wisal stuido
ئاق خالاتلىق پەرىشتىمۇ ياكى ...؟

ئاق خالاتلىق پەرىشتىمۇ ياكى ...؟
 

مەنمۇ بىر دوختۇر ھەم شۇنداقلا تىۋىپ. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش قارىشى بىلەن ياشاپ مۇشۇ كەمگە كەپتىمەن. دوختۇر بۇلۇش سالاھىتىگە ئىگە بولمىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئاق خالاتنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقىنىنى ‹باردۇ بەلكىم› دىسەممۇ كۆز ئالدىمدا بارلىقنى بىلمەيدىكەنمەن. بۈگۈن بىلدىم. بۇ ھىكايە مۇنداق باشلاندى.
ئاخشام كەچ سائەت 10:00 لا بىلەن ئۆيگە كىرگىنىمدە ئانام بوشاپ قاپتۇ. تومۇر تۇتۇپ ئۆز ئالدىمغا: «يۈرەك مۇسكۇلغا قان يىتىشمەسلىك»، «ئاشقازان ئاجىزلىق» دەپ دىئاگونۇز قۇيۇپ دورا تەييارلاپ بەردىم. خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن دەم ئالدىم. ئەتىگەن يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇپ، بېشى ئاغرىپ يېتىۋاپتۇ. ئەزەلدىن دورا يىيىش بىلەن خۇشى يوق بولغاچقا دورىغا زورلىمىدىم ۋە يېزلىق شىپاخانىغا ئېلىپ چىقتىم. ( ئۆيگە يىقىن ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىشى ئاسان بۇلىدۇ دەپ شۇ يەرگە ئېلىپ چىققان). ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن ئامبۇلاتورىيىدە ئولتۇرغان ئايال دوختۇر ئوبلاستلىق خەلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ كىرىشىمىزنى بۇيرىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، كۆڭۈل ئېلىشىۋاتقان كىشىنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرمەيدۇ دەپ بىلەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايالغا يال ئۇرغان قىياپەتتە: « ھەدە ئاۋال بالنىسقا قۇبۇل قىلىپ ھۆنى پەسەيتكەچ تۇرسىڭىز، ھۆ پەسەيگەندە ئەپچىقىپ تەكشۈرتسەم....». گىپىمنىڭ ئايىغى تۈگمەي تۇرۇپ ئۇ ئايالنىڭ ئاغزى ئېچىلىشقا باشلىدى. «قانداق دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ بالنىسقا قۇبۇل قىلىدىكەن؟ شۇنداق دوختۇرنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالات ...» . ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئانامنى ئاستا يېتىلەپ ئۆزۈمگە 5 قولدەك تونۇش بولغان، ئۆزەم ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ 10 مىنۇت ئىچىدە ئىچكى بۈلۈمگە ئورۇنلاشتۇردۇم ۋە ئانامنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە يېنىدا تۇرغاندىن كىيىن يۆتكەش ئىسپاتى ئېلىش ئۈچۈن يېزىلىق شىپاخانىغا كىردىم. ھېلقى سۈيۈملۈك ئاچىمىز ئولتۇرغان ئىكەن، ئالدىغا كىلىپ دوختۇرخانىمىزدىن قىلدۇرۋالغان بالنىسقا قۇبۇل قىلىنغانلىق ھۆججىتىنى بەردىم. ئۇ ئايال مېنى نېمە كۆرۈپ قالدى بىلمىدىم، توڭلۇق بىلەن: «تەكشۈتۈپ كىرسىڭىز مۇشۇ يەردە داۋالايتۇق، ئۆزەڭلا يۇقۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن نەق پۇلغا داۋالىتىڭلا». شۇنچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھەدە ئەتتىگەن ئۆزىڭىز تەكشۈرمەي تۇرۇپ، نەدە بالنىسقا ئالسا شۇ يەرگە ئېلىپ چىقىڭ دېدىڭىز، ئەمىلىيەتتە سىز دىگەن تەكشۈرۈش تىببى ئىلىمدا قۇشۇمچە تەكشۈرۈش دىيلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى دوختۇر گۇمان قىلغان كىسەلگە قارىتا دىئاگىنۇز مۇقۇمداشقا ئىشلىتىلدىغان ....» يەنە گېپىمنىڭ بىلىگە تىپىۋەتتى. «قانداق دوختۇركەن ئۇ سايماندا تەكشۈرمەي تۇرۇپ بالنىسقا قۇبۇل قىلىدىغان؟». بۇ قېتىم ئاچچىقىمنى باسالمىدىم ۋە ئالدىن يېنىمغا سېلىۋالغان ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، دوختۇرلۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ئۈنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئالدىغا دوق قىلىپ قۇيۇپ: «مانا مۇشۇ دوختۇر، گىپىڭىز بولسا قىلىڭە مانا مەن..» شۇ جەرياندا ئۈنۈم چىڭ چىكەتكەنمۇ قانداق كىسەلخانىلارنى كۈزۈتۈپ ماڭغان يېزا شىپاخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى كىرىپ كەلدى ۋە بولغان ئەھۋالنى بىر قۇر ئىگەللىگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا يۆتكۈلۈش ئسىپاتىنى چىقىرىپ بەرگەندىن كىيىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى.
گەرچە بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى بىر ئىش بولغىنى بىلەن مېنى بەك ئويغا سالدى. مەن ئويلىغان سۇئاللار تۈۋەندىكىچە:
1- ئۇنىڭ قىلغىنى بىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ ئىشىمۇ؟ ئۇ خەلىققە ۋاقىراپ ئاسان ئىشىنى تەسلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلامدۇ؟

2- كىشىلەر نەزىرىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتە شۇممۇ؟ پەرىشتە بىر جان قىينىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ يېندىكىلەرگە كۆڭۈل ئازارى بىرەمدۇ؟

3- دۆلەت خەلىق ئاممىسىنى ئويلاپ ھەمكارلىشىپ داۋالاش سىياسىتنى يولغا قويدى. لىكىن نامۇۋاپىق تەكشۈرۈش، نامۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا خەلقنىڭ داۋالنىش يۈكى ئېشىپ كەتمەمدۇ؟

4- ئۇلار پەرىشتە دەپ مەدھىيلىگەن خەلققە، پۈتۈن ئۈمۈدىنى شۇلارغا باغلىغان بىمارلارغا قانداق يۈز كىلەلەيدىغاندۇ؟

  مەنبە: ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرىدىن ئېلىندى.                            
 

 

كۆرۈلۈشى: 1232 \ يوللانغان چېسلا: 2012-07-09
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: