقىرىقى ئانالىزلىرىدىن كېيىن، ئەمدى بۇ قېتىمقى تۈركىيەنىڭ روسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى چۈشۈرىۋېتىش ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى. ئەردوغان بۇ ئايرۇپىلاننى نېمە دەپ ئۇردى؟ ھەمدە دەل يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان كۈنگە توغرىلاپ روسىيە ئايرۇپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ئەسلى سەۋەبى نېمە؟ ... بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارغا قارىساق شۇ ئانالىزلارنى كۆرىمىز:
 

1) ئەردوغان تەرەپتارى، ئەردوغاننى قوللايدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەردوغاننىڭ دۇنيا لىدىرى ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپ، روسىيەدەك بىر دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى قورقماي ئۇرۇپ چۈشۈرۋىتەلىگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ لىدىرى، ھەتتا داھىسى بۇلۇشقا لايىق ئىكەن. ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى يېڭى تۈركىيەنىڭ كۈچىنى دۇنياغا تونۇتۇپ قۇيۇپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاجىز مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىشىڭغا يول قويمايمەن ھەي روسىيە! دەپتۇ. ۋە شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى روسىيە، ئىران، ئەسەدكە بىلدۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇ ئەردوغاننىڭ تارىختىكى ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسىنى تەكرار جانلاندۇرۇش غايىسىنىڭ بىر تەجەللىسى ئىكەن.
 

2) ئەردوغانغا قارشى مەتبۇئاتلار بولسا ئەردوغاننىڭ روسىيەنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغانلىقى، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قاتارىدىكى روسىيەنىڭ ئەمدى ئەردوغاننى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئېكىسپورت جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ خېرىدارى بولغان روسىيە تۈركىيە ماللىرىغا ئىمبارگو قويسا تۈركىيەدە ئىقتىسادىي قېينچىلىق بۇلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھەريىلى روسىيەدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان تەبىئىي گازنى تۈركىيەگە بەرمەي توختىتىپ قويسا، بۇ زىمىستان قىشتا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېغىر كۈندە قالىدىغانلىقى... قاتارلىقلارنى يازدى.
 

3) بىر مەسىلىگە ئەردوغان نېمە قىلسا شەرتسىز توغرا ياكى ئەردوغاننىڭ قىلغان ھەر ئىشى مۇتلەق خاتا دەپ قارىمايدىغان، كىشىىنى ئەمەس، ۋەقە-ھادىسىنى ئانالىز قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بولسا، ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالماقتا. پۇتىننىڭ روسىيەنى بۇرۇنقى سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدەك ئامېرىكا بىلەن بىرگە بىر پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان كۈچلۈك سەۋىيەگە ئەكىلىش مەقسىتى بولۇپ، ھازىر بۇ غەرىزىگە ئاساسەن يېقىنلىشىپ قالدى. ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىنى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي بېسىۋالدى، گىروزنىيەدىكى ئابخەسىيەنىمۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي ئىشغال قىلىۋالدى. ئەمدى سۈرىيەدىمۇ ئامېرىكا مەنپەتلىرىگە قارشى قول تىقماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىنى يېقىندىن كۈچەيتىپ، ئەزەلدىن ئامېرىكىغا چىش يېرىپ بىر نەرسە دەپ باقمىغان خىتاينىڭمۇ خورىگىنى ئۆستۈرمەكتە. ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەردوغاننى قىزىقتۇرۇپ، تۈركىيەنى ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىن تارتىۋالماقچى بولدى... پۇتىننىڭ بۇ كەپسىزلىكلىرىگە، پۇتىننىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇھىم جىھاد مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان چېچىنىيە ئىسلام ئەمىرلىكىنى يوقاتقانلىقىدەك مۇۋاپپىقىيەتى ۋە ئافغانىستان، ئېراق ئىشغالىيەتىلىرىدە ئامېرىكىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلغان ئامېرىكا، ئەمدى سۈرىيە مەسىلىسدە روسىيەنىڭ ئامېرىكىغا بۇرۇنقىدەك ياردەم قىلمىغانلىقى يەتمىگەندەك، بىۋاستە ئەسكەر ئېۋەرتىپ ئامېرىكىنىڭ ئىشىغا توپا چېچىشى ئامېرىكىنى غەزەبلەندۈردى. بۇرۇن ئافغانىستانغا، ئېراققا بىۋاستە ئەسكەر ئېۋەرتىپ ئېغىر خورىغان ئامېرىكا ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ غالچىلىرى بىلەن دۈشمىنىگە زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى يولغا قويىۋالغان ئىدى. سۈرىيەگە ئەرسكەر كىرگۈزۈپ روسىيە بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئەردوغاننى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەن ئامېرىكا، دېموكىراتىك سايلام كوزىرىنى ئىشلىتىپ ئەردوغاننىڭ قولىدىن ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىپ، ئەردوغاننىڭ كۆزىنى قورقۇتۇپ، ئەردوغاننى تەكرار ئەيۋەشكە كەلتۈردى. شۇڭا ئەردوغانمۇ بۇ قېتىمقى دېموكراتىك سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىغا يول قويغان ۋە ياردەم قىلغان ئامېرىكىغا ساداقىتىنى ۋە تەشەككۈرىنى ئېيتىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت ئېلان قىلىنغان كۈنگە توغرىلاپ روسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىۋەتتى. تۈركىيەنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەردغاننىڭ قىلغان بۇ ئىشى ئەلۋەتتە توغرا. شۇغىنىسى مۇسۇلمان ئانالىزچىلارنىڭ ئەندىشەسى: ئامېرىكا بىلەن روسىيە قارىماققا دۈشمەندەك كۆرىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە دوست ۋە ئىتتىپاقداش. ئامېرىكا بىلەن روسىيە 80-يىللاردا ئافغانىستاندا ھېكىمەتيار، راببانى باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوللىنىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشقان بولسا، كېيىن شەيىخ ئابدۇللاھ ئەززام، شېھىد ئۇسامە بىن لادىننى يوقىتىش ئۈچۈن بىر - بىرى بىلەن ھەمكارلاشتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «كۇپىر بىر مىللەتتۇر، بىر-بىرىنىڭ دوستىدۇر، ھەمكارلاشقىچىسىدۇر» دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى مۇشۇ 20-30 يىل جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى ئويۇنلىرىدا كۆپ كۆردۇق. ئامېرىكىنىڭ سېپىدە تۇرۇپ روسىيە بىلەن ئۇرۇشقان مۇسۇلمانلارمۇ ئېغىر بەدەللەر ئۆتىدى، روسىيەنىڭ سېپىدە تۇرۇپ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشقان مۇسۇلمانلارمۇ ئېغىر بەدەللەر ئۆتىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى، ماللىرى بىلەن ئۆتىگەن بۇ ئېغىر بەدەللىرىدە مەنپەئەت ئالغان يەنە ئامېرىكا بىلەن روسىيە بولدى. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «كۇپىر بىر مىللەتتۇر، بىر-بىرىنىڭ دوستىدۇر!» ئاگاھلاندۇرۇشىنى مەھكەم ئىسىمىزدە ساقلاپ، ھازىرقى دۇنيا سىياسىتىدە يول ماڭغاندا، كىم باشلىغان يولدا مېڭىۋاتىمىز، بىز مېڭىۋاتقان بۇ يولنى ئۆزىمىز ئاچتىقمۇ ياكى باشقىلار بىزنى باشلاش ئۈچۈن قەستەن ئېچىپ قويدىمۇ؟ دىگەن سۇئاللارنى ئۆزىمىزگە سورىشىمىز كېرەك. كوممۇنىست كاپىر بىلەنمۇ، دېموكىراتىك كاپىر بىلەنمۇ مۇئامىلە قىلغاندا شۇنى ئۇنۇتۇپ قالمايلى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىق تارىخىدىن كەلگەن ئىبرەتلىك نەسىھەت بار: «گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن».
 

يا رەببى! مۇسۇلمانلارغا پاراسەت بەرگىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزنى مەيلى كوممۇنىست كاپىر بولسۇن، مەيلى دېموكىراتىك كاپىر بولسۇن ھېچقانداق كاپىر كۈچلەرگە مۇھتاج قىلمىغىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزگە كوممۇنىست كاپىرلارغىمۇ، دېموكىراتچى كاپىرلارغىمۇ ئوخشاش قارشى تۇرالايدىغان تەۋھىيد ئەقىدىسى بەرگىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزنى ئۈممەتكە مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلالايدىغان سەۋىيەگە ئېلىپ كەلگىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزگە كوممۇنىست كاپىرلار بىلەن دېموكىراتچى كاپىرلارنى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشتۇرۇپ ۋەيران قىلالايدىغان سىياسىي قابىلىيەت ۋە پاراسەت بەرگىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزگە قۇرئاننىڭ: «مۇسۇلمانلارغا شەپقەتلىك، كاپىرلارغا شىددەتلىك» پىرىنسىپىنى ھەقىقى رەۋىشتە ئىجرا قىلىشىغا ياردەم قىلغىن، مۇسۇلمان رەھبەرلىرىمىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدەك ھېچقانداق ھارامغا ئارىلاشماي، ھېچقانداق ھارامدا كىرلەنمەي پاكىز سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلغىن. ئىسلام ئۈممىتىنى كوممۇنىست كاپىرلارنىڭمۇ، دېموكىراتچى كاپىرلارنىڭمۇ زۇلۇمىدىن قوغداپ قالغىن، مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي مۇستەقىللىق ئىھسان قىلغىن. ئامين!....
 

                                     مەنبە: ۋىسال سىتۇدىيىسى خەۋەرلەر ۋە ئانالىز مەركىزى



كۆرۈلۈشى: 2840 \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-29
ئىنكاسلار
يازغۇچى: سەرگەندان \ يوللانغان چېسلا: 2015-11-30
ئامىرىكا تۈركىيەدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمىشقا مۇسۇلمان پارتىيەلەرنى سايلامدا ئۇتقۇزىدۇ،سولچىلارنى ئىشلەتسە قانداق بولاتتى؟
يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01
تۈرك خەلقى مۇسۇلمان بولغاچقا، مۇسۇلمان پارتىيەلىرى بىلەن ئىش قىلسا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ ھىمايىگە ئېرىشىدۇ، ئەمەسمۇ. نېمىلام دىمىگەن بىلەن قاقباش ئامېرىكىدە بۇ.
يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01

ۋىسال بۇرادەر ئىنتايىن ئەتراپلىق يېزىپسىز. اللە ئىلمىڭىزنى ئۈممەتكە پايدىلىق قىلسۇن. .امين

يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01

يەنە ئاچايىپ يېزىپ قويۇپلا ۋىسال بۇرادەر. ئانالىز دىگەندىن گۈل كەلتۈرىۋىتىدىكەنلا جۇما. اللە ئۆزى رازى بۇلاپ كەتسۇن. ئامىن

يازغۇچى: سەرگەندان \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01

سايلامغا قانداق قول تىقالايدۇ، بۇ نۇقتا بەك مۈجىمەلدەك ھىس قىلىۋاتىمەن، كونكىرت ئانالىز قىلىپ بەسىڭىز ياخشى بولاتتى، رەھمەت

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01

ئۆتكەندە بىر سوپى تۈرك قېرىندىشىمىز سايلامدا كىمگە ئاۋاز بېرىسەن، دەپ سوراپ قالغان ئىدى. مەن: دېموكىراتىك سايلاملاردا مېنىڭ كىمگە ئاۋاز بېرىشىم مۇھىم ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ كىمنى تاللىشى مۇھىم دىسەم، قانداقسىغا دەپ ئەجەبلىنىپ سورىدى. ئۇنىڭ قۇرئان كۇرسى، مەدرىسە ئېچىش ئۈچۈن قۇرغان بىر جەمئىيىتى بار ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا مېنىمۇ، تۈرك ۋەتەندىشى بولغاندىن كېيىن جەمئىيىتىمگە ئەزا بولساڭ، دەپ ئەزا قىلىۋالغان ئىدى. كېيىن: مەن مەدرىسىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدىكەنمەن، سەن جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا قاراپ قويساڭ، سېنىڭ لەۋزىڭ ھالال، ساڭا ئىشىنىمەن دەپ، مېنىڭ يەنە تۈركلەرنىڭ باشقا بىر قانچە جەمئىيىتىگە ئەزالىقىم بار دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي، مەن يوق ۋاقىتتا سايلام ئۆتكۈزۈپ مېنى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ سوپى تۈرك قېرىندىشىمىزغا بۇ ئىشنى ئەسلىتىپ: جەمئىيەت سېنىڭ ئىگىدارچىلىقىڭدا، ئەمما نامدا مەن رەئىس. ئەمدى سەندىن شۇنى سوراپ باقاي، ئەگەر سىرتتىن بىرسى سېنىڭ جەمئىيىتىڭگە رەئىس بولماقچى بولسا سېنىڭ روخسىتىڭسىز رەئىس بۇلالامدۇ؟ دىسەم، شۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ روخسىتىمسىز رەئىس بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، رەئىس بولۇش سايلىمىغىمۇ قاتنىشالمايدۇ. جەمئىيەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتىمىدىم، ئۇنداق قاراپ تۇرۇپ ئۆزەم ئىشەنچ قىلمايدىغان بىرسىنى ئاران تەستە قۇرغان جەمئىيىتىمگە رەئىس قىلىدىغانغا كاللام ئىشىپ قالمىدى، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن: سېنىڭ مۇشۇ ئاددى جەمئىيىتىڭگە رەئىس بولۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ساھىبى سەندىن روخسەتسىز جەمئىيەت سايلىمىغا قاتناشقىلى  بولمىغان يەردە، خەلقئارانى پۈتۈنلەي سىىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتتە مونۇپول قىلىۋالغان كۈچلەرنىڭ روخسىتىسىز بىر دۆلەتتە سايلامغا قاتنىشىپ ھۆكۈمەت قۇرغىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسەن؟ خەلقئارادىكى كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتى سېنىڭ شۇ ئاددى جەمئىيىتىڭنىڭ مەنپەئىتىچىلىكمۇ مۇھىم ئەمەسمىدۇ؟، دىسەم جىم بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01

كېيىن: ئۇنداقتا شۇ سايلامغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ ئۆزىمۇ بىزنى سايلامغا قاتنىشىڭلار دەپ بەك كۈچەپدىغۇ ئەمىسە، خەلق بىلەن ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ تاللىشى بىلەن سايلامدا ئۇتقىلى بولسا نېمىشقا بىزنى سايلامغا قاتناشتۇرۇشقا بۇنچىلىك كۈچەيدۇ؟ دەپ سورىدى. مەن كۈلۈپ كېتىپ: سەن نېمىشقا مېنى جەمئىيىتىڭگە رەئىس سايلاش ئۈچۈن، سايلامدا ئالاھىيدە گۆشلۈك پولو قىلىپ ئايران بىلەن تارقاتتىڭ؟ دىسەم، سايلامغا جىق ئادەم قاتناشسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. ھازىر تاماق ئېتىپ چاقىرمىساڭ ئادەملەر يىغىنغا كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى، دەيدۇ. سەن سايلامدا مېنى رەئىس قىلىدىغان تۇرساڭ، ئادەملەرگە نېمە ئېھتىياج بار؟ دىسەم، سايلام دىگەن ئادەم بىلەن بولىدۇ. يەنە كېلىپ سايلام نەتىجىسىنى ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇردىغان گەپ. ھەقانچە سېنى مەن ئالدىن تاللىغان بولساممۇ، سايلامغا ئادەملەر جىق قاتنىشىپ بەرسە، ھۆكۈمەتنى ئىشەندۈرۈشمۇ ئاسان بولىدۇ، ھەم جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىتىبارىمۇ بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: ماڭا سورىغان سۇئالىڭنىڭ جاۋابىنى مانا ئۆزەڭ دەپ بەردىڭ، دېدىم. ۋە شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم: خەلقئارا كۈچلەر سېنىڭدىنمۇ ئۇستا. بىر تاشتا ئىككى پاختەك سوقىدۇ، ھەم ئۆزى خالىغان ھۆكۈمەتنى سايلىتىدۇ، ھەمدە ئۇدۆلەتتىكى «بىزنىڭ اللە بەلگىلەپ بەرگەن شەرىئەت تۈزۈمىمىز بار» دەپ غەرب دېموكىراتىيەسىنى ياقتۇرمايدىغان، دېموكىراتىيەدىن يىراق تۇرۇپ كەلگەن مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئالدىغا مۇسۇلمان نامزاتلارنى يەمچۈك قىلىپ تاشلاپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنى دېموكىراتىيە توزىقىغا ئېلىندۇرىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دېموكىراتىيەنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

يازغۇچى: تالىبۇل ئىلىم \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01
اللە اكبر! دىموكىراتىيەنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنى ئاجايىپ ياخشى شەرھىيلىۋىتىپسىز. ۋىسال بۇرادەر اللە سىزدىن رازى بولسۇن. اللە ۋىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. امين
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-01
ۋىسال ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرى بىر تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالماي، ھەر تەرەپنىڭ كۆزقاراشلىرىنى تەڭ تىلغا ئېلىپ ئانالىز قىلغاچقا بەك قايىل قىلارلىق بۇلىدىكەن.
يازغۇچى: ئاق يۈرەك \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-05
ۋىسال ئەپەندى مېنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىمنى نېمىشقا ئېلان قىلمايسىز، نېمىشقا سۇئاللىرىمغا جاۋاب بەرمەيسىز؟!....
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-05

ئۇكام ئالدى بىلەن شۇنى بىلىپ قىلىڭ، بىز پەقەت سۇئاللارنى ئېلان قىلىمىز، ھاقارەتلەرنى ئەمەس!!! ئاندىن شۇنىمۇ بىلىپ قىلىڭ، بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىز مەيلى ئەردوغان بولسۇن، مەيلى باشقا بىرسى بولسۇن، ھەرگىز كىشىلەر ھەققىدە توختالمايدۇ. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئىلان قىلىپ كەينىگە مۇسۇلمانلارنى ئەگەشتۇرۋالغان كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ، ئەمەسمۇ، بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىدۇ. بىزنىڭ ئەردوغان بىلەن ھېچقانداق شەخسىي ئاداۋىتىمىز يوق. ھەتتا ئەردوغاننىڭ قۇرئان - سۈننەتكە ئۇيغۇن لىكسىيە ۋە پائالىيەتلىرىنى تاللاپ، ئۇيغۇرچە ئەڭ كۆپ فىلىم ئىشلىگەن بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىزدۇر. ھەتتا شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ھازىرغىچە ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرچە زۇۋانى تۈركىيە ئاۋازى ئۇيغۇرچە تورىدىنمۇ كۆپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرچە فىلىمنى بىز ئىشلىدۇق. تۆۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن بىزنىڭ ۋىسال سىتۇدىيىمىز ئىشلىگەن ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرچە  فىلىملىرىنى كۆرۇۋالالايسىز: http://www.wisalstudio.com/uy/categories.php?id=61

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-05

بىزنىڭ ھازىرغىچە ئەردوغانغا تۇتقان پوزىتسىيىمىز نە بەزىلىرىدەك ئەردوغانغا خوشامەت، يالاقچىلىق قىلىپ، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيلىقىغا كۆتۈرۈش بولدى، نە بەزىلەردەك «رەجەپ تاغۇت ئەردوغان» دەپ تەكفىر قىلىپ، كاپىرغا چىقىرىش بولدى. بىز ھەر دائىم ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، ئەردوغاننىڭ شەخسىيىتىگە ئەمەس، ئەردوغاننىڭ قىلغان ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلىرىگە باھا بەردۇق.
ئۇكام يازغان ئىنكاسىڭىزدا بىزنى يەنە ئەردوغانننىڭ دىنىمىزغا قىلغان خىزمەتلىرىنى، سايلامدىكى مىللىي، دىنىي زەپەرلىرىنى كۆرمەپسىلەر، دەپ ئەيىپلەپسىز. بىز سىزنىڭ ئەردوغاننىڭ سايلام غەلبىسىنى مىللىي غەلبە دىگەنلىكىڭىزگە بەلكى قۇشۇلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما دىنىي غەلبە ئىكەنلىكىگە قوشۇلمايمىز. سەۋەبىنى سىزگە بىرقانچە مىسال كەلتۈرەپ چۈشەندۈرەي، ئۆزىڭىز قارار بېرىڭ.

 بۇ ئاق پارتىيەنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام ناخشىسى:
 

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-05

بۇ ئەردوغاننىڭ ۋە داۋۇت ئوغلىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن G20 يىغىنىدىكى بەزى كۆرىنىشلىرى:




يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-05

بىز ئىمان ئېيتقان ئىككى دۇنيا رەھبىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئىسلامىي ھۆكۈمەتنى بۇنداق قۇرمىغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىي ھاكىمىيەتنى بۇنداق يېرىم يالىڭاچ ئاياللارغا ناخشا ئېيتقۇزۇپمۇ قۇرمىغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولى بۇنداق ئەمەس ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىي ھۆكۈمەت قۇرىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئايالىنىڭ قولىنى ئۇنداق باشقا ئەرلەرگە تۇتقۇرزمىغان ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك پەيغەمبىرىمىز يەنە ..... سۆزلىسەك گەپ جىقلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇكام ئەردوغاننىڭ سايلام غەلبىسىنى مىللىي زەپەر دىسىڭىزمۇ دەڭ، ئەمما ئالدىراپ دىنىي زەپەر، ئىسلامنىڭ غەلبىسى دىمەڭ. چۈنكى مىللەتنىڭ ئىگىسى بولمىغان بىلەن، اللەنىڭ دىنىنىڭ ئىگىسى بار، شەرىئىتى بار، پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتكەن يولى، مىنھەجى، مىتودى بار!!!...

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-07

ۋىسال بۇرادەر ئاجايىپ يېزىۋىتىپسىلەر. رەسىم، ۋىدىئولارنى كۆرۈپ ئامېرىكىنىڭ نېمشقا سايلامدا ئەرغاننىڭ غەلبە قىلىشىغا يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. ئۈممەتنىڭ مۇسلىمەلىرى ھەرگىزمۇ ئوباماغا، پۇتىنغا، شى جىن پىڭ خىتايغا قولىنى تۇتقۇزدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىغاي، ھەرگىزمۇ ئەردوغاننىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ قالمىغاي. امين.. ئاۋۇ بىشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان مۇسلىمە ئايالىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى. يا رەببى! ئۈممەتنى زىللەتتىن قۇتقۇزغىن. امين!..

يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-07

مېنىڭمۇ ئەردوغاننىڭ ۋە داۋۇت باش مىنىستېرنىڭ ئايالىغا قاراپ ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى. بەزىلەر بەلكى سىياسەت ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دىيىشى مۇمكىن. ھەرقانچە سىياسەت بولسىمۇ ئىسلامنىڭ سىياسىتى بۇ ئەمەس. پەيغەمبىرىمىز ئايالىنىڭ قولىنى باشقا ئەرلەرگە تۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىمۇ باشقا ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتمىغان ئىدى. اللە ئۆزەڭ پاناھ بەرگىن، بۇ ئۈممەتتى زىللەت پاتقاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرغىن. ئامىن..

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-07

ئەسلىدە مېنىڭ مەقسىتىم ئەردوغان ھەققىدە بۇنچلىك سەلبىي ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىش ئەمەس ئىدى. ھەتتا «ئەردوغاننىڭ سايلام غەلبىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە ئانالىزلار» دەپ ماۋزۇ قويۇپ بۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى قانچە ھەپتە بۇرۇن يېزىپ بولغان بولساممۇ، ھېچ بولمىسا ئەردوغاننىڭ سايلامدا ئۇتۇشى بىز ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق ئەمەسقۇ، دەپ ئېلان قىلمىغان ئىدىم. كۈتۈلمىگەندە يۈز بەرگەن تۈركىيە-روسىيە سۈركىلىشىدىن كېيىن ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى يېزىپ بولۇپ، بۇرۇن يېزىپ بولغان بىرىنچى قىسمىنى قوشۇپ ئېلان قىلىنسا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بۇلىدىكەن، دەپ ماقالىنى ئېلان قىلغان ئىدىم. ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىز مەسىلىنى نوقۇل ئەردوغانغا تاقاپ تۇرىۋالدى، بىزگە كۈنلەرچە ھاقارەت ئىنكاسلىرى يازدى. گويا بىز ئەردوغانننىڭ ئىسلامىي سايلام غەلبىسىنى كۆرەلمەپتىمىز، بۇگۈنكى كۈندە سايلامدا ئەردوغانغا ئاۋاز بېرىش ئەڭ چوڭ جىھاد ئىكەن، ئاق پارتىيەنىڭ تەغدىرى ئۈممەتنىڭ تەغدىرى ئىكەن، ئەردوغانغا ئاۋاز بەرمەسلىك ئىسلامغا خىيانەت قىلغانلىق ئىكەن، ئاق پارتىيەگە ئەگەشمىگەنلەر شەيتانغا ئەگەشكەن بۇلىدىكەن، ئەردوغانغا قارشى تۇرغانلىق قۇرئان-سۈننەتكە قارشى تۇرغانلىق بۇلىدىكەن.... ۋە ئارقىدىن بىزگە قىلىنغان ھىسابسىز ھاقارەت، تۆھمەتلەر. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئەردوغان ۋە ئاق پارتىيەنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت ئەمەسلىكىنى، سايلامغا قاتناشماسلىق مۇرتەدلىك ئەمەسلىكىنى دەلىللىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر قالدىم. جانابىي اللە بىر كشىگە ياكى بىر جامائەتكە بولغان شەخسىي ھىسياتىمىزنى، مۇھەببىتىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەت سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈۋېلىش غەپلىتىدىن بىزنى قۇتقۇزسۇن. ئامين!

يازغۇچى: سەلەفىي سالىھىن \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-11

ئاۋۇ فىلىمنىڭ ئارقىسىدا ئەخمەت باش مىنىستىرنىڭ ئايالىنىڭ قولىنى شى جىڭپىڭ خىتاينىڭ تۇتۇپ سىيلاپ كېتىشلىرى ماڭا بەكمۇ ھار كەلدى. ۋىسال بۇرادەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىز ئىمان ئېيتقان ئىسلام بۇ ئەمەس ئىدى.

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-11

ئايالىنى قىزغانمىغان ۋەتىنىنى قىزغانمايدۇ، ئايالىغا ئىگە چىقمىغان ۋەتىنىگە ئىگە چىقمايدۇ. - مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-11

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

يازغۇچى: مۇساپىر يۈرەك \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-12

ۋىسال بۇرادەر سىز ئەردوغاننىڭ سايلامنى ئامېرىكىنىڭ يول قويۇشى بىلەن قازانغانلىقىنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز. ئەسلىدە يۇقارىقى رەسىم ۋە فىلىملەرنىڭ ئۆزىلا غەربنىڭ سايلامدا ئەردوغاننىڭ غەلبە قىلىشىغا نېمىشقا يول قويغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. غەربنىڭ باشقا سىياسىي ھىسابلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرايلى، بىر مۇسۇلمان رەھبەرنىڭ ئايالىنىڭ قولىنى ئېرىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ تۇتۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكا، روسىيە، خىتاي ئۈچۈن چوڭ غەلبە!

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-12

بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن روسىيەنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىتتىپاقداش، ھەمدوست ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئانالىزىمىزنى تۈرك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىگەن شۇ رەسىم تېخىمۇ ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ:

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: