اللە ھارام قىلغان ھاراقنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەيدا قىلغان مۇسىبەتلەر


ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاباھەتلىك دېلولار

- دىلمۇراد ئىبراھىم -

(راست ئىشلار خاتىرىسى)
 

مەن ئەمىلىي خىزمەت داۋامىدا بىۋاستە دۈچ كەلگەن ھەم ئۆزەمگە تەسىر قىلدى دەپ قارىغان بىر قىسىم دېلو مىساللىرىدىن ماتېرىيال توپلىغان ئىدىم. بۇ دېلو مىساللىرى ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا بۇ راست ئىشلار خاتىسىنىڭ تېمىسىنى «ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاباھەتلىك دېلولار» دەپ قويدۇم. توپلىغان ماتېرىياللار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يېزىشقا ۋاقىت ئاجرىتالماي، ئاخىرى بۈگۈن ئىككى قىسىم يېزىپ، تورغا يوللۇدۇم. ئەسلىدە ھەممىسىنى يېزىپ بولۇپ، ئاندىن يوللاشنى ئويلاشقان بولساممۇ، ھەممىسىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىگەچكە ئۇدۇللۇق يېزىپ، ئۇدۇللۇق يوللاشنى لايىق كۆردۈم، مۇشۇنداق بولغاندا ئۆز- ئۆزەمگە ھەيدەكچىلىك بولامدىكىن دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك.

يازمام ئون نەچچە قىسىمدىن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىسىمدىن تەركىپ تېپىشىمۇ مۈمكىن، بۇنىڭغا ھازىر بىرنىمە دىيەلمەيمەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ سەۋرىچان بولۇپ، ئەستايىدىل ئوقۇشىنى، ئوقۇغاندا ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ئىبلىس سۇيۇقلۇقنىڭ ئادەم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن قانداق شەرمەندىچىككە سەۋەپچى بولىدىغانلىقىنى ئەقىل نەزىرى بىلەن چۈشىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ھاراقتىن يىراق تۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن زۈرۈر ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تونۇشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.

يېزىقچىلىق سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا، ئىپادىلەش ئۇسۇلۇم تېيىز، مۇلاھىزىلىرىم دوگما بولۇپ قالغان بولىشى مۈمكىن. تورداشلارنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، مۇلاھىزە قىلغاندا ۋە ئىنكاس يازغاندا ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىپ، ئىلمىي ھالدا مۇلاھىزە قىلىپ ئىنكاس قايتۇرىشىنى سورايمەن. 
 

1- قىسىم: «نوچى» لىقنىڭ بەدىلى

يۇرت- يۇرتتا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار ھىچبىر ئىشنىڭ تايىنى يوقلا ھاراق ئىچىشكە ئامراق كېلىدۇ. بەزىدە يالغۇز، بەزىدە بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن سورۇن تۈزىشىدۇ. مەزىسىز پاراڭلار، تېتىقسىز چاقچاقلار، ئالا- تاغىل ناخشىلار بىلەن ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا سورۇن تۈزەپ ئولتۇرۇشۇپ، يېرىم كېچە بولغاندا كاللىسىنى خام قاپاقتەك قىلىشىپ، سەت ئالچاڭلاپ مېڭىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سورۇندىكى گەپ- سۆز ۋە ھاياسىز قىلىقلىرىغا زەن سالسا كىشىگە بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىكارچىلىقتىكى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇشۇنداق سورۇندىن باشقا ھىچقانداق ئامالى يوقمىدۇ؟ دەپ قالىدۇ، كىشى، بەزىدە.

2005- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق سورۇندىن بىرسى بولۇپ، بۇ سورۇننىڭ ئاخىرى قان تۆكۈلۈش بىلەن نەتىنجىلەندى. توقسۇ ناھىيە بازىرى تەۋەسىنىڭ دوستلۇق يولىدا بىر جۈپ ئەر- ئايالنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېچىۋالغان يىمەك- ئىچمەك دۇكىنى بار ئىدى. بۇنى دۇكان دىگەندىن كۆرە قاۋاقخانا، يەنى تېخىمۇ قىسقارتىپ «قاۋاق» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى. چۈنكى بۇ ئۇۋىدا كۈن بويى زابوي ھاراقكەشلەر ئىتتەك قاۋايتتى. بۇ قاۋاقنىڭ ئىچكىرى- تاشقىرى بىر نەچچە ئېغىزلىق ئايرىمخانىلىرى بار بولۇپ، دۇكان ئىشىكى سىرتقا قاراقلىق ئىدى. ھاراقكەشلەر دۇكاننىڭ مۇشۇ ئىشىكى ئارقىلىق ئىچكىرىگە كىرىپ، ئايرىمخانىلاردىن ئورۇن ئېلىشاتتى. يانداش ئورۇنلاشقان ئايرىمخانىلارنىڭ ئىشىك- دەرىزىلىرى يېقىن بولغاچقا قوشنا ئايرىمخانىلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان ھەر خىل ئاۋازلار ئۆزئارا بىر- بىرىگە ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا ھاراق كەيپىدە پاڭ بولۇشقان زابويلار ئۈنلىرىنى تېخىمۇ قويۇۋېتىپ سۆزلەشكە توغرا كېلەتتى. شۇڭا بۇ قاۋاقنىڭ ئىچى توپ- توپ بولۇشۇپ تالىشىپ- چىشلىشىۋاتقان ئىتنىڭ ئۇۋىسىغالا ئوخشاپ قالاتتى. دۇكان ئالدىدىن ئۆتكەن ئادەمگە دۇكان ئىچىدىن بەتبۇي ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى كېلەتتى. كەچ بولغىچە قاۋاق ئالدىدا سەت قۇسۇپ، ئېشەكتەك ئېغىناپ يېتىپ كەتكەن زابويلارنى ھەر ۋاقىت ئۇچرىتىش مۈمكىن ئىدى.....

ئەمدى ئۆز گەپكە كەلسەك، بىزنىڭ مامۇت كەنجى ئاتلىق باش پىرسۇناژىمىز بەش نەپەر دوستى بىلەن مۇشۇ قاۋاقتا «قاۋاۋاتاتتى»، ئۇلار دەسلەپتە خېلى ئەدەپ بىلەن بىر- بىرىنى «ئاداش، ئاغىينە» دىيىشىپ سۆزلەشكەن بولسا بارا- بارا بىر- بىرىنى سەت گەپلەر بىلەن چاقىرىشىپ، ۋارقىرىشىپ تۇرۇپ پاراڭ سېلىشىشقا باشلىدى.

بارغانچە ھەممەيلەن مەست بوپ كەتتى، كىمنىڭ كىمگە نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىگە يەتتى. ئۇلار ئىچىپ خېلى كەيپ بولغان چاغ ئىدى، مامۇت كەنجى ئارقىغا بۇرۇلۇپ، پۇكەي ئالدىدا ئىڭەك تۇتۇپ، ئۈگدەپ ئولتۇرغان ئايال خوجايىننى چاقىردى ۋە:

ــــ قىز بالا بارمۇ؟ــــ دەپ سورىدى.
ئايال خوجايىن ئاچچىقتىن قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ، قوپاللىق بىلەن:
ــــ يوق ـــــ دىدى.
مامۇت كەنجى:
ــــ سەن چۇ؟ــــ دەپ يەنە يېنىشلاپ سورىدى.
ــــ مېنىڭ ئېرىم بارــــ دىدى ئايال خوجايىن يەنە قوپال تەلەپپۇزدا.
ــــ ئەمىسە ئېرىڭنى چاقىر!ــــ دىدى مامۇت كەنجى.

ئايال خوجايىن ئېرىنى چاقىردى، ئەر خوجايىن مامۇت كەنجىنىڭ يېنىغا كېلىشىگە باشقا خانىدىكى سورۇندا ئولتۇرغان ئەمەت بارات ئەر خوجايىنغا سۈركۈلۈپراق دۇكاندىن تەرەت قىلغىلى سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئەر خوجايىن مامۇت كەنجىنىڭ قېشىغا كېلىشىگە مامۇت كەنجى:
ــــ قىز بالا بارمۇ؟ــــ دەپ سورىدى.
ئەر خوجايىن:
ــــ قىز بالا يوق ــــ دەپ جاۋاپ بەردى قوپاللىق بىلەن.
شۇ ئانلا مامۇت كەنجى ئايال خوجايىننى قولى بىلەن كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:
ــــ ئاۋۇ چۇ؟ــــ دىدى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ.

بۇ چاغدا مامۇت كەنجىنىڭ ئۈلپەتلىرى بىر- بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ، پىخىلدىشىپ بۇ ئىككىيلەننىڭ دىئالوگلىرىغا زەن سېپ ئولتۇراتتى.
مامۇت كەنجىنىڭ يولسىزلىقىدىن خاپا بولغان ئەر خوجايىن قاتتىق تەلەپپۇزدا:
ـــ ئۇ دىگەن مېنىڭ خوتۇنۇم، قىز بالا يوق!ــــ دىدى –دە، ئارقىسىغا ياندى.

بۇ چاغدا مامۇت كەنجىنىڭ ئۈلپەتلىرى چۇقۇرۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەر خوجايىننىڭ قوپال مۇئامىلىسى ۋە ئاغىنىلىرىنىڭ چوقۇراپ كۈلۈشلىرىدىن غۇرۇرى ئازار يىگەندەك ھىس قىلغان مامۇت كەنجى ئەمدىلا ئارقىغا مېڭىشقا تەمشەلگەن ئەر خوجايىننى:«نىمە دەيسەن، نىمە دەيسەن، گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ، سەن بەك نوچى ئوخشىمامسەن؟» دىگىنىچە تۈرتۈپ ئىتتىرىپ، دۇكان ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىغا ئەچىقتى ۋە يول ياقىسىدىكى رىشاتكىغا يۆلىدى، ئاندىن يېنىدىكى پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ سول يوتىسىغا بىرنى تىقىۋەتتى، ئەر خوجايىن رىشاتكىغا يۆلۈنۈپ قالدى.

دەل شۇ چاغدا باياتىن دۇكاندىن تەرەت قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ئەمەت بارات قايتىپ كېلىپ قېلىپ، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە پىچاق تىققىنىنى كۆردى-دە:
ــــ نىمە بولدى؟ــــ دەپ سالدى.
كۆزلىرى قانغا تولغان مامۇت كەنجى خۇددى مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ياكى مۇشۇ گەپ ئاتاكىغا ئۆتۈش چاقىرىقىدەك ئەر خوجايىننى تاشلاپ، ئەمەت باراتغا يىرتقۇچ بۆرىدەك ئېتىلدى:
ــــ سەنمۇ نوچىمۇ، پىچاقنى نوچىنىڭ ھەممىسىگە تىقىمەن!

ئۇ ئەمەت باراتنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى، ئەمەت بارات ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەزلەپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى-يۇ، بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا مامۇت كەنجى ئۇنىڭغا قوغلاپ يېتىشىۋالدى-دە، ئۇنىڭ بەدەنىنىڭ 3 جايىغا ئارقا- ئارقىدىن گۇچۇلدۇتۇپ پىچاق تىقىۋەتتى. مامۇت كەنجى شۇ ئان پىچاقتىكى ۋە قولىدىكى قان دېغىنى كۆرۈپ، بىردىنلا سەگەكلىشىپ، بەدەر تىكىۋەتتى. ئەمەت بارات جايىغىلا يېقىلدى. ئەتراپتا تاماشا كۆرۈۋاتقان كىشىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن بۇ قاباھەتنى كۆرۈپ بىر پەس داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. ئەمەت بارات باشقىلار تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا يول ئۈستىدە قازا قىلدى....

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچى مامۇت كەنجىگە قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بېكىتتى ۋە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى.....

جىنايەتچى مامۇت كەنجىگە ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەندە ئۇنىڭ بەدىنى لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى، ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئاڭلىغان ھامان دەقىقە ئارلىقىدا ئۇنىڭ تىنىقى توختاپ قالغاندەك بولدى، ئۇ نۇرسىز كۆزىنى سوتچىغا تىكىپ تۇرغان بولسىمۇ، سوتچىنىڭ ئۇنىڭدىن گەپ سوراۋاتقان ۋاقىتتىكى ئاغزىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ئاران دىگەندە ئىلىك قىلالىدى، لىكىن سوتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭقىرالمىدى. سوتچى ئۇنىڭدىن قايتا سورىدى:
ـــ نارازىلىق ئەرزىڭ بارمۇ؟

ئۇ ئۈندىمىدى، ئۇ مۇزدەك تۆمۈر ئورۇندۇقتا بىر پەس بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. بەلكىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىرىنچى بولۇپ شۇ نىجىس ھاراق كەلگەندۇر، ئىككىنچى بولۇپ بىگۇناھ ئۆلگۈچى كېلىۋالغاندۇر، ئۆلگۈچى ئۇنىڭ كۆزىگە قان تېمىپ تۇرغان قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ: «مەن ساڭا نىمە قىلغان؟! سەن زادى نىمە ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرىسەن؟! ‹نىمە بولدى؟› دىگەن شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈش شۇنچە زۈرۈرمىدى؟! سەندە قان قەرزىم بار، قەرز قايتۇر!» دەۋاتقاندۇر.....
ئۇنىڭ چېكىسىگە ۋە بۇرنىنىڭ ئۈستىگە تەر تامچىلىرى پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.
ــــ نا...نا...نارازىلىق ئەرز بەرمەيمەن ــــ دىدى ئۇ ئاران دىگەندە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.

ئۇ ئەسلىدە شۇنچە راۋان سۆزلەيتتىغۇ؟ جىنايەت سادىر قىلغان ھېلىقى كۈنى «قىز بالا بارمۇ؟» دىگەن سۆز بىلەن خەقنىڭ خوتۇنىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ: «ئاۋۇ چۇ» دىگەن سۆزنى شۇنچە راۋان ھەم ئۇرغۇلۇق دىگەن ئىدىغۇ؟ ئەجەپ بۈگۈن كېكەچلەپ قالدىيا؟ ئۇنىڭ شۇنچە راۋان سۆزلەيدىغان تىلى تۇتۇلۇپ قالغانمىدۇر؟

ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق سايە ئۇنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىگە قارا پەردىسىنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەلمەكتە ئىدى، ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ نېرۋىسىنى بىر مەھەل تورمۇزلىدى، ئۇنىڭ شۇنچە راۋان تىلىنى گاللاشتۇردى. «نوچى» لىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر دەرىخىنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان بۇ «نوچى» نىڭ تۆمۈر رىشاتكا ئىچىدىكى ھالىتى تولىمۇ بىچارە، تولىمۇ مىسكىن، تولىمۇ مەيۈس ئىدى.
..... ئاخىرى يۇقۇرىدىن ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى يىتىپ كەلدى......

قاقاس تاغ باغرىغا ئاپپاق ھاك ئۇگۇندىلىرى بىلەن بەلگە سېلىنغان جازا مەيدانىنى جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تولۇق قوراللانغان ساقچىلىرى چەمبەرسىمان مۇھاسىرىگە ئالغان ئىدى. تاغ قاپتىلىدىن ۋۇشقۇيتۇپ چىقىۋاتقان ئىزغىرىن شامال يۈزلەرگە ئاچچىق ئۇرۇلاتتى. يىراقتىن قارا قۇيۇندەك غۇجمەكلىشىپ كېلىۋاتقان قاغا- قۇزغۇنلار ئەنسىز غاقىلدايتتى. پۇت- قولى چەمبەرچاس باغلانغان، پۇتىغا ئېغىر كىشەن سېلىنغان جىنايەتچى مامۇت كەنجى قوراللىق قىسىمنىڭ ماشرەڭ كۇزۇپلۇق ماشىنىسىدىن قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يەرگە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بولۇپ، تولىمۇ تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى. ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى ئۆلۈكنىڭ كۆزىگە ئوخشاش نۇرسىز ھەم خۈنۈك ئىدى. گەۋدىسى يېرىم ئېگىلگەن بولۇپ، پۇتىدىكى كىشەننى ئاران- ئاران سۆرەپ، شاراقلىتىپ كېلەتتى. لېكىن ئۇنىڭ نېرۋىسى ئادەتتىن تاشقىرى نورمالنى سەزگۈرلىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈمۈدتىن ئەسەرمۇ قالمىغان نۇرسىز كۆزلىرىدە ئەتراپقا ئالاق- جالاق قارايتتى. ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئۇنىڭ پۈتكۈل جىسمىنى پۈتۈنلەي خورىتىۋەتكەن ئىدى.....

نىھايەت! ئۇ چەنبەرچاس باغلاقلىق ھالەتتە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىگە دۈمبىسىنى توغۇرلاپ تىزلاندۇرۇلدى، رەسىمچىك ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سۈرەتكە تارتقاندا ئۇ كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇۋالغان ئىدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى قان قەرزىنى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە قايتۇرماقچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مىلتىقنىڭ رەھىمسىز ستوۋۇلى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە توغۇرلاندى. دەل شۇ چاغدا ئۆلۈم ئالدىدىكى مەھبۇس نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ؟ ئۇ شۇ چاغدا نىمىلەرنى ئويلىغاندۇر؟ ئۇ بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىنىڭ تېخى ئالدىمىزدا تولىمۇ شىرىن، تولىمۇ رەڭگا- رەڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدىغانمىدۇ؟ *ئۆز قولىدا جان تەسلىم قىلغان قان قەرز ئىگىسىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىدى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنەمدىغاندۇ؟ ھازا ئېچىپ داد- پەريات ئۇرۇپ يىغلاتقان ئاتا- ئانا، بالا- چاقا، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ پەلەكنى ئۆرتىگۈدەك ھەسرەتلىك نىدالىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرەمدىغاندۇ؟* كەيپخۇمارلىق ئۇنىڭ ئىنسانى ئەخلاقتىن چەتنەتكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرالىغانمىدۇ؟....

ئۇ ھاياتلىققا ئەبەدىي قانماسلىق ھىسسىياتى بىلەن ئاخىرقى بىر نەپىسىنى تولدۇرۇپ ئېلىۋېلىش مەقسىدىدە چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدى، ئەپسۇس، «گۇم!» قىلغان شەپقەتسىز ئاۋاز ئۇنىڭ مۇشۇنچىلىك ئاددى بىر تەلىۋىنىمۇ قاندۇرغىلى قويمىدى. نەپەس دىگەن سكونت ئىچىدە بولىدىغان ئاددى بىر تەلەپقۇ! مىلتىق ئوقى نىمە دىگەن رەھىمسىز!... ئۇ قۇم- شېخىل ئارلاشقان توپا ئۈستىگە دۈم يېقىلدى- دە، جانسىز، لېكىن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلگۈدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقىرىپ ئىڭرىدى، ئۇ ئاغزىغا كىرىپ كەتكەن توپىنى چاينايتتى، تولغىناتتى.

«گۇم» قىلغان ئاۋاز چىقىپ، سائەت سىتىرىلكىسى بىر يۈز سەكسەن قېتىم چىكىلدىغاندا ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچنى تاماملىدى.
 

2-قىسىم: توينى ھازىغا ئايلاندۇرغان بىر رومكا ھاراق
مەمەت ئابباس بىلەن جىنايەتچى ھېكىم داۋۇت بىر تام قوشنىلاردىن بولۇپ، مەمەت ئابباس 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى قىزىنىڭ تويىنى قىلدى، قوشنا- خۇلۇم بولغاندىن كېيىن ياشلارنىڭ سورۇنىنى ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ يەردە «ياشلارنىڭ سورۇنىنى» دىگەندىن كۆرە «ئىچەرمەنلەرنىڭ سورۇنىنى» ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى، دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى، چۈنكى بۇ مەھەللىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا توي داستىخېنىنىڭ مول- چۈپەيلىكى ساھىپخاننىڭ قانچىلىك ھاراق قۇيغان- قۇيمىغانلىقى بىلەن، توينىڭ قىزىغان- قىزىمىغانلىقى ئىچەرمەنلەرنىڭ قانچىلىك ھاراق ئىچكەن- ئىچمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچىنىلەتتى، ھېكىم داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان سورۇندا ھاراق ئىچىشىش باشلانغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، ھاراق تۈگمەن چۆگىلىگەن پەدىدە ئوڭ تەرەپتىن ئايلىنىپ قويۇلۇۋاتاتتى، ئۈستىگە خاشو داستىخان سېلىنغان ياغاچ ساجى ئۈستىدىكى بەش- ئالتە تەخسە قۇرۇغدىلىپ قالغان بولۇپ، بىر تەخسىدە پارچە- پىرەت نان بار ئىدى. ئۆي ئىچى تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ كۆز ۋە دىماقلارنى ئېچىشتۇراتتى.

سىرتتىن يىگىت تەرەپتىن قىز كۆچۈرۈشكە كېلىدىغانلارنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى، بۇ خەۋەردىن كېيىن سورۇن بىر ئاز ئۆرە- تۆپە بولۇپ، بەزىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، بەزىلىرى داۋاملىق ئورنىدا ئولتۇرىۋەردى. بۇ چاغدا ھاراقنى ئۆلگۈچى قادىر قۇربان قويىۋاتقان بولۇپ، بوتۇلكا قۇرۇغدىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر رومكا ھاراقنىڭ ئىچىش نۆۋىتى نىياز رۇزىغا كەلگەنىدى، ساقى قادىر قۇربان بۇ بىر رومكا ھاراقنى نىياز رۇزىغا قۇيۇپ تۇتتى، نىياز رۇزى: «ئىچمەيمەن، قىز كۈچۈرگىلى كەلگەنلەرنى ساقلىتىپ قويمايلى» دەپ سىرتقا ماڭدى، قادىر قۇربان ئاچچىقلىنىپ، نىياز رۇزىنىڭ كەينىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ياقىسىدىن قاماللىدى ۋە: «مەن قۇيغان ھاراقنى نىمىشقا ئىچمەيسەن، مەن ساڭا زەھەر قويۇپتىمەنمۇ- يە؟!» دەپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. سىرتتىن بالىسىنى ئىزدەپ كىرگەن ئەسقەر سىدىق ئۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆلگۈچى قادىر قۇربان نىياز رۇزى ئىچمىگەن يېلىقى ھاراقنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن يەنە ھاراق ئىچىمەن دەپ جېدەل قىلغىلى تۇردى ھەم قولىغا دەرىزە تەكچىسىدىكى قىڭراقنى ئېلىۋالدى، ئەسقەر سىدىق «جېدەل ئۇلغۇيۇپ كەتمىسۇن» دەپ ئويلاپ، نىياز رۇزىنى بىرگە ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىگىسى ھېكىم داۋۇت قادىر قۇرباننىڭ قولىغا قىڭراق ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن قىڭراقنى تارتىۋالماقچى بولۇپ تالاشقان بولسىمۇ، قادىر قۇربان قىڭراقنى زادىلا قويۇپ بەرمىدى، تالىشىش جەريانىدا قىڭراق ھېكىم داۋۇتنىڭ ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باشمالتىقىنىنىڭ ئارىلىقىنى كېسىۋەتتى، ھېكىم داۋۇت قولى كېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ نىمىشقا سىرتقا ماڭغىنىنى ھىچكىم بىلمەيتتى، ياكى بولمىسا ئۇ كېتىۋېتىپ چالۋاقاپمۇ يۈرمىدى. قادىر قۇربان باياتىن بېرى ھېكىم داۋۇت تالاشسا بەرمىگەن قىڭراقنى ئۆزلىكىدىن دەرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قۇيۇپ، ھېكىم داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن چىقتى.

ھېكىم داۋۇت سىرتتا كۆرۈنمەيتتى، ئۇ بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ توي كۈچۈرۈشكە كەلگەن ماشىنىنىڭ قېشىغا كەلدى، ئەتراپتىكىلەردىن ھېكىم داۋۇتنى كۆرگەن- كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى، ئۇلار بىر ئېغىزدىن كۆرمۈدۈم دەپ جاۋاپ بەردى.

ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ئاپئاق توي كۆينىكى كىيىپ، يۈزىگە نىپىز شايىدىن چۈمبەل تارتقان قىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ توي كۈچۈرۈش ماشىنىسى تەرەپكە كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىگە قادالغانىدى، قىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئارقىسىدا بىر توپ ياش يىگىتلەر گىتارنىڭ تاسمىسىنى بوينىغا ئارتىپ، شوخ ناخشا ئېيتىۋاتقان ئۇزۇن چاچ يىگىتنىڭ كەينىدىن كېلەتتى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تاماشا كۆرىۋاتقانلارنىڭ چېھرىمۇ قىز كۈچۈرۈش ماشىنىسى تەرەپكە كېتىۋاتقان ياش قىز- ئوغۇللارنىڭ چېھرىگە ئوخشاش ھاياجان ئىلكىدە قېتىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى توي خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقان بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بېرىدىغان قانلىق پاجىئەدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر تۇرىشاتتى. ئۆلگۈچى قادىر قۇربانمۇ توي خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقانلار قاتارىدا توي ماشىنىسى تەرەپكە سىلجىۋاتقان قىز- يىگىتلەرگە ھەۋەس ۋە ھاياجان بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.....

ئۇ تۇيۇقسىز بېشىغا تەگكەن بىر نەرسىنىڭ دەھشەتلىك ھوجۇمىغا بارداشلىق بېرەلمەي جايىغىلا يېقىلدى. ئۆمۈردىن تەلىيى كەلمىگەن بۇ بىچارە ئۆزىنىڭ كىم تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرەلمەي ھەم بىلەلمەي جايىدىلا تىن تارتماي جان تەسلىم قىلدى. بىردىنلا قىيا- چىيا كۆتۈرۈلدى، باياتىن رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇشقان كىشىلەر توپى بۆرىدىن ئۈركىگەن قوي پادىسىدەك ئۆرە- تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. كىشىلەر قىپ- قىزىل قانغا مىلىنىپ ياتقان قادىر قۇرباننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشتى، ئۇلار قادىر قۇرباننىڭ يېنىدا ھېكىم داۋۇتنى كۆردى، ئۇنىڭ قولىدا جۇلدىسىغىچە قىپ- قىزىل قانغا بويالغان پالتا تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قان تېمىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ دەقىقە ئارلىقىدا سادىر قىلغان بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتقاندەك تەتۈر قارىۋالغانىدى. (ئۇ سوراق سەھنىسىدە ئىقرار قىلىۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە: «مەن ئەزەلدىن ئادەم زاتىنىڭ كۆز ئالدىمدا بۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھالدا قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرمەپتىكەنمەن، قاراشقا قەتئى پېتىنالمىدىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن.) ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن داڭ قېتىپ قېلىشقانىدى، بەزىلىرى تۇشمۇ- تۇشتىن ھېكىم داۋۇتنى يەرگە بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قانلىق پالتىنى تارتىۋېلىشقا ئۈلگۈردى ۋە ساقچىغا تېلىفون قىلىشتى. ئەسلىدە جىنايەتچى ھېكىم داۋۇت ئۆلگۈچى تەرىپىدىن قول بارماقلىرىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ، بىر دەملىك ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىكى ئوتۇنلۇقىدىن ئوتۇن كەسلەيدىغان پالتىسىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆلگۈچى قادىر قۇرباننىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ باش قىسمىغا چاپقانىدى......

تېخى باياتىنلا ھەممەيلەننىڭ چېھرى بىر خىل لىرىكىلىق ھىس تۇيغۇ ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدىغۇ؟! تېخى باياتىنلا قەلب ئاقلىقى ۋە پاكلىقىغا سىمۋۇل قىلىنغان ئاپئاق توي كۆينىكى كىيگەن قىزنىڭ قەلبى ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتقان ئارچىنىڭ تىلىم- تىلىم ياپراقلىرىدەك يېقىملىق تىترىگەن ھەم بۇ خىل تىترەشتىن ئالەمچە ھوزۇر ھىس قىلغان ئىدىغۇ؟! ..... كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى بولمىش بۈگۈنكى توي بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەر قەلبىگە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ۋەقە يۈز بېرىپ خېلى ئۇزۇنغىچە مەھەللىدىكىلەر ئۆيلىرىدە، كوچا- كويلاردا، ئېتىز بېشىدا، دوقمۇش- چاسىدا مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدا بىر- بىرى بىلەن غۇلاغۇلا قىلىشاتتى، ئاڭلىغانلىرىنى، بىلگەنلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى بىر- بىرىگە دىيىشەتتى، زادى نەگىلا بارسا گەپنىڭ تېمىسى مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدىلا بولۇناتتى:
ــــ قاتىل بىلەن رەخمەتلىك قادىراخۇنلار ئادەتتە ياخشى ئۆتىشەتتىغۇ، كۆز تەگكەندەكلا...
ــــ ئادەتتىغۇ ياخشى ئۆتەتتى، ئۇ كۈنىسى ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم.
ــــ ياق، ياق، ئۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالماپتۇ، رەخمەتلىك قادىراخۇن بىلەن نىياز رۇزى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ.
__ نىمە بولۇپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ؟
__ مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا رەخمەتلىك ھاراق قويىۋېتىپتىكەن، ئاخىرقى بىر رومكىسى قالغاندا نىياز ئىچمەيمەن، دەپ تۇرىۋېلىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەخمەتلىك نىياز بىلەن تاكاللىشىپ، قولىغا قىڭراقنى ئېپتىكەن، قاتىل قىڭراقنى تالاشسا قىڭراق قاتىلنىڭ قولىنى كېسىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتىل قاتىللىق قىپتۇ.
ــــ ھاراق؟!
ــــ ھەئە، ھاراق!
ــــ يەنە شۇ ھاراق!!!
ــــ مەن قۇيغان ھاراقنى ئىچمىدىڭ دەپمۇ ئۇرۇشقان بارمۇ- ئەمدى؟!
ــــ توۋا خۇدايىم، بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى؟ بىر رومكا ھاراقنى ئوڭشاپ ئىچىشەلمەيمۇ بىر- بىرىنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغان ئىشمۇ يۈز بېرىدىكەن دىسە؟

بۇ گەپنى قىلغان كىشى خىر- خىر قىلىپ كۈلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويچان پىلدىرلايتتى، قەلبىدە قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە تەكشى قاراپ چىققاندىن كېيىن خۇددى نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك ياڭراق ئاۋازدا دىدى:
ــــ بىز بالىلىرىمىزغا تەربىيەنى قاتتىق قىلمىساق بولمىغۇدەك، بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولىمۇ نادان ئىكەن، بىر رومكا ھاراقنى ئوڭشاپ ئىچىشەلمەي بىھۇدە قان تۆكۈۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۈمكىنمۇ؟! مەست دىمەك ھۇشى كاللىسى جايىدا ئەمەس دىگەن گەپ، ھۇشى كاللىسىنى جايىدا قويمايدىغان بالاخور ھاراقتىن بالىلىرىمىزنى يىراق تۇتۇشىمىز كېرەككەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى ساپلاشتۇرۇش، پاكلاشتۇرۇش ۋە پاكىزلاش كېرەككەن! ئويلاپ بېقىڭلار كۆپچۈلۈك، مۇشۇ قانلىق ساۋاقتىن سىلەر نىمىنى چۈشەندىڭلار؟ ــــ ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە يەنە تەكشى قارىدى ۋە داۋام قىلدى ــــ ئۇلار ھاراقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتقان بولسا مۇشۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە يۈز بېرەر بولغىيمىدى......!؟
 

3- قىسىم: بېشىدىن جۇدا بولغان تەن
ئۇ ئۆزىگە 3 يىل ئىلگىرى بېرىلگەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى كۈن ساناپ تۈگىتىپ، 2006- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى تۈرمىدىن قويۇپ بىرىلگەن ئىدى.

ئارىدىن 39 كۈن ئۆتكەن كۈنى، يەنى، 2006- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى ئۇ يەنە جىنايەت سادىر قىلدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سادىر قىلغان جىنايىتى ئىلگىرى سادىر قىلغان جىنايىتىگە ئانچە- مۇنچە ئوخشىسىمۇ، ئۇ ئىلگىرى بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئەمما ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ بىر شور پىشانە زىيانلانغۇچىنى بۇلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېنىدىن بىر تىيىنمۇ چىقمىدى، شۇڭا ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتى، ئۆلتۈرگەندىمۇ ئىنتايىن قەبىھ، ئىنتايىن ۋەھشى ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك، ئادەم ئاڭلىسىمۇ تېنى شۈركەنگۈدەك ئېچىنىشلىق دىلو سادىر قىلدى. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئۇ جەسەتنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئۈزىۋېتىپ، ئاشۇ باشسىز جەسەت، تەنسىز باش بىلەن بىر كېچە يانمۇ- يان يېتىپ ئۇخلىدى.....

جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:00 دا 11 ياشلىق ئىنىسى بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىغا كىرىپ، ئۆزى 3 سائەت ئەتراپىدا پىۋا ئىچتى، سائەت 00:00 ئەتراپىدا توپ تارقىتىش بازىرى تەرەپكە كېتىۋېتىپ، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىقنى ئۇچراتتى (ئىككىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئوخشاش ئىدى)، زىيانلانغۇچى ئېغىر مەست بولۇپ، دەلدەڭشىپ تۈزۈكرەكمۇ ماڭالمايتتى. ئۇنىڭ مەستلىكىنى كۆرۈپ، جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق ئۇنى بۇلاش نىيىتىگە كېلىپ، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىقنىڭ يېنىنى ئاختۇردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ياكى پۇلغا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە تاپالمىدى. جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىقنى ئۇرۇشقا باشلىدى، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىق قورقۇپ كىتىپ: «مەن x يېزىسىدىن (مەزكۇر ناھىيە بازىرىغا قوشنا ناھىيە يېزىسى)، ھازىر يېنىمدا پۇل يوق، مېنى ئۇرمىسىڭىز، مەن ئەتە ئۆيگە بېرىپ سىزگە 1000.00 يۈەن ئەكىلىپ بېرەي» دەپ يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭ تايىقىدىن قۇتۇلماقچى بولدى، بۇنىڭ بىلەن جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق ئۇرۇشتىن توختاپ، ئۇنىڭ گېپىگە ماقۇل بولدى ۋە: «بىزنىڭ ئۆيىمىزگە بارىمىز» دەپ زىيانلانغۇچىنى باشلاپ ئىنىسى بىلەن بىرگە y كەنتىدىكى بىر توققان ئاكىسى ئالىم كىبىرنىڭ ئۆيىگە باردى. يۈسۈپ خالىق ئاكىسى ئالىم كىبىرنى ئويغۇتۇپ، باشقا ئۆيگە چىقىرىۋېتىپ، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىقنى ئۆيگە باشلاپ كىردى، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىق ئۆيگە كىرىپلا كاڭغا چىقىپ ئۇخلىۋالدى. بۇ چاغدا ئاكىسى ئالىم كىبىر ئىنىسى يۈسۈپ خالىققا: «نىمىشقا ئۆيگە ئادەم باشلاپ كېلىسەن؟ نەدىن ئەكەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە ئاپىرىۋەت» دەپ كايىغاندىن كېيىنن يۈسۈپ خالىق زىيانلانغۇچىنى ئويغىتىش ئۈچۈن تۈرتكەن بولسىمۇ، ئويغىتالمىدى، دەل شۇ چاغدا يۈسۈپ خالىقنىڭ كاللىسىغا ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىش دىگەن ۋەھشى خىيال كىردى ۋە ئىشنىڭ ئالدى- ئارقىسىنى ئويلىمايلا ئاكىسى ئالىم كىۋىرنىڭ ياتقان ئۆيىگە كىرىپ بىر دانە پالتا، بىر دانە قىڭراق، بىر دانە ئوغۇت خالتىسىنى ئېلىپ، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ خالىق ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىدىن تاقىۋەتتى، ئۆي ئىچىدە بۇ ئىككى يۈسۈپ خالىقتىن باشقا ئادەم يوق ئىدى، بىر يۈسۈپ خالىق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، يەنە بىر يۈسۈپ خالىق كاڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ چېچىدىن قامللاپ تۇتۇپ، ئوڭ قولىدىكى پىچاق بىلەن ئۇنىڭ گېلىغا ئىككى، ئۈچنى تىقتى، زىيانلانغۇچى ئۆزىنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالمايلا بىر دەم خىقىراپ، جىم بولۇپ قالدى، يۈسۈپ خالىق بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماستىن زىيانلانغۇچىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، قولىدىكى قىڭراق بىلەن ئۇنىڭ گېلىغا يەنە بىر نەچچىنى چاپتى. ئاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنى ئۆرۈپ دۈم ياتقۇزۇپ، پالتا بىلەن گەجگە قىسقىمىغا بېشى ئۈزۈلگىچە چاپتى، زىيانلانغۇچىنىڭ بېشى ئۈزۈلۈپ، دومىلاپ پەسكە چۈشكەندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇچىسىدىكى چاپاننى سالدۇرۇپ، پەستىكى تەنسىز باشقا يېپىپ قويدى. بۇ جەرياندا جىنايەتچى يۈسۈپ خالىقنىڭ ئاكىسى ئالىم كىبىر ئىشىكنى مۇشتلاپ: «ئىشىكنى ئاچ!....» دەپ ۋارقىرىدى، يۈسۈپ خالىق ئاكىسى ئالىم كىبىرگە يالغان سۆزلەپ: «ئاكا، سەن بۇ ئىشقا ئارىلاشما، بۇ ئىلگىرىكى جىنايەت سادىر قىلغان ۋاقتىمدىكى شىرىكىم، مېنى ئۆز ۋاقتىدا ساقچىغا چېقىپ قويقان، مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن. مەن جاندىن تويدۇم.....» دەپ گېلى چىقىپ كېتىدىغاندەك ۋارقىراپ، ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالىم كىبىر ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن يېزىلىق ساقچىخانىغا كەتتى.

تۇرۇستا ئېسىغلىق تۇرغان تۆۋەن ۋاتلىق لامپۇچكا بۇ مۇدھىش مەنزىرىگە ئۆزىنىڭ نۇرىنى چېچىۋاتقىنىغا ئۈكۈنىۋاتقاندەك ئۆي ئىچىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. قوللىرى قىپقىزىل قان بىلەن بويالغان بۇ مەلئۇن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز جەسەتنى پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت بىر رەزىل خىيال ئۇنىڭ ئېسىدىن يالت قىلىپ ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەسەتنىڭ بارلىق كىيىم- كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلىدى. ئۇنىڭ كۈندۈزى ئىچكەن پىۋىنىڭ تەسىرى بارا- بارا يوقاپ، مەستلىكى يېشىلىشكە باشلىغان ئىدى، ئۇ بارغانچە سەگەكلىشىۋاتاتتى. كىشى ئەقلىگە سىغدۇرۇش ئىنتايىن تەس بولغان قاباھەتلىك مەنزىرە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ئۇ ۋۇجۇدىدىكى قورقۇنچنى قانداق پەسەيتىشنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئېسىگە قايسى بىر كۈنى ئەكىلىپ، ئىشكاپنىڭ ئارقىسىغا قۇيۇپ قويغان بىر بوتۇلكا ھاراق كەلدى. ئۇ ئاشۇ ھاراقنى ئىچىپ، قورقۇنچىنى پەسەيتىش قارارىغا كەلدى..... ھاراقنى بوتۇلكا بىلەنلا ئاز- ئازدىن ئاغزىغا قۇيۇپ، بوتۇلكىنى قۇرۇغدىدى ۋە بىر دەمدىلا جەسەتنىڭ يېنىدىلا ئۇخلاپ قالدى.

يۈسۈپ خالىقنىڭ ئاكىسى ئالىم كىبىر تاڭ سەھەر ساقچىلارنى باشلاپ كەلدى. ساقچىلار ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئۆيگە كىرىپ، جىنايەتچى يۈسۈپ خالىقنىڭ بېخىرامان ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئۇنى قاتىللىق قوراللىرى بىلەن قولغا چۈشۈردى.

جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغاندا 18 ياشقا توشۇپ، 3 ئايلا ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى، 18 ياشقا ئەمدىلا قەدەم باسقان بىر ياشنىڭ ئاشۇنداق قاباھەتلىك دىلو سادىر قىلىشىنى ئاسانلىقچە ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولمايتتى.

ئۇنىڭ بۇ خىل قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزىشىگە سەۋەپچى بولغان ئەڭ چوڭ ئامىل جىنايەتچىمۇ ھاراق ئىچكەن، ئۆلگۈچىمۇ ھاراق ئىچكەن ئىدى. ئۆلگۈچى ئېغىر مەست بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ كەينىدىن ئىشنىڭ ئالدى- كەينىنى تولۇق ئويلىماستىنلا ئەگىشىپ ماڭغان. جىنايەتچىمۇ ھاراقنىڭ ئېغىر ھالدا مەست قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى مىھرى- شەپقەتنىڭ ئورنىنى ۋەھشىلىك، قورقۇنچنىڭ ئورنىنى قەبىھلىك ئىگەللەپ، بۇ خىل ئېچىنىشلىق پاجىئە يۈز بەردى. دىلو پاكىتىدىن قارايدىغان بولساق: «جىنايەتچى يۈسۈپ خالىق جەسەتنى پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئويلاپ، باشسىز تەننىڭ بارلىق كىيىم- كېچەكلىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلاپ بولۇپ، ئۇنىڭدا قورقۇنچ پەيدا بولدى. ئۇ ۋۇجۇدىدىكى قورقۇنچنى بېسىش مەقسىدىدە ‹جەسەتنى ھاراق ئىچىۋېلىپ پارچىلاي› دەپ ئۆيدىكى بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ، بىر دەمدىلا جەسەتنىڭ يېنىدىلا ئۇخلاپ قالدى» دىگەن قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز. مۇشۇ قۇرلاردىن قارىغاندا ھاراق ئادەمدىكى قورقۇنچ پىسخىكىسىنى تىزگىنلىسە كېرەك، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قورقۇنچ پەيدا بولغاندا ھاراق ئىچىۋالماقچى بولغانلىقى بۇنىڭ رۆشەن دەلىلى ئەمەسمۇ؟!

2008- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا قوماندانلىق قىلىشقا تەيىنلەنگەن سوتچى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايەتچى يۈسۈپ خالىققا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى، يۈسۈپ خالىقنىڭ نۇرى ئۆچكەن خۇنۇك كۆزلىرىدە ھىچقانداق ئىپادە كۆرۈنمەيتتى، ئۇ خۇددى مۇشۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقاندەك شۇنچىلىك بېخىرامان، شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالەتتە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى سوت كىسىم قەغىزىنى مىجىقلىغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتى.
ــــ ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەمسەن؟ ـــــ ئۇنىڭ بۇ خىل تاشقى قىياپىتىنى كۈزىتىپ تۇرغان سوتچى ئۇنىڭدىن سورىدى.
ئۇ بىر دەم جىم ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن:
ــــ ياق ــــ دەپ جاۋاپ بەردى.
سوتچى:
ــــ بىز تۆنۈگۈن ئائىلەڭدىكىلەرگە خەۋەر قىلغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرۋازا تۈۋىدە سەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ساقلاۋاتىدۇ، قانداق قىلىسەن؟ ــــ دىدى.
جىنايەتچى بېشىنى كۆتۈرۈپ:
ــــ ئۇلار كەلگەن بولسا كۆرۈشسەم كۆرۈشەي، ئۇلارغا دەيدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۇم بار، دەۋالاي ــــ دىدى سەل- پەل تىتىكلىشىپ.

بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ يېقىن توغقانلىرىدىن بىر نەچچىسى يىغا- زارە بىلەن دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەندە ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويماي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى. سوتچى كۆڭلىدە: «تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ داد- پەريات كۆتۈرىشى مۈمكىن» دىگەن خىيال بىلەن ئۇنىڭغا قارىغان ئىدى، ئۇ باياتىن ئالى سوتنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھالىتىدەك شۇنچىلىك بېخىرامان ھەم خاتىرجەم ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنىڭ يۈزلىرىنى، ۋاقىتسىز ئاقىرىپ كەتكەن شالاڭ چاچلىق بېشىنى توختىماي سىلايتتى، لىكىن ئۇ باشقا گەپ قىلماستىن ئۇلارنى جىم بولۇشقا ئۈندەپ:
ــــ مەن سىلەرگە ئىككى ئېغىز گېپىم بار ــــ دىدى. ئۇلار جىم بولغاندىن كېيىن شۇنچىلىك ئويچان ھالدا ــــ مەيلى قانچىلىك جاپا تارتساڭلارمۇ باللىرىڭلارنى باشقىلارغا بېقىۋالغىلى بەرمەڭلار (ئەسلى مەركىزى تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ ھەقتە توختالمىدىم)، يەنە بىر دەيدىغىنىم __ ھاراق ئىچمەڭلار، ھاراقتىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار» دىدى- دە، تۇغقانلىرىنىڭ داد- پەريادىغا پىسەنت قىلماي ئارقىسىغا ياندى.......

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەممە ئادەم دىيەلەيدىغان، ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ: «دادا، ھاراق ئىچمەڭ» دىگەن ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن سۆز بولسىمۇ، لىكىن ئۆلۈم ئالدىدىكى بىر مەھبۇسنىڭ ئاغزىدىكى بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ئېغىر، مەنىسى ئىنتايىن چۇڭقۇر ئىدى.
 

4- قىسم: غايىۋى قىزنى تالىشىپ، قان تۆككەن ھاماقەت
سەمەت يۈسۈپ ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، 2006- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى. ئۇ تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرىمۇ تۇردى ئەخمەت بىلەن ياخشى ئۆتەتتى، سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىكى چاغدا تۇردى ئەخمەت ئۇنى بىر نەچچە قېتىم يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئاغىنىدارچىلىقىنى يەتكۈزگەنىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە تۇردى ئەخمەت ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى، تۇردى ئەخمەتمۇ ئۇنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ قارايتتى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىرىنچى بولۇپ تۇردى ئەخمەتنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇلار شۇندىن باشلاپ ناھايىتى يېقىن ئۆتتى....

سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۇردى ئەخمەت بىلەن كېچە- كۈندۇز دىگۈدەك ئايرىلماي يۈرەتتى. ئۇلار بىر- بىرىنى بىر دەم كۆرۈشمىسە چىداشمايتتى. تۇردى ئەخمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سەمەت يۈسۈپنى تۈرمىگە كىرىپ چىققان دەپ قاراپ ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشماسلىققا تۇردى ئەخمەتنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالماي، ئاخىرى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى.

ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنچىلىك يېقىن بولۇپ كېتىشىگە تۆۋەندىكى ئورتاقلىقلار سەۋەپچى بولغان ئىدى __ ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى، پىكرى، قىزىقىدىغىنى، ئويلايدىغىنى بىر ئىدى، بىر- بىرىنىڭ گېپىنى يىرىشمايتتى، ناۋادا بىرى يەنە بىرىنى بىر يەرگە بېرىپ كېلىش تەكلىۋىنى بەرسە ئالدى- ئارقىسىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا ماقۇل بولۇپ، مەنزىلىگە بارغاندا ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىدىنى ئاندىن بىلەتتى. ئۇلاردىكى يەنە بىر ئورتاقلىق ــــ ھەر ئىككىلىسى ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى، مەيلى ھاراق ئىچكەندە بولسۇن، مەيلى ئىچمىگەندە بولسۇن ئۇلارنىڭ پارىڭى قىلسا- قىلسا تۈگىمەيتتى. يەنە كىلىپ ئۇلار كىچىك تۇرۇپ نەشە چېكىشنى ئۆگۈنىۋېلىشقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇلاردىكى بۇ خىل ئورتاقلىق ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بارغانچە چېڭىتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ يېشىمۇ 4 ياش پەرقلىنەتتى، سەمەت يۈسۈپ ئۇنىڭدىن چوڭ ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ياش پەرقى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيتتى. كۈنلەر لاغايلاپ يۈرۈش، ئىچىش، چېكىش بىلەن ئۆتىۋەردى. خەجلەيدىغىنىنى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى تەمىنلەپ تۇراتتى، چۈنكى بالا چوڭ بولۇپ قالغاندا يېنىدا پۇل بولماي قالسا يامان ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىپ، ئۆزىگە قالمىسىمۇ بالىلىرىغا بېرىشەتتى.

سەمەت يۈسۈپ تۈرمىدىن چىققىلى 37 كۈن بولغان كۈنى ئىدى. بۇ كۈن ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزىنىڭ بازار كۈنى ئىدى، ئۇلار يېزا بازىرىغا بازار ئوينىغىلى بىللە كەلدى، بىر دەم بازارنىڭ ئۇ دوقمۇش- بۇ دوقمۇشىغا مېڭىپ بېقىپ، ئىچلىرى پۇشۇشۇپ، ئۇلار دائىم كىرىپ تۇرىدىغان مەڭلەشخاننىڭ يىمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا بىرگە كىرىپ ھاراق ئىچىشتى. 250 گراملىقتىن بىرنى تۈگەتكەندىن كېيىن ناھىيە بازىرىغا بارماقچى بولۇشتى ۋە ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇپ، ناھىيە بازىرىغا باردى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چېكىدىغىنى ئۆكسۈپ قالغانىدى، ئۇ نەرسىنى ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ئېلىپ كەتمىسە يېزا تەۋەسىدىن تاپماق قىيىن ئىدى. ئۇلار نەشە ساتىدىغان خوجايىن (ئۇلار ئۇنى لوبەن دەپ ئاتايتتى) نىڭ ئۆيىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئىشىك تاقاق بولغاچقا ئالالماي يېنىپ بېرىپ، خوجايىننى ساقلىغاچ، مىرۋانخاننىڭ قاتناش بېكەت يېنىدىكى يىمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا ھاراق ئىچمەكچى بولۇشۇپ كىردى. ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكىنى قۇرۇغداپ بولدى، بۇ چاغدا ئۇلار خېلىلا تەڭشىلىپ قېلىشقانىدى. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى. يەنە ئىچمەكچى بولۇشقان بولسىمۇ، ئۇلارنى كۈزىتىپ ئولتۇرغان دۇكاندار «مەست بولۇپ كەتتىڭلار، ئەمدى ئىچمەڭلار» دەپ ئۇلارغا ھاراق سېتىپ بەرگىلى ئۇنمىدى، ئۇلار خېلى يالۋېرىپ يۈرۈپ، 4 بوتۇلكا پىۋە ئالدى، ئۇلار بۇ 4 بوتۇلكا پىۋىنى ئىچىپ بولغىچە كەچ سائەت ئون يېرىم بولۇپ قالغان بولۇپ، سىرتتا ئادەملەر شالاڭشىپ قېلىشقانىدى، ئۇلار دۇكاندىن چىقىپ ھېلىقى خوجايىننىڭ ئۆيىدىن نەشە سېتىۋېلىپ چىقىپ، چېكىدىغان خالى جاي ئىزدەپ، بازارنىڭ غەرپ تەرىپىدىكى خەلق مەيدانى (بۇ مەيداننى يەرلەك كىشىلەر يېشىللىق مەيدان دەپ ئاتىشاتتى) غا كېلىشتى-دە، راۋاقنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، موخۇركىنى پىنەك قىلىپ ئۇراپ، نەشە سېلىپ چەكتى. ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن نەشىنىڭ كۈچى بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ئىنچىكە تىللىرىنى ئۇزارتقىلى تۇردى. ئۇلار خىيالىغا كەلگەن گەپنى قىلىشاتتى، گەپ قىلىشىۋېتىپ كۈلىشەتتى، تۇرۇپ قاپاق تۈرىشەتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە باياتىن ئىچكەن ھاراقنىڭ كەيپىگە نەشىنىڭ كەيپى قوشۇلۇپ، پاڭ بولۇشتى....

گەپ ئارلىقىدا سەمەت يۈسۈپ تۇيۇقسىزلا:
ــــ مەن ئايشەم بىلەن توي قىلىمەن،ـــــ دەپ سالدى.
بۇ گەپنى تۇردى ئەخمەت ئاڭلاپ:
ــــ ئايشەم بىلەن مەن توي قىلىمەن، ــــ دىدى.
سەمەت يۈسۈپ تىرىكىپ قالدى ۋە:
ــــ ئۇ سەن بىلەن توي قىلمايدۇ، مەن بىلەن قىلىدۇ، ــــ دىدى.
ــــ ئۇ قانداقسىگە سەن بىلەن توي قىلغۇدەك، مەن بىلەن قىلىدۇ، ــــ تۇردى ئەخمەتمۇ بوش كەلمىدى.
.............................

ئۇلار تاللىغان بۇ راۋاق كەڭ يېيىلىپ ياتقان خەلق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ھىچكىم ئاڭلىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىت ئېغىر ياتالغۇ مەزگىلى بولغاچقا ئەتراپتا بىرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت مەيداننىڭ نېرىقى ياقىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشىۋاتقان كىچىك ماشىنىلارلا ناھىيە بازىرىنىڭ جىم- جىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى....

نەتىجىدە بۇ گەپ بۇ قەدىناس ئاغىنىلەرنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويدى، دەسلەپتە ئۇلار بىر پەس گەپ تالاشتى، كېيىن رەسمى مۇشتلاشتى، ئۇلار بىر ھازا مۇشتلۇشۇپ، سەمەت يۈسۈپنى تۇردى ئەخمەت ئۇرۇپ كەتتى. سەمەت يۈسۈپ ئۆزىدىن 4 ياش كىچىك تۇردى ئەخمەتتىن تاياق يىگەنلىكىگە چىدىماي يېنىدىكى غىلاپتىن پىچىقىنى سۇغۇرۇپ ئالدى- دە، بىر دەملىك ئاچچىقىنى بېسىۋالالماي تۇردى ئەخمەتنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تىقىۋەردى، سەمەت يۈسۈپ ھەركىتىنى تاكى ئۇ يەرگە يېقىلغىچە داۋاملاشتۇردى، نەتىجىدە تۇردى ئەخمەتنىڭ مۈرە، كۆكرەك، قورساق، قول قاتارلىق 11 يېرى زەخمىلەندى، تۇردى ئەخمەت يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن ئۇ پىچاقنى چىملىققا چۆرىۋەتتى، ئاندىن تۇردى ئەخمەتنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ ۋە سۆرەپ يۈرۈپ پىيادىلەر يولىغا ئېلىپ چىقىپ، يولدا قۇرۇق ھالەتتە ئۆتۈۋاتقان تاكسى توستى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ بىرمۇ ماشىنا توختىمىدى، چۈنكى ئۇلاردىن بىرى دەلدەڭشىيتتى، بىرى يېتىۋالغان ئىدى، تاكسى شوپۇرلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ تۇرقى غەرق مەستتەك ئۇقۇم بېرىپ قالغان بولۇپ، شوپۇرلار ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىشىدىن قورقۇپ توختىمىغان بولىشى مۈمكىن ئىدى.

ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلىغان سەمەت يۈسۈپنىڭ كاللىسىغا بىردىنلا بىر ئەقىل كەلدى، ئۇ شۇ ئەقىلنىڭ تۈرتكىسىدە تۇردى ئەخمەتنى پىيادىلەر يولىغىلا تاشلاپ قويۇپ، قاتناش بېكىتىگە بېرىپ، يېزىلىق ساقچىخانىغا كەلدى. ساقچىخانىدا ياش بىر ساقچى دىجۈرنىلىك قىلىۋاتاتتى.

سەمەت يۈسۈپ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «ناھىيە بازىرىنىڭ يېشىللىق مەيدانىدا ناتونۇش 5 باللار دوستۇم تۇردى ئەخمەت بىلەن ئىككىمىزنى بۇلاپ كەتتى، تۇردى ئەخمەتكە پىچاق تىقىۋەتتى» دەپ يالغان دىلو مەلۇم قىلدى. ساقچىخانا خادىملىرى دەرھال كۈچ تەشكىللەپ، تېزدىن نەق مەيدانغا يىتىپ كەلدى- دە، تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى. سەمەت يۈسۈپمۇ نەق مەيدانغا ساقچىلار بىلەن بىللە كەلدى. تۇردى ئەخمەت ئاللىقاچان جان ئۈزگەن بولۇپ، پۇت- قوللىرى مۇزلاپ، كۆز قارچۇقلىرى قېتىپ قالغانىدى. سەمەت يۈسۈپ چىملىققا تاشلىۋەتكەن پىچاق ساقچىلارنىڭ سەزگۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، پىچاقتىن ئىبارەت بۇ ماددى پاكىت دىلونى پاش قىلىشتىكى بىرىنچى بۆسۈش نوقتىسى قىلىندى، سەمەت يۈسۈپنىڭ دىلو مەلۇماتى بىلەن نەق مەيدان ئەھۋالى تازا ماس كەلمەيۋاتاتتى، چۈنكى جەسەت ياتقان پىيادىلەر يولى بىلەن راۋاقنىڭ يېنىدىكى ئۆلگۈچىدىن ئاققان قان دېغى مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاپ تۇراتتى. سەمەت يۈسۈپ دىلو مەلۇماتىدا جەسەت ياتقان يەردە بۇلاڭچىلار بۇلاپ، تۇردى ئەخمەتكە پىچاق تىققانلىقىنى بايان قىلغانىدى، ئانداقتا راۋاق بىلەن جەسەت ياتقان ئارلىقتىكى بۇ قان دېغى قانداق پەيدا بولدى؟ نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن سەمەت يۈسۈپنىڭ كەمىرىگە ئېسىقلىق تۇرغان پىچاقسىز غىلاپ ئۇنىڭ يېنىدا پىلدىرلاپ تۇراتتى، بۇ پىچاقسىز غىلاپ بايا ساقچىخانىدا دىجۈرنىلىك قىلىۋاتقان ياش ساقچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمەت يۈسۈپنىڭ يۈرۈش تۇرىشى ۋە گەپ- سۆزلىرى بىنورمال بولۇپ، بارغانچە رازۋىتچىكلارنىڭ دىھقىتىنى تارتىۋاتاتتى.....

رازۋىتچىكلار ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق سەمەت يۈسۈپنى مەزكۇر دىلودىكى زور گۇمانلىق ئوبىكىت دەپ بېكىتتى ۋە دەرھال سوراق قىلدى، ھودۇقۇپ كەتكەن بۇ نەشىخور قاتىل بىرىنچى قېتىملىق سوراقتىلا قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ تاپشۇردى.....

ئارىمىزدا روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا نېرۋا كېسەللەر بويىچە تەكشۈرتسە ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولمىغان بىلەن ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ساراڭدىن ھىچقانداق پەرقى يوق ئادەملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ساقچىلار سەمەت يۈسۈپنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن ئۇلارنى جېدەلگە سېلىپ، قان تۆكۈلۈشكە غايىۋى سەۋەپچى بولغان ئايشەم ئىسىملىك قىز بىلەن تەرتىپ بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى، ئايشەمنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۇلارنى سىرتتىن تونۇغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككىيلەنگە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، توۋا دەپ ياقىسىنى چىشلىگىنىچە قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن.....
 

5-قىسم: مەدىكارنىڭ ۋەھشىلىكى
نۇرئېلى بۇ يۇرتتا مەدىكارچىلىق قىلاتتى، پۇل تاپسىلا مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدىكى پارچە ھاراق دۇكىنىغا يۈگۈرەيتتى، ئۇ كۆپۈنچە ئۈلپەتسىز ھاراق ئىچەتتى، چۈنكى ئۇ كىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە شۇنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىدىغان مەدىكار بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى، شۇڭا ئۇ ھەردائىم يالغۇز ھاراق ئىچەتتى، مەست بولۇپ قالسا ئۇدۇل كەلگەن يەردە، كوچىدا، ئۆستەڭ بويىدا، ئېتىز قىرىدا، يول تۆپىسىدە، ئورمان بەلۋېغىدا يېتىپ ئۇخلاپ، ئۇيقۇسى قانغاندا ئۆيىگە كېتەتتى. بەزى ھاللاردا ئۈلپەتلىكمۇ بولۇپ قالاتتى.
بۇنداق چاغدا باشقىلار «ئۆيىگە بارسا چاي قاينىتىپ بېرىدىغان ئادىمىمۇ يوق، مەستلىكىدە تالادا قونۇپ قالمىسۇن» دەپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ھاراقنى ئاز بېرەتتى، بۇ چاغدا ئۇ بەك خاپا بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنمايۋاتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ھاراق ئىچەلمىگىنىدىن خاپا بولاتتى. ئۇنىڭ قىلىدىغان ئەمەلى ئاساسەن شۇ ئىدى. ئۇ 44 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ، ئۆمۇربويى ئۆيلەنمىگەنىدى. ئۇنىڭ مەھەللە ئايىقىدا ئەسكى تاشلاندۇق ئۆيىدىن باشقا ئۆزىگە تەۋە ھىچقانداق تەئەللۇقاتى يوق بولۇپ، تىكەندەك يالغۇز ياشايتتى. مەھەللىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ تولىمۇ يۇۋاش ھەم ئىشچان ئىدى، قانداق ئىشقا بۇيرىسا ۋايسىمايتتى. نىمە ئىشقا بۇيرىسا بىجانىدىل ئورۇندايدىغان مىجەزى مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىگە بەك ياقاتتى، ئىش تۈگىگەندە باھا تالىشىپ ئولتۇرماي قانچىلىك پۇل بەرسە ئالاتتى، بەزىدە بىر قاچا ئاشقىمۇ نۇرغۇن ئىشنى قىلىۋېتەتتى. شۇڭىمىكىن بۇ ياقا يۇرتلۇق يالاڭتۆش 15 يىلدىن بېرى بۇ مەھەللىگە قۇمغا سىڭگەن سۇدەك سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ياقمايدىغان ئەيىپى __ ئۇ ھاراق ئىچەتتى، ھاراق ئىچسىلا ئىشنى توختۇتۇپ قوياتتى، مەھەللىدىكىلەردىن مەسچىتنىڭ ئىمامىدىن باشقىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئەيىپىنى ئانچە ئەيىپلەپمۇ يۈرمەيتتى. ئۇلار: «يالغۇزچىلىقتا ھاراق ئىچمەي نىمە ئىش قىلىدۇ» دەپ ئۇنىڭ بۇ ئەيىپىنى ياپاتتى.

2002- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، يەكشەنبە. كۈن چۈشتىن قايرىلغان مەھەلدە ئەنۋەر مەترېھىم خۇددى ئەجەل سۆرەپ كەلگەندەك نۇرئېلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، چۈش بولاي دىگۈچە ئۇخلاۋاتقان نۇرئېلىنى تۈرتۈپ ئويغاتتى، ئادەتتە بۇ مەھەللىدە ئەنۋەر مەترېھىملا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ- چىقىش قىلىدىغان بىردىن- بىر كىشى ئىدى، راستىنى ئېيتقاندا ئەنۋەر مەترېھىم نۇرئېلىگە ئوخشاشلا ھاراققا ئامراق ئىدى، نۇرئېلى ئادەتتە ئۆيىدە ئانچە- مۇنچە ھاراق ساقلاپ قوياتتى، ئۇ شۇنى كۆزلەپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە پات- پات كىرەتتى. ئەنۋەر مەترېھىم ئادەتتە نۇرئېلىنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى، شۇڭىمۇ ئۇنىڭغا سەت گەپ بىلەن تىللىشىپ تۇرۇپ چاقچاق قىلاتتى، نۇرئېلىمۇ ئۇنىڭ بۇ چاقچىغىنى ئانچە ئېغىر ئېلىپمۇ كەتمەيتتى، بەزىدە ئۇمۇ ئاغزىنى بۇزۇپ قوياتتى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كەيپى ئۆرلىگەنسىرى بۇ خىل چاقچاقلار تازا ئەۋجىگە چىقاتتى.

نۇرئېلى ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇردى- دە، يۈزىنى يۇيۇپ، چاي قايناتتى ۋە پارچە- پۇرات نان بىلەن ناشتا قىلدى، ئاڭغىچە ئەنۋەر مەترېھىم ئۆيىگە چىقىپ، ئۇششاقلىقىدىن شوخۇلا بىلەن لازا ئەكىرىپ توغراپ خامسەي قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار دەسلەپتە نۇرئېلىنىڭ ئۆيىدە نۇرئېلى قايسى بىر كۈنى ئەكەپ قويغان سەل يېرىمدىغان ھاراقنى ئىچىشتى.

ھاراق تۈگىگەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسى ھاراققا قانمىدى-دە، سورۇننى ئەمەر تۇرسۇننىڭ يىمەك- ئىچمەك دۇكىنىغا يۆتكەشنى تايىن تاپتى، ئۆي بىلەن دۇكان ئارلىقى بەكمۇ يىراق ئەمەس ئىدى. دۇكان ئىچى خېلى كەڭ ۋە ئازادە بولۇپ، بۇ ئىككەيلەندىن باشقا سورۇن تۈزەپ ئولتۇرۇشقانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار دۇكانغا كىرىپ، بىر بوتۇلكا ھاراق ۋە قاتتىق- قۇرۇق زاكوسكا بۇيرۇتۇپ ئىچىشتى. ئۇلارنىڭ كەيپى بارغانچە ئۆرلەشكە، پاراڭلىرى ئاۋۇشقا باشلىدى. بارا- بارا پاراڭ ئۇلغايدى، ئاخىرىدا بىر- بىرىنى سەت گەپ بىلەن تىللىشىپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىشتى، يانداش سورۇندىكىلەر ئۇلاردىن ئەنسىرەپ: «ئۇرۇشۇپ قالماڭلار يەنە» دەيتتى، نۇرئېلى بىلەن ئەنۋەر مەترېھىم بىر ئېغىزدىن: «ياق، ياق، ئۇرۇشۇپ قالمايمىز، چاقچاق قىلىشىۋاتىمىز» ديىشەتتى. شۇ خىل يۇسۇندا سورۇن داۋام قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا تارقاپ، ئۆيلىرىگە كەتمەكچى بولۇشتى، ئۇلارنىڭ «چاقچىقى» داۋام قىلماقتا ئىدى، بىر-بىرىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپ بىلەن تىللىشاتتى....

ئۇلار دەلدەڭشىگەن ھالدا سىرتقا چىقىشتى، مەھەللە ئاسمىنىدا ئېسىلىپ تۇرغان تولۇن ئاي ئەتراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇلار دۇكاندىن تالاغا چىققاندىمۇ ئۇلارنىڭ «چاقچىقى» تۈگىمىدى، ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ يەنە «چاقچاق» لاشتى، ئاخىرى چاقچاق جاقجاققا ئالماشتى. نۇرئېلىنىڭ چاقچىقىنى ئەنۋەر مەترېھىم كۆتۈرەلمىدى، ئۇلار بىر- بىرىنى سەت گەپ بىلەن تىللىشىپ ئۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ئېغىر ھالدا مەست ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى، بىر- بىرىنى ئىتتىرىشقاندا زەربىگە ئۇچرىغۇچى ئوڭچىلاپ يېقىلىپ چۈشەتتى، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، قارشى تەرەپنى ئىتتىرەتتى، پۇت قولى گىلدىڭشىپ قالغان قارشى تەرەپمۇ خۇددى رەقىبىگە ئوخشاش يېقىلاتتى. ئۇلار شۇ خىل تەرۇزدا ئىتتىرىشىپ، يەنە ئەنۋەر مەترېھىمدىن قىزىل چىقتى، ئۇ يېنىغا ئېسىۋالغان پىچىقىنى چىقاردى ۋە بېلىدىكى كەمىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، نۇرئېلىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى.

نۇرئېلى ئاي يورۇقىدا ئەنۋەر مەترېھىمنىڭ قولىدىكى پىچاقنىڭ ۋال- ۋۇل قىلغان بىسىنى كۆرۈپ، ئۇنى قۇچاقلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن پىچاق بىلەن كەمەرنى تارتىۋالدى- دە، ئەنۋەر مەترېھىمنىڭ كۆكرىكىگە گاچىلدىتىپ ئۈچ پىچاق تىقىۋەتتى، ئەنۋەر مەترېھىم شۇ زامات يەرگە يېقىلدى، نۇرئېلى قولىدىكى پىچاقنىڭ دەستىسى بىلەن ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئىككىنى ئۇردى، بۇ چاغدا جان تالىشىۋاتقان ئەنۋەر مەترېھىم ئورنىدىن قوزغۇلۇپ، نۇرئېلىنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى. كۆزىگە قان تولۇپ، ئەسەبىلەشكەن نۇرئېلى ئەنۋەر مەترېھىمنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ گېلىغا پىچاق سۈرۈپ، ئۇنى قوي بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ تاشلىدى. ئارقىدىن گال قىسمىغا پىچاق تىقتى، پىچاقنى تارتىپ ئالماقچى بولۇپ تارتقان بولسىمۇ، پىچاق ئۇنىڭ گېلىغا قىسىلىپ قالغاندەك زادىلا چىقمىدى. ئەنۋەر مەترېھىم جىم بولۇپ قالدى. نۇرئېلى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، 830 مېتىر يىراقلىققا بېرىپ، يول بويىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

.....ئەتىسى سەھەردە مەسچىتتىن ناماز ئوقۇپ قايتىپ ماڭغان كىشىلەر ئەنۋەر مەترېھىمنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان جەسىدىنى بايقىدى، ئۇلار جەسەتنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىدىن تېنى شۈركىنىپ، تەتۈر قارىۋېلىشتى، چۈنكى جەسەت قانغا مىلەنگەننى ئاز دىگەندەك بوغۇزلانغان كارنىيى ھاڭدەك ئېچىلىپ، كىشىگە دەھشەتلىك مەنزىرە بولۇپ كۆرۈنەتتى. جەسەتتىن قان ھىدى ۋە قاڭسىق ھاراق پۇرىقى كېلەتتى. ئۇلار كېتىۋېتىپ نۇرئېلىنىڭ يول بويىدا ياتقانلىقىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنى ساقچىغا تېلىفون ئارقىلىق مەلۇم قىلدى....

نۇرئېلى كىشىلەرنىڭ ئاياق تىۋىشىدىن ئويغۇنۇپ، ئورنىدىن تۇردى. مەسچىتتىن تارقىغان نامازخانلار ئۇنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان قاڭسىق ھاراق پۇرىقىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، بۇرۇنلىرىنى ئېتىشىپ يولىغا راۋان بولدى. نۇرئېلى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ نېرۋىلىرى خۇددى بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەندەك تازا جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ كېتىۋېتىپ، ئاخشامقى دەسلەپتە ھاراق ئىچكەندىن باشلاپ ھەممە ئىشنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى، بىردىنلا ئەنۋەر مەترېھىمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن دەھشەتلىك مەنزىرە ئېسىگە كېلىپ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى..... ئۇ شۇ خىيال بىلەن ئۆيىگە كەلدى ۋە كارۋىتىغا قىيسايدى، ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى، ئۇ ھېلى ئورنىدىن ئولتۇرسا، ھېلى ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭاتتى.... ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنۋەر مەترېھىمنى ئۆلتۈرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيتتى.

ساقچىلار ئۆي ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى، نۇرئېلىنىڭ يۈرىكى «قارت!» قىلىپ قالدى. قولىغا مۇزدەك كويزا سېلىنغاندا ئۇ قولىنىڭ قىپ- قىزىل قانغا بويالغانلىقىنى ۋە قانلارنىڭ قېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

ئۇ ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلىۋاتقاندىكى سۆزلىرى شۇنچىلىك راۋان ئىدى، لىكىن ساقچىلارنىڭ «ئوتتۇراڭلاردا بىرەر تىلغا ئالغۇدەك ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك يوق ئىكەن، شۇنداق تۇرۇپ ئۇنى نىمىشقا ئۆلتۈرىۋەتتىڭ؟» دىگەن سۇئالىغا ئۇ ئۈنچىقماي بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ئۆز- ئۆزىگە دەۋاتقاندەك ئۇھسىنىپ تۇرۇپ پىچىرلىدى: «ئۇنى نىمىشقا ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن! ھەممىسى مەستلىكتە بولغان ئىش».

راستىنى ئېيتقاندا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق ئۆچ- ئاداۋەت يوق ئىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەر قېتىم ئارازلىشىپمۇ باققانلار ئەمەس ئىدى. ئورنىنى قانچە قىلسىمۇ تولدۇرۇپ بولالمايدىغان بۇ خىل پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەپچى بولغان ئامىل زادى نىمىدۇ؟
 

6- قىسم: جان بىلەن ئوينۇشۇش
كۈز پەسلى دىھقاننىڭ مول- ھوسۇللۇق پەسلى، چۈنكى بۇ پەسىلدە ئۇنىڭ قولى پۇل كۆرىدۇ، چېھرىدىكى شاتلىقنى چىرايىدىكى يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. دىمىسىمۇ يىل بويى ئاپتاپتا كۆيۈپ، سوغوقتا توڭلاپ، تاپقان- تەرگىنىنىڭ مىۋىسى مۇشۇ پەسىلدە ئۇلارنىڭ قولىغا ئاران دىگەندە تېگىدىغان تۇرسا ئۇلار خوشال بولماي كىم خوشال بولسۇن؟! دىھقان ئۈچۈن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشتە مۇشۇ پەسىلدىنمۇ باياشاتلىق يەنە بىر پەسىل بولمىسا كېرەك.

2008- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى كۇچار ناھىيە خانىقاتام بازىرىنىڭ بازار كۈنى ئىدى، بۇ بازار ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنىسى بازار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان ھەر پەيشەنبە كۈنى قاينام- تاشقىنلىق بازار كەيپىياتىغا چۆمەتتى. بازار تىقما- تىقماق ئادەملەر توپى بىلەن پىخىلدايتتى.

بۇ بىر نەچچە ئاغىينىلەر باياشاتلىقنىڭ پەيزىدىن بەھرى ئېلىش مەقسىدىدە كۈندۈزىلا بازارنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان «گۆھەر زىمىن رېستۇرانى» غا يىغىلىشىپ، ئىچىشتى. سورۇننىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ بۇ سورۇنغا يىغىلىسىدىكى ئاساسى مەقسىدى ھاراق ئىچىشنىلا ئاساس قىلغانلىقى مەلۇملۇق ئىدى، چۈنكى سورۇندا نە بىر چاقچاق، نە ساز مۇزىكىدىن ئەسەر يوق ئىدى. پەقەت كىم ھاراقنى ئاز ياكى جىق ئىچكەنلىكى سورۇننىڭ ئاساسى تېمىسى ئىدى. ئۇلار بىر ھازا ئىچىشكەندىن كېيىن كەچ كىرەي دىگەندە «ئەتىرگۈل رېستۇرانى» غا يۆتكۈلۈشتى. بۇ رېستۇراندىمۇ يەنە ئىچىشۋازلىق كەچ كىرگىچە داۋاملاشتى....... كەچ كىردى، بازارغا ئەتىگەندىن بېرى پېتىشماي كەتكەن بازارچىلار كەچ قالغان بازارچىلارغا بازارنى بوشۇتۇپ بەرمەكچى بولۇشقاندەك بازاردىكى كىشىلەر توپى شالاڭشىپ قالغانىدى.

چوققا- بېشىغا بىر بوتۇلكىدىن كۆپرەك ھاراق ئىچىشكەن بۇ ئاغىنىلەر «ئەتىرگۈل رېستۇرانى» دىن بىر- بىرىنى يۆلۈشۈپ، دەلدەڭشىشىپ چىقىپ كەلدى، ئۇلار بازارنىڭ چوڭ دوقمۇشىدىن يېڭىتۇر كەنتىدىكى ئۆيلىرىگە قايرىلىپ، ئىگىز- پەس دەسسىشىپ پىيادە مېڭىپ، ئۇزۇن كەنتىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە قارشى يۆنۈلۈشكە كېتىۋاتقان نىياز مامۇت ئۇچرىدى. جىنايەتچى ئەنۋەر توختى چاقچاق قىلىۋاتقاندەكلا قالغان 4 نەپەر دوستلىرىغا:
ــــ مەن ئۇنى قورقۇتۇپ قوياي، ـــــ دىدى ۋە دوستلىرىنىڭ سۆزىنى كۈتمەستىنلا يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ، خۇددى راست قىلىۋاتقاندەك نىياز مامۇتنىڭ گېلىغا پىچاقنى تەڭلىدى.
ئەنۋەر توختىنىڭ دوستلىرى بۇنى كۆرۈپ:
ــــ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ تونۇمايدىغان ئادەمگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلامسەن؟....ـــــ دىيىشىپ، ئۇنى دەرھال ئاجرىتىپ ئېلىپ ماڭدى.
ئۇلار ئالدىغا قاراپ مېڭىپ تۇرىشىغا تۇيۇقسىز نىياز مامۇت ئۇلارغا:
ــــ موتوسكىلىتىڭلار بولسا بىرىپ تۇرۇڭلار، مەن مىنىپ ئۆيگە كېتىۋالاي ـــ دىدى.
ئەنۋەر توختى:
ــــ نىمە دەيدۇ، ماۋۇ....ــــ دىگىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا قولىدىكى پىچاقنى نىياز مامۇتنىڭ كۆكرەك قىسمىغا «گاچ!» قىلىپ تىقىۋېتىپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك دوستلىرى بىلەن يولىغا قاراپ كېتىۋەردى ۋە ئۆزىچە ماختىنىپ:
ــــ مەن ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتتىم، ـــــ دىدى. دوستلىرى:
ــــ پىچاقنى كۆرسىتە، كۆرۈپ باقايلى،ــــ دىدى.

ئەنۋەر توختى بىسى قانغا بويالغان پىچىقىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. ئۇلار شۇ ماڭغانچە مەھەللىگە يىتىپ كەلدى.
ئۇلار مەھەللە دوقمۇشىدىكى بېليارتخانىنىڭ چىرىقىنىڭ ئوچۇقلىقىنى كۆرۈپ بىليارتخانىغا كىردى، ئۇلار كىرگەندە بىر نەچچە ياش- گۆدەكلەر بېلىيارت ئويناۋاتاتتى. ئەنۋەر توختى كىرىپلا ئۆزىچە خۇددى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىۋەتكەن ئادەمدەك ماختىنىپ:
ــــ مەن بىر ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتىم،ــــ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىدى.

بۇ ۋاقىتتا ئەنۋەر توختىنىڭ بىللە كەلگەن ئاغىنىلىرى زادىلا خاتىرجەم بولالماي ئۆز- ئارا پىچىرلىشىپ، بېليارتخانىدىن چىقىپ، موتوسكىلىتلىق بايا ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا باردى. يول بويىدا باياتىن پىچاق يىگەن ئادەم دۈم ياتاتتى، ئۇلار ئۇنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ ۋارقىراپ باقتى، دۈم ياتقان كىشىدىن ھىچقانداق تىۋىش يوق ئىدى، كەلگەنلەردىن بىرەيلەن ئۇنىڭ بۇرنىغا قولىنى تۇتۇپ بېقىپ: «تىنىقمۇ يوق تۇرىدۇ» دىدى، «ئۆلۈپتۇ- دە» دىدى ئۇلار ئۇھسىنىپ.

ئۇلار بېلىيارتخانىغا قايتىپ كەلگەندە ئەنۋەر توختى بېلىيارتخانىدا كۆرۈنمىدى، ئۇلار سۈرۈشتۇرۇپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئەنۋەر توختىنى تاپتى ۋە:
ــــ بىز باياتىن سەن پىچاق تىقىۋەتكەن ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ كەلدۇق، ئۇ ئادەم ئۆلۈپتۇ. سەن دەرھال ساقچىغا ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل.... ـــــ دەپ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىشتى.

ئەنۋەر توختى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، يېنىدىن باياتىنقى قان يۇقى پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۇلارغا قارىتىپ بىر- بىرلەپ تەڭلىدى ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى:
ــــ باياتىن بېرى قايسىڭ مېنى كۆردۈڭ، قايسىڭ مېنى كۆردۈڭ؟ ئەگەر دەپ قويىدىغان بولساڭ كۆزۈڭنى ئويۇۋالىمەن! ــــ دېدى. ئۇلار قورقۇشۇپ بىر ئېغىزدىن:
ــــ بىز سىزنى كۆرمۈدۇق، بىز سىزنى كۆرمۈدۇق، ــــ دىيىشتى.
ئەنۋەر توختى ئۇلارنى باشلاپ، بېلىيارتخانىغا كىردى، بېليارتخانىدا بېليارت ئويناۋاتقان ئىككى ئادەم ۋە بېليارت ئىگىسى بار ئىدى. ئەنۋەر توختى پىچىقىنى ئۇلارغا تەڭلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
ــــ مېنىڭ قولۇمغا پىچاق ئېلىپ يۈرگىنىمنى قايسىڭ كۆردۈڭ؟ كۆرمۈدۈڭ، شۇنداقمۇ؟ گەپ قىلىشمامسەن؟ــــ دەپ ئۇلارغىمۇ تەھدىت سالدى.
ئۇلارمۇ قورقۇپ كىتىپ بىر ئېغىزدىن:
ــــ بىز كۆرمۈدۇق، بىز كۆرمۈدۇق،ــــ دىيىشتى.

بېلىيارتخانىدىكىلەر جىم- جىت ھالدا يۇۋاشلىق بىلەن يەرگە قارىشىپ تۇراتتى، بۇنى كۆرگەن ئەنۋەر توختى ئۆزىنى خۇددى غالىپ سەركەردىلەرگە ئوخشۇتۇپ ئاۋازىنى كەردى:
ــــ مەن بىر ئادەمگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، ئەگەر ساقچىلارغا دەپ قويىدىغان بولۇشساڭ كۆزۈڭنى ئويۇۋالىمەن....!.

ئۇلارنىڭ قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش تۇرغان قىياپىتىدىن: «بۇلار ساقچىغا دەپ قويمايدىغان بولدى، ئەمدى مېنى ساقچىلار ھىچنىمە قىلالمايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ مەست كاللىسىدا ئىشنى ناھايىتى ئاددى ئويلاپ بېخىرامان ھالدا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئەنۋەر توختى ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيىدىكى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن قولغا چۈشتى.

جاۋاپكار ئۆزىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز چىرايلىرى پۈرۈشۈپ، كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى ھەم بىردىنلا ھۆڭرەپ يىغلاپ، تامنى مۇشتلاپ كەتتى، ئۇ بىر ھازا يىغلىۋالغاندىن كېيىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ھېقىغداپ تۇرۇپ ئۆز- ئۆزىگە شىۋىرلىدى: «ھاراق ئىچمىسەم بوپتىكەن، مەن ئەسلى ھاراق ئىچمىسەم بوپتىكەن! مۇشۇ ئىشنىڭ ھەممىسىگە ھاراق سەۋەپچى...».

ئۇ 19 يىللىق قىسقىغىنە ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ بۇنچىلىك تېز ئاخىرلىشىپ كېتىشىگە زادىلا چىدىمايۋاتاتتى، بىردىن باشلاپ سانىغاندا 19 غىچە ساناشقا سىكونت ۋاقىت كۇپايە، 19 يىل! ئىنسان ئۈچۈن بۇ نىمە دىگەن قىسقا ھايات، نىمە دىگەن قىسقا ئۆمۈر- ھە! ئەمدىلىكتە بولسا ھاياتلىق ئۇنىڭغا باشقىدىن قىممەتلىك بىلىنمەكتە ئىدى، ئۇ بۇ قەبىھ ۋە ئېغىر جىنايەتنى سادىر قىلمىغان بولسا يەنە ئەللىك، ئاتمىش يىل ياشىشى مۈمكىن ئىدىغۇ؟ توي قىلغان، بالىلىق بولغان، نەۋرە- چەۋرىلىك بولغان، ھاياتنىڭ نى- نى مەئىشەتلىرىدىن بەھرى ئالغان بولاتتىغۇ! مانا قاراڭ، ئۆلگۈچىنىڭ 68 ياشلىق دادىسى، 65 ياشلىق ئانىسى، 3 بالىنى توققان ئايالى، چوڭى 10 ياشلىق، كىچىكى 2 ياشلىق 3 نەپەر پەرزەندلىرى تۇرمۇشتا يۆلەنچۈكسىز قالدى، مانا بۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى. باشقىسىنى ئېيتمايلا تۇرايلى، ئۆلگۈچىنىڭ شۇ 2 ياشلىق پەرزەندى ئەقلىگە كەلگەندە ئەنۋەر توختى تەرىپىدىن بىھۇدە قەتلى قىلىنغان دادىسىنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلەرمۇ؟

كوللىگىيىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ دىلونىڭ ۋەقەلىكى ھەممىمىزنى ئىختىيارسىز قىزىقتۇردى، چۈنكى بىز بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بېجىرىپ، كۆپنى كۆرگەن تەجىربىگە باي سوتچىلار بولساقمۇ، لىكىن بۇ دىلوغا ئوخشاش بىر- بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان، ئارىدا ھىچقانداق ئۆچ- ئاداۋەت ۋە ھىچقانداق سۈركۈلۈش مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا «قورقۇتۇپ قوياي» دەپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ جېنى بىلەن بىھۇدە ئوينۇشۇپ سادىر بولغان دىلونى تۇنجى رەت كۆرۈشىمىز ئىدى. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى سادىر بولغان جىنايەت ئۇلار مەستلىكتە جېدەللەشكەن، مەستلىكتە ئىلگىرىكى زىددىيەتلىرى ئېسىگە كېلىپ قېلىپ، زىددىيەت قوغلۇشۇپ ۋە تەگىشىپ، ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇپ- سوقۇشقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىلولار ئىدى. ئەيىپلەشنامىنى مەيلى قايسىمىز قولىمىزغا ئالمايلى خۇددى دىيىشىۋالغاندەك بىر ئېغىزدىن: «توۋا!» دەپ كۈلەتتۇق.

نىھايەت، قانۇن رەھىمسىز، ئۇنىڭ جازاسىدىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئېغىر جازاسىغا ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھاياتىدىن بىمەھەل ئايرىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا مۇددەتسىز ياكى مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم بولىدۇ. بۇ ۋەقە يازمىلىرىمىزنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدە قەيت قىلىنغان ئاساسى تېمىنى رۆشەن گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى زادى نىمە؟ ئىناق بولغان جەمىيىتىمىزگە زادى قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى؟ ھەربىر ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ھەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئاقىۋىتىنى دوپپىسىنى تىزىغا كەيدۈرۈپ قويۇپ تۇرۇپ سەگەكلىك بىلەن ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
 

                                                                        مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.



كۆرۈلۈشى: 2347 \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-29
ئىنكاسلار
يازغۇچى: مۇسلىمە \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30
نېمىدىگەن ئىچىنىشلىق.. مىللىتىمىزنىڭ نەۋقىران يىگىتلىرى ھاراقنىڭ قولىدا ۋەيران بولماقتا.
يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30
نۇرغۇنلىغان يىگىتلىرىمىز مۇشۇنداق ھارامنىڭ قولىدا نابۇت بولىۋاتىدۇ. ئاللاھ مىللىتىمىزگە ياردەمچى بولسۇن. ئامىن
يازغۇچى: ئىلى دەرياسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30
ھەقىقەتەن مىللىتىمىز ياشلىرى مۇشۇ نىجىس كەيىپنىڭ قولىدا ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
يازغۇچى: قەشقەر پىچىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30
بەش ئاتانىڭ ئوقىدەك يىگىتلىرىمىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقان ھارامغا ۋە ھاراملىقلىغا مىڭ لەنەت!
يازغۇچى: مۇھاجىرمەن \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30

مۇشۇ نىجىس ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر ئادەم مەسچىلىكتە ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ قويۇپ، ئەتىسى بۇ شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرەلمەي ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلىۋالغان ئىدى. قىزى قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئىلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالدى. ئايالى بولسا بۇنىڭغا چىدىماي ئېرىنىڭ جەسىدىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپتىكەن، ئوت ئۆيگە يامراپ كېتىپ ئۆزىمۇ ھەم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ نىجىس ھاراق بىر ئائىلىنى ئاشۇنداق ۋەيران قىلغان قىلدى.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30

بەزىدە بىز تەۋھىيد، شەرىئەت دىگەندە بەزى زىيالىيلىرىمىز خاتا چۈشىنىپ قالىدىكەن. شەرىئەتنى ئەرەبلەرنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۆزى دەپ چۈشىنىۋېلىپ: «نېمە قىلسىلەر شەرىئەت دەپ ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك قىلىپ. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتاي تۇرسا» دەيدىغان ئىنكاسلارنىمۇ يازدى. يەنە بەزى زىيالىيلىرىمىز ئىراق-شام دۆلىتىنىڭ ئادەم بوغۇزلىغان كۆرىنىشلىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ: «سىلەر تەۋھىيد، شەرىئەت دەپ ۋەتەندە خىتاي ئۆلتۈرۈپ بۇلالمىغان ئۇيغۇرلارنى بوغۇزلىماقچىمۇ؟» دەپ سورىغانلارمۇ بولدى. قاراپ باقسام، ھەقىقەتەن خەلقىمىز ھازىر تەۋھىيد، شەرىئەت دىسە كاللا كېسىدىغان، ئادەم بوغۇزلاريدىغان تۇزۇم دەپ چۈشىنىپ قالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭغا تەۋھىينىڭ قانداق ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى، شەرىئەتنىڭ مىللىتىمىزگە قانداق پايدىسى بارلىقىنى ياخشى چۈشەندۈرمىگەن بىز دىنىي ساھادىكىلەر جاۋابكار! شۇڭا شەرىئەت قانۇن بولمىغان بىر جەمئىيەتتە مىللىتىمىز قانداق ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي، ئىقتىسادىي پاجىئەلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ؟ ئەگەر شەرىئەت قانۇن بولغان بولسا قايسى پاجىئەلەرنىڭ، مۇسىبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى؟.... قاتارلىق سۇئاللار بىلەن يۇقىرىقىغا ئوخشاش جانلىق مىساللارنى كەلتۈرۈپ شەرئىي بىر جەمئىيەت بىلەن شەرىئەت ھاكىم بولمىغان كوممۇنىستىك جەمئىيەتنى، دىمۇكىراتىك جەمئىيەتنى سېلىشتۇرۇما قىلىش ئارقىلىق اللەنىڭ قانۇنى شەرىئەتنىڭ ئىنسانىيەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرىنى، ئەۋزەللىكلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە جىددى ئېھتىياج بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق اللە ھارام قىلغان ھاراقنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى، اللە ھارام قىلغان زىنا-پاھىشەنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى، اللە ھارام قىلغان قىمارنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى، اللە ھارام قىلغان بانكا قەرىز ئۆسۈمنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى، اللە ھارام قىلغان نەشە، خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملەرنىڭ مىللىتىمىزگە ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى... قاتارلىق مەزمۇنلاردا يۈز بەرگەن ئىچىنىشلىق جىنايەت ۋەقەلىرىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. 

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30

ئەجەپ ياخشى ئويلاپلا ۋىسال بۇرادەر. اللە رازى بولسۇن. بولسا ئەسەرنىڭ ئاخىرىسىدا مىللىتىمىز بۇ پاجىئەلەرگە اللەنىڭ قانۇنى شەرىئەتكە ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ دۇچار بولدى ياكى كىشىلەر ئۆزى تۇقۇۋالغان كوممۇنىست، دېموكىراتىك قانۇنلار سەۋەبىدىنمۇ؟ دەپ سۇئال قويۇپ قويسىلا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

يازغۇچى: بۇغراخان \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30
ۋىسال قېرىندىشىمىز بەك ياخشى ئويلاپسىز. دېمىسىمۇ ھازىر ۋەتىنىمىز ياشلىرى ئەيدىز، زىنا-پاھىشە، خىروئىن، ھاراق قاتارلىق زەھەرلىك ئىچىملىك، زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
يازغۇچى: قان زەرداپ \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30

توغرا دەيسىلەر. خىتاي مىللىتىمىزنى بىر تەرەپتىن پىلانلىق تۇغۇت، يەنە بىر تەرەپتىن دىننى چەكلەپ ياشلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتە بۇزۇش ئارقىلىق مىللىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن ئىبلىسلارچە سۈيقەست قىلىۋاتىدۇ. 

يازغۇچى: تەجەللى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-30

ۋىسال ئەپەندىنىڭ زىيالىيلىرىمىزغا شەرىئەتنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىكەن، دىگەن پىكىرىگە پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. چۈنكى زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ دەردى كۈنسېرى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتە نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش.

يازغۇچى: تەۋھىيد يولى \ يوللانغان چېسلا: 2015-12-31

ئۇيغۇر يىگىتى بىلىۋال
ئۇزۇن-ئۇزۇن زاماندىن پالۋان ئىدىڭ بىلىۋال،
ئوۋ-ئوۋلاپ تاغنى سەن ئەككەن ئىدىڭ بىلىۋال،
بەخىت سىنىڭ تەرىڭنى بۇنى ئوبدان بىلىۋال،
ئەدەپ -ئەخلاق نىشانىڭ ھۆرمىتىڭىنى بىلىۋال،
ھەي ئۇيغۇرۇم يىگىتى ئۆز قەۋمىڭنى تېپىۋال.

بۈگۈنگە كەپ قولۇڭدا نەشە-قاپاق، بوتۇلكا،
ئاچا-سىڭلىڭ كوچىدا سەن ئۇلارنىڭ كويىدا،
غۇرۇر-ۋىجدان قالمىدى خېنىم سۈپەت ھالىتىڭ،
ھەتتا ئىچتىڭ ھاراقنى قىزلار سېنىڭ ئۈلپىتىڭ،
ھەي ئۇيغۇرۇم يىگىتى ئۆز قەھرىڭنى تېپىۋال.

ئانا تىلىڭ سەن ئۈچۈن نۇمۇس بولۇپ قارالدى،
بىر نان ئۈچۈن دوسلىرىڭ دۈشمەن بولۇپ تارالدى،
ئاتا-ئانا سۆزىگە قۇلاق پەردەڭ تاقالدى،
ھەقنى بىلمەس قارا دىللار ھەممە يەرگە تارقالدى،
ھەي ئۇيغۇرۇم يىگىتى ئۆز يولۇڭنى تېپىۋال.

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01

ئەسلىدە تەۋھىيدنىڭ، شەرىئەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مۇشۇنداق بىر باشتىن چۈشەندۈرۈش كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ ئىشنى باشتا مىللەتچىلەر، دىموكىراتچىلار ئۆزى بۇزدى. ئۇلار ئۇدۇللا: بىزنى ئامېرىكا مۇستەقىل قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا ۋەتىنىمىزدە ئامېرىكا نېمە دىسە شۇنىڭ دىگىنى ھىساب بۇلىدۇ، دەپ، شەرىئەت تەلەپ قىلغانلارنى تېرورچىلارغا چىقارغاچقا، ئەھلى ئىلىم ئۇستازلىرىمىزمۇ بۇلارغا شەرىئەتنى تەپسىلىي ئاڭلىتىشقا پۇرسەت تاپالمىغان.

يازغۇچى: ئىزدەپ شاھادەت \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01

بۇ مىللەتچىلىنىڭ، زىيالىيلىنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدىن نان يىگەچكە، ئامىرىكىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساق يەۋاتقان نېنىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، دەپ تەۋھىيد، شەرىئەت سۆزىدىن بەك چۆچۈيدىكەن. ۋىسال بۇرادىرىمىز دىگەندەك، شەرىئەتنىڭ مەخسۇس ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان شۇئار بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۇردىغان اللەنىڭ قانۇنى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەك، بىھۇدە نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتساق، ۋىجدانىدا ئاز بولسىمۇ مىللىتىگە كۆيىدىغان، بىھۇدە توزۇپ كېتىۋاتقان مىللىتىنىڭ ناتىۋانلىرىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ھەرقانداق مىللەتچىنى، زىيالىينى شەرىئەتكە قايىل قىلغىلى بولىدۇ.

يازغۇچى: سەلەفىي سالىھىن \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01

تەۋھىيدنى، شەرىئەتنى ماۋۇ خىل ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈش ھەقىقەتەن ئاقىلانىلىق بولۇپتۇ. بۇنداق قىلغاندا مىللەتچىلەرنى، زىيالىيلارنى ئۈركۈتۋەتمەي ئۇلار بىلەن بىمالال ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق، ئۇدۇللا شەرىئەت دەپ چوڭ يەردىن چۈشسەك، مىللەتچىلىرىمىز بىزنى ئەلقائىدەنىڭ، ئىراق-شام ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئىكەن دەپ چۈشىنىۋېلىپ بىزگە سالام قىلىشتىنمۇ ئۈركۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ. تېخىمۇ يامىنى بۇ ئاغزىدىن شەرىئەت چۈشۈرمەيدىغان ئۇيغۇرلار خىتايغا ئەمەس، ئامېرىكىغا دۈشمەن ئىكەن دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. رەسۇللاھنىڭ تەبلىغ مىتودىنى بىلىشنىڭ ئۆزىمۇ شەرىئەتكە خىزمەت قىلىشتۇر. ۋىسال قېرىندىشىمىزدىن اللە رازى بولسۇن، اللە خىزمەتلىرىنىڭ ئەجرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ بەرگەي. ئامىن

يازغۇچى: دوكتور \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01
زىيالىيلار بىلەن سىللىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىش كىرەك دەپ ياخشى پاراڭلارنى قىلىپسىلەر. مىنىڭ بىر سۇئالىم بار. خاپا بولماي، ھاقارەت قىلماي جاۋاب بېرەرسىلەر. مىللىتىمىز ياشلىرىنى بۇ ناچار ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم شەرىئەت بۇلۇشى كېرەكمۇ؟ ياۋرۇپانىڭ شۇنداق ئىلغار، مەدەنىي دىموكىراتىيە تۈزۈمى بار. دېموكىراتىيەنىڭ ياشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇشقا، تەربىيلەشكە كۈچى يەتمەمدۇ؟
يازغۇچى: سەلەفىي سالىھىن \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01

ياشلىرىمىزنى مۇشۇ ئەيىش-ئىشرەت پاتقىقىغا پاتقۇزۇۋاتقان دەل دېموكىراتىيەنىڭ ئۆزى تۇرسا. مىكروبنىڭ كىسەل داۋالىغىنى نەدە بار؟ دېموكىراتىيە ياشلىرىمىزغا ھاراق ئىچىش كىشىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى، زىنا قىلىش كىشىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكى، ھېچكىم سىلەرنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىڭلارغا ئارىلىشالمايدۇ، ھەتتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئەركىنلىكىڭلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق، دەپ تەلىم بېرىۋاتسا، قانداقمۇ ياشلىرىمىزنى ئەيش-ئىشرەت پاتقىقىدىن قۇتقۇزالىسۇن.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01
ھەي دېموكراتىيە! شۇنى ياخشى بىلىپ قويغىنكى: ھاراق ئىچىش ئەركىنلىك ئەمەس، قىمار ئويناش ئەركىنلىك ئەمەس، زىنا قىلىش ئەركىنلىك ئەمەس، ئۆسۈم ئېلىش ۋە بېرىش ئەركىنلىك ئەمەس، چوشقا گۆشى يېيىش ئەركىنلىك ئەمەس، ھەزىلەكلىك قىلىش ئەركىنلىك ئەمەس.. اللە ۋە رەسۇلى بۇلارنى ئەركىنلىك دېمەيدۇ، ھارام دەيدۇ، شەرىئەتتە ئېغىر جازا بېرىدۇ.
يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-01

دوكتور ئەپەندى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز جاندىن ئەزىز كۆرىدىغان مىللىتىمىزنى پەقەت خىتاي زۇلىمىدىن قۇتقۇزۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاخىرەتتە اللەنىڭ ئازابىدىنمۇ قۇتقۇزۇشتۇر. تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام بىلەن شەرەبلەنگەن، ئىسلام بىلەن دۇنيادا شانۇ-شەۋكەتلىك دۆلەتلەر قۇرغان، ئىسلام بۇلىقىدىن بەھىرلەنگەن ۋە تەربىيلەنگەن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يۈركنەكى، فارابىي، ئەلشىر ناۋايى كەبى بىباھا ئالىملىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەتىگە ئۆچمەس تۆھپلەرنى قوشقان ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىمىز بۇگۈنكى كۈندە ئەپسۇسكى ئىپلاس خىتاينىڭ زۇلىمىدا ئېتىقادىدىن، شەرىئىتىدىن ئايرىلىپ، ئىتمۇ قىلمايدىغان ئىشلار بىلەن بۇلغانماقتا، روھىي ئۆلمەكتە. نىجىس خىتاي مىللىتىمىزنىڭ جىسمىنى خاراپ قىلىش بىلەن قالماي، روھىنىمۇ، مەنىۋىيىتىنىمۇ خاراپ قىلماقتا. سىزمۇ بىلىسىز، جىسىم زەخمىلەنسە يەنە ساقايتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما روھىي، ئىتىقادىي، ئىرادىسى زەخمىلەنسە ئۆزىگىمۇ، مىللىتىگىمۇ، ۋەتىنىگىمۇ كارغا كەلمەيدىغان بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز خىتايدىن مىللىتىمىزنىڭ جىسمىنى قۇتقۇزۇپ، ئەمما روھىنى تاشلاپ قويساق، مۇستەقىللىقىمىز ھېچقاچان ھەقىقىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ. خۇددى ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى روسىيەدىن جىسمى مۇستەقىل بولسىمۇ، روھىي مۇستەقىل بۇلالمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز، تاجىك قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرگە: «سىلەر مۇستەقىل بولغىلى 20 يىلدىن ئاشتى. سىلەرنىڭ ئەجدادىڭىلار تارىختا ئىسلامىيەت بىلەن دۇنياغا بۈيۈك تۆھپىلەر قوشقان ئىدى. سىلەر ھازىر قانداق تۆھپىلەر قوشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىساق، ھەممىسى تىلىنى چاينايدۇ. «روسىيەنىڭ ئاستىدا قۇل بولۇپ ياشاش بىلەن ھازىرقىدەك مۇستەقىل بولۇپ ياشاشنىڭ ئارىسىدا بىر پەرق بارمۇ؟ مۇستەقىللىقنىڭ بەرىكىتىنى، پايدىسىنى كۆرەلىدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىساق، جىسمى قۇتۇلغان بولسىمۇ، روھى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادىي تېخىچە روسىيەنىڭ قۇللىقىدىن قۇتۇلالمىغان بىچارىلەر روسىيەگە بولغان سېغىنىشىنى تىلغا ئالىدۇ. ...(داۋامى بار)

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-03

... شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بۇ ئىچىنىشلىق تىرادىگىيەسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، اللەنىڭ شەرىئىتى ئارقىلىق كاپىر خىتاينىڭ مىللىتىمىزگە باغلاپ قويغان روھىي كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتا تىلى، خىتاي دىنى، خىتاي ئۆرپە-ئادىتى، خىتاي دۇنيا كۆز قاراشلىرىدىن ياشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋالمساق، قان، جان بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن مۇستەقىللىقىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
 

دوكتور ئەپەندى، ئاخىرىدا ھازىر ئۆزى مۇستەقىل بولسىمۇ، روھىي مۇستەقىل بۇلالمىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتالمىش دىموكىراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تېخىمۇ روشەن كۆرىۋالالايسىىز.
http://www.wisalstudio.com/uy/readpost.php?id=3115%20

يازغۇچى: تەۋھىيد بايرىقى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-03
اللە اكبر!... بەكمۇ ياخشى چۈشەندۈرۋېتىپسىز. اللە ۋىىسالىڭىزغا يەتكۈزسۇن. امين
يازغۇچى: تەۋپىق \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-03

روس بىلەن ئامېرىكا ئوخشاش بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى بولغاچقا، روسنىڭ كوممۇنىست مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى ئامىرىكا دېموكىراتىيە بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار يەنە ئۆزىنىڭ يۇرتىغا ئۆزى ئىگە چىقالماي، روس بار ۋاقىتتا قانداق زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراپ، ياشلىرى يەنە ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتە ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي مۇستەقىللىق ئاتا قىلسۇن. ئامىن

يازغۇچى: يانمايمىز \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-03

سىلەر ئامېركىغا قارشى ئىكەنسىلەر دىگەن زىيالىيلىغا شۇنى دەپ قويغۇم بار، ئەگەر ئامىركا ئۆزىنىڭ يۇرتىدا قىسىپ ئولتۇرۇپ، بىزنىڭ ئىشىمىزغا چات كېرىۋالماي شۈك ئولتۇرسا، ھېچكىم ئامېرىكىنىڭ قىچىشقان يېرىنى تاتلايمەن دىمەيدۇ. ناۋادا مەن دۇنيادىكى ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دوستى، سىلەر خىتايغا ئۆزەڭلار يالغۇز تەڭ كىلەلمەيسىلەر. يەنە كېلىپ مېنىڭ خىتايدىن ئالىدىغان شەخسىي ئۆچۈممۇ بار. ھەم سىلەرگە ياردەم بەرگەچ، ھەمدە بۇ باھانە بىلەن خىتايدىن ئۆچۈمنى ئېلىۋالاي دىسە، بىزمۇ شۇچاغدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ بوپتۇ دەپ قالساق، ۋەتىنىمىز ئازات بولغاندىن كېيىن نېفىتىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ تارتقان چىقىمىنى ھىسابلاپ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ يولغا سىلىپ قويساق بۇلىدۇ. ئەمما مەن سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلارغىمۇ ئارىلىشىمەن، قىزلىرىڭلار خىتاينىڭ قۇچىقىدىن قۇتۇلۇپ، مېنىڭ قۇچۇقىمغا ئولتۇرۇشى كېرەك، دەپ نامەرتلىك قىلسا، بىز خىتايدىن قۇتۇلۇپ ساڭا قۇل بولۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمىدۇق، مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن جىھاد قىلدۇق دەپ ئامېرىكىنىڭمۇ ئەدىبىنى بېرىمىز.

يازغۇچى: قىلىچ سايىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-03

ئەڭ ياخشىسى ئامېركىنى ئىشىمىزغا شىرىك قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. ئەخمەتجان قاسىمىلار روسىيەنى ئۆزگە شېرىك قىلىۋىلىپ ئاز زىيان تارتىمىدى. شۇ زىياننى ھېلىمۇھەم پۈتۈن مىللەتچە ئۆتەۋاتىمىز. ئامىرىكىنىڭ، روسىيەنىڭ، يەنە باشقا بىر نېمىلەرنىڭ ياردىمى بولمىسىمۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى اللەنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايغا تەڭ كىلەلەيمىز. ھازىر سۈرىيەدە ئاسمان-زىمىننى تىترىتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇجاھىيدلىرىنىڭ ئادەم بومبىلىرى ئاشۇ پىدائىي ئەمىلىيەتنى خىتايدا ئىلىپ بېرىپ، خىتاي تانكىلىرىنىڭ، خىتاي ھاربىي گازارمىلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئىچىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىر ھەپتە ئۆزىنى پارتلىتىپ باقسۇنچۇ قېنى، ۋەتىنىمىزدە بىرمۇ خىتاي قالمايدۇ.

يازغۇچى: تەۋھىيد ۋە جىھاد \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-04

ئاۋۇ بولغان ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇپ تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. بىشىغا پالتا بىلەن چاپقان، بوغۇزلىغان، پىچاق تىققاندەك ئىشلارنى ئوقۇپ شۇنى ئويلاپ قالدىم. بىزنىڭ مىللەت ئەسلىدە قارام، قورقماس، جەسۇر مىللەتكەن جۇمۇ. ئادەتتە خېلى مەن - مەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان مىللەتلەرمۇ ئۇنداق پالتا بىلەن ئادەم چابىدىغان، پىچاق تىقىدىغان، ئادەم بوغۇزلىيالايدىغان ئىشنى ئاسان قىلالمايدۇ. خىتاي كاپىرلىرى مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇ قارام خۇسۇسىيىتىنى بىلىپ قالغاچقا، بۇلار كاللىسى ساق بولسا پىچاقنى بىزگە تىقىپ، بىزنى بوغۇزلايدىكەن دەپ قورقۇپ، مىللىتىمىزنى مەس قىلىپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە سېلىۋاتىدۇ.

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-04

شەرىئەتنىڭ غايىسىمۇ مىللىتىمىزنى مەسلىكتىن، پەسلىكتىن قۇتقۇزۇپ، دوست-دۈشمىنىنى تونۇيدىغان ھالغا كەلتۈرۈشتۇر. جانابىي اللە مىللىتىمىزنىڭ قارام كۈچىنىڭ ھارام بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىسۇن. ئامين

يازغۇچى: ۋىسال سىتۇدىيىسى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-11

اللە ھارام قىلغان ھاراقنى ئىچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەس ھالىتى

يازغۇچى: ئۇيغۇر روھى \ يوللانغان چېسلا: 2016-01-19

توۋا دەيمەن
- روزى سايىت -
 

توۋا دەيمەن، بۇ بىر ئەۋلاد «كىم»لىشىپ كەتتى،
ۋىجداننى زەي-شور بېسىپ، چىملىشىپ كەتتى.
قەشقەر، خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ،
يۇرۇش-تۇرۇش، ئوي-پىكىردە «رىم»لىشىپ كەتتى.
 

يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس، روھى زەيىپانە،
ئەقلى پۇلپەز، غۇرۇرى دەز، نېملىشىپ كەتتى.
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس، شەرمى، ۋاپا كەم،
بېشى چۇۋۇق، كۆكسى ئوچۇق، شىملىشىپ كەتتى.
 

تاڭلا ئەتە خۇسۇسىيغا لەۋزى پاراڭ يوق،
جىسمى كەيپ- ئىشرەت بىلەن ھىملىشىپ كەتتى.
بېشارەت بۇ گۇمرانلىقتىن يېتەر غاپىللىق،
بۇ قىسمەتتىن ھەممە ئۇيغۇر جىملىشىپ كەتتى.

ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: