wisal stuido
جۇڭگۇ ئىشچىلىرى ۋە رۇسىيە دېھقانلىرى جىدەللەشتى

جۇڭگۇ ئىشچىلىرى ۋە رۇسىيە دېھقانلىرى جىدەللەشتى

يەرشەرى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى خەۋرى، رۇسىيە يىراق شەرىق يېركۇزىكې شىتاتىدا يېقىندا خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا زور كۈلەمدە تۇقۇنۇش يۈزبەرگەن. رۇسىيە" كومۇنىستىك ياشلارئىتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى"نىڭ 2-چىسلادىكى خەۋرىگە قارىغاندا ئىككى تەرەپ بېلىق تۇتۇدىغان ئارا، كالتەك، يېقىلغۇ بۇتۇلكىسى قاتارلىقلارنى ئىشقا سالغان، ماجراغا قاتناشقانلارسانى 80 ئادەمدىن ئاشقان. يەرلىك ئاھالىلەر شۇكۈنى كەنىت ئاھالىلەر چوڭ يىغىنى چاقىرىپ، جۇڭگۇلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، يەرلىكلەر جۇڭگۇلىقلارنى ھەتتا " بۇلاڭچىلار" دەپلا ئاتاۋەرگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خىتايلار يەرلىكلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى تارتىۋالغان ئىكەن."كومۇنىستىك ياشلارئىتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، شۇچاغدا بۇشىتاتتىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىر ياغاچ ماتىرياللىرى زاۋۇتىدىكى جۇڭگۇلىق ئىشچىلارنىڭ ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىشىغا چىداپ تۇرالماي نارازىلىق بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن خىتايئىشچىلىرى تىلفۇن قىلىپ 40دىن ئارتۇق ھەمراھلىرىنى چاقىرىپ كىلىپ زورلىق قىلغان، كىيىن يەرلىكلەرمۇ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ مۇنازىرىلەشمەكچى بولغان، ئەمما ئۇلار تېخى ئەمدىلا گەپ باشلىشىغىلا خىتاي ئىشچىلىرى بېلىق تۇتىدىغان ئارا، كالتەكلەربىلەن يەرلىكلەرنى ئۇرۇپ كەتكەن، ھەم يەرلىكلەرنىڭ ھەيدەپ كەلگەن ماشىنىسىنى چېقىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ماجراغا قاتناشقانلار سانى بارغانسىرى كۈپۈيىپ، ئىككى تەرەپ تاش، بۇتۇلكا لارنى ئىشلەتكەن، يەرلىكلەر ياغاچ سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ ياغاچتىن ياسالغان قوروتېمىغا ئوت قۇيىۋەتكەن، ھەمدە پونكىت ئىچىگە يېقىلغۇ بۇتۇلكىسى ئاتقان، ئەڭ ئاخىردا يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئارلىششى بىلەن كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەن. ماجرادا ئادەم ئۈلۈش ۋەقەسى كۈرۈلمىگەن، ئەممە 6ئادەم يارلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە ساقىچلار جۇڭگۇلىقلار تۇرۇشلۇق جاينى قوغداۋاتقان ئىكەن. ئەمما شۇ كۈنى يەرلىك ئاھالىلەر چوڭ يىغىن چاقىرىپ، 200دىن ئارتۇق ئادەم بىردەك قۇشۇلۇش ئارقىلىق، خىتايلارنى تىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، يەرلىك دائىرلەر جۇڭگۇلىقلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرگەن بۇلۇپ، رەسمىيەتلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، جۇڭگۇلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. بۇ كەنىتتە 600نەپەر ئاھالە بۇلۇپ، 5 يىل ئىلگىرى جۇڭگۇلىقلار كەنت باشقۇرۇش كومىتىتى ئارقىلىق بۇيەردىن بىرپارچە يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ياغاچ سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرغان ئىكەن، يەرلىك كۆچمەنلەر ئورگىنىنىڭ دىيىشىچە، دەسلەپتە خىتايلار سېتىۋالغان ياغاچ باھاسى خېلى يۇقىرى بولغاچقا يەرلىكلەر خوش بولغان، ئەمما ياغاچ مەنبەسىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، خىتايلار سېتىۋېلىش باھاسىنى تۈۋەنلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. ئۇندىن سىرت، جۇڭگۇلىقلارنىڭ "سودا پۇرسىتى" نى تارتىۋېلىشىمۇ يەرلكىتىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يەرلىكتىكى 600 ئاھالىنىڭ 200دىن ئارتۇقى خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭغا يەرلىكتىكىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كىتشىدىن ئەندىشە قىلىشى سەۋەپ بولغان ئىكەن. يەرلىك ئاھالە مۇخبىرغا: " خىتاي ئىشچىلىرى بىزنىڭ ئورمان بايلىقىمىزنى بۇلاپ كەتمەكتە، شۇنداقلا ئۇلار ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى تۇلۇمۇ چاكىنا ۋە ھاياسىز " دېگەن.

                                                                                مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
 

كۆرۈلۈشى: 1500 \ يوللانغان چېسلا: 2012-07-16
ئىنكاس يوللاش
ئىسم:
ئېلخەت:
ئىنكاس:
توغرىلاش كودى: