wisal stuido
«بىز تەھدىتلەرگە باش ئېگىدىغان مىللەت ئەمەس»

«بىز تەھدىتلەرگە باش ئېگىدىغان مىللەت ئەمەس»
 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيە بىر مىللىي مەسىلە بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ سانىنى پەسكەشلەرچە كۆپەيتىشى، ئالاھىدە تەكىتلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىشتۇر» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پىچكا ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئەردوغان خەلققە خىتاب قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ساتقۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «بىز تەھدىتلەرگە بويۇن ئېگىدىغان بىر مىللەت ئەمەسمىز» دېدى.
«تۈركىيە زورايغانسېرى، تۈركىيە تەرەققىي قىلغانسېرى، راۋاجلانغانسېرى، ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى بەزى تەرەپلەر بۇنىڭدىن بىئارام بولماقتا ۋە بۇ زورىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا» دېگەن سۆزلىرى بىلەن خەلققە خىتاب قىلغان باش مىنىستىر ئەردۇغان، تۈركىيەگە قارشى ئوينالماقچى بولغان ئويۇنلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى، ئاكتىپ تاشقى سىياسىتى بىلەن، رايون ۋە دۇنيادا ئاكتىپ بىر كۈچكە ئايلىنىشىنى بەزى تەرەپلەر ھەزىم قىلالمايۋاتماقتا. بۇ تەرەپلەر، بەزىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى، بەزىدە قورچاق دېكتاتۇرلارنى پىچكا ئورنىدا ئىشلىتىپ، تۈركىيەنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىشقا تىرىشماقتا» دېدى.
«بىزنىڭ لۇغىتىمىزدە قورقۇش يوق» دېگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، دۆلەت مارشىدىن ئۈلگە ئالغان ھالدا، «بىز پۇتىمىزغا تاقاق سالىدۇ، يولىمىزنى توسىدۇ دەپ، يولغا چىقىشتىن قورقىدىغان بىر مىللەت ئەمەسمىز. بىز ھەرگىزمۇ تەھدىتلەرگە بويۇن ئېگىدىغان بىر مىللەت، ئۇنداق بىر دۆلەت، ئۇنداق بىر ئۆلكە ئەمەسمىز. بۇ مىللەتنىڭ تارىخىدا ھېچقاچان توخۇ يۈرەكلىك، قورقۇنچاقلىق بولۇپ باقمىدى. ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، بىزنىڭ دۆلەت مارشىمىزنىڭ، ئىستىقلال مارشىمىزنىڭ بىرىنچى كەلىمىسى ‹قورقما› دۇر» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىمۇ بار ئىدى.
ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى، مېنىڭ كورد (كۈرت) پۇقرالىرىمغا 30 يىل بويىچە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىدى، پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئۇلارنى ئازابقا، قانغا ۋە كۆز ياشلىرىغا بوغدى. تۈركىيە، ئەڭ ئۇزۇن چېگراسى بار بولغان سۈرىيە بىلەن ناھايىتى ئېغىر ۋە مىللىي بىر مەسىلە بىلەن ھەپىلىشۋاتقاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبتا پەسكەشلەرچە ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىشى، ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر نۇقتىدۇر. ئەسكەرلىرىمىزگە، ساقچىلىرىمىزغا قارىتىلغان ئاخىرقى ھۇجۇملار، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانداق خىيانەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كونكىرىت پاكىتىدۇر» دېدى.


كۆرۈلۈشى: 3421 \ يوللانغان چېسلا: 2012-07-16
ئىنكاسلار
يازغۇچى: تەشنا \ يوللانغان چېسلا: 2012-07-28
ئوغا ۋالا ئەكەك
يازغۇچى: نۇر ئەلى \ يوللانغان چېسلا: 2012-08-02
ياخشى ئىكەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: