wisal stuido
يىتكەن چاقىرىق قەغىزى

يىتكەن چاقىرىق قەغىزى
 (ھېكايە)
سۈن جىڭفېڭ
ساتتار غۇپۇر تەرجىمىسى 
 

چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.
كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:
– بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...
دادامنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقات قىلالمىدىم. ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم. ئاشۇ ئاخشىمىدىن باشلاپ دادامنىڭ چىرايىغا قارىمىدىم.
ئوقۇش باشلانغاندا باشقا مەكتەپنىڭ قايتا ئوقۇش سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ‹‹خەپ›› دېگەن بىر خىل ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم. بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىم مېۋە بەردى. ئاخىر چۈشۈمدىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇۋالدىم – دە، ئىلگىرىكى مەكتىپىمگە بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئوقۇتقۇچىلىرىمغا يەتكۈزمەكچى بولدۇم.
سىنىپ مەسئۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ مېنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن:
– سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ، ئەمما بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگىنىڭگە مەنمۇ ئەپسۇسلاندىم. مانا بۇ يىل غەيرەت قىلىپسەن، ئەمدى داداڭمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدى، دېدى.
– نېمە؟ بۇلتۇر نومۇرۇم توشماپتىكەنما؟ سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن.
– بۇلتۇر داداڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ نەتىجەڭنى ئۇققاندىن كېيىن ماڭا ‹‹بالامنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكى چوڭ ئىش ئەمەس، مەن ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن›› دېگەنىدى. داداڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن سېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردىكىن، بىلمىدىم، دېدى مۇئەللىم.
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم خىرەلەشتى. ئەينى چاغدا دادامنىڭ مېنى روھىي زەربىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن قەستەن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ چاناقلىرىم ياشقا تولدى. شۇئان ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. كاللامدا قولۇمدىكى چاقىرىق قەغىزىنى دادامغا تېزرەك كۆرسىتىش، دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشلا بار ئىدى...

                                                          مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1122 \ يوللانغان چېسلا: 2012-07-09
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: