wisal stuido
3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتالامدۇ؟


3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتالامدۇ ؟
 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ! بەلكىم دىققەت قىلىۋاتقانسىلەربۇلتۇر9-نويابىردىن 13-نويابىرغىچە ئېچىلغان 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى ، چۈنكى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغاندىن بۇيان ھەر قېتىمقى 3-ئومۇمىي يىغىن مۇھىم قارالمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى ، مەسىلەن سىلەر ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان پېنسىيە يېشىنى كەينىگە سۈرۈش ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى رايونلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بوشىتىش ، ئۆي –مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتى دېگەندەك . بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىچكى تاشقى ۋەزىيىتىدىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ ئۆتۈلدى .

يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە لاڭ ئەپەندىنىڭ بىلوگىدا "3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتالامدۇ"دېگەن تېما ئاستىدا ئۇنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا نەشر قىلىنغان "كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلەر"دېگەن كىتابىدىكى ھازىرقى ئىسلاھاتنىڭ ئومىي ئەھۋالى تەھلىل قىلىنغان بۆلىكى يوللاندى ، كىيىن لاڭ ئەپەندى ئۆزىمۇ 3-ئومىي يىغىن تۇغۇرلۇق بىرقانچە بىلوگ ئېلان قىلدى . تۆۋەندىكىسى شۇ كىتابتىن ئېلىنغان بۆلىكى .

 

3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتالامدۇ ؟

بۇ يىل كۈز پەسلى ھەقىقەتەن بىز كۆڭۈل بۆلىدىغانئىشلار بەك كۆپ پەسىل بولدى .
2012-يىلدىنبۇيان جۇڭگو ئىقتىسادى ساھەسىدە كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئىشلار ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى ، بۇنىڭغا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يامانلىشىشى تاشقى سەۋەب بولسا جۇڭگو ئىقتىسادى سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چاتاق ئىچكى سەۋەب بولدى .

ئامېرىكىنىڭ"قايتىدىن ئاسىياغا قايتىش " پىلانىنى ئېلان قىلىشى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . قارايدىغان بولساق 2011-يىلى ھىلارى ئامېرىكىدا چىقىدىغان"تاشقى ئىشلار سىياسىتى" دېگەن ژۇرنالدا ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان دەۋرى " دېگەن ماقالىسىدە يوشۇرۇپ ئولتۇرمايلا ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا تاشقى ئىشلار ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ دېدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ، بىخەتەرلىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى ئەلۋەتتە"دۇنيا ساقچىسى " ئاتالغان ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز ، چاۋشيەن يادروقوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ بولمايدۇ- دە .بۇنى يەنە جۇڭگوغا ئالدىن بېرىلگەن بېشارەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ .

ئەلۋەتتەئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھىلارىنىڭ بۇ ماقالىسىدىن ئۇلارنىڭ"ئاسىياغا قايتىش " پىلانىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتىكى يەنە بىر مەقسىتى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم . ھىلارى ماقالىسىدە ئېنىق قىلىپ "ئاسىيا بولۇپمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىشىدە ئامېرىكا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان شۇڭا ئەمدى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشىغا جۇڭگو كۈچ چىقىرىشى كېرەك " دەپ يازغان . ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك شۇنداقمۇ ؟ بىراق مەن بۇنى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئەڭ ياخشى يىغىنچاقلىنىشى دەپ قارايمەن . يەنى ھەربىي ئىشلاردا بېسىپ، ئىقتىسادقا كەلگەندە پايدا ئىلىش .
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ ، بىز جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قوينى بورداپ سەمرىتىپ قويدۇق، يۇڭلىرى پارقىراپ كەتتى ، ئەمدى يۇڭىنى بىز قىرقىۋالايلى يەنى باققان قويىمىزنىڭ يۇڭىنى قىرقىيدىغان پەيت كەلدى دېمەكچى .

ئامېرىكا"ئاسىياغا قايتىش" پىلانى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن ئىقتىسادى ساھەگە ھۇجۇم قىلدى ، "ياساش كەسپىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش "پىلانى ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئويغاتماقچى ، ئىشسىزلىق بېسىمىنى يەڭگىللەتمەكچى بولدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئىككى يىلدا ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىۋېلىپ دۆلىتىمىز سودا ساھەسىگە رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلدى ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى :ئېلېكتر ، پولات-تۆمۈر كارخانىلىرىغا بولغان " قوش تەكشۈرۈش " نى يولغا قۇيۇپ يۇقىرى تاموژنا بىجى ئارقىلىق جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇشتەكئەۋزەللىكىنى تەسىرگە ئۇچراتتى .

ياۋروپا ، ئامېرىكىدىكى ئۆزىنىڭ كارخانىلىرىنى قوغداپ قىلىش بىلەن بىرگە بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزنى زور زىيانغا ئۇچراتتى . ئىككىنچىدىن ئامېرىكا خەلقئارا پۇل-فوندى بىرلەشمىسى ، دۇنيابانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۈسۈشىگە بىسىم ئىشلىتىپ جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ماللىرى باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىنى تەسىرگە ئۇچراتتى . ئاندىن ئۇستىلىق بىلەن ئەزەلدىن ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپكېلىۋاتقان "دۇنيا بانكىسى " نىڭ باشلىقلىقىنى بىر ئاسىيالىققا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاسىياغا بولغان "زور ئىلتىپاتى " نى نامايان قىلدى .

ئامېرىكا تاللىغان يەنە بىر تەرەپ قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلگە پىلتە يېقىش بولدى ، يەنى ياپونىيە ، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنى دېمەكچى ، شۇڭا 2012-يىلى 4-ئايدافىلىپپىننىڭ ھەربىي پاراخوتى خواڭيەن ئارىلىدا بىزنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىمىزگە پاراكەندىچىلىك سالدى ، شۇنىڭ بىلەن 2009-يىلدىن باشلاپ يامانلىشىشقا باشلىغان جەنۇبىي دېڭىزماجىراسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى ، بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا يەنە فىلىپپىننىڭ لۈسۇڭ ئارىلىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2012-يىلى ئىيۇندا ۋيېتنام جۇڭگو زېمىن ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىدىغان "ۋيېتنام دېڭىز ئوكيان قانۇنى"نى ئېلان قىلدى ، شۇ يىلى سېنتەبىردە ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە "دىياۋيۈئارىلىنى سېتىۋېلىش " ئويۇنىنى ئويناپ بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇردى ، بۇيىل 4-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى يەنە توكيودا ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەمدە بولىدۇ دېگەن بىرنېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، مۇشۇنىڭغائوخشاش ئامېرىكا چالغان دۇمباققا ياپونىيە ، فىلىپپىن قاتارلىق بىرقانچە دۆلەت ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئىشلار ئۆتكەن بىر يىلدا بىزنىڭ خېلى كۆپ زېھنىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى خوراتتى .

ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى ئامېرىكىنىڭ "ئاسىياغا قايتىش ئىستراتېگىيىسى " بىزگە نۇرغۇن تەسىر كۆرسەتتى ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ كرىزىسقا پېتىپ قالغانلىقى . ئىسلاھاتنىڭ كەينىگە چېكىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقى بىلەن زور كۆلەمدەمەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانى بۇ كرىزىسىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ ، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى "بازار ئۆزى بازار ئاچماي بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بازار ئېچىۋاتقانلىقى" ئالدى بىلەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى دەيلى ، مەن نەچچە قېتىم " تۆت تىرىليون مەبلەغ سېلىش " پىلانىنى تەنقىد قىلدىم ، بۇپىلاننىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىش ، يەرلىك مەبلەغ توپلاش ئارقىلىق"تاشيول ،تۆمۈر يول "قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشلارنى قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ماكرو جەھەتتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنەسودا بانكىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا نۇرغۇن قەرز چىقىرىپ بېرىش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش، ئاقىۋەت قانداق بولدى ؟ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى بوينىغىچە قەرزگەبوغۇلۇپ يىقىلاي دېسىمۇ قەيەرگە يىقىلىشنى بىلمەي قالدى ، چۈنكى سودا بانكىسىنى ئۇلارئاللىقاچان قۇرۇقداپ قويدى ، بىر تەرەپ تۈگەشسە يەنە بىر تەرەپمۇ تەڭلا تۈگىشىدۇ ،ئەڭ قورقۇنچلۇقى شۇكى بىزنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىمىزنىڭ قەرزى ھازىر يار لېۋىگە بېرىپ قالدى ، مەيلى بانكا ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت بولسۇن بىرى تۈگەشسە يەنە بىرىمۇ تەڭلا ۋەيران بولىدۇ. سابىق مالىيە مىنىستىرى دىڭ خەي چىڭ 2013-يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھاكىمىدە ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى 20 تىرىليون يۈەنگە يەتتى دىيىلگەن ، كۆپچىلىككەشۇنى دېمەكچى بۇ قەرز ئاز قەرز ئەمەس يەنە كېلىپ بانكا سىستېمىمىزنىمۇ بۇ پاتقاققا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن ، مىسال ئالايلى : 2012-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 4تىرىليون قەرزئېلىپ قايتۇرىدىغان ۋاقىت بولغاندا پەقەت بىر تىرىلىيوننىلا قايتۇرغان قالغىنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن، نېمىشقا ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ قەرز قايتۇرغۇدەك پۇلى ھەتتا كونا قەرزنى قايتۇرۇپباشقىدىن قەرز ئالغۇدەك مادارىمۇ يوق !

مەن يەنە ئىسلاھاتنىڭ چاقى تەتۈر يۆلىنىشكە مېڭىۋاتىدۇ دېدىم ، راستىنى دېگەندە 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادى كرىزىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ چوڭقۇر . نېمىشقا مۇنداق دەيمەن ؟ 2008-يىلى دەل ئىسلاھات ئىلىپ بارغىنىمىزغا 30يىل توشقان، ئىقتىسادى جەھەتتىن غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئىقتىساد، جەمئىيەت ، تۈزۈلمە قاتارلىقلار تەرەققىياتقاماسلىشالماي قالغان ساھەلەرنى تازا ئوڭشايدىغان بىر يىل ئىدى ، شۇ يىلىدىكى ئىككى يىغىندا ھۆكۈمىتىمىز ئاپپارات ، باج ئىقتىساد تۈزۈلمە قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق چاتاقلارنى ئوڭشىماقچى بولدى ، مەن "بولدى ئەمدى كارخانىلارنى يۆلەشنى قۇيۇپ پۇقرانى باي قىلايلى ! "دېگەن ئىدىم ، بىراق 2008-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئىقتىسادى كرىزىس ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىنى ئۆز ئىزدىن چىقىرىۋەتتى ، شۇ يىلى 11-ئايدا ھۆكۈمەت "4تىرىليون مەبلەغ سېلىش "پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ، قانداق بولدى ؟ خام ماتېرىيال كارخانىلىرىلا ئەمەس باشقا مەھسۇلات بازىرىمۇ ھۆكۈمەتكە قول سۇنىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى . ئۇدا ئوتتۇزيىل ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ چاقىمۇ كەينىگە يېنىشقا باشلىدى ، ھۆكۈمەت بازارئاچتى ، بۇ جۇرۇڭ جى زامانىسىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى سىتىراتىدىگىيىسى ۋە2008-يىلدىكى ئىككى يىغىن تەپەككۇرى بىلەن تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭغانلىق بولدى .

ئىسلاھات چاقىنىڭ كەينىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى تۈزۈلمە ۋە ئىقتىسادى ساھەدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، ئالدى بىلەن تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالايلى ، 2008-يىلى ھۆكۈمەت ئىسلاھاتنىڭ نىشانى "ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش" . دەپ بىكىتكەن . مۇنداقچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەت ئىقتىسادنى مىكرو جەھەتتىن تەڭشەشنى بوشىتىپ، خامچوت پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باج تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش دېگەندەكلەرئىدى . 2013-يىلىغا كەلگەندە قارايدىغان بولساق ئەكسىچە ئۈنۈم كۆردۇق ، بازارنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى يەنىلا ھۆكۈمەت ئۆزى باشقۇرىدۇ ، باھانى كونترول قىلىدۇ . مونوپوللۇق بارغانسېرى كۈچىيىپ ھوقۇق پەرەسلەرگە يېشىل چىراغ يىقىلىپ ئەڭ ئاخىرى خىيانەتچىلىكنىڭ مىتە قۇرۇتتەك جەمئىيەت ، ئىقتىسادنىڭ ئۇششاق ھالقىلىرىغىچە سىڭىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى . پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋەتتى .

ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئەمەلىيەتتە تۈزۈمنىڭ كەينىگە چېكىنگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، ئۇ ئاخىرى"دۆلەت باي ، پۇقرا نامرات بولۇش " بىلەن نەتىجىلەندى . ئېلېكتر تورى ئىسلاھاتىنى ئالايلى ، بۇلارنى جۇرۇڭ جى دەۋرىدىن باشلاپ ھېسابلىساق توپتوغرا ئون يىل بولدى ، ئۇلار دەسلەپكى ئىسلاھات يۆنىلىشى بۇيىچە يەنى زاۋۇت بىلەن ئېلېكترتورىنى ئايرىۋېتىش ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەشنى ئايرىۋېتىش ، بىرىنچى قول بىلەن مۇئاۋىننى ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر يولىدا ماڭماقتا يوق بەلكى ئۆز ئالدىغا تەمىنلەش تورى ، تارقىتىش ئىستانسىسى دېگەندەكلەرنى قۇرۇپ بارا-بارا كۈچىيىپ بازارنى مونوپول قىلىۋالدى . 2012-يىلى 4-ئايدا شەندۇڭدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى ئۆز ئالدىغا ئېلېكتر تورى قۇرۇپ دۆلەت ئېلېكتر تورىدىن25%ئەرزان باھادا توك تارقاتقان ئىدى ، ئەپسۇس بازار رىقابىتى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن كىچىككىنە ياخشى ئىشمۇ نۇرغۇن ئەلەم ۋە قەلەم كۈرىشى نەتىجىسىدە ۋەيران بولدى .
 

مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 1846 \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-29
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: